|
پەشنى قاققۇلۇقمۇ؟
ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق
مۇسۇلمان دۇنياسىداكى روۋۇكلۇق، قالاقلىق ۋە قاششاڭلىقتىن شىكايەت قىلىدىغان مۇسۇلمان ۋەيا غەيرى مۇسۇلماننىڭ سانى ئاز ئەمەس. تۈركلەر دۇنياسىداكى خىتتاي ۋە ئورۇس ۋەھىمەسىگە قاراتا ئىھتىيات ۋە ئالدىنى ئالىش قايغۇسىنىڭ شىددەتلەنىپ ئاشماقىنىڭ ئورناغا بۇ ئىككى يالماۋۇزنىڭ جەلپكارلىقىنىڭ ئاشىپ بارغانلىقى بولسا بۇ ئىككى يالماۋۇزنىڭ بىۋاسىتە ئىشغال ۋە ئىشكەنجەسىدە ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق، چەچەنىستان ۋە قىرىملىقلار ئۈچۈن بەكلا ئازاپلاندۇرغۇچى بىر رىئاللىقتۇر. ئەمما بۇ مىللەتلەر ئۇشبۇ ۋەھىمەدىن مەنپەئەتدار بولىۋاتقان «مەنى چاقماغان يىلان مىڭ يىل ياشاسۇن» سەپسەتەسىدە ياشاۋاتقان قانداش، دىنداش «دەۋلەت»لىك تۇغقانلارىنىڭ «يۈزسىز»لىكىدىن بەكلا مەيۈس... ئۇنداقتا بۇ سەۋەپلىك بىزلەر (شەرقىي تۈركىستانلىقلار،قىرىملىقلار) دىنىمىز ئىسلام ۋە مىللىي كىملىكىمىز بولغان تۈركلۈكتىن ۋاز كەچىمىزمۇ؟ ئەسلا! چۈنكى، خۇددى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقىدا تۇغۇلۇپ، بۇ تۇپراقتا چوڭ بولۇپ بۇ زىمىن ئۈچۈن قايغۇرماغان، بۇ زىمىن ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلار بىلەن بىر سەپتە بولماغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقالارى بولغاندەكلا، مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر دۇنياسىدامۇ مۇسۇلمانچىلىق ۋە تۈركچىلىك قايغۇسى بولماغان كىشى، گۇرۇھلار بار. ئۇلار ھەتتا بۇگۈن تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسى ئىرادەسىنى تەمسىل قىلىۋاتقان بولۇشلارى ھەم مۈمكىن. خۇددى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كەسكىن بىر شەكىلدە «شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ مەنپەئەتى ھەممەدىن ئەلا» دىيەلمەيدىغان ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋەكىل قىلىنغاندەكلا دىسەك ئارتۇق كەتمەس.... چۈنكى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار، مودەرن چاغدا زىمىن ئىگەسى سەرخىللارچە «شەرقىي تۈركىستان» نامى بىلەن ئىسىملەندۈرۈلگەن مانا مۇشۇ مۇبارەك تۇپراقنىڭ ئىگەسى بولۇپ قالغانلىقىمىز ۋە بۇ ئىگەدارچىلىقىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئۇنى مەشرۇ-قانۇنلۇق قىلىدىغان ئۆزگىچە تىل، كۈلتۈر، سەنئەت ۋە ئىتىقات سىستىمامىز، ئىكولگىيەمىز، پزىئولوگىيەمىز... تۈپەيلى قىرغىنغا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق كۈن، ئاي ۋە يىللاردا، كىملىكى، سالاھىيەتى ھەتتا ئاشكارا ئادرەسى ھەممەگە ئايان بولغان ئازغىنە مىللەت سەرخىللارى ئاچچىق رىئاللىق ھەقىقەتىنى كۆزدە تۇتۇپ مىللەت ئىستىقبالى ۋە ئىستىقلالى يولىداكى موھىم قاتماللىقلارنى،توسالغۇلارنى تەنقىت قىلىپ ئۇنى تۈزەشنىڭ موھىم ۋە ھەل قىلغۇچ تەۋسىيە، تەكلىپلەرىنى ئوتتۇراغا قويغاچ مۇختەمەل خەتەرلەرگە قاراتا بەلگىلەنىشى كەرەك بولغان تەدبىرلەرنى مۇناسىۋەتلىكلەرگە مەدەنى بىر شەكىلدە تەقدىم قىلغانىدا، مىللەت سورۇنىنىڭ تۆرىدە ئولتۇر(غۇزۇل)غانلار سوغۇققانلىق بىلەن مۇھاكەمە ۋە مۇنازىرە قىلىپ ئورتاق قارارلارنى ئالماق ئورناغا دەل تەتۈرىسىچە پوزىتسىيەدە يول تۇتۇشتى. ھەتتا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تىلىدا سۆزلە(يەلە)يدىغان، ياز(الاي)ىدىغان كۆپىنچەسى مەفھۇم، جىنسىيەتى، مىللىيەتى ۋە نامى شەرىپى نامەلۇم بولغان ھەرخىل تور «قەھرىمانلارى» ئالىجوقا سۆزلەپ دىئاسپورانىڭ كاللاسىنى قوچۇغانىدا قاراپ تۇرۇشتى ياكى تروللارى بىلەن بۇ نەجىسلارغا ھەمدەمدە بولۇشتى. يەنە بىر تۈركۈم يىلىكلەرىگە يەرلەشكەن جۇڭخۇاچىلىقتىن ئوزۇقلانغان شىنجاڭ كىملىكى ۋە زىھنىيەتىدەكى ئاشكارا «مائاشلىق»لار ئانا يۇرتىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئەركىن ئازادە زىكىر قىلالماي يۇمۇلاقلاپ، ھاماقەتلەرچە سۈپەتلەر بىلەن يا خوجايىنى خىتتاينى خۇشال قىلالماي، يا شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ كۆڭلىنى ئالالماي تۇڭگانسىمان بىر ھاۋانىڭ دىاسپورامىزدا تۇتۇقلۇق بىلەن ئەگىپ يۈرۈشىگە سەۋەپچى بولۇشتى. بۇ ھال دىاسپورادا بۆلۈنۈشنى تەخىمۇ روشەنلەشتۈردى. پەقەت بۇلارغا «سۇنۇلغان» ھەرخىل ماددىي ئىمكانىيەتلەر، سىياسى ۋە باشقا پۇرسەتلەر بىلەن مۇقىم ماكانلىق سورۇنلار تەق تۇرۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدە قىرغىندا ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، نەتىجە ئالىدىغان كۆپ تەرەپلىمەلىك ئىشلارنىڭ قىلىنىشىغا ئاكتىپ ھەيدەكچى بولالماغان بولسا، ۋەتەن سىرتىداكى مۇھاجىرلارنىڭ سەرسان سەرگەردان بولۇشىغا، ئاسسىمىلاتسىيە ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرنىمۇ ئالمادى. ھەتتا بۇ ھالنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارلارىنى تەقدىرلەشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا توسالغۇ بولۇشتىن داجىمايدىغانلىقىنى ھەم ئاشكارا كۆرسەتتى. ھەتتا، ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىن باشلاشتىن بۇرۇن شەكىللەندۈرگەن مخانىزما ۋە خادىملارى بىلەن 2016-يىلىدىن كەيىن باشلاغان كەڭ كۆلەملىك قىرغىن جەرىيانىداكى دىئاسپورا ئۇيغۇرلارى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن مىسلىسىز يۈكسەلگەن پەيتتەمۇ ئۇشبۇ قاتماللىقلارىدا چىڭ تۇرۇشتى، ئولتۇرغان ئورۇندۇقلارىغا جان جەھلى بىلەن چاپلاشتى. زۇلۇم ۋە قىرغىن ئۇچىغا چىققان، جاندىن جاق تويغان ھەرخىل سەرخىللار ۋەتەن مىللەت دەردىدە مەيدانغا چىققان كەيىنكى بەش يارىم يىلدا بۇ دەرنەك، تەشكىلاتلار ئۆزلەرىنى يەڭىلاش، خادىملارىنى ھەرخىللاشتۇرۇپ سەرخىللاشتۇرۇش پۇرسەتىنى بىر بىر قولدىن بەرىپ قويۇشتى. شەكىللەندۈرگەن مىخانىزماسىنىڭ ئىچىگە كىملىكى بىلەن نەتىجەسى نامايەن بولغان پەقەت مەنپەئەتلەرىگە«يات» بولغانلارنى قاتمادى، ياقىن يولاتمادى. ئەكسىچە ئۆزلەرىگە بەيئەت قىلماغان، ئوپقەتچىلىكتە «سەخى» ۋە «تەخسىكەش» بولماغانلارنى يەكلەش، چەكلەش، كۆرمەسكە سالىشتەك ھەرخىل سەۋىيەسىز قىلىقلارنى ئاشكارا ۋە بەنومۇس بىر شەكىلدە قىلىۋەردى. ھەتتا «قانداق قىلالايتىڭ» دەپ تۈركىيەدەك دەۋلەتلەردە قۇرغان سىياسى ۋە تىجارى مۇناسىۋەت تورلارى ئارقالىق ئۇلارغا «بېسىم» ۋە «تەھدىت» پەيدا قىلىشتى. بۇ ھال، دېلىغۇل بولۇپ تۇرغان ۋىجدانى تولۇق قايناماغان «ئىلىمان»لارنىڭ «سىڭگەن نانىمىزنى يەپ، دەۋرنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتەيلى» دەپ ۋەتەن مىللەت كۈرەشىدىن ئۆزىنى تارتىشىغا، ھەتتا خىتتاي تەرەپكە ئۆتۈپ «يۇمۇشاپ» كەتىشىگە سەۋەپچى بولغان بولسا،يەنە بىر تۈركۈم خىتتاي تىللىق ياكى نېيگاۋلىقلارنىڭ تامامەن بۇ ئىشلاردىن ئۇزاق بولۇپ خىتتاي شىركەتلەرىدە «خىتتاي تىلى» ۋە «خىتتاي كۈلتۈرىدە» جۇڭگولۇق بولۇپ جان باقىشىغا ھەتتا بەخىرامان ۋە راھەت ياشىشىغا سەۋەپچى بولدى. ھەتتا بۇلارنى مۇكاپاتلاغان خىتتاي ئۇلارنى ئائىلەسى بىلەن كۆرۈشتۈرگەننىڭ سىرتىدا باشقا «مىھرىبانلىق»لار بىلەنمۇ مۇكاپاتلاپ «بۆلگۈنچى»لەردىن ئۇزاق تۇرغاننىڭ نە قەدەر ياخشىلىقىنى تولۇق ھىس قىلدۇرغانلىقى ھەتتا مۇئەييەن ساندا ئۇيغۇرلار ئاراسىدا بۇنى مودا قىلغانلىقى ھەم مەلۇم. بۇ ھالنىڭ تەرەققىياتى، تۈركىيەدەك دەۋلەتلەردە ئوقۇۋاتقان، ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئىقتىسادىي ياردەمگە مۇھتاچ ياشلارنىڭ ناھەقچىلىق ۋە نامۇۋاپىقلىق ئالدىدا ئەركىن ۋە دادىل پىكىر قىلالمايدىغان، ياردەمدىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن «سىڭگەن ناننى يەيدىغان»، باشىنى يوپۇرۇپ ياشايدىغان ئەڭ ئەقەللىي «سورگۇلاما» كۈلتۈرىدىنمۇ ئۇزاق تۇرۇپ بەيئەت بىلەن كۈنىنى كۈن قىلىدىغان بىر ھالنى ئومۇملاشتۇرىۋاتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر. يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى ياشلارنىڭ خىتتاي ئەلچىخانەسى بىلەن ياقىن مۇناسىۋەتتە بولىۋاتقان دەللال، غالچىلار تەرەپىدىن «بۇلانغان»لىقى ھەم مەلۇم... قىزىقارلىقى بولسا،ئاغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈپەيلى تۈرك دەۋلەتى ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئالاھىدە گراژدانلىق ئىمتىيازلارىدىن ئۇشبۇ «خىتتايسىمان»لاشقان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلام بەھرلىنىۋاتىدۇ بۇ ھالنىڭ بىزگە ئوخشاش زىيالىيلارنى «تېرىكتۈرۈش» بىلەن بىرگە «زېرىكتۈرۈپ مەيۈسلەندۈرگەن»لىكى ھەم توغرادۇر. خىتتاينىڭ ۋە ئىچىمىزدەكى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا بىزنى يەكلەۋاتقان، چەكلەۋاتقان ھەتتا مەلۇم يەرلەرگە «چېقىۋاتقان» ھاماقەتلەرنىڭ ئاداققى مەقسەتىنىڭ «پەشىمىزنى قاقماقىمىز» ۋە «نەمە كارىم بار!»، «نەمە كۈننى كۆرسە كۆرۈشسۇنچۇ» دىگۈزۈش ئىكەنلىكى ھەم بىلىندى. ئۇنداقتا، بىز ھەقىقەتەن «پەشىمىزنى قاقامدۇق؟» ئەسلا!!! چۈنكى، بىز بۇنداق قىلالمايمىز ۋە قىلمايمىز. ۋەتەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان، خىتتاينىڭ لاگىر ۋە تۈرمەلەردە قىيىن قىستاقلاردا ئىڭراۋاتقان مىليونلار بىزلەردىن ئۈمىت كۈتۈپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلارىمىز، ئوقۇغۇچىلارىمىز، كەسپداش، غايەداش دوستلارىمىز بار. بەلكىم بىز ھىچ كۆرۈپ باقماغان، ئەمما بىزنى بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرىمىز ھەم بار... ئۇلارنىڭ ھەممەسى بىگۇناھ ئىدى. ھەتتا خىتتاينىڭ ھازىرقى يۈرۈرلۈكتەكى قانۇن نىزاملارىغا كۆرە ھەم بىگۇناھ ئىدى. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر گۇناھى، ۋەتەننىڭ ئىگەسى بولۇپ قالغانلىقى، خىتتاي بولۇپ قالماغانلىقىدۇر. رۇزى مەھشەردە ئۇلارغا يۈز كەلەلەش ئۈچۈن بولسامۇ پەشنى قاقمايمىز، قاقالمايمىز. شۇنداقلا دىئاسپوراداكى كۆپ سانلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە ۋىجدان-ئىمان ساھىبى يۇرت ئاقساقاللارى، بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر دەرنەك تەشكىلات رەھبەرلەرى بىزلەردىن «پەشىمىزنى قاقىشنى» ئەمەس مىللەتكە، ۋەتەنگە ئىگە چىقىپ ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى ياقلاپ مىللىي كۈرەشنىڭ ساغلام داۋام قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشىمىزنى كۈتمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن مانا مۇشۇلارنىڭ ئومۇمىي مىللەت نامى بولغان «ئۇيغۇر» بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپقىسمى ياشاۋاتقان ۋەتەن «شەرقىي تۈركىستان»نىڭ نامىنى ئىشلەتىپ قۇرۇلغان دەرنەك، تەشكىلاتلاردىن يوللۇق، راۋان ئىشلەشىنى كۈتۈش، تەلەپ قىلىش، خاتالىق سادىر قىلماسلىقى ئۈچۈن ئەسكەرتىش، نازارەت قىلىش بىز مىللەت ۋىجدانى ۋە غورۇرى زىيالىيلارنىڭ ھەققىدۇر. تەخىمۇ ياخشى بولۇشى ۋە مىللەتمىز، ۋەتەنىمىزنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئىشلەرنى قىلىشىغا ھەيدەكچى بولۇش، ياردەم قىلىش بولسا يەنىلا بىزنىڭ بۇرچىمىز. بۇ ئورگانلارداكى، قاتماللىقلارنى، قاششاقلىقلارنى، چىرىكلىكلەرنى تەنقىت قىلىش، تۈزەش تەۋسىيەسى، چارە تەدبىرلەرىنى ئىشلەپچىقارىشمۇ بىز زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيەتى دائىرەسىدەدۇر. شۇڭا ۋەتەن-مىللەت نامىدا ئىقتىسادىي كۈچ توپلاپ ھەرخىل سورۇنلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقانلار تەخىمۇ سەگەك بولۇشى، مىللەت سەرخىلى ھەرخىل زىيالىيلار بىلەن زىتلاشماي، ئۇلارنى بۆلمەي، يەكلەمەي، چەكلەمەي كەمتەرلىك ۋە كىچىك پىئېللىق بىلەن ئۇلارنىڭ بىلىمى، ھۈنەرى ۋە پەم-پاراسەتلەرى بىلەن ھەرخىل مۇناسىۋەت تورلارىنى مىللىي كۈرەش يولىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىشى كەرەك. ھاسىلى كەلام: «قول قولنى يۇيسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيار» مىسالى بىرلىك ۋە ئىش تەقسىماتى بىرلە تەخىمۇ كۈچلۈك ۋە ساغلام شەرقىي تۈركىستانلىق/ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى تەشكىل قىلىشىمىز كەرەك. 2022-يىلى 13-ئىيون ئەنقەرە |
|

