|
ئوتۇنچى مەھمۇد ئاتا
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي 1. ئى، ئوتۇنچى مەھمۇد* ئاتا! شەنىڭگە ئەڭ مۇناسىپ ھەمدۇ سانا! چۈنكى، سەن ئاماننىساخان نەفسىينىڭ ئاتاسى، ئاماننىساخان بولسا، ئۇيغۇر مۇقام-كۈيلەرى ۋە تەكىستلەرىنىڭ رەتلەگۈچىسى، قوغداغۇچىسى، مۇقامشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇستازى ئەڭ كاتتاسى.
نەقەدەر شەرەپ ئاماننىساخانغا ئاتا بولماق، نەقەدەر ئامەت پىير ئۇستازغا دادا بولماق.
2
16-ئەسىر ئۇيغۇر يۇرتى ئاسمانى ئاپتاپ-قۇياشلىق، بىپايان زەمىن مۇنبەت، ئوخشايدۇ گۈرۈج- ئاشلىق.
دولان خەلقى ئەمگەكچان، ئىجادچان، خۇش تەبىئەت، ھەر ئىشىدا جىلۋىلەنەر بىر بىلىك، بىر مەئرىپەت.
ئەتىزلىقلاردا ياڭرايدۇ كۈندۈز تۈگەمەس ناخشا، پەنجىرەلەردىن تەشىپ چىقار ئاخشاملار مۇڭلۇق مۇزىكا.
ماڭالاغانلىكى ئادەم ئۇسسۇل ئوينايالايدۇ بىمالال، گەپ قىلالاغانلىكى ئىنسان ناخشا ئەيتالايدۇ ھەر ئامال.
تۇغۇلدى مۇشۇنداق گۈل مۇھىتتا ئاماننىسا، كۈلدى مەھمۇدنىڭ دىلى شادلىقتىن پەيز راسا.
"ئوقۇيمەن" دەدى قىز ئوقۇش ياشىغا يەتىپ يەتمەي، بىلگەنىنى يازاتتى ئۇ يەرگە، تامغا "قەغەز بەر" دەمەي.
"تەنبۇر ئالىپ بەرىڭ چالىمەن" دەدى كىچىكلا تۇرۇپ، تال ئوتۇننى تەمسىل قىلىپ، ئاڭا زەخمەك ئۇرۇپ.
شادىيانە بولدى كۆڭۈلدىن، يۈرەكتىن قوللادى خوپ، قىزىنىڭ قىزىقىشى رىغبەتىنى بايقاغان مەھمۇد.
قىزىنىڭ دەگەنىنى تەييار قىلدى ھايالسىز ئامال بار ئاتا، "ئۆگرەنىمەن" دەگەن پەرزەنتنى قوللاماسلىقنى بىلگەچ گۇناھ.
3 ئۆگرەندى ئۆزلۈكىدىن كەچە-كۈندۈز دەمەي ئاماننىسا، ئاشۇ يا كومپيوتەر، يا ئۈندىدار، ۋەيا يانفون يوق زاماندا.
"ئوقۇيمەن" دەپ نە ئىستانبۇل، نە بەيجىڭ ۋە نە پارىژغا كەتمەدى، نە باكلاۋىر، نە ماگىستىر، يا دوكتور ئۇنۋان شەپكەسىنى كەيمەدى.
ئۇنىڭ تاللاشى بولدى ئەنئەنىۋى ئائىلە مائارىپى، شۇنداق، قازانغانى ئەمەلدە يۈكسەك سەۋىيە بەلكى دۇنياۋى ئاشۇنداق.
مىھرىبان ئاتا ئوتۇنچى مەھمۇد ئىدى ئۆيدە يەتەكچىسى، نەۋائىي، فۇزۇلىي، زەلىلىي ئەسەرلەرى بولدى دەرسلىكى.
دولان خەلقى، دولان سەنئەتى ئىدى ھەيدەكچىسى ئەلبەتتە. ئۇيغۇر مۇقام كۈيلەرى، مەشرەپلەرى مەسلەكچىسى ئەمەلىيەتتە.
ئون ئۈچ ياشتا مەزمۇت شائىرە بولۇپ يەتىلدى نەفسىي، مۇقام پەنجگاھنى ئورۇنداپ پادىشاھنى ھەيران-ھەس ئەيلەدى*.
4.
زاكون شۇ: ئائىلە مائارىپى دۇنيادا مائارىپلارنىڭ ئاناسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگرەنىش ئوقۇش-بىلىشنىڭ ھوسۇل داداسى.
ئۇنۋىرسىتىتتا ئوقۇش شەرت ئەمەس مەئرىپەتلەنىشتە، ھەل يالاتىپ ئۇنۋان ئالىش چوقۇم ئەمەس مەدەنىيلەشىشتە.
ئەمەس قۇرۇق گەپ بۇ مەن دەۋالغان كاسامغا ئۇرۇپ، يا توقۇلغان چۆچەك ئەمەس بىر كىم چىققان توقۇپ.
ئەنە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تۇرۇپتۇ شاھىت، ئوتۇنچى مەھمۇد ئاتا بولالايدۇ ئاغدۇرۇلماس پاكىت.
شۇڭا دەيمىز: مەھمۇد ئاتا! سەن بىلەن پارلاق قەدىمىي دولان، سەن بىلەن غۇرۇرلۇق ھەر بىر ئاتا، ھەر بىر ئۇيغۇر ئوغلان.
مەھمۇد ئاتا! سەن ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىنىڭ سەركەردەسى، ئوتۇنچى دادا! سەن پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ نەمۇنەكەردەىسى.
سەن باش بولغان ئائىلە مائارىپى بۈگۈن ياڭى قىممەت بىلەن زاھىر، ئۆزلۈكىدىن ئۆگرەنىش بۈگۈنمۇ ئەلنى يەنە نەفىسىيلەرگە قىلۇر قادىر.
"كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار" دەيدۇركى مەڭگۈ ئەستلەيدۇر سەنى ئۇيغۇر، سەن باشلاغان ئۆگرەتىشمۇ، نەفىسىيدەك ئۆگرەنىشمۇ بىزگە مىراس ئۇدۇمدۇر.
5.
ھەممەلا ئادەم مەھمۇد كاشغەرىي بولۇپ كەتەلمەس ئەرتە يا ئۆگۈن، مەھمۇد ئوتۇنچىچەلىك بولالماغان ھىچ ئەركەك ئەمەس-مانا بۇ يەكۈن!
2017-يىل7-دىكابىر، كاشغارىيە. 2020-يىل 10-مارت، كالىفورنىيە.
ئىزاھاتلار: *ئوتۇنچى مەھمۇد: "ئاماننىساخان مەھمۇد ئاتلىق بىر ئوتانچىنىڭ قىزى ئەردى" (قاراڭ: ئىسمەتۇللاھ مۆئجىزىي: "تەۋارىخى مۇسىيقىييۇن"، قوليازما، 35-بەت، يۇقىرىدىن 3-4-قۇرلار. بىجىن مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى).
* "ئاماننىساخان تەنبۇرنى كەلتۈرۈپ، پەنجگاھ مۇقامىغا ئانداغ چالدىكى، سۇلتان ئابدۇررەشىد خان ھەيران قالدى"(ئالىندى: يۇقىرىقى قوليازما ئەسەر، 35-بەت، تۆۋەندىن 6-5-4- قۇرلار)
|
|

