
|
ئىسلاموفوبىنىڭ قۇربانى بولغان، مۇسۇلمانلىق بەدەلىنى ئېغىر تۆلەۋاتقان — ئۇيغۇرلار
مەن بۇ يازمىنى 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ باتۇرلارىغا، شېھىتلەرىگە بېغىشلايمەن.
نۇرمەمەت مۇساباي ئۇيغۇرلار ئىسلام دۇنياسىداكى ئىتىقادىغا ئەڭ سادىق، ئىسلامنى ئەڭ ھىمايە قىلىدىغان، ئىسلام ئەقىدەلەرىگە ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلقتۇر. گەرچە ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بەرى مۇستەملىكە ئاستىدا تۇرسامۇ، دۇنيانىڭ باشقا يەرلەرىدەكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكىنى ھەر خىل شەكىلدە قوللاپ كەلدى. قولىدىن كەلىشىچە ياردەملەردە بولدى. ئۇيغۇرلار ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تىركىشىش كۆرەشىنى، ئوسمانلىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەملىكەچىلەرگە قارشى ئالىپ بارغان كۆرەشلەرىنى قولىدىن كەلىشىچە قوللىدى ۋە ياردەم قىلدى. پىدائىي بولۇپ ئۇ تەرەپلەرگە باردى. ھىچنېمە قىلالماغانلارى دۇئا قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارى 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلەرىنى باشىدىن ئوتكۈزىۋاتىدۇ. خىتتايلار ئىسلامغا ھاقارەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن تانىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان بولغانىغا تويغۇزىۋاتىدۇ. قۇرئاندا: «بارلىق مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» دەيىلگەن بولسامۇ، لېكىن مۇسۇلمانلاردىن ئۇيغۇرلارغا ھېچبىر قېرىنداشلىق ياردەمى كەلمەدى. ئەكسىچە ئىسلامنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتتاينى قوللاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ كىتاپلارىدا دائىم تەنقىتلەنىپ كەلىۋاتقان مۇشرىك، ناسارى دىگەنلەر ئىنسانلىق نۇقتاسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان دۇنياسىدىن بەك ئۇمىتسىزلەندۈرىۋاتىدۇ. پەلەستىندە بىر پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلسە، تەۋرەپ كەتكەن، كوچىلارغا پاتماي كەتكەن دۇنياداكى مۇسۇلمان جامائەتى، كۈندە نەچچە يۈز ئۇيغۇر ئۆلتۇرۈلىۋاتسا، بۇ مۇسۇلمان جامائەتىدىن بىرەر مۆتىۋەر تېلىۋېزورغا چىقىپمۇ قويمادى. ياۋرۇپادا بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابى مەجبۇرىي ئالىۋەتىلگەندە، دانىيە، فرانسىيەدە مۇھەممەد پەيغەمبەرىمىز ھەققىدە كارتون فىلىم ئىشلەپ تارقاتىلغاندا، مۇسۇلمان ئەللەرىدە نارازىلىق نامايىشلارى قايناپ كەتكەن ئىدى. ھەر يەردە دانىيە، فرانسىيە بايراقلارىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلەرى بولغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىزلارىمىز يالىڭاچ قىلىنىپ، تاجاۋۇزغا ئۇچراپ، ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتسا؛ دىنىدىن مەجبۇرىي تاندۇرۇلۇپ، خىتتايلارغا زورلاپ توي قىلدۇرۇلۇپ، كىملىكلەرى دەپسەندە قىلىنىۋاتسا؛ مەجبۇرىي شاراپ ئىچكۈزۈلۈپ، چوشقا گۆشى يېگۈزۈلۈپ، ئىتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلىنىۋاتسا؛ «مېھمان بولۇپ كەلدۇق» دەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلەرىگە كەلىپ، ئەر-ئايال بىر يەردە ياتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەھرەملەرىگە، ئەركەكلەرنىڭ غۇرۇرلارىغا ھاقارەت قىلىنىۋاتسا؛ مەسچىتلەرىمىز چاقىلىۋاتسا، قۇرئانلارىمىز كۆيدۈرىلىۋاتسا، فرانسىيە، دانىيەدىكى كارتون فىلىمنى ھەزىم قىلالماي، غۇرۇرىغا ئالىپ تەۋرەپ كەتكەن بۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن بىر سادا چىقمايۋاتىدۇ. مۇسۇلمان ئەللەرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە، باشىنى سەجدىدىن كۆتۈرەلمەيۋاتىدۇ.
ئىسلام خەلىپەلىكى يىقىلىپ، پەلەستىن مەسىلەسى پايدا بولغان 70 نەچچە يىلدىن بەرى خىتتاي ئۇستالىق بىلەن دائىم پەلەستىن تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى. كېيىنكى 30-40 يىلدا غەربنىڭ قاتناشىشى ياكى باشلامچىلىقى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە، مۇسۇلمان ئەللەرىدە نۇرغۇن ئۇرۇشلار بولدى. نۇرغۇن مۇسۇلمان بىھۇدە ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئۇرۇشلاردا خىتتاي دائىم مۇسۇلمانلارنى قوغدىغان بولۇۋالدى، غەربنى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى. خىتتاي ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان چىرىك، دىكتاتۇر ئىسلام دۆلەتلەرىنىڭ رەھبەرلەرىگە پارا بەرىش بىلەن ئۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلەرىنى ساتىۋالدى. ئەرزان تاۋارلارى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى، بازارىنى ئۆزىگە مۇھتاج قىلىپ قويدى. ئاز-تولا خەير- ساخاۋەت قىلىپ قويۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. مۇھىمى مۇسۇلمان ئەللەرىدە غەربنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىن- بىر دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. خىتتاينى ئەزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ دوستى قىلىپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى. ئىقتىسادىي ياردەم قىلغاندەك كۆرۈنۈپ، ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللەرى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللەرىنىڭ سىياسەتىنى، دىپلوماتىيەسىنى ۋە ئىقتىسادىنى مونوپول قىلىۋالدى. كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى، بېقىندى قىلىۋالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتاينىڭ مۇستەملىكەسى ئاستىدا قالغانلىقى، خىتتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارىغا قارىتا ئالىپ بارىۋاتقان جىنايەتلەرى مۇسۇلمان ئەللەرىدە تازا ياخشى تەشۋىق قىلىنمادى. ياكى تەشۋىقاتىمىز بازار تاپمادى. شۇ تۈپەيلىدىن، بۇگۈن خىتتايلار ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلسامۇ، قۇرئانلارنى كۆيدۈرسەمۇ، ئىسلام مىراسلارىنى چاقىپ تۇگىتىۋاتقان بولسامۇ، ئىسلام ئەقىدەلەرىنى ئاياق-ئاستى قىلسامۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مىللىي، دىنىي، مەدىنىي قىرغىنچىلىق قىلۋاتسامۇ، مۇسۇلمان خانىم –قىزلارىمىز دەپسەندە قىلىنىۋاتسامۇ، مۇسۇلمان ئەللەرى خۇددى بىلمىگەندەك ياكى تارقىلىۋاتقان مەلۇماتلارغا ئىشەنمىگەندەك جىم تۇرىۋاتىدۇ.
ھەممەمىزنىڭ بىلگەنىدەك ئىسلامنىڭ كەڭ كۆلەمدە كەڭەيىشى نەتىجەسىدە مۇسۇلمان ئەللەر بىلەن مۇسۇلمان بولماغان ئەللەر ئوتتۇراسىداكى سىياسىي، ئىقتىسادىي تىركىشىش نەچچە ئەسىردىن بەرى داۋام قىلىپ كەلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام تېز سۈرئەتتە كەڭەيىۋاتقان ياۋرۇپا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ھىندىستاندا بۇ تىركىشىش يۇقىرى پەللىگە يەتتى. گەرچە ياۋرۇپا، ئامېرىكا قىتئەلەرىدە جەمئىيەتتە دىنىي توقۇنۇشنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولمىسامۇ، ئەمما سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە تاراتقۇلارنىڭ ھەر دائىم " ئىسلامىي تېرورىست" دەپ سۆزلەشلەرى، تەشۋىق قىلىشلارى سىياسىئونلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ نېمەلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ سۆزلەرىنىڭ ۋە تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىقاتلارىنىڭ غەرب جەمئىيەتىدە ئاز تولا تەسىرى بولدى. بۇنىڭ بىلەن 20 يىلدىن بەرى داۋام قىلىپ كەلگەن غەرب ئەللەرىدىكى ئىسلامغا قارشى ئىدىيەدىكى «ئىسلاموفوبى» ئوتتۇرىغا چىقتى. دۇنيا خارەكتىرلىك ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتلەر يېپىق ۋە ئوچۇق شەكىلدە ئالىپ بارىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ياۋرۇپا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋۇسترالىيە ۋە ھىندىستاندا مەسچىتلەرگە ھۇجۇم قىلىشلار، مۇسۇلمانلارنى ئولتۇرۇش ۋەقەلەرى يۈز بەردى. يېڭى تېخنىكىلارنى ئوغرىلاپ، ئۇنىڭ يالغانىنى كەشىپ قىلىپ كەلگەن خىتتاي بۇ نۆۋەت «ئىسلاموفوبى»نىمۇ ئوغرىلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلەتتى. 20 يىلدىن بەرى غەربتە كۈچلىنىۋاتقان ئىسلاموفوبى، ئوتتۇرا شەرىقتە كەينى- كەينىدىن ئالىپ بارىلغان ئۇرۇشلار، دۇنيانىڭ ھەر يەرىدە غەربنىڭ ئىسلامىي تېرورىستلارغا قارشى ئۇرۇشلارى، بۇ ئۇرۇشلاردا ئۆلۈۋاتقان بىگۇناھ پۇقرالار، بۇنىڭغا قارشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سۇكۈتتە تۇرۇشلارى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىلا بار بىر قورچاق تەشكىلات بولۇپ قالىشى، دۇنيا دېموكراتسىيەسىنىڭ بۆشۈكى، ئىنسان ھەقلەرىنىڭ ھىمايەچىسى دەپ ئاتالغان ئامېرىكانىڭ بۇ ئۇرۇشلارغا بىۋاستە قاتنىشىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىھۇدە ئۆلتۈرۈلىشىگە سەۋەبچى بولۇشلارى، بۇش، ئوباما ھۆكۈمەتلەرىنىڭ بىھۇدە ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلارغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇشلارى، كېيىنكى ترامپ ھۆكۈمەتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىشى بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى بايراقنى ئوچۇق ئاشكارا چىقىرىشى، ترامپ ھۆكۈمەتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستېرى رىك تەللەرسوننىڭ خىتتاي سەپەرىدە: «ئامېرىكا ھۆكۈمەتى ئىنسان ھەقلەرى باھانەسى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلارىغا ئارلاشمايدۇ» دەپ ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىدىكى تاشقى سىياسەتىنى نامايەن قىلىشلارى، سۇرىيەدىكى ئاز سانلىق خەلق بولغان (Yazidis) يەزىدىلەرنىڭ، بىرمىدىكى روھىنگانىڭ مىللىي قىرغىن قىلىنىشى، بۇنىڭغا قارىتا دۇنيانىڭ سۇكۇتتە تۇرشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئامىللار پۇرسەت كۇتۇپ تۇرغان قاتارلىق بىر يۈرۈش ئامىللار خىتتايغا سىياسىي، دىپلوماتىك جەھەتتىن مەدەت بەردى. ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتىنى ئوچۇق ئاشكارا ئالىپ بارىشقا، مىللىي قىرغىن قىلىشقا جاسارەت بەردى. خىتتاينى دۇنيا جامائەتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەر ئۈستىدىن ئالىپ بارىۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتىنى تەنقىدلەشلەرىدىن خاتىرجەم قىلدى. مۇسۇلمان دۇنياسىنى چاڭگالىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى مونوپول قىلىۋالغان خىتتاي، ئەمدى غەربنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرىدىن ئىلھام ئالىپ، خەلقئارادىن كەلىدىغان ھەر قانداق تەنقىددىن خالىي ۋە خاتىرجەم بولدى. غەرب يۇقارقىدەك ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئالىپ بارىۋاتقان ھەرىكەتلەرى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىھۇدە ئولتۈرۈلۈشلەرىگە قارىتا سۇكۈتتە تۇرۇشلارى بىلەن خىتتايغا شارائىت يارىتىپ بەردى. ئىسلامىي تېرورىزىمغا قارشى ھەرىكەت باشلىغاندا، بۇنىڭ ئېنىقلاماسىنى ئېنىق قىلىپ، خىتتايغا قاتتىق بىر شەكىلدە بىلدۈرمەي، ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكەتىنى تېرورىست تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلىپ، خىتتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارىغا قارشى ئالىپ بارغان جىنايەتلەرىنى قوللىغان بولدى. جىنايەتكە شەرىك بولدى. ترامپ يالغۇز شىجىنپىڭغالا مەدەت بەرمەگەن. ھىندىستاندا دۇنياداكى 2-چوڭ مۇسۇلمان توپلۇمى ياشايدۇ. ھىندىستانداكى مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندىلار ئارىسىدا پات-پات توقۇنۇش بولۇپ تۇرىۋاتقان بولسامۇ، ئەمما ھىندىستاننىڭ ھېچبىر ھۆكۈمەتى ھىندىلارنىڭ دىنىي ۋە مەزھەپ مەنپەئەتىنى قوللىغان بىر سىياسەت ياكى قارار چىقارماغان ئىدى. ھىندىستان دۇنياداكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك بىر دۆلەت سۈپىتىدە دېموكراتىيەنى داۋام قىلىۋاتقان ئىدى. ئىككى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتتى مۇسۇلمان ئىدى. ترامپنىڭ ھىندىستان زىيارەتىدىن كېيىن، ترامپتىن ئىلھام، مەدەت ئالغان، ھىندى مىللەتچى باش مىنىستېر نارەندرا دامودارداس مودى 1948-يىلى تۈزۈلگەن كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كەشمىر مۇسۇلمانلارىغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتتى. ئالاھىدە قانۇن چىقارىپ، مۇسۇلمان ئەر بىلەن توي قىلغان ھىندى قىزلارىنىڭ تويدىن كېيىن مۇسۇلمان بولۇشىنى چەكلىدى. ترامپنىڭ خىتتاي سەپەرىمۇ ئەينەن ھىندىستان سەپەرىدەك بولدى. لېكىن خىتتاي سەپەرى ئاۋۋال بولغان ئىدى. ترامپ شىجىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتتاي ھۆكۈمەتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئاتالمىش ئىسلامىي ئاشقۇنلارنى تەربىيەلەش كامپلارىنى قۇرۇش ئىشىغا ئىجابىي قاراپ، ماقۇل دىدى. بىر دۇنيا خارەكتىرلىك دۆلەتنىڭ رەھبىرى/لىدىرىنىڭ بىر ئېغىز سۆزى، خىتتايدەك ھىيلىگەر بىر دۆلەت ئۈچۈن تاپىلغۇسىز باھانە، قوللاش ۋە ياردەم ئىدى. ترامپ شۇ بىر ئاغىز ماقۇل دېگەن سۆزى بىلەن، خىتتاي ھۆكۈمەتىنى سىياسىي ۋە دەپلوماتىك جەھەتتىن قوللىغان بولدى. خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ھازىرلاۋاتقان لاگىر قۇرۇلىشىنىڭ لېنتىسىنى كەسىپ بەرگەن بولدى. بۇ ھەقتە ئاقساراينىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى جون بولتون ئۆزىنىڭ كىتابىدا خېلى كۆپ توختالغان.
ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللەرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالىپ بارىلىۋاتقان مىللىي قىرغىننى توختاتىش ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلىشى كېرەك؟ ۋە نېمەلەرنى قىلالايدۇ؟ غەربنىڭ ياردىمى زادى نەگەچە؟
غەرب ئەللەرىدىكى مۇتلەق كۆپ سانداكى ھۆكۈمەتلەر، رەھبەرلەر دۇنيا خارەكتىرلىك ئىنسان ھەقلەرىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئۇنى ھىمايە قىلىشنى ئىستەيدۇ. دېموكراتىيە ئىستىگۈچى، ئەركىنلىك ئىستىگۈچى خەلقلەرگە ياردەممۇ قىلىدۇ. ئەمما بۇ ياردەملەر بەزى بىر سىياسىي مەقسەتلەر، مەنپەئەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بەزى بىر دۆلەت ۋە رايونلارغا نىسبەتەن غەرب ئەللەرىنىڭ ياردىمى مەلۇم چەكتىن ئاشىپ كەتەلمەيدۇ. مەسىلەن: ئىنسان ھەقلەرىنى قوغداش، مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىش باھانەسى بىلەن غەرب ئەللەرى ناتو يېتەكچىلىكىدە بوسنىيە، ئافغانىستان، ئىراققا باسىپ كىرگەن بىلەن، ئىنسان ھەقلەرى دەپسەندەچىلىكىدە ھەددىدن ئاشقان 21-ئەسىردە رېكورد ياراتقان خىتتايغا باسىپ كىرەلمەيدۇ. كىچىككىنە سابىق يۇگۇسلاۋىيە پارچىلىنىپ 6 مىللىي دۆلەت بولدى. سۇدان ئىككىگە ئايرىلدى. ئافرىقىداكى بەزى بىر قەبىلىلەر قوغدالدى. ئىراق، سۇرىيەدىكى كۈرتلار ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشتى. لېكىن 70 يىلدىن بەرى نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرىۋاتقان، بۇگۈنكى كۈندە مىللىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، يوقاپ كەتىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە قارىتا تراگىدىيە باشقىچە بولىۋاتىدۇ. غەربنىڭ ياردىمى، ھېسداشلىقى تەگمەيۋاتىدۇ. 2018-يىلى ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ئالمىشىپ، مىيكېل پومپېو ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستېرى بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى نەچچە ھەسسە ئاشتى. خىتتايغا قارشى ھەرىكەتلەرمۇ بولدى. ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالىش ئۈچۈن قانۇنلار چىقتى، ھەرىكەتلەر ئالىپ بارىلدى. لېكىن، ئىشنىڭ باشىدا خاتا قىلغان ياكى سۇسلۇق قىلغان ئىدى، ئەمدى ئۇ خاتالىقنى ئوڭشاش ئۈچۈن كۆپ كەچىكتى. مىليونلارچە ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلۈپ بولدى. ئامېرىكانىڭ ھېسداشلىقى، ياردىمى ۋاقتىدا، جايىدا بولمادى. ئۇيغۇرلار ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللەرىنى خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالىپ بارىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلى خىتتاينى قاتتىق جازالاشىنى، ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالىش ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئامېرىكا ۋە غەربتىن جىددى، كەسكىن بىر ھەرىكەت تېخى يوق.
دۇنيا خاراكتىرلىك خىتتايغا سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈش؛ خىتتاينى يەتىم قالدۇرۇش؛ ئەڭ بولماغاندا غەرب ئەللەرىدە بولسامۇ يېتىم قالدۇرۇش؛ ۋە خۇددى بوسىنىيە، ئىراققا ئالىپ بارىلغاندەك بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئالىپ بارىش. ئەمما، بۇگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدىن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىزكى دۇنيا خاراكتىرلىك خىتتايغا قارشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىر ئىمبارگونىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. خىتتاي ۋىروسى خىتتايدىن تارقالغان تۇرۇپمۇ، خىتتاي بۇ ۋىروستىن قۇتۇلدى. ئەمما دۇنياغا بىر بالايى ئاپەت قالدۇرۇپ قويدى. دۇنيا جامائەتچىلىكى تېخىچە ۋىروسنىڭ قۇربانى بولىۋاتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا بولسامۇ بىرلىشىپ، خىتتايغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرالماغان دۇنيا جامائەتى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، خىتتايغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشى ناتايىن. سابىق ترامپ ھۆكۈمەتى ئاقسارايدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالىپ بارىۋاتقان ھەرىكەتلەرىنى مىللىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىپ كەتتى. بۇ دىگەنلىك، غەرب ئەللەرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى بارلىق ھەق-ھوقۇقلارىنى، ھەرىكەتلەرىنى قوللايدۇ. مىللىي قىرغىنچىلىق كاتېگورىيەسى بويىچە خىتتايغا ھەرقانداق چارە ئالىپ بارىشقا بولىدۇ دىگەنلكتۇر. ئەمما بۇ يېشىل چىراق بىلەن بىز ئۈمىد قىلغاندەك خۇددى بوسىنىيە، ئىراققا كىرگەندەك بىزنىڭ ۋەتەنگە باسىپ كىرەلمەيدۇ. پەقەت خەلقئارا سەھنەلەردە، تاراتقۇلاردا بىزنى سىياسىي جەھەتتىن، قانۇنىي جەھەتتىن قوللايدۇ. نۆۋەتى كەلگەندە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدۇ. غەربنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ياردىمى مۇشۇنچىلىك. ئەگەر بىز قاملاشتۇرالاساق غەيرىي رەسمىي يوللار بىلەن قورال-ياراق تەمىنلەيدۇ. خۇددى 1978-يىللارى ئافغانىستاندا مۇجاھىدلارنى قوللىغاندە، روھىنگالارنىڭ ئاراكان پىدئىيلىرىنى قوللىغاندەك. بۇگۈن ئۇيغۇرلار غەربنىڭ قوللاشىغا ئېرىشىپ بولدى. ئەمدى بىزگە تەشكىللەنىشىمىز ۋە سەپىمىزغا پىدائىيلارنى توپلاشىمىز قالدى.
دالاي لامانىڭ داۋا ھاياتىدىن خۇلاسىسى
دالاي لاما تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن دالاي لامانى ئىستانبۇلدا كۈتۈۋالغان ئىكەن. بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە بۇ ئىككى سەرگەندان داۋاگەرلەر دەرتلەرىنى ئېيتىشىپتۇ. - بىزگە غەرب ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئىشلارىمىز غەربتە كۈن تەرتىپكە كەلمەيۋاتىدۇ دىگەندەك شىكايەتلەرنى قىلىپتۇ. دالاي لاما: - سىلەر ئۇيغۇرلار بىزگە قارىغاندا كۆپ تەلەيلىك، سىلەر مۇسۇلمان. دۇنيادا بىر مىليارد مۇسۇلمان سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا بار. يەنە سىلەر تۈرك، دۇنيادا 100 مىليونلۇق تۈرك دۇنياسى سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا. مانا غەربنىڭ بىز تىبەتلەرگە ئېتىبار بەرگىنىنىمۇ كۆرۇۋاتىسىلەر!، دەپتۇ. يەر ۋارشاۋا، تارىخ 2007-يىلى
رابىيە قادىر: - تىبەتلەرنىڭ داۋاسىدىن مەمنۇن بولغاندەك دالاي لامانى بىر قۇر تەبرىكلىۋەتكەندىن كېيىن، غەرب بىزنى قوللامادى، بىزنىڭ دەردىمىزگە قۇلاق سالمادى، بىز داۋايىمىزنى غەربكە تولۇق ئاڭلاتالمايۋاتىمىز، غەربتە بىز قوللاشقا ئېرىشەلمەدۇق. بىزمۇ تىبەتلەردەك خىتتاي بىلەن سۆھبەتلەشىشىمىز كېرەك ئىدى، ئەمما غەرب بىزنى قوللامادى، يۆلەمەدى دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپتۇ. - غەرب سىلەرنى قوللاسا بىزنى قوللاغانچىلىك قوللار!، ئېرىشىدىغان نەتىجەڭلار بەلكىم بىز ئېرىشكەنچەلىك بولار! مانا كۆرۈۋاتىسىلەر بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى. غەربتىن ياردەم كەلسە مانا مۇشۇنچەلىك كەلىدۇ. تاراتقۇدا سەنىڭ گەپىڭنى قىلىپ تۇرىدۇ. ساڭا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. يىغاڭنى بەزلىگۈدەك ئاز-تولا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدۇ، خالاس!. ئۇنىڭدىن نەرىسىغا بارمايدۇ. سەن ۋە مەن ئىستەگەن زۆرۇر ياردەم كەلمەيدىكەن. شۇڭا مەن سىياسەتتىن چېكىندىم.
بۇ پىرىنسىپنى ياخشى چۈشەنگەن خىتتايلار يۇقۇرىدا دەيىلگەندەك مۇسۇلمان ئەللەرىنىڭ ھاكىمىيەتلەرىنى ھەر تۇرلۈك ھىيلە مىكىرلەر بىلەن ئاللابۇرۇن مونوپول قىلىۋالغان. بۇگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتاي زۇلمىدىن تەل تۆكۈس قۇتۇلۇپ، ئاغزىمىزدا توختىماي توۋلاۋاتقان «بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولۇشى كېرەك» دەيدىغان شۇئارغا، غايەگە يەتىش ئۈچۈن، قۇرۇق شۇئار توۋلاپ قويساق، ھەر يەردە يىغلاپ دەرت تۆكۈپ قويساق كۇپايە بولمايدۇ. يوقىلىپ كەتىش ئالدىدا تۇرغان بىر خەلقنىڭ ئەركىنلىكى تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى خۇددى تالاس ئۇرۇشىدەك، ئىستانبۇلنىڭ فەتھىدەك جەڭ قىلغاندا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بىزنىڭ ۋەتەن خىتتايلاردىن تازىلانىپ ئازاد قىلىنىشى خۇددى تالاس جەڭىدەك، ئىستانبۇل فەتھىدەك قاتتىق ئۇرۇشلار بەدەلىگە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ يوقاپ كەتىپ بارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتلەرى ئالدىنقى سەپتە خۇددى ئىستانبۇل فەتھىدەكى ئەسكەرلەردەك كۈچلۈك ئىمان، قورقماس يۈرەك بىلەن «يا شېھىت، يا غازى» دېگەن نىيەتتە سەپنىڭ ئالدىدا «ئاللا ! ئاللا!» دەپ توۋلاپ ماڭالاساق، ئەلۋەتتە ئارقامىزدىن يۇقارقى بىر پىرسەنت مۇسۇلمان كەلىدۇ. ياكى بىز بىلەن بىر سەپتە ماڭىدۇ. ناتو ۋەتەنىمىزگە كىرىپ ۋەتەننى ئازاد قىلىپ بەرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قارار چىقىپ، ۋەتەن ئازاد بولىدۇ، خىتتاي دېموكراتسىيەگە ئۆتسە، ئىشىمىز ھەل بولىدۇ، شىجىنپىڭ ئۆلسە ۋەزىيەت ياخشى بولىدۇ دىگەندەك بەنگىنىڭ خىيالىنى قىلىپ ئولتۇرماي، بىزمۇ باشقا ئۇرۇش قىلىۋاتقان خەلقلەردەك بىر خەلق بولغاندىكىن، خىتتايغا قارشى ھەم قىساس، ھەم ئەركىنلىك، ھەم ئازادلىق، ھەم مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قىلىشىمىز كېرەك. ئاساسلىق ئامىل ئۆزىمىزدۇر. قۇرال ئالساق تېرورىست ئاتىلىپ قالارمىزمىكىن، بىز ئازغىنا ئۇيغۇر كۈچلۈك خىتتاي بىلەن قانداق ئۇرۇشىمىز دەپ باھانە كۆرسىتىش، ئاجىزلىق، تەسلىمچىلىك، قورققاقلىقتۇر. ئەگەر بىز مۇۋەپپىيەتلىك ھالدا خىتتايغا قارشى بىر سەپ ھاسىل قىلالىساق، خىتتاي بىلەن بىر مەزگىل توقۇنۇشساق، ئاندىن بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1974- يىلى تۇزۇلگەن قانۇنىنىڭ 7-ماددىسى بويىچە توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى كېلىشتۇرۇش، ئۇرۇشنى توختىتىتىش، ئۇرۇشتىن قاچقان مۇساپىرلارغا ئىگە چىقىش دىگەندەك ماددىلارنىڭ روھى بويىچە بىزنىڭ مەسىلىمىز بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۇنتەرتىپگە كىرىدۇ، بىز ئۇمۇد قىلغان ھەربىي جەھەتتىن ئارلىشىش تېنچلىق ساقلىغۇچى كۇچ سۇپىتىدە بىزنىڭ ۋەتەنگە كىرىشى مۇمكىن. بىز خىتتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتالمىساق، خىتتاينىڭ ئاتالمىش بىر يول، بىر بەلۋاغ ئىقتىسادىي كارىدورىدورىنىڭ موھىم تۇگۇنى بولغان شەرقى تۇركىستاننىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى دۇنياغا بىلدۇرەلمىسەك، يالغۇز مىللي قىرغىنچىلىق بىلەن خەلقئارا جامائەت بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشمايدۇ. خىتتاينىڭ بىزنىڭ ۋەتەن ئارقىلىق غەرىب بىلەن بولىۋاتقان ھەر قانداق مەنپەئەتى ھەرگىز بىخەتەر بولماسلىقى كەرەك. ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۇركىستاندىكى تۇرك خەلقلەرنىڭ ئئىقتىسادى، مەدەنى، سىياسى ھاياتى كاپالەتكە ئىگە بولمىسا، شەرقىي تۇركىستان خىتتايلار ئۇچۇن بىخەتەر بولماسلىقى كەرەك. خىتتاي بىزنىڭ ۋەتەن ئارقىلىق ھىچ بىر ئىقتىسادىي مەپەئەتكە ئەرىشەلمەسلىكى كەرەك. ئۇيغۇر ئەركەكلەرى قۇشخانىداكى ماللاردەك توپ توپ ئۆلتۇرىلىۋاتسا، قىزلارىمىز ۋەھشىلەرچە ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتسا، ئۇيغۇر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېرىمى يوقاپ كەتكەن تۇرسا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە تېخىچە قىساس ئوتى يانماغانىغا مەن ھەيران، خىتتاينىڭ نەزەرىدەكى «تېرورىست» بولماغانىمىزغا مەن ھەيران. 1930-يىللارى قۇمۇلدا پارتىلاغان ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: بىر ئۇيغۇر قىزىنى قۇمۇلداكى بىر خىتتاي ئەمەلدارنىڭ زورلاپ خوتۇنلۇققا ئالىمەن دەپ، قۇمۇلنىڭ نوم دېگەن يېزاسىغا بارغاندا، بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ نومۇسىنى قوغداش، بىر مۇسۇلمان قىزىنىڭ بىر يات دىندىكى دۈشمەنگە ياتلىق قىلىنىشىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ، نەتىجىدە بىرىنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۈمھۇرىيەتى قۇرۇلغان ئىدى. بۇگۈنكى لاگىر شاھىتلارىنىڭ گۇۋاھلىق بەرىشلەرىگە قۇلاق سالىدىغان بولساق، ۋەتەندىكى لاگىرلاردا نەچچە ئونمىڭلىغان گۈزەل ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىزلارىمىزنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرىلىۋاتقانىنىڭ ئىسپاتىنى بەرىۋاتىدۇ. ئەگەر ئاتا بوۋالارىمىزنىڭ ئەقىدىسى بويىچە ماڭىدىغان بولساق، خىتتاينىڭ بۇ قىلىۋاتقان قىلمىشلارىغا قارشى نەچچە ئونمىڭ قېتىم ئىسيان قىلىپ، نەچچە ئونمىڭ قېتىم بىر دۆلەت قۇرۇپ بولغان بولاتتۇق. ئەپسۇس، تېخىچە نومۇس قىلمايۋاتىمىز، قىساس ئوتلارىمىز يانمايۋاتىدۇ، غۇرۇرلارىمىز تىترەمەيۋاتىدۇ. «ئەي ئەزىز تۈرك، سەنىڭدىكى جاسارەت، كۈچ قۇۋۋەت ئەسلىدە سەنىڭ تومۇرىڭدا ئاقىۋاتقان قاندادۇر» بىزنىڭ خىتتايدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇشىمىزنىڭ ئاساسلىق كۈچى، جاسارىتى يەنىلا بىزنىڭ تومۇرلارىمىزدا ئاقىۋاتقان ئاشۇ ئېسىل نەسىللىك قاندۇر ۋە قەلبىمىزدەكى ئىماندۇر. ئاناسىغا، ئاچا-سىڭلىغا، ئايالى ۋە قىزىغا ئىگە چىقالماغان بىز ئەركەكلەرنىڭ ھالىمىزغا ۋاي! مۇداپىيەسى بولماغان، قوغدىنىش كۈچى بولماغان مىللەتنىڭ ھالى مانا بىزدەك بولىدۇ. ئەگەر بىز قىساس ئالىمىز، غۇرۇرىمىزنى تازىلايمىز، ئۇزۇل-كېسىل مۇستەقىل بولىمىز دەيدىكەنمىز، قولىمىزغا قورال ئالىشقا باشلاشىمىز كېرەك. شېھىت بولۇشقا ئۆزىمىزنى ئاتايالاشىمىز كېرەك.
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : nmusabay@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|