|
"تارىخى ھەمىدىي" قانداق كىتاب؟
"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (2) در. دەريا تۈمەن
ئىككىنجى مەجلىس (ئولتۇرۇش): "تارىخى ھەمىدىي" قانداق كىتاب؟ ياقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخشۇناس ئالىمى مۇسا سايرامىي تەرەپىدىن 1908-يىلى يازىلغان "تارىخى ھەمىدىي" مىلادىيە 1764-يىلىدىن 1878-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن كاشغارىيە ئۇيغۇر-تۈرك دۆلەتىنىڭ دۇنياغا كەلىش، روناق تاپىش ۋە ئاخىرىدا يىمىرىلىش جەريانىنى بايان قىلىشنى ئاساسلىق مەزمۇن دائىرەسى قىلغان ئىناۋەتلىك تارىخ كىتابىدۇر. ئۇ مىلادىيە 1545-يىلى مىرزا ھەيدەر كوراگان كاشغەرىي تەرەپىدىن يازىلغان ۋە 16-17-ئەسىر ئۇيغۇر ياركەند خانلىقىنىڭ تارىخى يورۇتۇلغان "تارىخى رەشىدىي"دىن كەيىن، بىر تۈرك-ئۇيغۇر بىلىم ئادەمى تەرەپىدىن يازىلغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇپەسسەل تارىخىي خاتىرەسىدۇر. "تارىخى ھەمىدىي" پۈتكۈل ئۇيغۇر تىل-يازىق تارىخىدا، تارىخ ۋە تارىخشۇناسلىق ئىلمىنىڭ نەمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ رىئال ئەھمىيەتىنى ئىلىم-پەن نورماسىغا ئۇيغۇن پىچىمدە شەرھىيلەپ كۆرسەتكەن بىرىنجى ئەسەردۇر. مۇسا سايرامىي بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: "شەكسىزكى، تارىخ ئىلمى ئىنتايىن زۆرۈر بىر ئىلىم بولۇپ، ئۇ سەرخىل پەنلەر جۈملەسىگە كىرىدۇ. تارىخ ئىلمىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن مەلۇماتلىق بولۇش بىر ئىنسان ئۈچۈن تولامۇ مۇھىم ۋە لازىم ئىشتۇر. تارىخ ئىلمىنى بىلىدىغانلار كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇلۇغ، مۆھتەرەم سانالىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەجلىس ۋە ئولتۇرۇش سورۇنلارىدا بەكمۇ ئەتىۋارلانىدۇ. تارىخ ئىلمىنى بىلمەيدىغانلار، تارىختىن ساۋاتسىز كىشىلەر بولسا، باشقا جەھەتتە ھەر قانچە كامالەتكە يەتكەن بىلەنمۇ، تارىخ ئىلمىنى بىلمەگەنلىكى تۈپەيلىدىن، دانا ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئەتىۋارسىز سانالىدۇ، ھىچ نەرسەگە ئەرزىمەيدۇ. شۇنداق، تارىخ ئىلمىنى ئۆگرەنگەننىڭ، تارىخنى بىلگەننىڭ پايداسى تولا، مەنپەئەتى كۆپتۇر. چۈنكى، تارىخ كىتابلارى كىشىلەرگە بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلارنىڭ سىنىپ – تەبىقەلەرى، تەرجىمەھالى، ھايات سەرگۈزەشتەلەرى، خۇلق – ئەخلاقلارى، ئۆرپ – ئادەتلەرى، ئولتۇراقلاشىپ ياشاغان جاي – ماكانلارى، ئۇلار ئاۋات قىلغان زەمىن ۋە قۇرغان شەھەرلەرى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بىلدۈرىدۇ. ئەگەر تارىخ ئىلمى بولماسا ئىدى، ئۇ ھالدا، بۇرۇنقى زامان، ئۇزاق ئۆتمۈش ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلارنىڭ ئەھۋاللارىنى، ئالايلۇق، ھەزرەتى ئادەم سەفىيۇللاھ زامانىدىن تارتىپ، تاكى ھەزرەتى مۇھەممەد مۇستافا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمە زامانىغا قەدەر بولغان ئەھۋاللارنى؛ ھەتتا، شۇ زاماندىن تارتىپ بىزنىڭ بۈگۈنكى زامانىمىزغىچە ياشاپ ئۆتكەن پۈتكۈل پەيغەمبەر ئەلەيھسسالاملار، ئۇلۇغ ئەۋلىيالار، مۇجتەھىد ماشايىخ ئەزەملەر، بۈيۈك خاقانلار، مۆھتەرەم خان – پادىشاھلار، قەيسەر، كىسرا، فەغفۇرچىن، فىرئەۋن، نەمرۇد قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋاللارىنى؛ بۇلاردىن باشقا بارلىق ئەرەب ۋە غەيرى ئەرەبتىن بولغان مۇسۇلمان پادىشاھلار ۋە كاپىر زالىملارنىڭ دۇنيانىڭ ئىنتىزامى، ئىنسانلارنىڭ بەخت سائادەتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپەلەرى، كىشىلەرگە سالغان زۇلۇم ۋە يەتكۈزگەن زىيانلارى قاتارلىق ئەھۋاللارىنى بىزلەر بىلەلمەگەن بولاتتۇق. چۈنكى، بۇ خىل ئۆتمۈش ۋاقىئە ۋە ئەھۋاللارنى تارىخ كىتابلارى بولماسا، ھەرگىزمۇ بىلگەلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، تۈرلۈك تائىپە ۋە قەبىلەلەرگە تەۋە بولغان ئەرەب ۋە غەيرى ئەرەب زىيالىيلارى ھەر قايسى زامانلاردا، شۇ زامانلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى تەھقىق قىلىپ، تۈرلۈك تارىخ كىتابلارىنى تۈزۈپ ۋە يازىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلەرى قىسقا گەپنى سوزۇپ، ئۇزۇن قىلىپ يازغان بولسا، يەنە بەزىلەرى ئۆز قەۋم – مىللەتى ئاراسىدا، ئۆز يۇرت – ماكانلارىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋاقىئەلەرنى، ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەن پادىشاھلار ئەھۋاللارىنى قىسقاچە قىلىپ خاتىرىلەپ، ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلىپ يازىپتۇ." (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" (يەڭى تەرجىمە نۇسخا)، 34-35-بەتلەر، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2019-يىل 8-ئاي). روشەنكى، ساددا ۋە سەمىمىي كەلىمەلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن يۇقىرىقى بايان ئەمەلىيەتتە، تارىخ پەنى ۋە تارىخشۇناسلىق ئىلمى ھەققىگە بەرىلگەن تەبىر ۋە يەشىمدۇر. مەشھۇر تارىخ كىتابى "تارىخى رەشىدىي" پارس يازىقى بىلەن يازىلغان بولسا، "تارىخى ھەمىدىي" ئۇيغۇر يازىقى بىلەن يازىلغاندۇركى ، بۇ ئالاھىدەلىكى جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، ئۇ ئۇيغۇر مىللەتىنىڭ ياقىنقى زامان يازىق مەدەنىيەتىنىڭ شانلىق ئۆرنەكى ۋە ھازىرقى زامان يازىق مەدەنىيەتىنىڭ يەتەكچىسى بولۇش سالاھىيەتىگە ساھىب بىر گىگانت ئەسەردۇر. "تارىخى ھەمىدىي" ئەينى زامان تۈرك رۇم ئىمپراتورلۇقى ئىمپراتورى ئابدۇلھەمىد خاننىڭ نامىغا باغىشلاپ يازىلغان ۋە بۈيۈك تۈركلۈك نامايەن قىلىنغان نادىر ئەسەردۇر. بۇ ھەقتە ئالىم مۇسا سايرامىي مۇنداق بايان قىلىدۇ: "زامانى ئەۋۋەلدە، يەنى ھىجرىيە تارىخى بويىچە 952-يىلى (مىلادىيە 1545-يىل) باش قوماندان مىرزا ھەيدەر كوراگان ئىبنى مىرزا مۇھەممەد ھۈسەين كوراگان ئۆز زامانەسىدەكى ۋاقىئەلەرنى خاتىرەلەپ بىر تارىخ كىتابى پۈتۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى شۇ دەۋردىكى سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى ئابدۇررەشىدخان ئىبنى سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ، "تارىخى رەشىدىي" دەگەن ئىكەن. شۇڭلاشقا، مەنمۇ يازغان تارىخ كىتابىمنىڭ ئىسمىنى بۇ زامانەمىزدەكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدە پۇشتى پاناھ بولۇپ تۇرغان، بۈيۈك ئوسمانلىيلار دۆلەتىنىڭ خەلىپەسى، رويىزەمىندەكى سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى، شاراپەتلىك ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى ئابدۇلھەمىدخان ئىبنى ئابدۇلمەجىدخاننىڭ نامىغا باغىشلاپ، <تارىخى ھەمىدىي> دەپ ئاتادىم. ئەمدى، مەن مۇبارەك نەسەبىنى تەكرار-تەكرار تىلغا ئالغان خاقانلارنىڭ خاقانى ئابدۇلھەمىدخان ئىبنى ئابدۇلمەجىدخان بۈيۈك ئوسمانلىيلار دۆلەتىنىڭ خەلىپەسى بولغان زاماندا، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە خەلقى مەزكۇر خەلىپەنىڭ ئەمر-ئىتائەتىدە بولۇش شەرەپىگە ئىگە بولغان؛ پۈتكۈل پۇقرالار ۋە زەمىن ئوسمانلىي دۆلەتىنىڭ پۇقرا ۋە زەمىنى قاتارىغان ئالىنغان ئىدىكى، بۇ- ئۇ دۇنيا-بۇدۇنيا ئىپتىخارلانىشقا ۋە شەرەپ بىلىشكە تەگىشلىك ئىشتۇر. بۇ ھەقتە، <كىمكى ئۆز زامانەسىنىڭ پادشاھىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۆلۈكىمۇ جاھالەتكە مەھكۇم نادان مەيىت بولۇپ كەتىدۇ> دەگەن ھەدىس باردۇر. دەمەك، ھەر قانداق ئىنسان، پۈتكۈل پۇقرالار ۋە بارلىق جامائەت ئۈچۈن ئەيتقاندا، ئۆز زامانەسىنىڭ پادشاھلارىنى ئوبدان تونۇپ، ياخشى بىلىش ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق مۇھىم ئىشنى باسىپ چۈشۈدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشتۇركى، بۇ خىل بىلىك ھەتتا بەندەلەرنىڭ ئاخىرەت ئازابىدىن نىجاتلىق تاپىشىغامۇ تۈرتكە بولىدۇ. مەن مۇشۇ چۈشەنچەنىڭ ھەقىقەتلىكىگە چىن ئىخلاسىم بىلەن ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇ كىتابقا <تارىخى ھەمىدىي> (يەنى ئابدۇلھەمىدخان تارىخى) دەپ ئات قويدۇم. يەنە بىرى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە خەلقىنىڭ بۈيۈك ئوسمانىيلار دۆلەتىنىڭ خەلىپەسى، رويىزەمىنىدەكى خاقانلارنىڭ خاقانى، شاراپەتلىك ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى ئابدۇلھەمىدخان ئىبنى ئابدۇلمەجىدخان ( ئاللاھ ئۇنىڭ دۆلەتىنى ۋە نۇسرەتىنى قىيامەتكىچە داۋام قىلىپ بەرگەي ) غا بەيئەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىتائەتىدە بولۇشقا مۇشەررەپ بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ تارىخ زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بىسەرەمجانلىق ۋە پاراكەندەچىلىكنىڭ دەردىدىن كىشىلەرنىڭ ئەسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كەتمەسۇن، بەلكى جاھان سەھىپەسىگە يايىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئوچۇق بىلىدىغان ئىش بولۇپ قالسۇن دەگەن مەقسەت ۋە مۇددىئا بىلەن بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى «تارىخى ھەمىدىي» دەپ ئاتادىم. " (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" (يەڭى تەرجىمە نۇسخا)، 36-37-38-بەتلەر، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2019-يىل 8-ئاي). يۇقىرىقى مەغىزلىق باياندىن كۆرۈۋېلىش تەرس ئەمەسكى، "تارىخى ھەمىدىي" مەھمۇد كاشغەرىي يازغان "دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك" مەيدانغا كەلگەن ۋە ئۆز زامانەسىدە تۈركلۈكنىڭ مەركەزى بولغان خاقانىيە ئۆلكەسىنىڭ زاكا ساھىبلەرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ئەبەتكە مەھەللەۋاز ئەمەس، بەلكى بۈيۈك تۈركلۈك مەپكۇرەسىنى ۋە ئىرادەسىنى ئالغا سۈرگۈچى يۈكسەك كۈلتۈرلۈك (ئۇيغار) مىللەت ئىكەنلىكىنى ئاساسلايدىغان ۋەزنىلىك ھۆججەتتۇر. "تارىخى ھەمىدىي" ئەمەلىيەتتە، ئەرەب يازىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر-تۈرك ئون بىرىنجى ئەسىر تىل مەدەنىيەتىنىڭ نامايەندەسى بولغان " دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك " (تۈركىي تىللار دىۋانى) باش مەنبەلىكىدەكى ئۇيغۇر تىل-يازىق قائىدەسىنى ئۆز زامانەسى ئۆزگەچىلىكلەرى بىلەن مۇكەممەل شەرھىيلەپ كۆرسەتكەن نادىر ئوقۇشلۇق ئەسەردۇر. ئۇنىڭدا، مول ئەمەلىي مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئىملا قائىدەسى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە قوللىنىلىۋاتقان يازىق ئىملايىمىز ئۈچۈن ئۆرنەك ۋە ئەينەكتۇر. "تارىخى ھەمىدىي" ئۇيغۇر ياقىنقى زامان ئەدەبىي يازىقچىلىقىنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغان بىباھا ئۈلگە ئەسەردۇر. مەزكۇر ژىرىك ئەسەر بىر دىباچە (ئاپتورنىڭ سۆزى)، ئالتە بابلىق بىر مۇقەددىمە، ئوتتۇز ئالتە بابلىق ئىككى داستان ۋە بىر خاتىمەدىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئەسەرنىڭ يازىش ئۇسلۇبى شۇ قەدەر ئەلا دەرىجەدە ئىكەنكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يازىقچىلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ بايان خاراكتىرلىق ئەسەر يازىشتا، ئۆگرەنىش، تەقلىت ۋە ئۈلگە قىلىش قىممەتىگە ساھىبتۇر. ئالايلۇق، كىتابنىڭ ئىككىنجى داستان قارماقىداكى تۆرتۈنجى ۋە ۋە بەشىنجى بابلار مۇنداق بەرىلگەن: تۆرتۈنجى باب جانابىي بەدۆلەت ئاتالىق غازىينىڭ خوتەن ئۇرۇشىغا ئاتلانىشى، شەھەر ئالىش، دۆلەت باشقۇرۇشتاكى تەدبىرچانلىقى؛ ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنىپ، تامامەن يوقالىشى؛ ئاتالىق غازىينىڭ خوتەن زەمىنىنى تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈپ، مۇراد – مەقسەتىگە يەتىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان بەشىنجى باب موللا ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخى ھەققىدە قىسقاچە بايان مەلۇمكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىلمىي ئەسەر يازىقچىلىقىدا ئادەت بولۇپ كەلىۋاتقان ئۇسلۇب بويىچە ئەيتقاندا، ئەسەر ۋە ماقالەلەرنىڭ ماۋزۇسى قىسقا، ئەمما، ماۋزۇنىڭ ئاستىغا ھالقالىق سۆزلەر ۋە ماقالەلەرنىڭ قىسقاچە مەزمۇنى ئايرىم-ئايرىم ئۈچ بۆلەك قىلىپ بەرىلىدۇ. ئەمدى، بۇ مىسالغا قارىساق، باب ماۋزۇسى ئۇزۇن تۆرت جۈملىلىك بىر ئابزاس بىلەن بەرىلگەنكى، زىھىن سالىپ قارايدىغان بولساق، بۇ بىزگە يەڭى بىر بىلىك بەرىدۇ. ئۇ بولسامۇ، باب ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىدىنلا، مەزكۇر بابتا بايان قىلىنىدىغان مەزمۇن ھالقاسى، مەزمۇن تۈرى ۋە مەزمۇن دائىرەسىنىڭ ئوپ- ئوچۇق ۋە تولۇق بولۇشىدۇر. بۇ- "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ خاس ئەدەبىي يازىقچىلىق ئىلمى بويىچە ئارتۇقچۇلۇقى بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسەر مەزمۇن ھالقاسى، پىرسۇناژلار ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلەرىنى قوغلاشىپ ئوقۇش ئىستەكىنى قوزغايدۇ ۋە كىتابخاننى زەرىكىش ھىس قىلدۇرمايدۇ، ئەكسىنچە، ئەسەرنىڭ كەيىنكى بابلارىغا تەخىمۇ قىزىقتۇرىدۇ. ئەمدى، تۆرتۈنجى بابتا بايان قىلىنىپ بولغان ھەبىبۇللاھ ھاجى پادشاھ ھىكايەسىنىڭ تاپان باسىپ، ئايرىم بىر باب قىلىپ يازىلىشى بولسا، ئاپتورنىڭ ئۆز ۋەتەنىدىن چىققان ۋە تولىمۇ كەڭ زەمىنگە ساھىب بولغان خوتەن دىيارىدا، ئۆز ئالاھىدەلىكى بىلەن، ئۆزگىچە بىر تارىخ ياراتقان ھۆكۈمران ھەبىبۇللاھ خانغا ئالاھىدە ئەتىۋار كۆز بىلەن قارىغانلىقىنى، ئۇنى قوشۇمچە بىر مەھسۇلات ھىسابلاماي، خاسلىققا ساھىب تارىخىي ھاسىلات بىلىپ، خاس بىر كۆزنەكتە ئايرىم بايان قىلىنىش قىممىتى بار دەپ ھىسابلاغانلىقىنى دەللىلەيدۇ. شاھ ئەسەر "تارىخى ھەمىدى"دەكى مۇنداق ھەم ئەتنىك قىممەت، ھەم ئىستەتىك زىھنىيەتكە تالىق ئۆزگەچىلىكلەر ھەققىدە، ئەسىرىمىزنىڭ كەيىنكى مەجلىسلەرىدە ئاچىلىپ-يايىلىپ، توختالىمىز تەخى! ئۇندىن باشقا، مۇكەممەل بىر تارىخ كىتابى بولۇش سالاھىيەتىگە يارىشا، "تارىخى ھەمىدىي"دە ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش، ھۆكۈمرانلىق قىلىش، تۈرلۈك دەرىجەدەكى ھاكىمىيەت ئورگانلارىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇلارنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇش قاتارلىق ھاكىمىيەتشۇناسلىققا ئائىت مەسىلەلەر ئالاھىدە ئەتىۋار بىلەن نىسبەتەن تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن. پۇقراپەرۋەرلىك ھۆكۈمرانلار ئۈچۈن ئەيتقاندا تولامۇ مۇھىم ھالقادۇركى، ئۇ يالغۇز ئاغىزدەكى قۇرۇق دەستەك ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەكى يۈرۈتمە نورماسى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ھاكىمىيەتى ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمران ھاكىمىيەت باشىغا چىقىۋالغۇچە خەلقپەرۋەرلىك، پۇقرا سۆيگۈسى ھەققىدە بولۇشىغا لاپ ئاتىپ، ھاكىمىيەت باشىغا چىقۋالغاندىن كەيىن، پۇقرالارغا زۇلۇم سالسا، خەلقنىڭ ئاھ-زارىغا قۇلاق تۇتماسا، بۇ ھالدا، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتى ئۇزاق دەۋر سۈرەلمەيدۇ، ئاسان غولاپ چۈشىدۇ. "تارىخى ھەمىدىي"دە، ھاكىمىيەت بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋەتى مەسىلىسىمۇ ئۆ نۆۋەتىدە، ئىنچكە ئايرىنتىلار بىلەن بايان قىلىنغان. ھەر بىر باب ئاخىرلاشقاندا، پۇقرالارغا قارىتىلغان ۋەز-نەسىھەت تەرىقەسىدەكى بايانلار ۋە ئۇ بايانلاردىكى پەلسەپەۋىي پىكىرلەر ئوقۇغۇچىنى تەستىق بىلەن باش لىڭشىتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مەجلىس ئۆتە ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئىشتىراكچىلار ئەسنەپ-مۈگەدەپ قالىدۇ، دەيىلىدۇ. شۇڭا، بۇ تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزە ئەسەرىمىزنىڭ مەزكۇر مەزمۇن بۆلۈمچەسىنى خۇلاسەلەسەك، مۇسا سايرامىي يازغان مەزكۇر "تارىخى ھەمىدىي" ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر تارىخچىلىقى ئىلمىنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن ۋايىغا يەتكۈزگەن تىپىك بىر تارىخ كىتابىدۇر ، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئۇ ئۇيغۇر تىل-يازىقى بىلەن يازىلغانلىقى شاراپەتى بىلەن، ئۇيغۇر تىلشۇناشلىق بىلىملەرى، ئەدەبىي يازىقچىلىق بىلىكلەرى قاتارلىقلار ئۆز دەۋر خاسلىقى بىلەن مۇكەممەل بايان قىلىنغان تىل-يازىق مەدەنىيەتى شەرھنامەسى؛ ئۇيغۇر ۋەتەنىدە ھاكىميەت يۈرگۈزۈپ، جاھان سوراپ ئۆتكەن ئەجداد پادشاھ-ھۆكۈمرانلار خالىس ۋە لىللاھ كۆز بىلەن قاراپ باھالانغان دۆلەت تەزكىرەسى؛ زۆرۈر ئىنسانىي تۇرمۇش ساۋاقلارى بولسا، ئۇيغۇر ئەجدادلاردىن ئۇدۇم دۇنياغا قاراش، دۇنيانى تونۇش، ئەمەلىي ھايات كەچۈرۈش چۈشەنچەلەرى ئاساسىدىكى مول ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، سەمىمىي ۋە ئىلمىي بىر تەرزدە شەرھلەنگەن كۆپ قىرلىق قامۇس ئەسەردۇر.
ئاقلاماقچى بولسا كىم ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدىنى، ئوقۇپ چىققاي شاھ ئەسەر "تارىخى ھەمىدىي"نى.
2019-يىل، 25-ئۆكتەبىر، گۆلجۈك. |
|

