ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى

ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى

(چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 

ئۈچىنجى باب

 

كاشغەرىي يىلىدا سايرامىيمۇ خاتىرەلەندى...

 

ئاقسۇ دەپ بىر يۇرت بار ئۇيغۇر ئەلىدە،

توپراغى زەپ مۇنبەت، ئەلۋەك ھاۋاسى؛

ئىنسانى غەيرەتلىك، ئەمگەكچان بولغاچ،

ياڭرايدۇ قوينىدا زەپەر ناۋاسى.

 

ئۆستۈردى ئۇ مىڭلاپ پەخىرلىك ئوغلان،

سەرخىلى ئۇلارنىڭ مۇسا سايرامىي؛

تۆھپەسى زور بولغاچ ئەسىرلەر بويى،

يادلانىپ كەلمەكتە مۇبارەك نامى.

نەقرات:

ئاپىرىن ساڭا ئەي، سايرامىي بوۋا،

خەلقىڭدىن ئۆكسۈمەس روھىڭغا دۇئا!

 

ئۇ يازغان ئۆمۈرىدە ئونلارچە كىتاب،

«تارىخى ھەمىدىي» شۇندىن بىر دانە.

تارىخنى بىلسۇن ۋە ئىقبال قۇچسۇن دەپ،

ئەۋلادقا دەرس بەرگەن ئەسىل دۇردانە.

 

«تارىخى ھەمىدىي» مۇسا سايرامىي ،

كۈيلەنەر قوشماق نام تىللاردا داستان.

تارىخنىڭ شەنىدىن بەرگەچكە بىلىم،

نۇرلانىپ كەلمەكتە دىللاردا ئارمان.

نەقرات:

ئاقىدۇ دولقۇنلاپ تارىم دەرياسى،

باقىدۇ تارىختىن مۇسا سايرامىي.

     ("كاشغارىيە سەلكىنلەرى"، 35-بەت. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل، ئىستانبۇل)

 

   «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى دەمەك - ئىلىم مەئرىپەت يىلى دەمەكتۇر. ھالبۇكى، ئالدى بىلەن، سىز-بىز ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار مول مەزمۇنلۇق ئىلمىي پائالىيەتلەر ئارقالىق، ئەلمىساقتىن بۇيان تۇنجى قاتىم بولغان بۇ مۇبارەك كاشغەرىي يىلىنى قىزغىن قۇتلاشىمىز ۋە شۇ ئارقالىق، ئىلىملىك ياشاش روھىمىزنى تەخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، كەيىن ئەستلەشكە ئەرزىگۈدەك پائالىيەتلەرنى تويۇندۇرۇپ قىلىشىمىز لازىمدۇر» بىز شۇنداق دەدۇق ۋە ئەمەلىيەتتەمۇ دەگەنلەرىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كۆرسەتتۇق.

  مەن 2004- يىللىق ئۇيغۇر سىنىپىنىڭ ئىلىم يەتەكچىسى (شۇ يىللاردا، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى قىزىققان ئىلىم ساھەسى بويىچە، تەتقىقات ماۋزۇسى تاللاپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالەسى ئۈچۈن ئىمكان بار بالدۇرراق تەييارلىق قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسەتىدە، ھەر بىر سىنىپقا سىنىپ مۇدىرىدىن باشقا، بىردىن مەخسۇس ئىلىم يەتەكچىسى <学术指导员> بەكىتىلگەن ئىدى)لىك ھوقۇقۇمنى ئىسراپ قىلماي ئىشلەتىپ، سىنىپتىكى ئوتتۇز سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى ئاراسىدا، «مەشھۇرئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي› دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرەلەش ئىلىم پائالىيەتى» قىلىشقا چاقىردىم، ئەۋلادلار گۇلدىراس ئالقىش بىلەن قىزغىن ئاۋاز قوشتىلار.

شۇنداق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن، بۈيۈك ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، دۆلەتشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىي 1908-يىلى يازىپ تاماملاغان ئىلىم دۇنياسىغا داڭقلىق ئەسەر «تارىخى ھەمىدىي»نى، بىر مەۋسۇملۇق دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتتىن پايدالانىپ، باشتىن ئاخىر ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقتى، ئاندىن، بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇن ئورانى، تىل ئالاھىدەلىكى، ئەدەبىي ۋە بەدىئىي قىممەتى قاتارلىقلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ھالدا، ئىلمىي ماقالەلەر يازىپ چىقتى. ئەڭ ئاخىردا، يازىلغان ئىلمىي ماقالەلەر ئىچىدىن ئالتە پارچە سەرخىل ئەسەرنى تاللاپ، فاكۇلتەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇيدىغانغا قارار قىلدۇق.

  2008 -يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەكشەنبە، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتەتى تەرەپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تارىخى ھەمىدى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرەلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» (پانەل) كەچ سائەت يەتتەدىن توققۇزغىچە ئۆتكۈزۈلدى، يۈزدىن ئاشقىن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قاتناشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى «مەشھۇر ئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي› دىن ئۆرنەك ساۋاق ۋە دەرسلەر»، «تارىخ كىتابى ‹تارىخى ھەمىدىي›دىكى بايانلاردىن قۇمۇلنىڭ ياقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر»، «‹تارىخى ھەمىدىي›دە ئىستىلىستىك ۋاسىتەلەرنىڭ قوللانىلىشى توغراسىدا»، «ژىرىك ئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي›نىڭ تىل-ئەدەبىيات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتى»، «كلاسسىك ئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي›نىڭ بايان ئالاھىدەلىكى توغراسىدا» ۋە « ‹تارىخى ھەمىدىي›دە بايان قىلىنغان ئۇيغۇر يۇرتلارىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ رىئال ئەھمىيەتى ھەققىدە» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى ئىلمىي ماقالەلەرىنى ئوقۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلارىنىڭ مەمنۇنلۇق باھاسىغا ئەرىشتى.

مەن ئاخىردا، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كونكرىت ئۇيۇشتۇرغۇچىسى بولۇش سۈپەتىم بىلەن، يىغىننىڭ ئالدى-كەينى ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە چىقارىپ مۇنداق دەدىم: "بۇ يىلنىڭ باشىدا، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتەتى رەھبەرلىكى بۇ 2008-يىلنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگانى تەرەپىدىن «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئەلان قىلىنغانلىقىنى يۈكسەك شەرەپ بىلىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا:"مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى ئىلىم-مەئرىپەت يىلى قىلىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنى يەنەمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتىمىز ئارقالىق، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ ھوسۇللۇق پەسلىنى ياراتايلى" دەپ چاقىرىق چىقارغانىدى. بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتىمىز مەزكۇر چاقىرىققا قوشولغان ئەمەلىي ئاۋاز بولۇپ سانالىدۇ.

مەئلۇمكى، تارىخشۇناس بوۋامىز، ئالىم مۇسا سايرامىي خۇددى مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي، ئاماننىساخان نەفىسىيلەرگە ئوخشاشلا دۇنياۋىي ئالىمدۇر. ئۇنىڭ ئونلاغان ژىرىك ئەسەرلەرىنىڭ جەۋھەرى سانالىدىغان مەزكۇر «تارىخى ھەمىدىي» تارىخشۇناس بوۋامىز مىرزا ھەيدەر كوراگان كاشغەرىى 1545-يىلى يازغان «تارىخى رەشىدىي (ئابدۇررەشىد خان تارىخى)» ناملىق ئەسەردىن كەيىن، بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرەپىدىن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن يازىلغان، ئۆز ئانا ۋەتەنىمىزنىڭ تارىخى ھەققىدىكى يۈكسەك نوپۇزلۇق بىر ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ئىلىم دۇنياسىدا، ئالىم بوۋامىز تەرەپىدىن 1903– يىلى يازىلغان «تارىخى ئەمنىييە» ناملىق تارىخ كىتابىنىڭ تولۇقلانغان نۇسخاسى دەپ ھىسابلانماقتا. مۇسا سايرامىي بۇ ئەسەردە، تارىخشۇناس ئالىمغا خاس پەزىلەت بىلەن، شۇنداقلا ئەجدادلارغا ۋە ئەۋلادلارغا بولغان ئەستايىدىل مەسئۇلىيەت بىلەن، «تارىخى ئەمنىييە» ئاتلىق ئەسەردە چولتا، ھەتتا خاتا بايان قىلىنىپ قالغان نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنى ياڭىباشتىن تولۇقلاپ ۋە توغرالاپ بايان قىلغانلىقى بىلەنمۇ يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. شۇ ئەھمىيەتتىن، ئالىم مۇسا سايرامىي ئەسەرلەرىنى نەشىر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى 20-ئەسىرنىڭ باشىدالا دۇنيا مىقياسىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەردىن بولۇپ قالغان.

بۇ يەردە، شۇنى ئالاھىدە ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش بىلەن قەيت قىلىپ ئۆتۈمىزكى، ياقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالىم مۇسا سايرامىي ۋە ئۇنىڭ ژىرىك ئەسەرى «تارىخى ھەمىدىي»نى ئىنچىكەلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئاۋانگارتلارى بىز مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارى بولۇپ كەلمەكتەمىز. ئالايلۇق، مەشھۇر ئەسەر «تارىخى ھەمىدىي»نىڭ تىلى ئۈستىدە، ئەسلىي قوليازما ئاساسىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىلمىي تەتقىقات ئالىپ بارغان دوكتورا تەزى(دەسسىرتاتسىيە ئەسەرى) بىزنىڭ فاكۇلتەتىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەرەپىدىن يازىلدى؛ «تارىخى ھەمىدىي»نىڭ ئەدەبىي ئۇتۇقلارى ۋە بەدىئىي ئالاھىدەلىكلەرى ئۈستىدە، ئىلمىي تەتقىقات ئالىپ بارغان تۇنجى ماگىستىرلىق تەزى يەنە بىزنىڭ ئۇيغۇر فاكۇلتەتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى تەرەپىدىن يازىلدى؛ بىزنىڭ فاكۇلتەتىمىز ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، 1996-يىلنى «مۇسا سايرامىي يىلى» ئەلان قىلغانىدى؛ 2006-يىلى، فاكۇلتەتىمىز تەشكىللەپ، ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇپ، فاكۇلتەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشماسىنىڭ «سادا» ناملىق ژۇرنالىنى «ئالىم مۇسا سايرامىي تەۋەللۇتىنىڭ بىر يۈز يەتمىش يىللىقىغا باغىشلانغان مەخسۇس سان» قىلىپ چىقاردى. مانا بۇ قاتىممۇ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتەتى رەھبەرلىكىنىڭ قىزغىن قوللاپ بەرىشى بولغاچقا،  بۈگۈنكى بۇ «مەشھۇر ئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي› دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرەلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» داغدۇغالىق ۋە تولامۇ ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدىكى، بۇ پائالىيەتىمىز، مۇشۇ خاسىيەتلىك «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»دا، پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسى بويىچە، پىلانلىق، تەشكىللىك ئالىپ بارىلغان ئەڭ ئەھمىيەتلەك ئىلمىي پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ قالغۇسى!

شۇنداق، ئالىم بوۋالارىمىز كۆتۈرگەن ئىلىم مەشئەللەرىنى ئۆتكۈزۈۋالىپ، ئۇلارنى ئۆچۈرۈپ قويماي، مەئرىپەت دۇنياسىدا مەڭگۈ لەپىلدەتىش سىلە-بىز ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، سىلە-بىز ئىلىم ۋارىسلارى ۋە مەئرىپەت ئىز باسارلارىنىڭ باش تارتىپ بولماس شەرەپلىك بۇرچىمىزدۇر. بىز بۈگۈن مۇشۇ بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن، تولامۇ ئەھمىيەتلىك ۋە تولامۇ ساۋابلىق بىر ئىش قىلدۇق»...

ئەڭ ئاخىردا، فاكۇلتەت رەھبەرلىكى ۋەكىلى ئىمام موللاخۇن مۇئاۋىن مۇدىر  سۆز قىلىپ مۇنداق دەدى: «تەشكىلنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللاشى ئارقاسىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەمەلىيەتتە، ئەھمىيەتلىك ئىلمىي پائالىيەت ئارقالىق، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىنى قۇتلۇقلاش، تۇنجى نۆۋەتلىك "دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى"نى مۇبارەكلەش، شۇنداقلا، ياقىندا ئۆتكۈزۈلگۈسى بەيجىڭ خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقەسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن قىلىنغان ئەسىل سوۋغا بولۇپمۇ ھىسابلانىدۇ، ئەلۋەتتە! ».

2008-يىل، 3-ئىيۇل، بەيجىڭ.

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟