كاشغەرىي قەبرىسىنىڭ ئىككىنجى ياپۇقى

ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى

(چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 

ئالتىنجى باب

 

كاشغەرىي قەبرىسىنىڭ ئىككىنجى ياپۇقى

 

مىلادىيە ئىككى مىڭ سەككىزىنجى يىل،

تارىخى ئۇيغۇردا زەپ شاراپەتلىك يىل.

يۇنەسكودىن  ئالەمگە جاكارلاپ دەدى:

«كاشغەرىي يىلى بۇ ئاڭلا، ھەي دۇنيا بىل»!

 

شۇ ئاندا ھەممەدىن ھاياجانلاندۇق بىز،

مەمنۇنلۇقتىن گوياكى قاناتلاندۇق بىز.

ياز تەئتىلى ئىيۇل ئوپالدا بولدۇق جەم ،

بەيجىڭدىن كەلگەن قىرىق ئۇيغۇر ئوغۇل-قىز!

 

قولىمىزدا دەستە-دەستە ئەتىر گۈللەر،

يۈرەكىمىز ھاياجاندىن دۈپۈلدەيتتى.

بوۋامىز قەبرىگە ياپقان چەچەكتىن،

خۇشپۇراق بەرق ئۇرۇپ گۈپۈلدەيتتى.

 

سىيلىدۇق بوۋامىز ياتقان ئەزىز قەبرىنى،

يۈرەكىمىزدىن چىققان ساپ مىھىر بىلەن.

سۆيدۇق ئىسمى يازىلغان مەخمەل يوپۇققا.

ئۇ تۇيغۇنى يازىپ بولماس تەسۋىر بىلەن.

 

ئىپتىخارلىق پەيزىنى سۈردۇق شۇ كۈنى،

كاشغەرلىك مەھمۇدنىڭ قەبرىگاھىدا،

ھىس قىلدۇق بۇرچىمىزنى شەرەپ ھەم ئاغىر،

ئىلىم-پەننىڭ رىقابەت مەنزىلگاھىدا.

2009-يىل 1-سنتەبىر. كاشغەر، ئوپال.

("كاشغارىيە سەلكىنلەرى"، 49-بەت. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل، ئىستانبۇل)

 

دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇناسىبەتى بىلەن ئوپالدا ئالىپ بارغان مەزكۇر خاس زىيارەت جەريانىدا، قەبرىگاھ خىزمەتچىلەرى بىلەن سىرداشتۇق ۋە ئىلمىي سۆھبەتتە بولدۇق، سۆھبەت ئاراسىدا، مەن ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنىڭ ياپۇقىنى ياڭىلاپ ئالماشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيەتى ھەققىدەكى پىكىر-تەلەپنى تولامۇ ئورۇنلۇق كۆردۈم. چۈنكى، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنىڭ شۇ تاپتىكى ياپۇقى 1985-يىلى، قەبرىگاھ رىمونت قىلىنغان چاغدا ياپىلغانىكەن. يىگىرمە ئۈچ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ يوپۇق خەلىلا كونىراپ كەتكەن، ياپۇق چۆرەسىدىكى زىقزىقلار يىرتىلىپ، تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياپۇقنىڭ باش تەرەپىگە يازىلغان «مەھمود قەشقىرى» دەگەن ئىسىممۇ ئىملاسىزلىقتىن جەزمەن توغرالاشنى تەلەپ قىلىپلا تۇراتتى.

شۇڭا، مەن مۇناسىبەتلىك ئورگانلارنىڭ مەسلىھەتى ۋە ئىزىن-ئىجازەتى بىلەن ياڭى ياپۇق ھازىرلاش ۋەزىپەسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. ئادەتتە، ھەر قانداق بىر ئەھمىيەتلىك ئىش پىداكارلىق بىلەن بەل باغلاپ ئوتتۇراغا چىقماسلىقتىن ۋە باشلاپ قول تەۋرەتىپ قىلماسلىقتىن، روياپقا چىقماي قالىدۇ. ئەگەر سەن بىر ئىشنى "مۇنداق قىلايلى" دەپ مەيدەڭنى كەرىپ ئوتتۇراغا چىقتىڭمۇ، شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە گويا. ئۇ ئىشنى تولۇقى بىلەن بەجىرىش بولسا، ھەرگىزمۇ ساڭالا تاشلانىپ قالمايدۇ. شۇنداق، ياپۇق ھازىرلاش ۋەزىپەسىنى رەسمىيەتلىك ھالدا، مەن ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم-يۇ، ئورۇنلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەشقەرلىك تونۇش-بىلىش قارىنداشلار قولمۇ قول ئىشلەپ بەجا كەلتۈرگەن بولدى.

ئالدى بىلەن،  رەھبەرلەردىن توققۇزاق ناھىيەلىك رادىئو-تەلىۋىزىيە ئىدارەسىنىڭ پارتكوم سەكرىتارى سابىرجان قادىرنى ناھىيەلىك قەدىمىي ئاسار-ئەتىقەلەرنى باشقۇرۇش باشقارماسىنىڭ باشلىقى ۋارىسجان رەھىم بىلەن بىللە ئىزدەپ، ئىشخاناسىدا كۆرۈشتۇق. 25-ئىيۇل مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش پائالىيەتىمىز خاتىرەلەپ ئالىنغان  فىلمدىن ئىككى دىسكا تەقدىم قىلدۇق. سابىرجان ئەپەندى "دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارەتى" ماۋزۇلۇق بۇ ئون بەش مىنۇتلۇق فىلمنى ئىشتىياق بىلەن كۆردى.

-قاپتەك يۈرەكىڭلار بار ئەزىمەتلەركەنسىلەر،- دەدى ئۇ فىلمنى كۆرۈپ بولۇپ،- بىراق، ھەممەمىزنىڭ پۇخاسىنى چىقارغۇدەك ئەسىل، ئۇنۇتۇلغۇسىز ۋە تولامۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلدىڭلار بۇ پائالىيەتنى، شەرەپلەر بولسۇن سىلەرگە!

بىز مەمنۇنىيەت بىلەن، باشلىق قارىنداشىمىزنىڭ پائالىيەتىمىز ئۈچۈن بىلدۈرگەن ياخشى باھاسىغا تەشەككۇر ئەيتتۇق.

 -بولىدۇ،- دەدى ئۇ ئاخىردا،- ياپۇقنى ياڭىلاش ھەقىقەتەن زۆرۈر ئىش ئىدى. بۇنى سىلەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىپ بەرسەڭلەر تەخىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە قايىل قىلارلىق ئىش بولىدۇكى، بۇنىڭغا ياشىل چىراغ ياقىپ بەرىش مەن ئۈچۈن شەرەپ!

شۇنداق قىلىپ، 7-ئاۋغۇست پەنجشەنبە كۈنى، ئوپالغا بارىپ، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىنى شۇ يىللىق ئىككىنجى قاتىم زىيارەت قىلىپ، قەبرىنى مەتىرلاپ-ئۆلچەپ، ياڭى ياپۇق ھازىرلاشقا تۇتۇندۇق.

ئارقادىن، قەشقەردىكى تىجارەتچى ۋە تىكىمچى بۇرادەرلەرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر ھاجى چۆيۈن قاتارلىقلارنىڭ خالىسانە ياردەمى بىلەن، ياشىل دۇخاۋادىن ياڭى يوپۇق ھازىرلادۇق.

2008-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، نامازى پەشىندىن كەيىن، ئاددىي مۇراسىم بىلەن، بۈيۈك بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسى ئۈستىگە مەزكۇر ياڭى ياپۇقنى مىسلىسىز سۆيۈنۈش ۋە ئەزىزلەش تۇيغۇمىز بىلەن ياپتۇق.

بۇ مۇراسىمغا يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان رەھبەرلەردىن باشقا، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل، توققۇزاق ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرامەكتەب ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كافەدراسى مۇدىرى ئەخمەتجان جۈمە ۋە ئۇ يەتەكچىلىك قىلغان مەزكۇر پائالىيەتنى فىلم-لىنتاغا ئالىش گۇرۇپپاسىنىڭ ئالتە نەپەر ئەئزاسى ۋە قەبرىگاھ ئىچىدىكى مەسجىدتە پەشىن نامازىنى ئوقۇپ يانغان ئون نەچچە نەپەر يەرلىك نامازخانلار ۋە قەبرىگاھ خىزمەتچىلەرى بولۇپ، تەخمىنەن ئوتتۇز ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى.  

بۇ ياڭى ياپۇقنىڭ ئالدى يۈزىگە: «مەھمۇد كاشغەرىي (1105-1008) قەبرىسى» دەپ، ئارقا يۈزىگە بولسا، «2008 دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇناسىۋەتى بىلەن ئۇشبۇ ياپۇق ياپىلدى» دەپ يازىلغان بولدىكى، مۇبارەك بولسۇن ۋە تەكرار قۇتلۇق بولسۇن!

بۇ ياپۇق قەبرىگاھ خاتىرە دەپتەرىگە "مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىككىنجى ياپۇقى" دەپ فوتو سۈرەتى بىلەن بىللە ئەنگە ئالىندى.

كەيىن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، توققۇزاق ناھىيەلىك قەدىمىي ئاسار-ئەتىقەلەرنى باشقۇرۇش باشقارماسى نامىدىن مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەسى رەھبەرلىك ئورگانىغا مەخسۇس تەشەككۈرنامە خەتى ئەۋەتىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇق. تەشەككۈرنامەدە: " ...فاكۇلتەتىڭىزلەر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارىدىن تەشكىل تاپقان دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى قۇتلۇقلاش ئەترەتى ئەمەلىيلەشتۈرگەن مەزكۇر كوللىكتىپ پائالىيەت پۈتكۈل 2008-يىلدا، بۈيۈك بوۋامىزنىڭ مىڭ ياشىنى داغدۇغالىق تەبرىكلەگەن بىردىن بىر تەشكىللىك ۋە كۆلەملىك پائالىيەت بولۇپ قالدى. سىلەر تەقدىم قىلغان لەۋھە ۋە سىلەر ياپقان ئىككىنجى ياپۇق كاشغەرىي بوۋامىزنىڭ قەبرىگاھىنى ياڭى مەنزىرەگە پۈركۈگەن بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز سىلەرگە سەمىمىي تەشەككۈر ئەيتىمىز" دەيىلگەنىدى.

رۇبائىي

تارىخ دەگەن يازىلار بىر بەت، بىر بەتتىن،

پۈتەر بۈيۈك بىنالار خالىس ئەمگەكتىن؛

ئۇزاق بولسا ھىچ گەپ يوق غايەلىك سەپەر،

باسقان قەدەم تويۇنغاچ يۈكسەك ئىشەنچتىن.

2009-يىل 10-ماي، بەيجىڭ.

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟