زىيالى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالى

زىيالى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالى

 

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

ئىزاھات: «زىيالى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالى» يازمامىز خىزمەت ۋە تۇرمۇشتاكى ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاماملانمايدىغانلىقى سەۋەپلىك قىسقا قىسقا بۆلۈملەر ھالىتىدە ئىلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

بىرىنجى بۆلۈم زىيالى

 تىلىمىزغا ئەرەپ تىلىدىن ئۆزلەشكەن زىيالىي سۆزى ۋەيا ئۇقۇمىغا خىتتايدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى[1]دە مۇنداق ئىزاھات بەرىلگەن:  ئى . بىرقەدەر يۇقىرى پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەر. مەسىلەن ، پەن - تېخنىكا خادىملرى ، ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرى ، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار ، مۇخبىرلار ۋە ئىنژېنېر قاتارلىقلار. مىسال:  سەن بىر زىيالىي تۇرۇپ ، ئوقۇمىغان ، نادان كىشىلەردەك گەپ قىلساڭ ئۆزۈڭگە ياراشمايدۇ.

يەنە ئوخشاش لۇغەتتە زىيالىيلىق سۆزى مۇنداق ئىزاھلانغان: ئى . زىيالىيلارغا خاس ئىش - ھەرىكەت ، زىيالىلارغا خاس مىجەز-خاراكتېر، خۇسۇسىيەت.

كۈنىمىز تۈركلەر دۇنياسىدا باشقا تۈركلەرگە نىسبەتەن ھەممە جەھەتتىن ئالغا كەتكەن تۈركىيە تۈركلەرى زىيالى سۆزى ئۈچۈن «ئايدىن» يەنى ئايدىڭ سۆزىنى جۇمھۇرىيەتنىڭ باشلانغۇچىدا قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن. تۈركىيە تۈرك تىلى جەمىيەتىنىڭ  (TDK) نوپۇزلۇق تۈركچە لۇغەتىدە ئايدىڭ (aydın) سۆزى شۇ شەكىلدە ئىزاھلانغان[2]: «كۈلتۈرلۈك، ئوقۇغان، قائىدەلىك، ئىلغار، تەرەققىي ئوي-پىكىرلىك كىشى، مۇنەۋۋەر، ئەنتەللەكتۈەل

كەيىنكى يىللاردا تۈركىيە تۈركچەسىدە توشاق ۋە نىسبەتەن تاكامۇل زىيالىي مەناسىنى بەرگۈزۈش مەقسەتى بىلەن غەرپ مەركەزچى نۇقتىنەزەردە «ئەنتەللەكتۈەل» سۆزىمۇ ئىشلەتىلمەكتە.

ئەنتەللەكتۈەل (Intellectual)[3]  سۆزى ئوكسفورد لۇغەتىدە شۇ شەكىلدە ئىزاھلانغان: «بىر كىشىنىڭ مەنتىقەلىق بىر شەكىلدە تەپەككۇر قىلىشى ۋە بىر نەرسەلەرنى ئىدراك قىلىش قابىلىيەتى بىلەن ئالاقەدار ۋەيا بۇلارنى قىلالايدىغان»؛ «ياخشى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئەستايىدىل ئويلاشىلغان ئىش پائالىيەتلەردىن ھۇزۇر ئالالايدىغان».

 غەرپ تىللارىدا زىيالى ئۈچۈن ئىشلەتىلىدىغان يەنە بىر موھىم سۆز ئىنتەلىژەنسىيە (intelligentsia) [4] بولۇپ ئوكسفورد لۇغەتىدە مۇنداق ئىزاھلانغان: «بىر دەۋلەتتە ياكى جەمىيەتتە ياخشى مائارىپ تەربىيەسى ئالغان،كۈلتۈر، سىياسەت، ئەدەبىيات قاتارلىقلارغا قىزىقىدىغان كىشى

بۇ يەردە دىققەتىمىزنى تارتقان بىر خۇسۇس ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا ئەيتاۋۇر سوتسىيالىستىك ئىدىئولوگىيە ۋەيا خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل پارچىلاپ ئاجىزلاشتۇرۇپ ئاقىبەتتە خىتتايسىز ياشايالمايدىغان ھەر جەھەتتىن باقىندا بىر ئېتنىك گۇرۇپپاغا ئايلاندۇرۇش  سىياسەتىنىڭ ئىھتىياجىدىن بولسا كەرەك دىنى بىلىملەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار زىيالى كاتىگورىيەسىدىن چىقارتىلغان. شۇڭا كۈندەلىك تىلدا پەننى-دىنى ئايىرىمى روشەنلەشتۈرۈلگەن. دىنى ساھە ئىزچىل خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن. زىيالىي دىندىن خالى تامەمەن سەكۈلەر كىملىك ۋە سالاھىيەتتە بولۇشى كۈتۈلگەن ۋە بۇ يۆنۈلۈشتە يەتەكلەنگەن. بۇ ھال ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەۋرىدەكى ئۇيغۇر جەمىيەتىدە خىتتاي دەۋلەتى تەرەپىدىن ئوتتۇراغا چىقارىلغان غايەت زور ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ئۆزگەرىشنىڭ تىل ۋە تەپەككۇرداكى بىر نامايەندەسىدۇركى،ئەڭ ئاز مىڭ يىللىق «زىيالىي» ۋە «زىيالىيلىق» ئەنئەنەمىزدە قۇرۇلما خاراكتىرلىق بۇرۇلۇش، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە تامامەن ئۈزۈلۈشنى ئوتتۇراغا چىقارغان. بۇ خۇسۇسنى ئالدىمىزداكى بۆلۈملەردە مۇھاكەمە قىلۇرمىز.

بۇ يەرگە قەدەر بولغان ئەنىقلامالاردىن سوڭرە شۇ روشەن بولدىكى، «زىيالى» سۈپەت ۋە سالاھىيەتكە مۇيەسسەر بولغان كىشى مۇئەييەن بىر مائارىپ سىستىماسىدا سىستىمالىق ئوقۇغان، قائىدە نىزاملارنى ياخشى بىلگەن؛ كىتابى مەلۇماتلار بىلەن يىللاردىن بەرى ھەتتا ئەسىرلەردىن بەرى بىرىككەن كۈلتۈرەل، پەلسەپەۋى، تەخنىكالىق جۇغلانمالاردىن خەۋەردار بولغان ۋەيا بولالايدىغان ئاساسقا ئىگە بولغان كىشىدۇركى، ئۇنىڭدا ئەتراپىنى ئايدىڭلاتىش، قىيىن-مۈشكۈللەرنى ئاسان قىلىش، ھەرتۈر مەسىلە-چاتاقلارنى ھەل قىلىش، ئاممانى يەتەكلەش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيەتى بولغان بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ھەرقانداق بىر جەمىيەتتە ئوقۇمۇشلۇقلار ئادەتتە ئۇشبۇ جەمىيەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق كۈچ شەكلىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. «زىيالىي» دەپ ئاتالغان كىشىلەردە ھاكىم بولغان مەنسۇبىيەت تۇيغۇسى تەرەپىدىن ئىدراك قىلدۇرىلىدىغان مەسئۇلىيەت، ئادا قىلىنغۇسى مەجۇرىيەتلەرىنى بىر بىر ئۇشبۇ كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ ئەسىگە سالىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ مەنسۇبىيەت تۇيغۇسى ھەرقانداق بىر جەمىيەت ئۈچۈن بەكلا موھىمدۇر. ئۇشبۇ ئوقۇمۇشلۇق كىشىنىڭ مەنسۇبىيەتىدە ئۇ كىشىنىڭ قانداق ۋەيا قايسى جەمىيەت/مىللەتنىڭ تەربىيەسىنى ئالغانلىقى ھەل قىلغۇچ بولىدۇ. بۇ يەردە مەشھۇر تۈرك جەمىيەتشۇناسى زىيا گۆكئالپنىڭ مۇنۇ سۆزى بۇ يەردە نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمىزنى تەخىمۇ ئاشكارالايدۇ: «كىشىنىڭ مەنسۇبىيەتى ئالغان تەربىيەسىگە/مائارىپىغا باغلىقتۇركى، ئۇ كىمنىڭ ۋەيا قايسى مىللەتنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلىۋىتەلەيدۇ.»[5]

زىيالى ئوقۇغان بىلگەنلەرى تۈپەيلى ئۆرنەك كىشىدۇركى، ھەققانىيەتنى، ئادالەتنى ياقلايدۇ. زالىملارغا قارشى ئاجىزلارنى قوللايدۇ. ئەسلا مەنپەئەتنىڭ ۋە كۈچلۈكنىڭ قۇلى ۋە قولى بولمايدۇ. خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بىر مۇھاپىز، ئىستىقبالى ۋە ئىستىقلالى ئۈچۈن بىر مەشئەل، يول باشلاغۇچى، سەركە... بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خۇسۇسلار زىيالىيلىقنىڭ ئەڭ موھىم سۈپەتلەرى ۋە ئۆلچەملەرىدۇر.

زىيالىيلار مىللەت، جەمىيەت ھاياتىدا دائىما ھەل قىلغۇچ رول ئويناغاندۇر. چۈنكى ئۇلار مىللەتىنىڭ ئۆتمۈشىنى، بۇگۈنىنى ئوبدان بىلگەندىن سىرت مىللەتى ۋە جەمىيەتى دۇچ كەلگەن ياكى دۇچ كەلىشى ئىھتىمال بولغان ھەرخىل خەتەرلەرنى بىلىدۇ ياكى ئالدىن كۆرەلەيدۇ. بۇ خەتەرلەرگە قاراتا ھەرخىل چارە تەدبىرلەرنىمۇ تۈزۈپ چىقالايدۇ. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك جەمىيەتىدە «بىلگە» نامى بىلەن بىلىنگەن بۇ ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ جەمىيەتتەكى ئورنى ناھايەتى يۇقارى ئىدى. جەمىيەتنى باشقۇرغۇچى ئاقىللار ۋەيا ئۇزاق كۆرەر بەگ خاقانلار دائىما ئۇلارنىڭ «بىلگە»سىگە مۇراجەئەت قىلۇر ئىدى. ئىسلامىيەتتىن كەيىنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەيا ئەلىشىر نەۋايى ئۆرنەكلەرىدىنمۇ بۇ كۈلتۈرنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى بىلىمىز. ئىستىلا ۋە ئىشغال دەۋرىدە ئىستىلاچىلارغا قارشى ئەڭ تەشكىللىك تىركەشىشنى ۋە قۇراللىق ھەرىكەتنى ئەسىرلەرچە داۋام قىلدۇرغان «غوجا»لارمۇ ئەمەلىيەتتە شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلارى ئىدى. مودەرن چاغداكى سىياسىي ھەرەكەتلەر ۋەيا مىللەت ئىستىقبالى ئۈچۈن جانىنى مالىنى پىدا قىلغان جەدىتچىلەر يەنىلا ئاشۇ ئوقۇمۇشلۇقلار يەنى بىلگەلەرىمىز، زىيالىيلارىمىز ئىدى. مەسىلەن ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام، مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئەلىخان تۆرە ساغۇنى....ھەتتا 2016-يىلىدىن كەيىنكى قىرغىندا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىزدىرەكسىز غايىپ بولغان راھىلە داۋۇت، پەرھات تۇرسۇن، كۈرەش تاھىر، خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تەيىپ، يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالادىن  ئۆرنەكىدەكى بىلگەلەرىمىز...

كۈنىمىزنىڭ تەرەققىي ياكى تەرەققىي قىلۋاتقان مىللەت، دەۋلەتلەرىدە زىيالىيلار، ئەنتەللەكتۈئەللەر ۋە ئىنتەلىژەنسىيە موھىم ۋە ھەل قىلغۇچ روللارنى ئويناماقتا. 

izahat

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟