"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (1)

"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (1)

 

در. دەريا تۈمەن

 

بىرىنجى مەجلىس (ئولتۇرۇش، ئوتۇرۇم):

كىرىش

    ياقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخشۇناس ئالىمى مۇسا سايرامىي  1908-يىلى يازغان "تارىخى ھەمىدىي" ناملىق ژىرىك ئەسەرنىڭ يەڭى تەرجىمە نۇسخاسى ئىستانبۇلداكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرەپىدىن 2019-يىل 8-ئايدا نەشر قىلىندى. بۇ يەردە، مەزكۇر كىتابنىڭ مۇھىم مەزمۇن نۇقتالارى ئۈستىدە، تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، زىيالىي قارىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشىمىز.

ئالدى بىلەن بۇ تارىخ كىتابىنىڭ مۇندەرىجەسىگە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:

 

نەشر قىلغۇچىنىڭ سۆزى: مۇسا سايرامىي ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلەرى.. 11-بەت.

تەرجىمە قىلغۇچىدىن......................................... 21-بەت.

دىباچە(كىرىش)..............................………………………27- بەت.

مۇقەددىمە

بىرىنجى باب

ئادەمى سانىي ( ئىككىنچى ئادەم ) نوھ پەيغەمبەر  زامانىدىن بىزنىڭ بۇ زامانىمىزغىچە بولغان ئارالىقتا، موغۇلىستان يۇرتى يەتتە شەھەر دىيارىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر؛ بۇ زەمىنغا قايسى تائىپەلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى؛ نەمە ئۈچۈن « موغۇلىستان » دەپ ئاتالغانلىقى؛ مۇسۇلمان خانلارنىڭ نەسەب – شەجەرىسى؛ خاقانى چىننىڭ بۇ يەتتە شەھەرنى ئىستىلا قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە قىسقاچە  بايان.... (39-بەت).

ئىككىنجى باب

موغۇل خانلارىنىڭ سەردارى، ئەرەب، ئەجەم، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيادىكى خانلارنىڭ خانى پادىشاھ چىنگىز قائاننىڭ غەلىبەلىك ئىستىلالارى، دۆلەت سۈرگەن زامانلارى، سەلتەنەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەرى، ئەۋلاد – ئەھفادلارى ۋە سەركەردە      – نويانلارىنىڭ ئەھۋاللارى ھەققىدە قىسقاچە بايان (61-بەت)

ئۈچۈنجى باب

ئەمىرۇل ئۇمەرا ( ئەمىرلەر ئەمىرى ) ئەمىر خۇدايداد ئىبنى ئەمىر بولاجى دوغلات ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاد – ئەھفادلارى، شۇنداقلا مىرزا – بەگلەرىنىڭ يەتتە شەھەردە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەنلىكىگە دائىر ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (90-بەت)

تۆرتۈنجى باب

موغۇلىستان پادىشاھى تۇغلۇقتەمۈر خان  نەۋۋەرەللاھۇ مەرقەدەھۇ فى دارىل جىنان (ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتتىكى جايىنى نۇرغا پۈركىگەي ) نىڭ نەسەب شەجەرەسى؛ ئەۋلاد – ئەھفادلارى ۋە ئۇلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان زامانلارى ھەققىدە قىسقىچە بايان (108-بەت)

بەشىنجى باب

خوجا جەھانگىرخان تۆرەمنىڭ بۇ يەتتە شەھەرنى ئىستىلا قىلىشى؛ مۇھەممەد ئەلىي خاننىڭ كاشغەرگە كەلىشى؛ كاشغەر  شەھرىنىڭ ئازاد بولۇشى؛ كەيىن، نۇرغۇن قارا چەرىكلەر كەلىپ، قايتىدىن ئىستىلا قىلىشى؛ جەھانگىرخان تۆرەمنى تۇتۇپ، بەجىنگە ئالىپ كەتىشى؛ نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسىر – ئولجا قىلىنىپ، خىتاي مەملىكەتىگە ئالىپ كەتىلىشى؛ رەھمەتلىك مۇھەممەد ئەلىي خاننىڭ ئەسىرگە چۈشكەن مۇسۇلمانلارنى فەغفۇر چىندىن   تىلەپ ئالىشى  قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە قىسقىچە بايان (140-بەت)

 ئالتىنجى باب

خاقانى چىننىڭ زامانى ئەۋۋەلدە مۇسۇلمان بولغانلىقى؛ تۇنگانىي تائىپەلەرنىڭ بەجىندە ئولتۇراقلاشىشى ۋە ئۇلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرسىدا جىدەل – ماجىرالارنىڭ پەيدا بولۇشى؛ خاقانى چىن مەملىكەتىگە زاۋاللىقنىڭ يۈزلەنىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ باش – ئاخىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان (149-بەت)

بىرىنجى داستان

 بىرىنجى باب

ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىنايەتى بىلەن، شاراپەتلىك ئىسلامنىڭ جاھاننى يورۇتقۇچى ئاپتاپىنىڭ كۇچا شەھرى ئۈستىگە چۈشۈشى؛ راشىددىن خوجامنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىشى؛ غەربىي ۋە شەرقىي رايونلارغا لەشكەر ماڭدۇرۇشى ۋە شۇ جەرياندا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر توغراسىدا قىسقىچە بايان (175-بەت)

 ئىككىنچى باب

جانابى راشىددىن خان غازىي خوجامنىڭ نەسەب شەجەرەسى ھەققىدە قىسقىچە بايان (181-بەت)

ئۈچۈنجى باب

سەييىد خەتىب خوجام بىلەن ئۇنىڭ كۆز نۇرى مەھمۇدىن خوجامنىڭ ئاقسۇ شەھرىنى ئازاد قىلىش غازاتىغا ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن قايتىپ كەلىشى، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بىراقلا شەھىد بولۇشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە قىسقىچە بايان (184-بەت)

تۆتىنچى باب

جەمالىددىن خوجامنى قوماندان قىلىپ، ئىككىنجى قەتىم ئاقسۇ غازاتىغا پەرمان چۈشۈرۈلگەنلىكى؛ ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى غەلىبە قىلىپ، مۇراد باغچەسىدىن مەقسەت گۈللەرىنى ئۈزۈپ، دىللارنىڭ يايراپ كەتكەنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە قىسقىچە بايان…(191-بەت)

بەشىنجى باب

سەييىد غازىي خەتىب خوجام بىلەن نۇر بۇلاقى ھامىددىن خوجاملارنىڭ ئۇشتۇرفاننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا ئاتلانغانلىقى ؛  ئۇرۇشتا غەلىبە قازانىپ، ئاچىلغان مەقسەت گۈللەرىنى  مۇراد قوللارىغا ئالغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە بايان (198-بەت)

 ئالتىنجى باب

سەييىد غازىي خەتىب خوجام بىلەن باتۇر پەرزەنتى ھامىددىن خوجام ئىككەيلەننىڭ كاشغەرنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئاتلانىشى؛  ساددالىقتىن سىددىق بەگنىڭ قىلتاقىغا چۈشۈپ قالىشى؛ مۇرەسسەدىن كەيىن ئۇشتۇرفانغا قايتىپ كەلىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (206-بەت)

 يەتتىنجى باب

سەييىد غازىي خەتىب خوجام نۇر بۇلاقى ھامىددىن خوجام ۋە شەيخ نەزىيرىددىن خوجاملارنىڭ ياركەندنى ئازاد قىلىش غازاتىغا ئاتلانىشى؛ مەقسەت گۈلزارى جامالىنى كۆرسەتكەن بولسامۇ، زامان ھادىسەلەرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى نەتىجەسىدە، بىر تال گۈلمۇ ئۈزەلمەي، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان  (209-بەت)

سەككىزىنجى باب

سەييىد جەمالىددىن خوجام پادىشاھنىڭ ياركەند بىلەن كاشغەرنى ئازاد قىلىش، يەنى بىر سەپەردە ئىككى شەھەرنى ئالىش ئارزۇسىدا، يەنى بىر ئوق بىلەن ئىككى كىيىكنى ئوۋلاش تەمەسىدە مەغرۇرانە ئات سالغانلىقى؛ بىرسىنى ئوۋلاپ، يەنە بىرسىنى نىشانلاۋاتقاندا، ھەرئىككىسىنىڭ قولدىن چىقىپ كەتىپ، باشقا بىر چەۋەنداز ئوۋچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى؛ نەتىجىدە، مەيۇسلۇق ئىچىدە كەلگەن يەرىگە قايتىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بايان  (216-بەت)

 توققۇزىنجى باب

سەييىد خەتىب خوجام ۋۇجۇد باغىستانىنىڭ نەۋ باھار غۇنچەسى، قەلب سەدەپىنىڭ ناياب دۇررى مارجانى بولغان مەھمۇدىن خوجام پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى؛ مەن كەمىنە ئاپتورنىڭ سەرگۈزەشتە ۋە تەرجىمەھالى؛ بىر قانچە تەرىقەتچى گۇرۇھلارنىڭ ئەقىدە – ئىتىقادى قاتارلىقلار ھەققىدە بايان (226-بەت)

 ئونىنجى باب

راشىددىن خان خوجامنىڭ خوتەن بىلەن ئىلىغا ماڭدۇرغان ئەسكەر ۋە ئەلچىلەرىنىڭ كەچۈرمىشلەرى؛ خان خوجامغا ئەلچى بولۇپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە قىسقىچە بايان (244-بەت)

 ئون بىرىنجى باب

ئالەمنى ياراتقۇچى ۋە ساقلاغۇچى ئاللاھنىڭ مەرھىمەتى ۋە ئىنايەتى بىلەن، سەييىد خوجا ئىسھاقنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى، ئۇششاقتالدا نۇرغۇن قارا چەرىكنى يوقاتىشى ۋە قارا شەھەرنى ئازاد قىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (252-بەت)

 ئون ئىككىنجى باب

قۇدرەتتە تەڭدىشى يوق ئاللاھنىڭ پەزلى – ئىنايەتى بىلەن سەييىد غازىي خوجا ئىسھاقنىڭ تۇرفان غازاتىغا ئاتلانغانلىقى؛ تۇرفان بىلەن يەنە بىر نەچچە بازارنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقى؛ قارا خىتاي ئەھلىنىڭ چۈمۈلەدەك ئەزىپ تاشلانغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (269-بەت)

ئون ئۈچىنجى باب

گۈزەل ئەخلاقلىق سەييىد غازىي خوجا ئىسھاقنىڭ مورىخوغا ئىككىنجى قەتىم لەشكەر ماڭدۇرغانلىقى ۋە غەلىبە قىلالماي قايتىپ كەلگەنلىكى؛ قامۇل ۋاڭ خانلىقىدىن ئەلچى بىلەن ئەسىل ھەدىيەلەرنىڭ كەلگەنلىكى؛ لۈكچۈننىڭ ئىككىنجى قەتىم ئازاد قىلىنغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (280-بەت)

 ئون تۆرتىنجى باب

ئالەمشۇمۇل پادىشاھ (شەھرىيارى ئافاق) سەييىد غازىي خوجا ئىسھاقنىڭ قامۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقى، ھەتتا بەجىن تەرەپكە ئات سالغانلىقى؛  قامۇل ۋاڭ خاننىڭ ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا قارشى ئالىشقا چىققانلىقى؛ قامۇلنىڭ ئازاد قىلىنىشى؛ قاملاشماغان بىر پەرمان تۈپەيلىدىن، ئازاد قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر شەھەرنى قويۇپ، ئىسھاق خوجامنىڭ قايتىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (285-بەت)

 ئون بەشىنجى باب

گۈزەل ئەخلاق ساھىبى سەييىد خوجا ئىسھاقنىڭ ياركەند ۋە كاشغەر غازاتىغا ئاتلانغانلىقى ۋە ئاتالىق غازىي مۇھەممەد يەئقۇب بەگ قۇشبەگى بىلەن سۈلھىنامە تۈزۈپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (296-بەت)

 ئون ئالتىنجى باب

كۇچالىق خوجاملارنىڭ ئاراسىدا زىددىيەت چىققانلىقى؛ شۇ قەدەر بۈيۈك دۆلەتمەنلىككە شۈكۈر- قانائەت قىلماغانلىقتىن، ئاقىۋەتتە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (304-بەت)

ئىككىنجى داستان

بىرىنجى باب

ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئىرادەسى ۋە تەقدىرى بىلەن مۇھەممەد يەئقۇب بەگ ئاتالىق غازىينىڭ بۇ يەتتە شەھەر يەنى موغۇلىستان مەملىكەتىنى ئىستىلا قىلغانلىقى ۋە بۇزرۇك خان تۆرەمنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (323-بەت)

ئىككىنجى باب

زەپەر ئاتاسى، جانابى سەييىد بۇزرۇك خان تۆرەمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە كۇچالىق خوجاملارنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى؛ فەرغانە ۋىلايەتىدىن قاچىپ كەلگەن كاتتالارنىڭ ئەھۋالى؛ مۇھەممەد يەئقۇب بەگ قۇشبەگىنىڭ يەڭى پائالىيەتلەرى قاتارلىقلار ھەققىدە بايان (337-بەت)

ئۈچۈنجى باب

ياراتقۇچى ئاللاھۇ تەئالانىڭ پەزلى – ئىنايەتى بىلەن، مۇھەممەد يەئقۇب بەگ قۇشبەگى غازىينىڭ ھاكىمىيەت باشىغا رەسمىي چىقىشى؛ قارشىلاشقۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشى؛ مارالباشى، ياركەندلەرنى ئازاد قىلىشى ۋە خوجا ئىسھاق تۆرەنى بويسۇندۇرۇشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (349-بەت)

تۆرتۈنجى باب

جانابىي بەدۆلەت ئاتالىق غازىينىڭ خوتەن ئۇرۇشىغا ئاتلانىشى، شەھەر ئالىش، دۆلەت باشقۇرۇشتىكى تەدبىرچانلىقى؛ ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنىپ، تامامەن يوقالىشى؛ ئاتالىق غازىينىڭ خوتەن زەمىنىنى تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈپ، مۇراد –مەقسەتىگە يەتىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (357-بەت)

بەشىنجى باب

موللا ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخى ھەققىدە قىسقاچە بايان (375-بەت)

ئالتىنجى باب

جانابىي بەدەۋلەت ئاتالىق غازىينىڭ ئاقسۇ ۋە كۇچانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانغانلىقى؛ بىر قەتىمدالا بىر نەچچە شەھەرنى بىراقلا ئازاد قىلىپ، مۇراد باغچەسىدىن مەقسەت غۇنچەلەرىنى ئۈزۈپ قايىتقانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (388-بەت)

يەتتىنچى باب

ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەرھىمەتى ۋە ئىنايەتى بىلەن، پادىشاھى ئافاق جانابىي مۇھەممەد يەئقۇب بەگ خۇش ئەخلاقنىڭ بۇ يەتتە شەھەر يەنى موغۇلىستان يۇرتىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغانلىقى ۋە بۇ زەمىنغا ئادالەتنىڭ سالىنچەسىنى سالغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە (400-بەت)

سەككىزىنجى باب

ئاتالىق غازىي يەئقۇب بەگنىڭ ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرى، يەر يۈزىنىڭ خەلىپەسى ئابدۇلئەزىزخانغا ئىتائەت قىلىش يۈزەسىدىن، ھەدىيە – تارتۇقلار بىلەن بەيئەتنامە ۋە ئەلچى ئەۋەتكەنلىكى؛ خەلىپە ئابدۇلئەزىزخاننىڭ قوبۇل كۆرۈپ، خاس يارلىق ۋە تاج ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى ئۆز ھىمايەسىگە ئالىپ، رۇمغا تەئۋە قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (419-بەت)

توققۇزىنجى باب

ئۈرۈمچى تۇنگانىيلەرىنىڭ كورلا ۋە كۇچا خەلقىنى بىسەرەمجان قىلغانلىقى؛ جانابىي بەدەۋلەت ئاتالىق غازىينىڭ غالىب قوشۇنىنى باشلاپ، تۇنگانىيلارنى يوقاتىش ئۈچۈن شەرققە يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە مۇراد باغچەسىدىن مەقسەت گۈللەرىنى ئۈزگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (434-بەت)

ئونۇنجى باب

ئاتالىق غازىي بەدەۋلەتنىڭ ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىشى؛ نەنسەندىكى خىتايلار ئاقساقالى شى شى گوڭنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى؛ تۇنگانىيلار بىلەن ئۇرۇشۇپ بۈيۈك غەلىبە قازىنىشى ۋە زەپەر بىلەن ئۆز تەختىگاھىغا قايتىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (451-بەت)

ئون بىرىنجى باب

جاھانشۇمۇل پادىشاھ ئاتالىق غازىينىڭ ئالىي پەرمانى بىلەن ھەكىم خان تۆرەمنىڭ ئۈرۈمچى تۇنگانىيلىرى ئۈستىگە لەشكەر تارتقانلىقى؛ ئارقادىن، ھىدايەتكار ئوغلان بەگقۇلى بەگنى ياردەم ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكى؛ ھەكىم خان تۆرەمنىڭ مەقسەت گۈلىنى ئۈزۈپ، زەپەر بىلەن قايتىپ كەلىپ، ئالىي بارگاھنى تاۋاپ قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (464-بەت)

ئون ئىككىنجى باب

بەدەۋلەت يەئقۇب بەگ ئاتالىق غازىينىڭ تۇرفانغا يۈرۈش قىلغانلىقى؛ دۆلەتتە بىرلىكنىڭ بۇزۇلۇپ، ئىنتىزامنىڭ چۇۋالچاقلاشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى؛ دۆلەت قۇياشىنىڭ پاتىشقا باشلاغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (482-بەت)

ئون ئۈچىنجى باب

يەتتە شەھەر پادىشاھى، ئىسلامپەرۋەر مۇھەممەد يەئقۇب بەگ ئاتالىق غازىي ۋە ئۇنىڭ دۆلەتىنى گۈللەندۈرگەن ئەخلاق – پەزىلەتى ۋە ئۇنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن گۇناھ – نۇقسانلارى ھەققىدە بايان (503-بەت)

ئون تۆرتۈنجى باب

ئالىي مەرتىۋەلىك ئەمىرلەر ۋە ياخشى ئاقىبەتلىك قوشۇننىڭ پىكىر بىرلىكى بىلەن، ھەكىم خان تۆرەمنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغانلىقى؛ پەلەكنىڭ تەتۈرلۈكى تۈپەيلىدىن ئىشى ئوڭغا تارتماي، ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتەنىگە قايتىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (531 - بەت)

ئون بەشىنجى باب

يەئقۇب بەگ ئاتالىق غازىينىڭ ئوغلى جانابىي بەگقۇلى بەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقى؛ ئاقسۇ، خوتەنلەرنى ئازاد قىلىشى؛ ئاخىردا، دۆلەتىنىڭ يوقالىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان (539-بەت)

ئون ئالتىنجى باب

قارا يۈز نىياز ھاكىم بەگنىڭ ناچار خۇي، بولماغۇر قىلمىش – ئەتمىشلىرى ۋە زاۋاللىق ئاقىبەتى ھەققىدە بايان (554- بەت)

ئون يەتتىنجى باب

زۇھەل يۇلتۇزىدەك يۈكسەك ماقاملىق جانابىي ئاتالىق غازىي بەدەۋلەتنىڭ زامانەسىدا ئۆتكەن دىيانەتلىك ئالىم – ئولەمالار، مۇكەممەل تەربىيە كۆرگەن مىرزا – كاتىپلار ۋە سالاپەتلىك لەشكەر سەركەردىلەرى ھەققىدە بايان (574- بەت)

ئون سەككىزىنچى باب

بۇ كىتاب مۇئەللىپى (مۇسا سايرامىي)نىڭ نەسەب شەجەرەسى ۋە سەرگۈزەشتەلەرى ھەققىدە بايان (598- بەت)

ئون توققۇزىنجى باب

فەغفۇر چىننىڭ ئالىي پەرمانى بويىچە، خاقانى چىن مەنسەپدارلارىنىڭ بۇ يەتتە شەھەر زەمىنى بولغان موغۇلىستان تەۋەسىنى ئىككىنچى قەتىم ئىستىلا قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ مىراس مۈلۈكىگە قايتىدىن ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە بايان (609- بەت)

يىگىرمىنجى باب

فەغفۇر چىن زەمىنىنىڭ كەڭرى، كاتتالىقى ۋە خاقانى چىننىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتاكى ئادالەتپەرۋەرلىكى ھەققىدە قىسقىچە بايان (626- بەت)

خاتىمە

بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ئەھۋالى، ئادەملەرىنىڭ مىجەز – خۇلقى، مازار – ماشايىخلارى ۋە موغۇلىستاننىڭ ئومۇمىي دائىرەسى ھەققىدە قىسقىچە بايان (649- بەت)

كاشغەر (651- بەت)

ياركەند (653- بەت)

خوتەن (654- بەت)

ئاقسۇ (662- بەت)

ئۇشتۇرفان (670- بەت)

كۇچا (673- بەت)

كوھنا تۇرفان (675- بەت)

ئەسھابۇل كەھف ھەققىدە (675- بەت)

لوف چۆلىدە (719-بەت)

«تارىخى ھەمىدىي»دە چوڭ ۋەقەلەر يىلنامىسى (728- بەت)

قوليازما تارىخى ھەمىدىي(ئىككى بەت ئۆرنەك)

  

"تارىخى ھەمىدىي"نى ئوقۇماغانلار جىق ئارماندا، ئوقۇغانلار لىق دەرماندا!

بىرىنجى مەجلىس ئاخىرلاشتى.

 

2019-يىل، گۆلجۈك.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟