"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر ( 16)
ئون ئالتىنجى مەجلىس:
" ھەمىدىي"دە مەدھىيەلەنگەن خاقانى چىن ئادالەتى
در. دەريا تۈمەن
تارىخشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ بىباھا ئەسەرى "تارىخى ھەمىدىي"دە، "خاقانى چىننىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى ھەققىدە" ماۋزۇلۇق كەڭ سەھىپەلىك، مول پاكىتلار بىلەن تويۇندۇرۇلغان مەخسۇس بىر باپ ئاچىپ، ئۆز زامانىسىدىكى خاقانى چىن ھاكىمىيەتىنى خالىس باھالاغان ۋە ئۇنىڭ توغرا قىلغان تەرەپلەرىنى مەردانەلىك بىلەن مەدھىيەلىگەن.
ھەرقانداق ئىنسان ھەر قانچە بۈيۈك ئالىم بولۇپ كەتسۇن، ئۇ ئالدى بىلەن بىر ئادەمدۇر. بىر ئادەم، بىر ئىنسان دەگەندە ئۆزىگە خاس ئىنسانىي تۇيغۇسى، ئادەمىي مۇھەببەتى بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇسى ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئاناسى، ئۆزىنىڭ ۋەتەنى ئۈچۈن ئۇرغۇيدي؛ ئۇنىڭ ئادەمىي مۇھەببەتى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىنداشى، ئۆزىنىڭ مىللەتى تامان جۇش ئۇرىدۇ. ھالبۇكى، تارىخىي ۋاقىئەلەرنى ئەينەن خاتىرەلەپ، ئۇلارغا خالىس باھا بەرىدىغان تارىخشۇناسلار ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندامۇ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنىنى ئىشغال قىلىۋالغان دۈشمەن تەرەپنى ئەنىق مەيدان ۋە ئاشكارا پوزىتسىيە بىلەن مەدھىيەلەش ۋە ماقتاش بولسا، ئىنساندىن قاپتەك يۈرەك، ئاسماندەك چوڭ جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان مۇشەققەتتىن مۇشەققەتلىك زور ئىشتۇركى، بۇنى بىزنىڭ بوۋامىز مۇسا سايرامى بەجا كەلتۈرەلەگەندۇر، ئاپەرىن!
شەكسىزكى، سايرامىينىڭ كاشغارىيە دۆلەتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۇيغۇر ۋەتەنىنى ئىككىنجى قاتىم ئىشغال قىلىۋالغان خاقانى چىن ھەققىدە ئومۇمىيەتلىك باھا يازىپ، خاقانى چىننىڭ ئىمپىرىيە بەرپا قىلىش، دۆلەت باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش، ئاۋام پۇقرالارنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق دۆلەتشۇناسلىققا ئائىت دۇنياۋى مەسىلەدە ئىپادەلەگەن ئارتۇقچىلىقلارىنى، سىز-بىز ئەۋلادلار ساۋاق ئالىپ ئۆگرەنىشكە ئەرزىيدىغان ئەۋزەللىكلەرىنى خالىس نىيەت بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاشكارا ھالدا مەدھىيەلەشى ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئۆز ۋەتەنى، ئۆز خەلقى ۋە ئۆز قارىنداشلارىغا بولغان ئۇپراماس مۇھەببەتىنىڭ ئۆزىگە خاس شەكىلدە ئىپادەلەنىشىدۇر، ئەلبەتتە!
يازمامىزنىڭ بۇ بۆلەكچەسىدە، سايرامىي بوۋامىز ئۆز ئەسەرىدە، خاقانى چىن ھۆكۈمرانلىقى نامايەن قىلغان "بۈيۈكلۈك، ئادالەتلىك تەدبىر ۋە ماقۇل چارە" دەپ قاراغان مەسىلەلەرنىڭ مۇھىملارىنى بىر يەرگە تىركەپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرگە قىسقاچە مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتۈمىز:
مۇقىم بەلگەلەمە ئارقالىق، مۇخلىس ئەمەلدارلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلالاغانلىقى
"( كاشغارىيە دۆلەتى ئاغدۇرۇپ تاشلانىپ) ئون تۆرت يىل ئۆتكەندىن كەيىن ، خاقان ئەھلى ئاتا مىراس يۇرتلارىغا خوجايىن ۋە ساھىب بولدى. فەغفۇر چىندىن: <مەنىڭ ئاتا – بوۋالارىمغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن مۇنداق، مۇنداق ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزلەرى بارمۇ ياكى ئەۋلادلارى بارمۇ سۈرۈشتۈرۈپ، نەتىجەسىنى ماڭا مەلۇم قىلسۇن> دەپ يارلىق كەلدى. مەزكۇر دۆلەتمەن بەگلەرنىڭ ئەۋلادلارىمۇ ئۆز زامانەسىدىكى خانلار بەرگەن يارلىق، ھۆججەت ۋە دەستەك خەتلەرنى ساقلاپ قويۇشقانىكەن، شۇلارنى كۆرسەتىپ، ئۆزلەرىنى مەئلۇم قىلىپ، ئەبە – ئەجدادلارىدىن مىراس قالغان مەنسەپلەرىنى تاپىپ ئالدى.
مانا شۇ ھالدا، ئەلمىساقتاكى ئاشۇ ئەجدادلارىدىن ھىسابلاغاندا، نەچچە پۇشت ۋە نەچچە يۈز يىللار ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ھازىرقى بۇ <بىز ئاشۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادى ئىدۇق> دەگەنلەر شۇنچە يىللار مابەينىدە، ئۇلۇغ خان ئۈچۈن ھىچقانداق بىر خىزمەت قىلماغان بولسامۇ، لەكىن قوللارىدا ئاشۇ قەدىمكى خانلار توختاتىپ بەرگەن مائاش ۋە ئىمتىيازلار ھەققىدەكى خەت – پۈتۈكلەرى بولغانى ئۈچۈنلا، ئۇلار ھەر يىلدا ئاشۇ توختام بويىچە مائاش ئالىدىغان، ھەر ئۈچ يىلدا بىر نۆۋەت ئۇلۇغ خاننىڭ ھوزۇرىغا بارىپ، تازىم – قۇللۇق بەجا كەلتۈرۈپ كەلىدىغان بولدى. مانا شۇ ئىمتىيازلارى بىلەن، ئۇلارلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ پەرزەنت – نەۋرەلەرىمۇ زاماندىن – زامانغا خاتىرجەم، پاراغەتلىك كۈن كۆچۈرىدىغان، مائاشلارىنى ئالىپ، <تارخان> لىقنىڭ دۆلەتمەنلىكى ۋە ئىززەت – ھۆرمەتىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئۆتىدىغان بولدى.
ئاشۇنداق بىر قاتىم خىزمەت كۆرسەتىش بەدەلىگەلا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاد – ئەھفادلارى ئاشۇنچەۋەلا تۈگەمەس مەنسەپ، ئىمتىيازغا ئىگە بولدىكى، بۇنىڭدىن فەغفۇرچىننىڭ نەقەدەر كاتتا ۋە نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىۋالساڭلار بولىدۇ. (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" (ياڭى تەرجىمە نۇسخا)، 138-140-بەتلەر. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2019-يىل 8-ئاي)
مۇلاھىزە:
بۇ يەردەكى مەزمۇن ھالقاسى يازمامىزنىڭ "سايرامىي ۋەز-نەسىھەتلەرى" ماۋزۇلۇق ئالدىنقى باپىغا باغلانىدۇ. يەنى كاشغارىيە دۆلەتى قۇرۇلۇشتىن ئۇزۇن يىللار بۇرۇن، پەرغانەدىن نۆۋەتلەشىپ كاشغارىيەگە كەلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز خاھىشلارىچە باشقۇرۇپ ئانى تاپىدىغان، بوزەك ئەتىدىغان مەخدۇم ئەئزەم باش بولغان سەييىد-خوجالارنىڭ تۈگۈمەس جەڭگى-جىدەللىك زۇلۇمىغا چىداپ بولالماغان ئۇيغۇرلار يەتتە كىشىنى ئۆزلەرىگە ۋەكىل قىلىپ سايلاپ، خاقانى چىن ئورداسىغا "بىزلەرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىڭلار ئاستىغا ئالساڭلار ئىكەن" دەپ ئىلتىماس قىلىدۇ. نەتىجەدە، فەغفۇر چىن (يەنى چىن پادىشاھى) مەزكۇر مىللەت ۋەكىللەرىگە مەخسۇس مۆھۈرلۈك خەت-شاھادەتنامەلەر بىلەن، "ۋاڭ王، گوڭ 公، بەيسە拜斯" ئاتالىدىغان ئەمەلدارلىق ئىمتىيازى بەرىپ، ئۇلارنى خاقانى چىنغا ۋاكالەتەن پۈتكۈل كاشغارىيە زەمىنىدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرىدىغان كادىر قىلىدۇ. ئاندىن، خاقانى چىن مەركەزىي ھۆكۈمەتى مەخسۇس مائاش ۋە خاس ئىمتىيازلار مۇكاپاتى ئارقالىق، بۇ كادىرلارنى ئاقسۆڭەك تەبىقەسى قىلىپ، ئەجدادتىن ئەۋلادقا راھەتلىك تۇرمۇش كاپالەتى بىلەن باقىدۇ.
ئالىم مۇسا سايرامىي خاقانى چىننىڭ بۇ خىل كادىرلار سىياسەتىنى ھۆكۈمەتكە سادىق كادىر-ئەمەلدارلارنى ئۆزىگە ساداقەتمەن قىلىشتىكى ياخشى چارەسى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە بۇنى "فەغفۇر چىننىڭ كاتتالىقى ۋە ئۇلۇغلۇقى" دەپ مەدھىيەلىگەندۇر.
پەۋقۇلئاددە كەڭ زەمىننى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ۋەزىيەتلىك باشقۇرالاغانلىقى
"خاقانى چىن زەمىنىنىڭ كەڭرى ۋە كاتتالىقىنى شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغالى بولىدۇكى، يۈز مىڭ ئۆيلۈك، ئەڭ ئاز دەگەندىمۇ ئەللىك – ئاتمىش مىڭ ئۆيلۈك جەم بولغان شەھەرگە بىر چىنچەي ئامبان (钦差大臣)تۇرغۇزىدۇ. ئاشۇنداق سەككىز چىنچەي ئامبان ئۈستىگە بىر خان ئامبان توختاتىدۇ. تۆرت خان ئامبان ئۈستىگە بىر جاڭجۈن (将军) تۇرغۇزىدۇ. ئىككى جاڭجۈن ئۈستىگە بىر زوڭدۇ (总督) توختاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق مەنسەپ ئايرىماسى بىلەن جەمئىي يىگىرمە بىر زوڭدۇلۇق زەمىن ۋە پۇقرا ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە خەلقى بولۇپ ھىسابلانىدۇ، دەيىلىدۇ. ئاندىن، ھەر بىر زوڭدۇ تۇرغۇزۇلغان زەمىننى بىر سەڭ (省شەڭ) دەپ ئاتايدۇ. ھازىرقى بۇ زامانىمىزدا، بىر خان ئامبانلىق زەمىنغا ئىككى نەپەر داتەييە (大太爷) تۇرغۇزۇلىدىغان بولدى. مۇشۇ ھىساب بويىچە بولغاندا، ھازىرقى ئۇلۇغ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىق تەۋەسىدە، ئىككى يۈز ئوتتۇز ئالتە خان ئامبانلىق زەمىن ۋە پۇقرا بار دەگەن سۆز. بىز بۇ تارىخ كىتابىمىزدا، لو پادىشاھ (پىشقەدەم پادىشاھ ) مۇھەممەد يەئقۇب بەگ ئاتالىق غازىينىڭ سەلتەنەت ۋە ھەشەمەتى ھەققىدە تەئرىپ – تەۋسىپلەر قىلىپ ئۆتتۇقكى، مەزكۇر ھىساب بويىچە قاراغاندا، جانابىي ئاتالىق غازىي ناھايىتى بىر خان ئامبانلىق زەمىنغا پادىشاھ بولغان بولىدۇ – شۇ. مانا بۇنىڭدىن، ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەتىنىڭ نەقەدەر كاتتا، دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ نەقەدەر زور ۋە بىپايان ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەمدى، ئۇلۇغ خاننىڭ ساپ نىيەت ۋە خالىس كۆڭۈللۈكىگە كەلسەك، ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىمىي زاماندىن تارتىپ، ئەبە – ئەجدادىدىن قالغان زەمىن ۋە پۇقرالارىنى باشقا پادىشاھنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋالىشىغا يول قويمايدۇ. باشقا پادىشاھلارنىڭ زەمىن – پۇقرالارىغا، ياكى ئۆزىنىڭ زەمىن تەۋەلىكىدەكى پۇقرالارنىڭ مال – مۈلۈك، خوتۇن – بالالارىغا نىيەتىنى بۇزۇپ، يامان كۆز بىلەن قارامايدۇ. ئۆزىنىڭ چوڭ مەنسەپدارلارى ۋە سودا – تىجارەتچىلەرى ئىچىدە، ھىيلە – مىكىر قىلىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان نائەھلى كاززاپلارنىڭ بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. قىلغان گەپىدە تۇرىدۇ.
كۆڭلى – كۆكسىنىڭ كەڭلىكى، مىجەزىنىڭ ئاغىر – باسىقلىقىنىڭ دەلىلى شۇكى، ئەگەر ئەتراپ – چۆرەلەرىدىكى پادىشاھلار ئەلچى – ۋاكالەتچىلەرىنى ھوزۇرىغا كىرگۈزۈپ قاتتىق – قۇرۇق، ئاچچىق – چۈچۈك گەپ – سۆزلەرنى قىلىپ كەتسەمۇ، ئاغىرلىق قىلىپ، كۆڭلىگە ئالمايدۇ. كەڭ قورساقلىق قىلىپ، مۇلايىم، يۇمشاق، شىرىن سۆزلەر بىلەن يولغا سالىدۇ. ھەر ئىشتا، سۈلھى – مادارا قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. خاھى چوڭ، خاھى كىچىك مەنسەپدارلارى بولسۇن، خاتالىق سادىر قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن مەنسەپىدىن ئايرىلىپ قالسا، "جەرىمانە قويدۇم، يارغۇ ئالدىم" دەپ ئۇلارنىڭ پۇل، مال – مۈلۈكىنى ئالىۋالمايدۇ. قايسى يول بىلەن بولماسۇن، ئۆزى توپلاغان پۇل – بايلىقىنى ئۆزىگە بەرىدۇ. مەنسەپنى ئالغاننى گويا جاننى ئالغان بىلەن باراۋەر كۆرىدۇ. ئۇششاق پۇقرالارى لى –(理)قائىدەدىن چىقماي، دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملەرىگە بويۇن سۇنۇپ بەرسەلا، نەمە ئىش قىلسا كارى يوق. قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانىش، قانداق تىرىكچىلىك قىلىش پۇقرانىڭ ئۆز ئىختىيارىدا بولىدۇ. "ھۈنەرانە" (ھۈنەر – كەسىپ ھەققى) دەپ پۇل ئالمايدۇ. لى –قائىدە بىلمەيدىغان ئادەملەر گۇناھ سادىر قىلىپ، "مەن لى – قائىدە بىلمەيتتىم. ئەپۇ قىلىڭ" دەسە، ماقۇل دەپ، ئەپۇ قىلىدۇ. " لى – قائىدە ئۆگرەنگىن ياكى بولماسا، بىزنىڭ دىينىمىزغا كىرگىن" دەپ زورلۇق – زومبۇلۇق ۋە ھەيۋە – تەئەددى قىلمايدۇ. ھەركىمنىڭ ئۆز تائىپەسىنىڭ دىين – مەزھەپىدە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەقىدە – ئىئتىقادىدا مەھكەم تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۈستىدەكى چوڭ مەنسەپدارلارغا ئەرز قىلماسالا، ھەرقانچە چوڭ ئىش بولۇپ كەتسەمۇ، گەپ قىلمايدۇ، كارى يوق. مۇبادا، يۇقىرىغا ئەرز قىلسا، ناھايىتى نازۇك ۋە ئىنچىكەلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، تەپتىش قىلىپ، راست – يالغانىنى ئەنىق ئايرىپ، ئادالەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممەسى ئۇلۇغ خاننىڭ ئەدلى–ئادالەتى شاراپەتىدىن بولىۋاتقان ئىشلاردۇركىم، خاقانى چىن ئەدلى – ئادالەت بىلەن قەھرى– سىياسەتنى ئۆز نورماسىدا، مۆئتىدىل دەرىجەدە ۋە دەل جايىدا يۈرگۈزۈپ ماڭغانلىقىنىڭ خاسىيەتى، نەتىجەسى ۋە تۈپەيلىدىن شۇنچەۋالا ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتى ۋە سەلتەنەتىگە ھەر قانداق زور شانۇ شەۋكەتلىك پادىشاھلارمۇ نىيەتىنى بۇزۇپ، لەشكەر تارتىپ كەلىپ چاقىلالمادى؛ دۆلەت–بەختىگە ۋە ھۆكۈمرانلىق تەختىگە ھىچقانداق زەرەر يەتكۈزەلمەدى. دەمەك، ھەرقانداق بىر خان، ھەرقانداق بىر پادىشاھ مۇشۇنداق ھەممە ۋاقىت ئەدلى –ئادالەت بىلەن قەھرى–سىياسەتنى ئۆز دەرىجە ئۆز نورماسىدا يۈرگۈزۈپ، پۇقراپەرۋەرلىكنى ھەممە ئىشنىڭ گۈلتاجى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇ ھەقىقىي پادىشاھ بولغان جالالەتلىك ئاللاھۇ تەئالا ئۆزىنىڭ كامالەتلىك قۇدرەتى بىلەن، ئۇنداق پادىشاھنى ھەمىشە ئۆز ھىمايەتىدە ساقلاپ، ئۇنىڭ دۈشمەنلەرىنى مەغلۇب قىلىپ بەرىدىغان گەپكەن.
يەنە شۇنداقلا، پۇقرالارنىڭ باي، كۈچلۈك بولۇشى، يۇرتنىڭ ئاۋات، مەمۇر بولۇشى، ھويلا – ئاراملارنىڭ كەڭ ۋە گۈزەل، ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ بەلەن ۋە ئوبدان بولۇشى، ھوسۇل–ھاسىلاتلارنىڭ مول ۋە بەرىكەتلىك بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممەسى ئەمەلىيەتتە، پادىشاھلارنىڭ ئەدلى – ئادالەت ۋە پۇقراپەرۋەرلىكنى يەتىك دەرىجەدە جارى قىلدۇرغانلىقنىڭ نەتىجەسىدىن ۋە خاسىيەتىدىن بولىدىكەن. ھەتتا ئەسكەر – لەشكەرلەرنىڭ باي ۋە كۈچلۈك بولۇشىمۇ، پۇقرالارنىڭ باي ۋە كۈچلۈك بولۇشىنى ئاساس قىلىدىكەن ۋە ئۇنىڭغا چەمبەرچەس باغلانغان بولىدىكەن. شۇڭلاشقا، بۇرۇن ئۆتكەن ھۆكۈما – پەيلاسوپلار: "دۆلەت – مەملىكەت دەگەن ئىقتىساد بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ؛ مال – مۈلۈك، ئىقتىساد دەگەن پۇقرا – رەئىيەسىز توپلانمايدۇ؛ پۇقرا – رەئىيە بولسا، ئادالەتلىك سىياسەت بولغاندا، ئاندىن روناق تاپىدۇ" دەگەنىكەن. بۇ دەگەنلىك پۇقرا–رەئىيە ئاساسنىڭ ئاساسى، ئەمما پۇقرا–رەئىيەنى روناق تاپقۇزىدىغان نەرسە ئادالەتلىك سىياسەتتۇر. ئادالەتلىك سىياسەت بولغاندالا، پۇقرا–رەئىيە ئاندىن روناق تاپىدۇ، گۈللەنىدۇ؛ پۇقرا – رەئىيە گۈللەنسە، روناق تاپسا، ئاندىن مال-دۇنيا، ئىقتىساد جۇغلانىدۇ، موللاشىدۇ. يەتەرلىك مال – دۇنيا، ئىقتىساد بولغاندالا، ئاندىن مەملىكەت، يۇرت، پادىشاھلىق گۈللەنگەن ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ، دەگەنلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە" (قاراڭ:يۇقىرىقى ئەسەر، 639-642-بەتلەر)
مۇلاھىزە:
بۇ يەردە، مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ بىر تارىخشۇناسلا ئەمەس، بەلكى يەنە دۆلەتشۇناسلىق، ھاكىمىيەتشۇناسلىق ئىلىملەرىدىنمۇ ئوبدانلا خەۋەردار بولغان بىر مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى ئىپادەلەگەندۇر.
ئالىم مۇسا سايرامىينىڭ قاراشىچە، بىر مىللەتنىڭ قورال كۈچى ئارقالىق باشقا بىر مىللەتنىڭ زەمىنىنى ئىشغال قىلىۋالىشى ۋە ئۇلار ئۈستىدىن مەلۇم مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلالاشى باشقا گەپ، ئەمما بىر مىللەتنىڭ ئۆزىدىن باشقا بىر مۇنچە مىللەت خەلقىنى ۋە ئۇلارنىڭ شۇنچە كەڭ زەمىنىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم ھالەتتە تۇتۇپ تۇرالاشى، باشقا مىللەت خەلقلەرىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا رازىي-رىزالىق بىلەن تۇرۇشقا ۋە ياشاشقا قايىل قىلالاشى بولسا، يەنە بىر باشقا گەپتۇر.
سايرامىي بوۋامىز بۇ يەردە، "لى –قائىدە بىلمەيدىغان ئادەملەر گۇناھ سادىر قىلىپ، <مەن لى – قائىدە بىلمەيتتىم. ئەپۇ قىلىڭ> دەسە، ماقۇل دەپ، ئەپۇ قىلىدۇ. < لى – قائىدە ئۆگرەنگىن ياكى بولماسا، بىزنىڭ دىينىمىزغا كىرگىن> دەپ زورلۇق – زومبۇلۇق ۋە ھەيۋە – تەئەددى قىلمايدۇ. ھەركىمنىڭ ئۆز تائىپەسىنىڭ دىين – مەزھەپىدە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەقىدە – ئىئتىقادىدا مەھكەم تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ" دەگەن ئىنساننى كۆڭۈل ئارامى مۇھىتى بىلەن تەمىن ئەتىدىغان دىموكراتىك تۈزۈم بىلەن پەرغانەدىن كەلگەن سەييىد-خوجاملار ھۆكۈمرانلىق قىلغان نەچچە يۈز يىل جەريانىداكى بىرسى كەلىپ: "ھەممىڭ ھەر قانداق چاغدا، باشىڭغا ئاق سەللە ئوراپ يۈرىسەن" دەسە، يەنە بىرسى كەلىپ: "ياق، ئاق سەللە ئەمەس، بۈگۈندىن بۇيانەت ئەمدى قارا سەللە ئورايسەن" دەپ زوتالىق قىلىشى، كوچا-كويلارغا "قازىي رەئىس" ئاتلىق مەخسۇس قولچوماقلارىنى توختاتىپ، باشىغا سەللە ئوراماي، تۇماق ياكى دوپپا كىيىپ يۈرگەن ئادەملەرنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تۇماق-دوپپالارىنى كەسىپ ۋە يىرتىپ تاشلاشلارى، "ناماز ۋاقتى بولغاندا مەسجىدكە كىرمەدىڭ" دەپ، مۆئمىن پۇقرالارنى خۇددى ئاغىلغا ھەيدەپ ماڭىلغان ئەشەكلەردەك ھەيدەپ-قوغلاپ يۈرۈشلەرى قاتارلىق زالىملىقلارنى قاراتمالىقى بولغان ھالدا سالىشتۇرما قىلغان ۋە ئاخىردا، "خاقانى چىن توغرا قىلغان" دەپ باھالاغاندۇر.
ئالىم سايرامىي ئاخىردا: "دۆلەت – مەملىكەت دەگەن ئىقتىساد بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ؛ مال – مۈلۈك، ئىقتىساد دەگەن پۇقرا – رەئىيەسىز توپلانمايدۇ؛ پۇقرا – رەئىيە بولسا، ئادالەتلىك سىياسەت بولغاندا، ئاندىن روناق تاپىدۇ" دەگەن دۆلەتشۇناسلىق ئاساسىي پرىنسىپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: " بۇ دەگەنلىك پۇقرا–رەئىيە ئاساسنىڭ ئاساسى، ئەمما پۇقرا–رەئىيەنى روناق تاپقۇزىدىغان نەرسە ئادالەتلىك سىياسەتتۇر. ئادالەتلىك سىياسەت بولغاندالا، پۇقرا–رەئىيە ئاندىن روناق تاپىدۇ، گۈللەنىدۇ؛ پۇقرا – رەئىيە گۈللەنسە، روناق تاپسا، ئاندىن مال-دۇنيا، ئىقتىساد جۇغلانىدۇ، موللاشىدۇ. يەتەرلىك مال – دۇنيا، ئىقتىساد بولغاندالا، ئاندىن مەملىكەت، يۇرت، پادىشاھلىق گۈللەنگەن ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ، دەگەنلىك بولىدۇ" دەپ يەشىم بەرگەن ۋە خاقانى چىننىڭ بۇ جەھەتتە توغرا ۋە ياخشى قىلغانلىقىنى خالىسلىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەندۇر.
ھەق-ناھەقنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ئادىل ھەل قىلىدىغانلىقى
"مەزكۇر تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشكە مەسئۇل بولغان گۇي دارىن (桂大人) مۇ ئاقسۇغا كەلدى. تۇز باجى ئالغان ئىشنىڭ راستلىقىنى پۇقرالاردىن سوراپ بىلدى. مەن كەمىنەنىمۇ چاقىرتىپ: <راست گەپ قىلىڭ> دەپ، گەپ سورادى. قاراسام، يالغان سۆزلەپ، ئۇنى راست قىلىپ كۆرسەتەلەشىمگە كۆزۈم يەتمەدى. شۇڭا، <راستلىق خالاسلىق> دەگەن ئۇيغۇر ئاتا سۆزىنىڭ تەلىماتى بويىچە، راست گەپ قىلىپ: <ھەر بىر ئۆيلۈكنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئىستىمال قىلىدىغان تۇزىنىڭ باجى ئۈچۈن، ھەر ئايدا بىر داچەن (大钱)دىن پۇل ئالىپ، ماڭا تاپشۇردى. تۇز باجى ئۈچۈن ئالىنغان بۇ پۇل بىر مىڭ ئالتە تەڭگە يەنە ئالتە پۇل بولغان چاغدا، < ئۇلۇغ خان بۇ ئەھۋالنى بىلىپ، قاتتىق كايىپتۇ > دەگەن خەۋەر ئاڭلانىپ، دەرھال توختاتىلدى. ئۇنىڭدىن كەيىن، تۇز باجى ئالىنمادى> دەپ مەئلۇم قىلدىم. تەكشۈرگۈچى خىتاي: <ئاشۇ پۇل ھازىر قولۇڭدا بارمۇ ؟> دەپ سورادى. جاۋاب بەرىپ: <بىر قىسمى بار، يەنە بىر قىسمىنى مەنىڭ ئۈستۈمدىكى دىۋان بەگى <كەيىن ئورنىنى تولدۇرۇپ قويىمىز> دەپ، ئۆتنە ئالىپ ئىشلەتتى. دەپتەرىمدە ئۇنىڭ خاتىرەسى، ئۆتنە بەرىلگەن يىل، ئاي، كۈنلەرىدىن تارتىپ، ھەممەسى بار> دەدىم. ئاندىن: <مەنىڭ ئۇشبۇ دەگەن سۆزلەرىمنىڭ ھەممەسى راست> دەپ تىلىمدىن خەت ئالدى.
بىراق، ئاقسۇدىكى چىنچەي ما دارىن(钦差马大人) مەنىڭ راست گەپ قىلغانلىقىمنى بىلىپ: < مەن ئىقرار بولماغىن دەسەم، نەمە ئۈچۈن ئىقرار بولدۇڭ> دەپ كايىپ، ئىككى جىڭلىق پالاق بىلەن مەنى سەكسەن تاياق ئۇردى. ئارقادىن، تۇرماغا سولاپ قويدى. مەنى تۇرماغا تاشلاپ، سەكسەن كۈن بولغاندا، ئۇلۇغ خاندىن: <تۇز باجى پۇلىنى تۇتقان موللامنى، ئاقسۇ ھاكىمى ئوشۇرنى، باينىڭ ھاكىمى قاسىم بەگنى، ئاقسۇ ھۆكۈمەت ئورداسىنىڭ دىۋانبەگى موللا ئوشۇرنى ئىلىغا ئالىپ چىقىپ، ئىلى جاڭجۈن (将军) بىلەن خان ئامبانلار تەخىمۇ ئىنچىكەلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەھقىقلەپ، نەتىجەسىنى ماڭا دوكلات قىلسۇن> دەپ يارلىق چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، پەرمان بويىچە، بىز تۆرتەيلەننى ئىلىغا ئالىپ باردى"(قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 630-بەت)
"شۇنداق قىلىپ، مەندىن ئالىدىغان ھىسابلارىنى ئالىپ، سوراقلارىنى سوراپ بولغاندىن كەيىن، تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجەسىنى، بەجىندىكى ئولۇغ خانغا تەپسىلىي مەئلۇم قىلىپ، مەخسۇس مەئلۇماتنامە ئەۋەتتى. ئۇلۇغ خاندىن: <بىلدىم. مەنىڭ ئۇششاق پۇقرالارىمغا ئۈستىدىكى مەنسەپدارلار زۇلۇم، ۋابال قىلىپتۇ. مەن ئۇلۇغ خان خەۋەر ئالالماپتىمەن. شۇڭا، مەزكۇر چىنچەي ما دارىننىڭ، ئاقسۇ ھاكىمىنىڭ، شۇنداقلا باي – سايرام ھاكىمى قاتارلىق ئاشۇ تۇز باجى زامانىدا ئەمەل تۇتقان مەنسەپدارلارنىڭ ھەممەسىنىڭ مەنسەپىنى ئالىپ تاشلادىم. ئۇلار ئەمدى، مەنسەپ ئىشلارىغا ئارالاشماسۇن. ئەنئەنىۋى قائىدە – قانۇنلارىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرسەم، ئەسلىدە مۇنداق گۇناھ سادىر قىلغان مەنسەپدارلارغا بەش مىڭ يوللۇق ئۇزاق يەرگە پالاپ، بوغۇپ ئۆلتۈرىدىغان جازا كەلىدىكەن. بىراق، مەن ئۇلۇغ خان بەجايىكى بىر ئەگىز، بەھەيۋەت تاغدۇرمەن. ئۇششاق پۇقرالارىم بولسا، بىر كىچىك دەرياغا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلارىنى ئەپۇ قىلدىم. ئەمدى، ھەر قايسىسى ئۆز يۇرتىغا كەتىپ، پۇقرادارچىلىقىنى قىلسۇن> دەپ يارلىق چۈشتى." (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 632-633-بەتلەر)
بۇ ھىكايەنى بايان قىلىپ بولغاندىن كەيىن سايرامىي خۇلاسەلاپ مۇنداق يازىدۇ:
"مانا بۇ ئۆز زامانىسىدا، ئاقسۇ ھۆكۈمەت ئورداسىدا كاتىپلىق خىزمەتىنى قىلغان مەزكۇر موللا ئاخۇندنىڭ ئۆز ئاغىزى بىلەن ئەيتىپ بەرگەن ھىكايەسى. مەن ئۇ چاغدا، ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغانىدىم. مەنمۇ ئەل قاتارى ئۈچ ئاي ئىچىدە، ئۈچ داچەن، يەنى ئالتە پۇل تۇز باجى پۇلى بەرگەن ئىدىم.
ئى، زامانە ئادەملەرىنىڭ ئالىيلەرى ۋە دەۋران ئاقىللارىنىڭ زىيالىيلەرى!
يۇقىرىدا بايان قىلغانلارىمىز ئۇلۇغ خاننىڭ ئەدلى – ئادالەتى ۋە پۇقراپەرۋەرلىكىدىن بىر ئۆرنەكتۇر. شۇ چاغدىكى يەتتە شەھەرنىڭ پۇل – مۇئامىلە ھىسابىدىكى بىر مىڭ ئالتە تەڭگە ئالتە پۇل دەگەن خىتاينىڭ دۆلەت پۇلى ھىسابىدا، ئاتمىش ئىككى يارىم سەر كۈمۈش، ئورۇسىيە پۇلى ھىسابىدا بولسا، بىر يۈز ئاتمىش سوم نەچچە تىيىن ئاقچا بولىدۇ. دەمەكچىكى، ئاران مۇشۇنچەلىك ئازغىنا پۇلنىڭ ھەق ياكى ناھەق ئالىنغانلىقى مەسىلەسىنى تەكشۈرۈپ ئانىقلاش ئۈچۈن، ئۇلۇغ خان ئىلىدىن خان ئامباننى بۇيرۇپ، خىراجەتىگە كەتىدىغان نەچچە مىڭ سەر كۈمۈشنى ئۆزىنىڭ خەزىنەسىدىن بەرگەننىڭ تاشايىنىدا، پارچە خىراجەت چىقىملەرى ئۈچۈن، يەنە نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش چىقىم قىلىپ، ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئالىپ بارغان. ئاخىردا: <مەنىڭ مەنسەپدارلارىم مەن ئۇلۇغ خاندىن يارلىق بولماغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇششاق پۇقرالارىمدىن ھەر ئايدا بىر داچەن، يەنى ئىككى پۇلدىن ئالۋاڭ ئالىپ ۋابال، جەۋر قىلىپتۇ ئەمەسمۇ؟!> دەپ، تەھقىقلەپ، راستىغا چىقىرىپ، چىنچەي ئامبان باشلىق ئۈچىنچى جەرەكەلىك مەنسەپ ماقامىغا يەتكەن ھاكىملارنى ۋە باشقا شۇ چاغدا ئەمەل تۇتقان چوڭ – كىچىك، خىتاي – ئۇيغۇر مەنسەپدارلارنى، تۇز باجى پۇلىنى ئالغان، تۇتقان يۈز باشىدىن تارتىپ، يەزا – كەنتلەرنىڭ ئاقساقاللارى، ھەتتا مەھەللە مەسجىدىنىڭ ئىمام، مۇئەززىنلەرىگىچە ھەممەسىنى جازالاپ، مەنسەپىدىن ئالىپ تاشلاغان. ئىككى داچەن، يەنى تۆرت پۇلنىڭ ھىسابىنى ئانىقلاش ئۈچۈن، نەچچە كۈن سوراق قىلىپ، تاكى راستى ئانىقلانماغىچە بولدى قىلماغانكى، مانا بۇ ئۇلۇغ خاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ھەق – ئادالەتىنىڭ نەقەدەر ئادىل دەرىجەدە بولغانلىقىنى دەلىللەيدىغان، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈنلەردە بولىۋاتقان ئىشلارنى ئاشۇ ئادالەتلىك چاغلار بىلەن سالىشتۇرۇپ، مەنسەپدارلارنى ئىنساپ قىلىپ، ئادالەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغان بىر ئىشتۇر.
ئاشۇ چاغدا، ئۇلۇغ خاننىڭ ئاڭلاغانى پۇقراغا ناھەق ھالدا بىر داچەن، يەنى ئىككى پۇل سالىق سالىنغانلىقى ھەققىدەكى خەۋەر بولسامۇ، ئۇ ئۆز خەزىنەسىدىن نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش سەرپ قىلىپ، تەكشۈرۈش ئالىپ بارىپ، پۇقرالارنىڭ زىممەسىگە چۈشكەن ئۇ ناھەقچىلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەجەپمۇ ياخشى قىلغانىكەن" (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 633-635-بەتلەر)
مۇلاھىزە:
مەنىڭچە، تارىخشۇناس مۇسا سايرامىينىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قايىللىق تۇيغۇسى بىلەن قىلغان يۇقىرىقى نەسىھەتلىك بايانلارى بىز ئەۋلادلارغا ياخشى دەرس ۋە ئىناۋەتلىك ساۋاق بولۇشى لازىم.
ئۆز خەلقىنى سۆيىدىغان بىر مىللەتپەرۋەر ئىنساننىڭ باشقا مىللەتنى ئاشكارا مەدھىيەلەشى، مەدھىيەلەگەندەمۇ بۇ قەدەر سەمىمىيەت ۋە بۇ قەدەر قايىللىق بىلەن مەدھىيەلەشى ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. مۇسا سايرامىي ئۆز مىللەتى بولغان ئۇيغۇرنى سۆيمەسە، ئۆز مىللەتى ئۇيغۇرنىڭمۇ قەد كۆتۈرۈپ روناقلىق بىر دۆلەت ساھىبى بولۇپ ياشاشى ئارزۇسىدا چىن يۈرەكى بىلەن كۆيمەسە ئىدى، ئۇ ھالدا، ئۆز ۋەتەنىنى مۇنقەرز قىلغان بىر مىللەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئالاھىدەلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە ئۇ قەدەر چوڭقۇر چۆكۈپ ئىزدەنمەگەن، تەتقىق قىلماغان بولاتتى ۋە ئاخىردا، ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنىڭ خۇلاسەسى شۇ قەدەر رەھىمسىز ۋە ئەجەللىك بولغان ئەھۋالدا، پاكىتلارنى ھىچ يوشۇرماغان ھالدا، راستى بىلەن ئوتتۇراغا قويالماغان بولاتتى.
"راستلىق خالاسلىق"- بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئاتا سۆزىدۇر. ئەمدى بۇ يەردە، ئۈمىد شۇكى، سايرامىي بوۋامىز ئۆز مىللەتى ئۇيغۇرنىڭ بەش يۈز يىللىق تارىخىنى بايان قىلغان چاغىدا، ئۆزىنىڭ دۈشمەنىنىڭمۇ توغرا قىلغانلارىنى ھىچ دۇدۇقلاماي، "توغرا قىلغانسەن!" دەيەلەگەنلىكى بىز ئۈچۈن، بىر ئۆرنەك ئىلمىي پوزىتسىيە، بىر ھىدايەتكار روھىي مىراس ۋە ئۈلگەلىك جاسارەت بولسا ئىكەن؛ ئاغىزىمىزنى ئاچساقلا ئۆزىمىزنى ھاياجان بىلەن داڭقلاپ ھارمايدىغان، رەقىب-قارشى تەرەپنى بولسا، يىگىرمە تۆرت سائەت توختاماي تىللاپ-قارغايدىغان، ئۆزگەمۇ، ئۆزگەگەمۇ خالىس كۆز بىلەن قاراپ، ئادىل باھالاشنى بىلمەيدىغان ئىللەتتىن خالاس تاپساق ئىكەن.
كىم بىلىر، بۇ بەلكى "تارىخى ھەمىدىي" ئاتلىق بۇ نادىر ئەسەرنى پۈتكەن سايرامىي بوۋامىزنىڭمۇ بىر مۇھىم ئارمانى بولسا كەرەك، دەپ ئوبزۇر قىلىمەن.
دەيدۇر "راستلىق خالاسلىق" ئۇيغۇر بوۋايلار،
تاڭ بىلەن تەڭ سايرايدۇر ئويغاق تورغايلار؛
ئەمەس مەڭگۈ ئۆزگەرمەس غالىب ۋە مەغلۇب،
ناسىر ئۆز ھەم ئۆزگەگە بىلگىن بولغانلار.
2020-يىل، 7-ئاپرىل، گۆلجۈك.