«ئۈست بىرلىك» بىر خىرىس ئەمەس بەلكى تەشەببۇس

در. ئابدۇخالىق قارا 

بىرلىك، ھەمكارلىق- جەمىيەتىمىزدە ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن ئەمما كەڭرەك دائىرەدە رىئاللىققا ئايلىنالمايۋاتقان بىر تىما. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ئاراسىداكى بىرلىكنىڭ كەملىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچەسى ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ھەقىقەت. بۇنى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس ئۇيغۇر دىئاسپۇراسى ھەققىدە ئازراق ساۋادى بولغان چەتئەللىكلەرمۇ ئاسانلا كۆرۈپ يەتەلەگلىك. 

ئۇيغۇرلارغا قىزىقىشى بولغان تۈركىيە تۈركلەرى بىلەن پاراڭلاشقانىمدا دائىم «سەن قايسى گۇرۇپپاغا ئەگىشىسەن؟» ياكى «تەشكىلاتلارىڭىز نەمىشقا بىر ئاراغا كەلەلمەيدۇ؟» دەگەندەك سۇئاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق (ئەجەپلەنىش تۇيغۇسىدا سورۇلغان) سۇئاللاردىن دەماللىققا بىر مەنسىتمەسلىك ھىس قىلغاچقا بۆلۈنۈشنىڭ مەنبەسىنى ئۆزلەرىگە ئىتتىرىپ «تۈركىيەدە سىياسىي ئاقىملار كۆپ، ئارىسىدا پەرق چوڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ياقىنلاشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىزمۇ پارچە- پارچە ھەرىكەت قىلىشىمىز كەرەك. ئەمما چوڭ مەسىلىلەردە ھەممەيلەن بىر ئۈستەلگە كەلەلەيدۇ.» دەپ تەنە ئارالاش جاۋاپ بەرسەممۇ، دەگەنلەرىمگە ئۆزۈممۇ ئىشەنىپ كەتمەيمەن. چۈنكى بىر ئاراغا كەلەلمەسلىكنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغىلا  خاس ئەمەسلىكى، تەشكىلاتلار ئاراسىدىلا ئەمەس بەلكى نام شۆھرەتنىڭ تەمىنى تاتىپ قالغان شەخسلەرىمىز ئاراسىدامۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئەھۋالدىن خىتتاينىڭ ئۇستالىق بىلەن پايدالانىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

بىرلىك، ھەمكارلىق - دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز- ئارا قىلىشقان ھەر سىياسىي پاراڭىدا تىلغا ئالماي ۋە خۇرسىنماي ئۆتۈپ كەتەلمەيدىغان تىما. تەشكىلات- دەرنەكلارنىڭ ھەر قەدىمىگە سىرتتىن ئۈمىد بىلەن دىققەت قىلىپ كەلىۋاتقان ئويغاق كىشىەىرىمىز تەشكىلاتلار ئاراسىداكى بىرلىك ۋەھەمكارلىقنىڭ يەتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن  ئۈمىتلەرىگە چۇشلۇق ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئەرىشكەلى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تىت تىت بولماي تۇرالمايدۇ. ئەمما  شۇ تەشكىلات ۋە دەرنەكلەرنىڭ ئىچىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار، تەشكىلاتلار ئاراسىداكى بىر ئاراغا كەلەلمەسلىك، يەكلەش، چەتكە قاقىش مۇناسىۋەتلەرى تۈپەيدىلىدىن خەلقنىڭ ئۆزلەرىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتىپ قويىۋاتقانلىقىغا ھىچ دىققەت قىلمايۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پىكىرداشلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ، پەرقلىق كۆز- قاراش ۋە تەنقىدلەرگە قۇلاق يوپۇرۇپ  ياكى ئۇلارنى دۈشمەن بىلىپ يۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.

بىرلىك تەشەببۇسى يېڭى بىر تەشەببۇس، يېڭى بىر پىكىر ئەمەس، بۇ ئەزەلدىن «غەيۋەت» شەكلىدە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دائىم تىلغا ئالىنىپ تۇرىدىغان بىر تىمادۇر. ھەر بىر ئويغاق ئۇيغۇرنىڭ تەقەززاسىدۇر. ياقىندا زىيالىلارىمىز تەرەپىدىن سۇنۇلغان «ئۈست بىرلىك» تەشەببۇسى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا داۋاملىشىپ كەلىۋاتقان پىكىرلەرنىڭ ئەتراپلىق شەكىلدە قەلەمگە ئالىنىشىدىن ئىبارەت خالاس. ھازىرغا قەدەر سوسيال مەديادا نۇرغۇن تەشەببۇس ۋە پىكىرلەر ئوتتۇراغا قويۇلۇپ، تارتىشىلىپ كەلدى. ئەمما «ئۈست بىرلىك» تەشەببۇسى ھەممەسىدىن بەكرەك كۈچلۈك دولقۇن پەيدا قىلدى. بۇ قاتىم/قېتىم «ئۈست بىرلىك» تەشەببۇسىنىڭ بىردىنلا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ كەتىشىنىڭ سەۋەپلەرىدىن بىرى، دائىم ئاغىزلاردا ئاقىپ يۈرگەن بىر مەسلىنىڭ زىيالىلار تەرەپىدىن قەلەمگە ئالىنىشى بىلەن خەلققە بىر ئۈمىت ئۇچقۇنى بولۇپ كۆرۈنگەنلىكىدىن بولسا كەرەك. يەنى بۇ يازمالار ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىداكى كۆڭۈلسىز  رىئاللىقنى ئوتتۇرغا تاشلاپ دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇش تەقەززاسىغا تەرجىمانلىق قىلىپ بەردى.

كۆڭۈلنى يارىم قىلىدىغىنى شۇكى، بەزى كىشىلەر، ياخشى نىيەت بىلەن ئوتتۇراغا قويۇلغان بىر تەشەببۇسنى ئۆزلەرىگە قارىتا بىر خىرىس دەپ بىلىشتى، ئۇنىڭغا ئەستايىل قاراپ چىقىش، ئويلانىىش، ئىجابىي جەھەتتىن ئىنكاس قايتۇرۇش ئورنىغا قەلەمگە ئالغۇچىلارنى قارا نىيەت خائىنلارغا چىقارىشتى. 

«ئۈست بىرلىك» ھەققىدەكى يازمالارنى ئوقۇپ چىققان كىشى شۇنى بايقاپ يەتەلەيدۇ كى، بۇ يازمالار ھىچبىر زامان مەۋجۇت دەرنەك تەشكىلاتلارنىڭ كۆرەش ۋە تۆھپەلىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ. پەقەت بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلماغانلىقى، چەتكە قاقىش خاھىشلارىنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبىدىن شۇ ئانكى ۋەزىيەت ۋە خەلقنىڭ تەلەپلەرىگە يەتەرلىك دەرىجەدە جاۋاپ بەرەلمەيۋاتقانلىقىنى، تۈزۈملەشىش، خەلققە ئوچۇق بولۇش جەھەتتە يەتەرسىز قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مەۋجۇت دەرنەك ۋە تەشكىلاتلار ئاراىسىدا ھەمكارلىق ئورناتىلپ بىر ئۈست بىرلىك شەكىللەندۈرۈلۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 

يازمالاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلار بىر پىلان ياكى بىر نىيەت ئەمەس بەلكى خەلقنىڭ ھەتتا ئائىلەسىدەكىلەرنىڭ فاجىئەلىك ئەھۋالى ئۈچۈن سىز ۋەتەنسۈيەرلەرگە ئوخشاشلا يۈرىكى ھەر زامان ئاچىشىپ/ئېچىشىپ تۇرغان زىيالىلارىمىزنىڭ ياخشى نىيەتلىك بىر تەشەببۇسىدۇر. تەشەببۇس، ئومۇم ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر كىمنىڭ پايدىلانىشغا ئوچۇق بىر پىكىر بولۇپ، ئەگەر قىممىتى بار بولسا، سىز پايدىلانسىڭىزمۇ ياكى قولىدىن كەلىدىغان باشقا بىرلەرى پايدىلانسىمۇ بولىۋەرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا سالاھىيتى بار ئىشنىڭ ئەھلىلەرى ئالدىن ئويلاشسا ئەڭ ئاقىلانىلىك بولىدۇ، ھەركىمگە پايدا ياراتىدۇ. ئەگەر ئەمەلىيەتكە قارشى ياكى قىممەتسىز بولسا ئۆزلىكىدىن ئۇنۇتۇلۇپ يوقايدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋالدا پىكىرلەرگە شۇ ھامان  (ئوقۇپ ھەزىم قىلمايلا) ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى تۇنجۇقتۇرىۋەتىشكە ئۇرۇنۇش بۈيۈك دۈشمەنىمىز چ ك پ غىلا ياراشىدۇ.

ياڭى پىكىرلەرنى ئۆزلەرىگە قارىتا خىرس دەپ بىلىش، دۈشمەن بىلىش، ئۇنىڭغا قارشى كەسكىن مۇداپىيە ھالەتىگە ئۆتۈش زىيادە ئىچى كاۋاكلىق سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن تارتقۇرۇپ قويۇش ئەندىشىسىنىڭ ياكى ئۆزىنىڭكىنىلا ھىساپ بىلىدىغان دىكتاتورلۇقنىڭ ئىپادىسى. تەشەببۇس مەزمۇنىنى ئوقۇماستىنلا، ئۆزىگە زىيانلىق نىمە بار؟ پايدىلىق بولغان نېمە بار؟ ئانالىزىنى قىلىپ كۆرمەستىنلا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش بولسا ئىلمىي، سىياسى ۋە باشقا ھەر جەھەتتىن تەخى پىشىپ يەتىلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. 

2020-يىلى 12-ماي

تۈركىيە

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: oyghan@hotmail.com  

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.