|
سايرامىي ۋەز-نەسىھەتلەرى
"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (15)
ئون بەشىنجى مەجلىس:
سايرامىي ۋەز-نەسىھەتلەرى
در. دەريا تۆمەن
نورمال چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، "ۋەز-نەسىھەت ئەيتىش" ياكى "ۋەز-نەسىھەت قىلىش" ئادەتتە، ئىسلام ئولەمالارى (ئالىملارى) ۋە مۇناسىۋەتلىك زىيالىيلارنىڭ مۇقەددەس قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىيس شەرىيف تەلىماتلارى ئاساسىدا، مۆئمىنلەرگە مۇئەييەن تەجرىبە-ساۋاقلار ئاساسىدا، ئەقىل كۆرسەتىشى ۋە تەربىيەت قىلىشىنى كۆرسەتىدۇ. مەزكۇر پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم "ۋائىز" (ۋەز ئەيتقۇچى، نەسىھەت قىلغۇچى، نەسىھەتگۇي) دەپ ئاتالىدۇ. ۋائىزلارنىڭ ۋەز-نەسىھەتلەرىگە قۇلاق بەرىش، ھەتتا ئىدىتلىق ھالدا مۇناسىۋەتلىك ۋەز-نەسىھەت پائالىيەتلەرىگە قاتناشىش بولسا، مۇسۇلمانلىق تەلىم-تەربىيەسىدە ماقۇل ۋە مۇھىم ئىش ھىسابلانىدۇ. "تارىخى ھەمىدىي" ناملىق بۇ ژىرىك ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، مۇسا سايرامىي ھەلىقىدەك جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن ۋاقىئە ۋە ھادىسەلەرنى ئاددى ھالدىلا تىركەپ، توپلاپ قويغۇچى ۋاقىئەشۇناس ئەمەس، بەلكى ئۇ تارىخ ئىلمىنى پىششىق بىلىدىغاب تارىخشۇناس ئالىم، تەپسىرشۇناسلىق ۋە ھەدىيسشۇناشلىق ئىلمىغا مۇكەممەل بولغان بىر ئولەمادۇر. ھالبۇكى، ئۇنىڭ "تارىخى ھەمىدىي"دا، مۇئەييەن ۋاقىئە ۋە ھادىسەلەرنى بايان قىلىپ بولغاندىن كەين، مۇناسىۋەتلىك ۋاقىئە ۋە ھادىسەلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ ئىشلارنى ئۆز باشىدىن كەچۈرگەن ئەجداد ۋە بىلگىن بولۇش سالاھىيەتى بىلەن چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ بەرگەن ۋەز-نەسىھەتلەرى ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر ژىرىك ئەسەرنىڭ قىممەتىنى ھەسسەلەپ ئاشۇرغان يەنە بىر يورۇق نۇقتادۇر. يازمامىزنىڭ بۇ بۆلەكچەسىدە، سايرامىي بوۋامىز "ۋەز-نەسىھەت" ماۋزۇسى ئاستىدا ياكى "ئى، مۆمىنلەر، ئى، دوستلار" دەگەندەك خىتاب كەلىمەلەر بىلەن باشلاپ بەرگەن ۋەز-نەسىھەتلەرىدىن تاللاپ، ئۇلارنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈمىز:
"ۋەز – نەسىھەت: مۆھتەرەم دوستلار ۋە ئىستىقباللىق بۇرادەرلەرنىڭ زۇكاۋەتلىك زىھىنلەرىگە خۇلاسە قىلىپ شۇنى ئەيتىپ قويامىزكى، ئۆز ۋاقتىدا، زالىم كاپىرلار پۇقرا – رەئىيەلەرگە زۇلۇم – سىتەم ۋە جەۋر – جاپالارنى ھەددى – ھىسابسىز قىلغاچقا، ئاجىز – بىچارە پۇقرا – رەئىيەلەر ئۇ جەۋر – زۇلۇملارنى كۆتۈرۈپ بولالماي، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىغا يۈزلەنىپ تۇرۇپ، ئاللاھتىن نىجاتلىق تىلەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن يىغلاپ يالۋۇردى. نەتىجەدە، پۇقرالارنىڭ تەلەپ – ئىلتىماسى ئاللاھۇ تەئالانىڭ قوبۇل ۋە ئىجابەت قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، مەزكۇر زالىملارنىڭ ئۈستىگە كۇچالىق خوجاملارنى ھۆكۈمران قىلدى. بۇ چاغدا، پۈتكۈل پۇقرالار گويا <جەھىم> ئاتلىق دوزاختاكى چىدىغۇسىز قاتتىق ئازاپ – ئەلەملەردىن قۇتۇلۇپ، <نەئىم> ناملىق گۈزەل ۋە مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگەندەك بولۇپ، شاد – خۇراملىقتىن ياڭراغان كۈلكە – خەندانلار، بىر – بىرلەرىنى ئازادلىق شادلىقى بىلەن مۇبارەكلەشكەن تەبرىك سادالارى ئاسمان – پەلەكنى چاڭ كەلتۈرىۋەتكەن، ھەتتا كۆپكۈك ئاسماندىن ئۆتۈپ، ئەرشىلئەلاغا چىقىپ كەتكەنىدى. بىراق، مەزكۇر خوجاملار ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۆزلەرىنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋاللارىنى ئۇنتۇپ قالىپ، زۇلۇمنىڭ ئىشىكىنى ئاچىپ، پۇقرالارنى ئەزدى. بۇ ھالدا، پۇقرا – رەئىيەلەر قايتادىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يۈزلەنىپ تۇرۇپ، زۇلۇمدىن داد – پەرياد ئوقۇشقا، زالىملاردىن شىكايەت قىلىشقا باشلادى. قۇدرەتلىك ئاللاھ، تەڭداشسىز ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۆزىنىڭ پەزلى – كارامەتى بىلەن، پۇقرالارنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئىجابەت شاراپەتىگە ئىگە قىلدىكى، ئەمدى، ئۇ كۇچالىق خوجاملارنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەد يائقۇب بەگ ئاتالىق غازىينى سۇلتان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، پۇقرا – رەئىيەلەر كۇچالىق خوجاملارنىڭ تەسەررۇپىدىن ۋە نامرات ياشام مۇھىتىدىن قۇتۇلغانلىقلارى ئۈچۈن خۇشال بولۇپ، ئاللاھۇ تەئالاغا تەشەككۇر بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن شۈكۈر نامازلارىنى ئادا قىلىپ، بىر – بىرلەرىنى مۇبارەكلەشىپ، تەبرىكلەشىپ كەتتى. دەرۋەقە، بىر نەچچە ۋاقىت ئادالەتلىك زامان بولغانمۇ بولدى. بىراق، ئاقىۋەتتە، ئاتالىق غازىي بەدەۋلەتنىڭ مىجەز – خۇلق، خۇي – پەيلىلەرىمۇ ئۆزگەرىپ، قاملاشماغان ئىشلارنى قىلغالى تۇردى. زۇلۇمغا چىدىيالماغان خالايىقنىڭ يەنە تاقەتى تاق بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئالۋاڭ – ياساقلارى دەردىدىن جانلارى جاق تويدى. بۇ ئەھۋالدا، پۇقرا – رەئىيەلەر ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى قۇدرەتتە تەڭدىشى يوق ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئالىي دەرگاھىغا يۈزلەرىنى سۈرۈپ، تارام – تارام كۆز ياشلارىنى تۆككەن ھالدا، خاقانى چىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئارزۇ ۋە تەلەپ قىلىپ، نالە – زارلارىنى ھەددىدىن زىيادە دەرىجەسىدىن ئۆتكۈزدى. ئاقىۋەتتە، ئۇ قۇدرەتلىك، رەھىم – شەپقەتلىك، نىئمەتلەر ئىگەسى، مەرھەمەتلەر ساھىبى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنايەتى بىلەن فەغفۇر چىن مەنسەپدارلارىنىڭ قەدەمى بۇ يەتتە شەھەرگە يەتتى. ئۇلار بۇ زەمىننى ئۆز تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈپ، ئەبە – ئەجدادىدىن مىراس قالغان مۈلكىگە، بەلكى مىراس تەختىگاھىغا ئىككىنچى قاتىم ئىگە ۋە خوجايىن بولدى. پۈتكۈل پۇقرا – رەئىيەلەر، بولۇپمۇ قەدىمكى بەگ – ئەمەلدارلار گوياكى ئۆلگەن تاغا – ھاممالارى، بەلكى ئاتا – ئانالارى ئىككىنچى قاتىم تىرىلىپ كەلگەندەك، خۇرسەن – خوشلۇقلارىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، كامالەتلىك سۆيۈنۈشتىن غۇنچە كەبى ئاچىلىپ، ئاغىزلارى قۇلاقىغا يەتتى، ۋۇجۇدلارى بولسا، تىرەسىگە پاتماي قالدى! بۇ بۇ گەپلەرنى بۇ يەرگە يازىپ ئولتۇرۇشتىن مۇددىئا ۋە غەرەز شۇكى، پۇقرا – رەئىيەلەر ھەتتا پۈتكۈل مەخلۇقاتلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى "بول" دەسە، دەگىنى شۇ ھامان بولىدىغان("كۈن فەيەكۈن" بولىدىغان)، قۇدرەتتە تەڭدىشى يوق ئاللاھۇ تەئالانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىغا يۈزلەنىپ، دۇئا – تەلەپلەرىنى يىغا – زارى بىلەن بايان قىلسا، چوقۇم ئىجابەت تاپىدىغان گەپكەن. شۇنداق، ھەرقانداق چاغ ۋە ھەرقانداق جايدا، چىن سەمىمىي كۆڭلىدىن چىقىرىپ دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلسا، ھاجەتلەرنى راۋان قىلغۇچى ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئۇنى "دۇئا – تەلەپىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن " ( ئەدئونى ئەستەجىبە لەكۇم ) دەگەن ئولۇغ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە، ئىجابەت قىلىشى بەرھەقتۇر، ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقا، پادىشاھ ۋە ھۆكۈمران بولغۇچىلار جانابىي پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ < مەزلۇملارنىڭ مەيلى ئۇ كاپىر بولسامۇ، دۇئا – ئىلتىجاسىدىن قورقۇڭلار. چۈنكى مەزلۇملارنىڭ دۇئاسى ئىجابەتكە ياقىندۇر (ۋەتتەقۇ دەئۋەتەل مەزلۇمىين فەئىننەھۇ مۇقىررۇنە بىلئىجابەت ۋەئىن كەنە كافىران) دەگەن شاراپەتلىك سۆزىنى ئەسىدە چىڭ تۇتۇپ، زۇلۇمغا ئۇچراغان خەلقنىڭ بەتدۇئا ۋە ئىلتىجاسىدىن پەرھىز قىلىشلارى، قورقۇشلارى كەرەك. چۈنكى، ئەزىلگۈچى خەلقنىڭ، مەيلى ئۇ مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن، دۇئاسى ئىجابەتكە ئەڭ ياقىندۇر. ئاللاھۇ تەئالانىڭ مەخلۇقاتلارىدىن قايسى مەخلۇق، قايسى تائىپە ۋە قايسى ئىنسان دۇئا – تەلەپىنىڭ ئىجابەتلىك شاراپەتىگە، قوبۇللۇق شەرەپىگە مۇشەررەپ بولۇشى بەندەلەرنىڭ ئەقىل – ئىدراكى ئارقالىق بىلىۋالغىلى بولىدىغان، ياكى ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگەلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنداق بولغاچقا، پادىشاھ – سۇلتان، ھاكىم – ھۆكۈمرانلار پۇقرا – رەئىيەلەرنىڭ، بەلكى ھەرقانداق ئىنساننىڭ نالە – ئاھلارىدىن پەرھىز قىلىشلارى ۋە تولامۇ ئىھتىيات قىلىشلارى كەرەك. ۋاھالەنكى، بۇ كۈنلەردە، خاقانى چىن مەنسەپدارلارى ئىنساپ – ئادالەتتىن ئىبارەت ناياب ئەنگۈشتەرنى ئۇنتۇش تەكچەسىگە ئالىپ قويۇپ، پۇقرا – رەئىيەلەرگە بولغان زۇلۇملارىنى كۈنسايىن كۈچەيتكەلى ۋە مىنوت – سىكونتلاپ ئاشۇرغالى تۇردى. شۇ ۋەجدىن، زۇلۇمغا ئۇچراغان، ئەزىلگەن پۇقرا – رەئىيەلەرنىڭ كۆز ياشلارى تۆكۈلۈشكە باشلادى. ئى، ئاللاھ ! ئۆزۈڭنىڭ كامالەتلىك قۇدرەتىڭ بىلەن، پادىشاھلارغا ئادالەت، پۇقرا – رەئىيەلەرگە تەۋپىق ھىدايەت قىلغايسەن. ئاندىن، زاماننىڭ ئاقىللارى ۋە دانالارى، شۇنداقلا پۈتكۈل مۆئمىن مۇسۇلمانلار <تەقدىرنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىنى ئاللاھۇتەئالا بەلگىلەيدۇ> دەگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئوبدان چۆكۈپ، <كۈنىمىزنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ئاللاھنىڭ تەقدىر – ئىرادەسىدىن تاشقارى ئەمەستۇر> دەپ بىلىپ، توغرا – دۇرۇس ئەقىدە بىلەن ئىمانلارىنى رۇسلاپ، ھىچبىر مەخلۇقاتنىڭ مەرھەمەت، ئىنايەت ۋە رەھىم – شەپقەتلەرىگە پەرۋا قىلماسلىقلارى كىرەك. مۇبادا، ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۆز ياراتقۇچىسى بولغان ھەقىقىي پادىشاھ، جالالەتلىك ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئىلتىپات ۋە مەرھەمەتلەرىنى ئۇنتۇپ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئەمەس، بەلكى مەخلۇقلاردىن مەرھەمەت، ئىلتىپات ۋە رەھىم – شەپقەت ئۈمىد قىلسا، ئۇنداق ئادەمگە مەزكۇر مەخلۇق دۈشمەن بولۇپ، ۋاپانىڭ ئورنىغا جاپانى، ئىلتىپاتنىڭ ئورنىغا غەزەپ – نەپرەتنى يەتكۈزۈپ بەرىدىغانلىقى ھەممە ئىنسانغا روشەن ۋە ئەنىق بىر ئىشتۇركى، ھەرقانداق بىر ئىشتا، ھەرقانداق بىر چاغدا، پەقەت ئاشۇ پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان جالالەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھۇ تەئالانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىغا يۈزلەنىپ ئىبادەت قىلىپ، پەقەت ئاللاھۇ تەئالادىنلا رەھىم – شەپقەت ئۈمىد قىلىپ، بىر قولىدا نۇرلۇق جەننەتنىڭ قۇياشى بولغان قۇرئان كەرىمنى، يەنە بىر قولىدا بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلەرى سۆزلەنگەن شاراپەتلىك ھەدىيستىن ئىبارەت ھىدايەت شامىنى مەھكەم تۇتۇپ، مەزكۇر ئىككى خاسىيەتلىك نۇرنىڭ كارامەتى ئارقالىق، قۇسۇر – نۇقسانلارىنى تۈزەتىپ ماڭغان ئىنسانلا پارلاق ئىقبالغا ئىگە بولىدىغان سائادەتلىك (مەسئۇد) ئادەم ھىسابلانىدۇ. شەكسىزكى، مۇنداق ئادەمنى ھەقىقىي پادىشاھ، جالالەتلىك سۇلتان ئاللاھۇ تەئالا ئۆزىنىڭ ھىمايەت پانۇسى ئىچىدە قوغداپ، ھەرقانداق مەجازىي (ھەقىقىي بولماغان) پادىشاھ – سۇلتانلارنىڭ زۇلمىدىن ۋە غەزەپ سىياسەتلەرىدىن، بەلكى بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل بالايىئاپەتلەرىدىن ئامان – ئىسەن ساقلايدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى قىيامەت ئازابىدىن ئامان قىلىپ، جەننەت ئاتا قىلىنىدىغان ئالىيجاناب مۆئمىنلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ جامالىنى كۆرۈش شەرەپىگە مۇيەسسەر قىلىپ، ئەڭ گۈزەل جەننەتتە، ئۇنىڭغا يۈكسەك ماقام نەسىپ قىلىدۇ. ئى، ئاللاھ! پەزلى – ئىنايەتىڭ ۋە كارامەتىڭ شەرەپىگە ھەمدۇ – سەنالار بولسۇنكى، بىزگە داغدام يول ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغىن، ئامىين! (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" (ياڭى تەرجىمە نۇسخا) 644-648-بەتلەر؛ ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى؛ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي، ئىستانبۇل) مۇلاھىزە: بۇ ۋەز-نەسىھەتنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، كۆز ئالدىمىزغا جايىنامازدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئۆز مەئبۇدى بولغان ئاللاھۇتەئالاغا دۇئا قىلىپ (تىلەك تىلەپ) ئولتۇرغان بىر نەپەر يۈزدەيۈز بىچارە مۇسۇلمان كۆز ئالدىمىزغا كەلىدۇ. بۇ ھالدىن، مەزكۇر ۋائىز (ۋەز ئەيتقۇچى، نەسىھەت قىلغۇچى) مۇسا سايرامىينىڭ بولسا، باشقالارغا قول شىلتىپ تۇرۇپ تەلىمات بەرىدىغان بىر بۈيۈك ستراتىگىيەچى، ھىدايەتكار مەسئۇل ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاددىي، يەنى ئۇنىڭدىنمۇ ئاددىيسى بولماغان بىر سائىل (تىلەك تىلەگۈچى) ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ. دەمەك، ھەر قانداق ئالىم ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ئەڭ ئاددىي ئادەمدۇركى، سايرامىي بوۋامىز بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئەسلىي زاتىنى ئاشۇنداق سەمىمىيەت بىلەن چۈشەندۈرگەندۇر. ھالبۇكى، بۇمۇ بىر قىممەتلىك بىلىك، ئەلۋەتتە! ئاندىن، بۇ ۋەز-نەسىھەتتەكى " پۇقرا – رەئىيەلەر ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى قۇدرەتتە تەڭدىشى يوق ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئالىي دەرگاھىغا يۈزلەرىنى سۈرۈپ، تارام – تارام كۆز ياشلارىنى تۆككەن ھالدا، خاقانى چىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئارزۇ ۋە تەلەپ قىلىپ، نالە – زارلارىنى ھەددىدىن زىيادە دەرىجەسىدىن ئۆتكۈزدى" ۋە (خاقانى چىن كاشغارىيەنى ئىككىنجى قاتىم ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان چاغدا بولسا،) " پۈتكۈل پۇقرا – رەئىيەلەر، بولۇپمۇ قەدىمكى بەگ – ئەمەلدارلار گوياكى ئۆلگەن تاغا – ھاممالارى، بەلكى ئاتا – ئانالارى ئىككىنچى قاتىم تىرىلىپ كەلگەندەك، خۇرسەن – خوشلۇقلارىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، كامالەتلىك سۆيۈنۈشتىن غۇنچە كەبى ئاچىلىپ، ئاغىزلارى قۇلاقىغا يەتتى، ۋۇجۇدلارى بولسا، تىرەسىگە پاتماي قالدى! " دەگەن مۇكەممەل ئابزاسلارنىڭ پوسكاللا مەناسى پەقەت ۋە پەقەت "ئۆز زامانىسىدا، خاقانى چىن ھۆكۈمەتىنى ئۇيغۇرلار ئۆزى تىلەپ ئەكەلگەن ۋە خاقانى چىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتۈش بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۈيۈك شاديانەلىك بولغان ئىدى" دەگەن بولىدۇ، مەنىڭچە. سىزنىڭچەچۇ، ئوقۇرمەنىم؟ ئەگەر جاۋابىڭىز "شۇنداق" بولسا، ئەيتىڭا، بۇ زادى نەمە ئۈچۈن؟ ئالىم بوۋامىز مۇسا سايرامىينىڭ بۇ خالىس بايانى ھەققىدە مەنمۇ تەكرار-تەكرار ئويلانىۋاتىمەن. ئوقۇرمەنلەرىمنىڭمۇ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشلەرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەلكى يازمامىزنىڭ كەيىنكى بۆلەكلەرىدە، بىرلىكتە يەكۇن چىقىرارمىز.
"ئى، زامانە ئەھلى! ئۇ زامانە ئەھلىنىڭ قىلغان – ئەتكەنلەرىگە چوڭقۇر مۇلاھىزەلىك نەزەرىڭلار بىلەن بىر قاراپ قويۇڭلاركى، ھەممە مۇسۇلمانلار بىر دىين، بىر مەزھەب بولۇپ ياشاۋاتسا، بىزنىڭ خەلقىمىز ئاشۇنداق ئىككى پىرقە – ئىككى گۇرۇھ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە نەچچە تائىپە – كىچىك گۇرۇپ بولۇپ بۆلۈنۈپ؛ ئۇ بۆلۈنۈپ كەتكەنلەر بىر – بىرلەرى بىلەن خۇسۇمەت ۋە ئاداۋەت قىلاشىپ؛ ھەر تائىپە بىر سەييىد – خوجاغا قول بەرىپ مۇخلىس بولۇپ، يەنە بىر سەييىد – خوجاغا بولسا، ئاداۋەتخور دۈشمەن بولۇپ؛ بىرلەرى ئۆزلەرىگە « ئاق تاقىيلىق » (يەنى ئاق سەللەلىك – ت ) دەپ ئات قويسا، يەنە بىرلەرى « قارا تاقىيلىق » (يەنى قارا سەللەلىك – ت ) دەپ نام قويۇپ، ئۆزلەرىنى گۇمراھلىق – زالالەتكە، ھەتتا ھالاكەتكە مۇبتىلا قىلىپ؛ بۇ خىل ئىتتىپاقسىزلىق، تەپرىقەچىلىكنىڭ كاساپەتىدىن يۇرتلارنى ۋە يۇرت ئادەملەرىنى قالماققا، ھەتتا خىتايغا قارام قىلىپ بەرىپ كەپتۇ. ئۇلار ئاشۇنداق ئىتتىپاقسىزلىق ۋە تەپرىقەچىلىك توغدۇرىدىغان باتىل ئەقىدەلەرنىڭ ئوساللىقىنى، شۇملۇقىنى پەرق قىلالماي ۋە پەملەيەلمەي، ئۇنى ئۆزلەرىگە مۇناسىپ ۋە لايىق كۆرۈپ يۈرۈپتۇ. يا ئۇ خىل باتىل ئەقىدەلەرنى پۈۋدەپ كۆككە كۆتۈرگەن ئالدامچى، مەككار، جاھىل سوپىلار شەرم – ھايا ۋە نومۇس قىلماپتۇ. ۋاھالەنكى، ئۇ مەخدۇمزادە (مەخدۇم ئەئزەمنىڭ ئوغۇللارى) بولمىش سەييىد – خوجاملارنىڭ زاتى تەبىئەتىدە ئىناقسىزلىق ۋە ئۆچ – ئادەۋەت تارىش غەرەزى يوقتۇركى، مەيدانغا چىققان ئۇ ناكەس ئىشلار پەقەت خام – قاپاق مۇرىتلار ۋە پىشماغان – يەتىلمەگەن مۇخلىسلارنىڭ شۇملۇقىدىن بولغاندۇر. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ساغلام نەسەبلىك سەييىد – خوجالارنىڭ ھەممەسىگە باراۋەر ۋە ئوخشاش كۆزدە قاراش كەرەككى، بىرسىنى يەنە بىرسىگە قارمۇ قارشى قويۇپ، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئاداۋەتخورلۇق قىلماسلىق لازىم، ئەلۋەتتە. مۇبادا، كىمكى ئۇ پاك نەسەبلىك سەييىد – خوجاملارنىڭ ھەممەسىنى تەڭ – باراۋەر كۆرمەي، ئىناقسىزلىق ۋە ئۆچ – ئاداۋەتلىك پىكىردە بولىدىكەن، ئۇنداق ئادەم قىيامەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولغۇسىدۇر! بۇ ھەقتە «ھەدىيس شەرىف » تە: « باتىل ئەقىدە – ئىئتىقادتىن ئاللاھ بىزنى ساقلاغاي» ( نەئۇزۇ بىللاھى مىن سۇئى ئىئتىقادىنا ) دەيىلىدۇ. بەجىن ئەھلى خوجا ئافاق خوجام ئەۋلادلارىدىن بولغان بۇرھانىددىن خوجامنى شەھىت قىلىۋەتكەندىن كەيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتى خوجا سالىھ خوجا ( بەزىلەر بۇ كىشىنى ‹سارمساق خوجام› دەپمۇ ئاتايدۇ ) فەرغانە ۋىلايەتىگە قاچىپ چىقىپ كەتتى. كەيىن، ئۇ داداسىنىڭ قان قىساسىنى ئالىش تەمەسىدە، كاشغەرگە نەچچە قاتىم كەلدى – يۇ، مۇرادىغا يەتەلمەي، قايتىپ كەتتى. كەيىنچە، ئۇنىڭ ئوغلى خوجا جەھانگىر خان تۆرەم بىر نەمە قىلىپ، مەقسەتكە يەتتى. (بۇ ھەقتە، كەيىنرەك بايان بەرىلىدۇ) شۇ سەۋەبتىن، ئەندجان تەرەپتىن خوجاملار كەلسە، ئاق تاغلىقلار (ئاق تاقىيلىقلار)نىڭ جاھاننى يورۇتقۇچى قۇياشى تۇغۇلۇپ، شاد – خۇراملىققا چۈمۈلۈپ كەتىشىدۇ. قارا تاغلىقلار (قارا تاقىيلىقلار) بولسا، بەجىندەىكى خوجاملارغا نەزىرە – ھەدىيە ئەۋەتىپ ھارمايدۇ. بەجىندەكى ئۇ خوجالارىدىن كۆك چاي قاتارلىق سوۋغا – خالتا ۋە تەۋەررۈك نەرسەلەر كەلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار كۆك چاينى «تەۋەررۈك چاي» دەپ ئەزىزلەيدۇ ۋە بەكمۇ ئەتىۋارلايدۇ. (بۇ ھەقتەكى تەپسلىي باياننى «ئۈشتۈرفان» دەگەن بابتا بەرىمىز ۋە ئىنشائەللاھۇس سەبۇر (سەۋىرچان ئاللاھ بۇيرۇسا). ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار مۇشۇ زامانەمىزدىمۇ بىر – بىرىگە قارمۇ قارشىدۇركى، بۇ تائىپەلەر كاشغەرلىكلەر ئىچىدە تولا. ئاق تاغلىقلارنىڭمۇ، قارا تاغلىقلارنىڭمۇ ئەقىدەلەرى ئوخشاشلا باتىل ۋە بىھۇدەدۇر. نەزم: شۇكر لىللاھ فارىغ ئولدۇم مەن قارا – ئاق تاغىدىن، نە ئۈچۈنكىم مىۋە يەپدۇرمەن شەرىئەت باغىدىن. (يەشىمى: ئاللاھقا شۈكۈر! شەرىئەت باغىنىڭ مىۋەسىنى يەگەنلىكىم ئۈچۈن، ئاق تاغلىق – قارا تاغلىق دەگەن باتىل ئەقىدەدىن خالاس تاپتىم) (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 133-134-بەتلەر) مۇلاھىزە: بۇ ۋەز-نەسىھەتتە، تارىخشۇناس بوۋامىز مۇسا سايرامىي بۈتۈن كاشغارىيە خەلقىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ھاياتىنى بىر-بىرلەرىنى ئۇرۇش-سوقۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇلاش–تالاش ئىچىگە غەرق قىلغان ئۇرۇشقاق سەييىد-خوجالار دەۋرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، " ئاق تاغلىقلارنىڭمۇ، قارا تاغلىقلارنىڭمۇ ئەقىدەلەرى ئوخشاشلا باتىل ۋە بىھۇدەدۇر " دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئەمما، سايرامىي بوۋامىز ئۆزى خوجالار ئەۋلادىدىن بولغانلىقى("ھەمىدىي"دە، سايرامىي ئۆزىنىڭ نەسەبىنى ئەلىي ئىبنى ئەبۇ تالىبقا تۇتاشىدۇ، دەگەن) ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا، "ئۇ مەخدۇمزادە (مەخدۇم ئەئزەمنىڭ ئوغۇللارى) بولمىش سەييىد – خوجاملارنىڭ زاتى تەبىئەتىدە ئىناقسىزلىق ۋە ئۆچ – ئادەۋەت تارىش غەرەزى يوقتۇر" دەپ خوجاملارنى ئاقلاپ، "مەيدانغا چىققان ئۇ ناكەس ئىشلار پەقەت خام – قاپاق مۇرىتلار ۋە پىشماغان – يەتىلمەگەن مۇخلىسلارنىڭ شۇملۇقىدىن بولغاندۇر" دەپ چۈشەندۈرگەن. روشەنكى، بۇ ئەمەلىيەتتە، پەرغانەلىك سەييىد-خوجالار بىرسى باشىغا ئاق سەللە، يەنە بىرسى بولسا، قارا سەللە ئوراپ كەلىپ، ئۆزلەرىنىڭ ئاتالمىش شەرىئەتلەرنى ئايرىم-ئايرىم شەرھلەسە، كاشغارىيەلىك ئاۋام خەلقنىڭ مەزكۇر ئاق سەللەلىكنىڭ ئارقاسىغا بىر توپ، يەنە بىر قارا سەللەلىكنىڭ كەينىگە بىر تالاي بولۇپ، گۇرۇھ-تەپرىقەگە بۆلۈنگەنلىكىنى "پىشماغان-يەتىلمەگەن مۇخلىسلارنىڭ خام-قاپاقلىقىدىن" يەنى كاشغارىيە خەلقىنىڭ كالۋايى بەرھەقلىقىدىن بولغاندۇر، دەپ ئاداققىي خۇلاسەنى چىقارغان. ئەمدى، مەزكۇر تارىخىي ھادىسە-ۋاقىئەلەرگە ۋە سايرامىي بوۋامىزنىڭ ھىچنەرسەنى يوشۇرماغان ھالدا قىلغان يۇقىرىقى سەمىمىي باھا ۋە بايانلارىغا قانداق تەقرىز بەرىش، ئوبزۇر قىلىش ۋە ئۇلاردىن ھەقلىق ساۋاق ئالىش بولسا، سىز بىلەن بىزنىڭ ئۆزىمىزگە قالدى، ئوقۇرمەنىم.
"ئەلقىسسە، خانلارنىڭ دۆلەت چىراغىنىڭ نۇرى ئۆچۈپ، قالماقلارنىڭ ياردەمى ئارقاسىدا، خوجاملارنىڭ دۆلەت چىراغى يورۇغان ئاشۇ زامانلاردىن باشلاپ، خوجاملار گاھىدا ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە ياراتقۇچىنىڭ پىكرى تەپەككۇرىدا بولۇپ، ھەمىشەملىك دۇئالارى ۋە دائىملىق ئىبادەتلەرى بىلەن شۇغۇللانسامۇ، يەنە گاھىدا ئەيش – ئىشرەت، نەغمە – ناۋا ۋە ھاي – ھۇيلار بەزمەسىگە چۈمۈلۈپ، نەپسانىيەتچىلىك يولىدا ئالدىراپ يۈرگەنلىكلەرى ئۈچۈن، پۇقرا ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمادى؛ نۇرغۇن غەيۋەت – شىكايەتچى، چاقىمچى – سۇخەنچى، شەيتانغا دەرس بەرىدىغان ئوسال ۋالاقتەككۇر ئادەملەر ئۇ خوجاملارنىڭ ئەتراپىنى ئورىۋالدى. ئۇلار خوجاملارنىڭ ئالدىدا، ئۆزلەرىنى تولامۇ ئىخلاسمەن، سادىق مۇرىت كۆرسەتەتتى؛ سىرتقا چىققاندا بولسا، ھەر بىرسى گويا بىر ئاچ بۆرىگە ئايلاناتتى – دە، خۇددى بۆرىلەر قويغا ئاتىلغاندەك، پۇقرالارنىڭ مال – مۈلۈكىگە، ھەتتا جانىغا، ئىمانىغا جەن سالاتتى. بۇ تائىپەلەر ئادەتتە، «ئوششاق» (ئاشىقلار) دەپ ئاتالاتتى. ئەمدى، ئەبە – ئەجدادىدىن تارتىپ، جاينامازدىن قوپماي ئىبادەت بىلەنلا ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئۇ خوجاملار بولسا، ئەمەلىيەتتە، «يۇرت سوراش»، «سىياسەت بەلگەلەش» دەگەنلەردىن خەۋەرىمۇ يوق كىشىلەر ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى خارابلاشىش، ۋەيران بولۇش تەرەپىگە يۈزلەنىپ، ئەھۋال شۇ دەرىجەگە يەتتىكى، پۇقرالار ئۆز ئۆي – ماكانلارىدا ئارامى خۇدا تۇرالماي، جاڭگال – جەزىرەلەرگە قاچىپ بەرىپ، كۈن كۆچۈرىدىغان بولدى. ئۆيلەرىگە كەچەسى ھىچكىمگە تۇيدۇرماي قايتىپ كەلىپ، تاپقان – تۈككەن نەرسەلەرى بىلەن تاماق – غىزا ئەتىپ يەۋالىپ، ئاندىن قازان – قومۇشلارىنى بۇلاقنىڭ ئىچىگە، ياكى بىرەر چوڭقۇر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇپ، يەنە ھىچكىمگە كۆرۈنمەي، قاچىپ كەتىپ جان ساقلايدىغان بولدى. يۇرتدارلىق ئىشلەرىنىڭ زۇلمىدىن چىداغۇچىلىكى مۇتلەق قالمادى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، پۇقرالىق كوچاسىدا خارۇزار ۋە بىئىئتىبار بولۇپ يۈرگەن، ئەمما ئىلگەرى مەنسەپ تۇتۇپ، دۆلەت سوراپ باققان بەگزادەلەردىن بىر قانچەسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يىراقنى كۆزلەگەن ھالدا: « نۆۋەتتە، قەدىمدىن يۇرت سوراپ كەلگەن خانلار بۇلۇڭ – پۇچقاقلارنى ماكان قىلىپ يۈرىدۇ. ئەسلىدە، بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا يۈرىدىغانلار بولسا، خانلىق قىلىپ تۇرىدۇكى، پۇقرالار، ئاۋام خەلقلەر نامراتلىقتىن، ئىگە – چاقاسىزلىقتىن نەمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىۋاتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، بىرنەچچەيلەن خاقانى چىننىڭ ھوزۇرىغا بەرىپ، بۇ ئەھۋالىمىزنى بايان قىلساق ۋە چەرىك تەلەپ قىلساق. مۇبادا چەرىك بەرسە، بىز ئۇنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، يىراق – ياقىنداكى دۈشمەنلەردىن قۇتۇلساق. زادى بىر ئىقلىم، بىر دۆلەتكە تەۋە بولماغاچە، يۇرتىمىز ئاۋات، بالا – پەرزەنتلەرىمىز تىنىچ – ئامان ۋە شاد بولماغۇدەك» دەپ مەسلىھەت قىلىشتى. نەتىجەدە، ئۇلار ئالتە نەپەرمۇ ياكى يەتتە نەپەرمۇ ئادەم بولۇپ، كەش – ئاياغلارىنى تەتۈر كىيىپ، خاقانى چىن تەرەپكە قاراپ راۋان بولدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار خاقانى چىننىڭ قاراۋۇلچىلارىغا ئۇچرادى. قاراۋۇلچىلار ئۇلارنى يەرمۇ يەر باشلاپ بەرىپ، فەغفۇر چىن بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇلارنىڭ ئەرزىھالى ماقۇل كۆرۈلگەچكە، نۇرغۇن چەرىك قوشۇپ بەردى. ئۇلار لەشكەر تارتىپ كەلگەندىن كەيىن، بۇ يەتتە شەھەر جەڭ – ئۇرۇشسىز ھالدالا، خاقانى چىننىڭ تەۋەلىكىگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن، خاقانى چىن ھەلىقى ئالتە نەپەر كىشىگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا، «ۋاڭ، گۇڭ، بەيسى، بەيلى» قاتارلىق مەنسەپ – ئىمتىيازلارنى جۇلدۇ – جاساق (بەكىتمە) قىلىپ بەردى. ئاندىن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە بىرنەچچە ئۆيلۈكتىن ئادەمنى خىزمەتچى قىلىپ بەردى. شۇنداقلا، ھەر بىرەيلەنگە بىر يىلدا خاقاننىڭ خەزىنەسىدىن قانچىلىك كۈمۈش مائاش بەرىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ توختاتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىردىن شەھەرگە ھاكىم قىلدى. ئىلگەرى خاقانى چىن بۇ زەمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھاكىملىقى مەزكۇر بەگلەرنىڭ ئەۋلادىدىن باشقا ئادەمگە كەمدىن كەم نەسىپ بولاتتى. دۆلەتمەن بولغان مەزكۇر ئالتە نەپەر ئادەمنىڭ بىرسى مىرزا ھۇدا بەيسەبەگ بولۇپ، يۇقىرىدا ئۇنىڭ ھەققىدە ئازراق توختالىپ ئۆتكەن بولدۇق. يەنە بىرسى چەرىكچى بەگ بولۇپ، بۇ كىشىگەمۇ بەيسەلىك مەنسەپى تەگكەنىكەن. بۇ بەگنىڭ «ساتىپئالدى بەگ» ۋە «ئاقبەگ» دەيدىغان ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. چەرىكچى بەگدىن كەيىن، بەيسەلىك مەنسەپى ساتىپئالدى بەگكە تەگىشلىك بولۇپ، ئۇ شۇ مەنسەپ بىلەن ياركەندنى سوراپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كەيىن، ئوغلى مۇھەممەد ئابدۇللاھ بەگكە بەيسەلىك مەنسەپى نەسىپ بولۇپ، ئىلگەرى – ئاخىر ئاقسۇ ۋە ياركەندنى سوراپ ئۆتتى. ئۇنىڭ نەۋرەسى مۇھەممەد مۇسا بەيسە بەگ ھازىر ئاقسۇنىڭ «ئاقيار» دەگەن يەرىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئەبە – ئەجدادلارىنىڭ مەنسەپىنى تاپىپ ئالالماي يۈرگەنلىكى مەلۇم. ئەمدى، ئاقبەگكە كەلسەك، ئۇ ئىلگەرى – كەيىن بولۇپ، ئىلى، ئاقسۇ ۋە ياركەندلەرگە ھاكىم بولۇپ، يۇرت سوراپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كەيىن، ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈپ بەگىم دەسلەپ ئىلىغا، كەيىن ياركەندكە، ئاخىرىدا بولسا، سايرامغا ھاكىم بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئابدۇللاھ بەگ ئىشىك ئاغالىق مەنسەپى بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ ئەۋلادلارى ناھايىتى تولا. دۆلەتمەنلەرنىڭ يەنە بىرسى بايلىق گەدايمۇھەممەد گۇڭ بولۇپ، ئۇ دەسلەپ كاشغەرنى، كەيىن بولسا، ئۇشتۇرفاننى سوراپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىبراھىم مۇھەممەد تالىب بەگ گۇڭلۇق مەنسەپىگە ئەرىشىپ، شاھيارنى سوراپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كەيىن، ئوغلى ئەھمەد بەگ گۇڭ بولدى. ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد سىددىق بەگىم گۇڭلۇق مەنسەپىدە، ئىززەت – ھۆرمەت بىلەن ئۆتۈۋاتىدۇ." (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 135-138-بەتلەر) مۇلاھىزە: بۇ نەسىھەتلىك باياندا، تارىخشۇناس مۇسايرامىي يازمامىزنىڭ باشىدا بەرىلگەن بىرىنجى ۋەز-نەسىھەتتە ئوتتۇراغا قويغان "خاقانى چىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتۈشنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلەرى دۇئا-تىلەك- ئىلتىماس قىلىپ، ئاندىن ئەرىشكەندۇر" دەگەن بايانىنى تەخىمۇ چوڭقۇرلاپ، ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئاساسلاپ كەرسەتكەن. يەنى كاشغارىيە خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئىشغال قىلۋالغان ئۇ نامى دەبدەبەلىك سەييىد-خوجاملار ئەمەلىيەتتە، دۆلەت قۇرۇش، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش، خەلق ئىگەلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ماددى تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دەگەننى بىلمەيدىغان زاكا نامازخانلار ئىدى، خالاس. شۇڭا، ماددى تۇرمۇش پەقىرلىقى ۋە نامراتلىقىغا مۇتلەق چىداپ بولالماغان ئەھۋالدا، خەلق ئىچىدەكى ئاقىل ئىنسانلار ئۆز ئارا مەسلىھەتلەشىپ، ئۆزلەرىگە ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتا ھىمايەچى بولىدىغان يۆلەك تاپىش قارارىغا كەلگەندۇر! يۇقىرىدا ئوقۇپ كۆردۇقكى، سايرامىي بوۋامىز بۇ يەردە، مەزكۇر ئامالسىز قالغان دۇئاگۇي-تىلەكچى-ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ قايسى مەجلىسنىڭ قانداق قارارى ۋە قايسى ئادەملەرنىڭ قانداق مۇشەققەتلىك يۈرۈش ۋە ئۇزۇن سەپەرلەرى ئارقالىق، ئاخىردا خاقانى چىن ھوزۇرىغا يەتىپ بارىپ، قايسى خىل ئەمەل-مەنسەپ تاجلارىنى باشلارىغا كىيىپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن قانچە ئەۋلاد ئۆتكەنلىكى قاتارلىق ئايرىنتالارنى تەپسىلاتى بىلەن بىرمۇ بىر كۆرسەتكەن. مانا بۇلار ئەمەلىيەتتە، "تارىخى ھەمىدىي" ماۋزۇلۇق بۇ ئەسەرنىڭ تارىخىي ماتىرىيال قىممەتىنى ھەسسەلەپ ئاشۇرغان مۇھىم ھالقالار قاتارىغا كىرىدۇ. تەبىئىيكى، سايرامىي بوۋامىزنىڭ يۇقىرىقى پاكىتلىق بايانلارى سىز- بىز ئەۋلادلارغا ئاجايىپتىن ئاجايىب مۇھىم ۋە ئەجەللىك سوئاللارنى تاشلاپ بەرگەنلىكى ئەنىق. ھالبۇكى، بۇلار داۋاملىق ھالدا، سىز-بىزنىڭ ئەقلىي مۇلاھىزەمىزدە بولغۇسىدۇر، ئوقۇرمەن قارىنداشلارىم.
"ئى، ئىقتىدارلىق ئەزىز يارەنلەر! ئى، مۆتىۋەر، لەۋزى ھالال بۇرادەرلەر ۋە ئىش باشىداكى ۋەلىيلەر! شۇ نەرسە نۇرلۇق خاتىرەڭلەردىن چىقىپ قالماغايكى، مەن كەمىنە مۇسا سايرامىي ناياب ئۆمۈرنىڭ قەدىر – قىممەتىنى بىلمەي، ئۆمۈر سائەتلەرىنى غەنىمەت بىلمەي، ئۇنى غەپلەتتە ئۆتكۈزۈپ، شۇ تاپتا، ياشىم يەتمىشتىن ئاشىپ قالدى ۋە بۇ ئالەمدىن كەتىش ۋاقتىم ياقىنلىشىپ قالدى. ھالبۇكى، مەن كەمىنە نادان، بىلىمسىز ۋە جاھالەتتە قالغان ئادەمدىن بۇ دۇنيا سەھىپەسىدە ۋە خەلقلەرنىڭ ئاغىزىدا نەمۇنە ۋە يادىكار بولغۇدەك بىر نەرسە قالماغىنى ئۈچۈن ئەپسۇسلاندىم. بۇ ۋەجدىن، ئاھ – نادامەتلەر چەكتىم. ئاخىرىدا، ئەيىب – نۇقسانلارنى ياپقۇچى سەتتار ۋە گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى غەففار بولغان ئۇلۇغ ئاللاھۇ تەئالانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىن ئەپۇ ۋە كەچۈرۈم ئۈمىد قىلىش يۈزىسىدىن شۇبۇ كىتابنى يازىپ چىقتىم. شۇ ئان چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ تۇرغانىمدا، غەمكىن كۆڭلۈمنىڭ ئەينەكىدە مۇنۇ رۇبائىي زاھىر بولدى: رۇبائىي: ھەيف غەفلەت بىرلە ئۆتدۈم مەغفىرەت قىل يا سەبۇر، نىكمەرد ئاراسىدىن قوغلاماغىل يەۋمۇننەشۇر. ياخشىلىق ئۈمىد تۇتۇپ تارىخ فۈتۈپمەن يادىكار، «مەغفۇر ئول! » دەپ مۇژدە بەرگەيمۇ ماڭا شايەد غەفۇر. يەشىمى: ھەي، ئەسىت! دۇنيادىن غاپىللىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتىمكى، ئى، ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن؛ قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا ياخشى ئىنسانلارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقارماغىن؛ ياخشىلىققا ئەرىشىش ئۈمىدىدە بۇ تارىخ كىتابىنى يازىپ ئالەم خەلقىگە يادىكار قىلدىم؛ بۇ خىزمەتىم ئۈچۈن، ئاللاھ ماڭا: «گۇناھلارىڭ مەغپىرەت قىلىندى! » دەپ خۇشخەۋەر بەرەرمۇ، ئاخىر؟! مەن بۇ كىتابنى ھىجرىيە تارىخى بويىچە، بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئالتىنچى يىلى شەۋۋال ئايىنىڭ ئونىنجى كۈنى ( مىلادىيە 1908 – يىلى 11 – ئاينىڭ 5 – كۈنى – ت ) تاماملادىم، ئەلھەمدۇلىللاھ!" ... "خۇشپۇراق چاچقۇچى بۇ قەلەم شۇنچە قىسقا ۋە ئازغىنە بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە، ئۆزىنىڭ پاراكەندە ۋە پەرىشان سۆز – جۈملەلەرى بىلەن بۇ قىسسە – داستانلارنى يازىپ بولدى. ئەمدى، مۇناسىۋەتلىك گەپ – سۆزلەرنىڭ نازۇك ۋە ئىنچىكە تەرەپلەرىنىمۇ بىلىدىغانلاردىن، شۇنداقلا كوھنا – ياڭى داستان ۋە قىسسەلەرنى كۆپ ئوقۇغان دانا – دانىشمەنلەردىن ئۈمىدىم شۇكى، بۇ كىتابىمنىڭ كەمچىلىكلەرىنى تۈزەتىپ، نۇقسانلارىنى ياپىپ كەتسە ئىكەن. رۇبائىي: جەمئ ئەتىپ تارىخچەنى يەتمىشدىن ئاشقان چاغدا مەن، ئەقل ئىدراكتىن زەئىف سۇرفە – سۇئال بولغاندا مەن، بۇ فەراكەندە سۆزومدە كۆرسەڭىز نۇقساننى، رەھم ئەتىپ ئىسلاھ بەرىڭ چۈنكى مەن بۇ ھالدا مەن يەشىمى: بۇ تارىخ كىتابىمنى ياشىم يەتمىشتىن ئاشقان، ئەقىل – ئىدراك جەھەتتە ئاجىزلاشىپ، ئاغرىقچان بولۇپ قالغان چاغىمدا يازدىم. ھالبۇكى، دەگەنلەرىمدە كەمچىلىك – نۇقسانلار بولسا، ماڭا رەھىم قىلىپ تۈزەتىپ كەتسەڭىز ئىكەن. چۈنكى، مەن پەقەت شۇنداق دەگۈچىلىك ئەھۋالدا بولۇپ قالدىم . مەن بىلىمسىز، نادان، ئىلىمدا ھىچقانداق بىر دەسمايەسى ۋە ئىقتىدار سەرمايەسى يوق ئادەم كۈچ – قۇدرەتىمنىڭ يەتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. «ھەممەنى بىلىپ كەتەلمەسەڭمۇ، بىلگەنىڭنى ئازراقمۇ تاشلىۋەتمە» ( لا يدرك كلە ولايترك قلە: لا يۇدرىك كۇللەھۇ ۋە لا يەترۇك قىللەھۇ ) دەگەن ھەدىيسنىڭ تەلىماتى بويىچە، بىلگەنلەرىمنى دەمەي – ئەيتماي، سۇسلۇق قىلىشنى ۋە غاپىللىق بىلەن ئۆتۈپ كەتىشنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمەدىم. ئەمدى، ئۇ ئىھسانلار ئاتا قىلغۇچى ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ئاللاھ دەرگاھىدىن تىلەيدىغانىم شۇكى، شۇبۇ قىلغان ئەمگەكىمنى ئاشۇ دىل ساھىبى ئۇلۇغلارنىڭ مۇبارەك نەزەرلەرىگە يولۇقتۇرۇپ، قوبۇللۇق دەرىجەسىگە مۇشەررەپ قىلغاي، ئامىين! ئى، ئاللاھ! مەن ئاجىز، بىچارەنىڭ قارا دىلىنى كامالەتلىك قۇدرەتىڭ جىلۋەسى ئاستىداكى تەۋھىد نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، مەئرىپەت چىراغى بىلەن روشەن ۋە مۇنەۋۋەر قىلغايسەن! مەن گۇناھكار بەندەڭ بۇ دۇنيا ھاياتى بىلەن خوشلاشىپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىدىغان چاغدا، ئۆز كارامەتىڭ بىلەن كۆرسەتىدىغان بىھىساب ئىلتىپات ۋە تۈگىمەس مەرھەمەتلەرىڭدىن نەسىۋەسىز قويماغايسەن، ئامىين! ئەلھەمدۇلىللاھ رەببۇلئالەمىين ( ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمدۇ – سەنالار بولسۇن! ) بىلمەيدىغانى يوق ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردەمى بىلەن، بۇ كىتاب پۈتۈنلەي تاماملاندى" (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 724-727-بەتلەر). مۇلاھىزە: بۇ ۋەز-نەسىھەتتە، ئۇلۇغ ئالىم مۇسا سايرامىي گويا ئۆزىنىڭ يۈرەكىنى يارىپ ئالىپ، ئوقۇرمەن قارىنداشلارىغا كۆرسەتكەندۇر! بىرىنجى، سايرامىي بوۋامىز بۇ كىتابنى ئۆزىنىڭ يەتمىش ياشتىن ئاشقان ۋە سۈرفە-سۇئال (كەسەلچان) بولۇپ قالغان ۋاقتىدا يازىپ پۈتتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ، بىر غايەلىك ئىنسان ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، خەلق-مىللەت ئۈچۈن ئەرزىگۈدەك بىر خىزمەت قىلىش ۋە نەتىجە قازانىشنىڭ قەرى-ياش دەپ ئايرىمايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق بىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئەرىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئىنساننىڭ ھەر قانداق بىر ئۆمۈر پەسلىگە باقىمەندە ئەمەسلىكىنى ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقالىق ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەندۇركى، بىلگەن ئادەمگە سايرامىي ئەجدادنىڭ بۇ نەسىھەتى ئەمەلىيەتتە، ياشى قىرىق-ئەللىكنىڭ قاراسىنى ئالماي تۇرۇپلا، ئۆزلەرىنى قەرىپ كەتكەن ھىس قىلىدىغان روھسىز ئەۋلادقا ۋە ئۆزلەرىنىڭ پۈتكۈل ناياب ئۆمۈرلەرىنى يەپ-ئىچىش ۋە ئوسۇرۇپ-چىچىش بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋەتىدىغان لەقۋا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئەجەللىك دەرس ۋە ئاداققىي ساۋاقتۇر! ئىككىنجى، ئالىم مۇسا سايرامىي "ئەمدى، مۇناسىۋەتلىك گەپ – سۆزلەرنىڭ نازۇك ۋە ئىنچىكە تەرەپلەرىنىمۇ بىلىدىغانلاردىن، شۇنداقلا كونا – ياڭى داستان ۋە قىسسەلەرنى كۆپ ئوقۇغان دانا – دانىشمەنلەردىن ئۈمىدىم شۇكى، بۇ كىتابىمنىڭ كەمچىلىكلەرىنى تۈزەتىپ، نۇقسانلارىنى ياپىپ كەتسە ئىكەن" دەگەن بايانى ئارقالىق، ئەۋلادلارنىڭ بۇ ئەسەرنى ئالدى بىلەن ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى، ئاندىن ئەگەر كەمچىلىك نۇقسانلار بولسا، تۈزەتىپ كەتىشىنى ئالىملارغا خاس تەۋازۇ-كەمتەرلىك بىلەن ئىلتىماس قىلغان. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئالىم بوۋامىزنىڭ بىز ئەۋلادلارنى "تارىخى ھەمىدىي" ماۋزۇلۇق بۇ ژىرىك ئەسەرنى ئەستايىدىل مۇتالىئە قىلىشىمىز، ئەتراپلىق ۋە ياخشى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن قىلغان جىددىي چاقىرىقىدۇر، دەپ چۈشەنىشىمىز مۇمكىن. ئۈچۈنجى، «ھەممەنى بىلىپ كەتەلمەسەڭمۇ، بىلگەنىڭنى ئازراقمۇ تاشلىۋەتمە» دەگەن ھەدىيسنىڭ تەلىماتى بويىچە، بىلگەنلەرىمنى دەمەي – ئەيتماي، سۇسلۇق قىلىشنى ۋە غاپىللىق بىلەن ئۆتۈپ كەتىشنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمەدىم" دەگەن مۇھىم بايان ئارقالىق، بىر مەدەنىيەتلىك ئادەم ئۈچۈن ئەيتقاندا، ئالدى بىلەن قەتىرقىنىپ ئۆگرەنىش، بىلگىنلەشىش، ئاندىن ئۆزىنىڭ بىلگەنلەرىنى باشقالارغا بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بىلگىنلەر ئارا ئىلىم-ئىرپان بويىچە ئورتاقىلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە، مەدەنىي ئادەم ئۈچۈن بىر ئىنسانىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى ئىپادەلەگەندۇر. باسقۇچلۇق قىسقا خۇلاسە قىلىپ ئەيتقاندا، ئالىم بوۋامىز مۇسا سايرامىينىڭ "تارىخى ھەمىدىي" دە بايان قىلغان ۋەز-نەسىھەتلەرى ئەمەلىي رول ۋە رىئال ئۇقۇمدا، مەزكۇر ئەسەرنىڭ قىممەتىگە قىممەت قوشىدىغان قاتتىق دىتاللار بولۇپ، ھەر بىر غايەلىك ئەۋلاد بۇلارنىڭ باھاسىغا يەتىشى ۋە قەدرىنى بىلىشلەرى لازىمدۇر، دەيمىز سەمىمىيەت بىلەن. "ھەمىدىي"نىڭ مەزمۇنى ھەر ساھەگە باپ تازا، گۈزەل تىلدا بايانلىق تەنبىھ-ساۋاق ھەم سازا: خاتىرەلەنگەن مىساللىق ئەجدادلار ئەمگەكلەرى، ئوقۇغان ھەر كىم ئالۇر ئۇندىن مول روھىي غىزا. 2020-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، نەۋروز. |
|

