شىنجىياڭچە خىيالىزىم

دىلىيار مۇساباي

ئالدىنقى يازمىلىرىمدا كەسىپ ئەھلى بولمىغان كىشىلەرنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىغا ئۆز نەزەرىيەسى بولغان "شىنجىياڭچە خىيالىزىم" ئېقىمىنى ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.  بۇ يازمامدا "شىنجىياڭچە خىيالىزىم" نى نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىم ۋە بۇ ئۇقۇم ئارقىلىق قانداق نۇقتىلارنى نەزەردە تۇتقانلىقىمنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، <<شىنجىياڭچە خىيالىزىم>>  مىڭىسىدە ۋەتەندىكى خىتتاي مائارىپ سىستىمىسى تەرىپىدىن يارىتىلغان خىتتاي مەركەزلىك خاتا چۈشەنچىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا كەسىپ ئەھلى بولمىغان تىمالاردا ئىزدەنمەي تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشىنى، تېخىمۇ توغرىسى جۆيلۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىستىخىيلىك سەۋەبى پەلسەپەدىكى "خىتتاي مۇھەببىتى" دۇر[1].  خىتتايچە ۋە ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلدا كەسپىي ماتېرىياللارنى كۆرۈش ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارىنىڭ بولماسلىقىمۇ سوبىكتىپ سەۋەبلىرىنىڭ مۇھىم قىسمىدۇر.

مەزكۇر خىيالىزىمنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلاردا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ:

  1.  بىزنىڭ تارىخىمىزنى ئەسلىدەكى تارىخى رىئاللىقى بويىچە تەتقىق قىلىدىغان تۈركلۈك بىلىمى رەت قىلغان ئۈچ ئەخلەتنىڭ بىرى بولغان厚黑学  (خىتتاي داپشاقلىق سەنئىتى – ئا. ج. قارلۇق تەرجىمىسى ۋە شەرھىيسى) ئۇسلۇبى بىلەن بۇرمىلاپ يېزىلغان يالغان مەنبەلەرنى ئاساس ئېلىش ۋە ئۆزىمۇ بۇراپ يېزىش.
  2. ۋەتەندە خىتتاي كومۇنىست پارتىيەسىنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكەن ئىلمىي بولمىغان سەپسەتە ئەسەرلەرنى (توغرىسى ئەخلەتلەرنى) مەنبە ئېلىش.
  3. ئەركىن دۇنيانىڭ ئاكادىمىك ساھەلەرىدەكى ئەقەللىي نەزەرىيە ۋە مېتودلارنى بىلمەسلىك.
  4. ئەركىن دۇنيانىڭ ئاكادىمىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان رەسمىي ئاكادىمىك ئەسەرلەرنى بىلمەسلىك، ئوقۇماسلىق، ئوقۇيالماسلىق ياكى ئوقۇسىمۇ مىڭىسىدىكى خىتتاي ياراتقان زىھنىيەت سەۋەپلىك قەستەن كۆرمەسكە سېلىش، خۇپسەنلىك قىلىش.
  5. ئەركىن دۇنيادا ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان بولسىمۇ دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرەلمەسلىك ۋە "ئۇيغۇرلار بەك نادان، شۇڭا دېموكراتىيە بىزگە ماس كەلمەيدۇ" دىگەندەك خىتتاي زىھنىيىتىنىڭ قاراشلىرىنى بىلىپ ياكى بىلمىگەن ئاساستا قۇبۇل قىلىش ۋە ئوچۇق ئاشكارە سۆزلەپ يۈرۈش.
  6. "پانتۈركىست"، "بۆلگۈنچى" دىگەندەك خىتتاي زۇۋانى بىلەن سۆز قىلىش ۋە بۇ ئۇقۇملارنىڭ خىتتاي تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان سەپسەتىلەر ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك، ئۆگەنمەسلىك، پاكىتنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ قۇبۇل قىلماسلىق.
  7. خىتتايچە ماتېرىيالدىن باشقىنى كۆرەلمىگەنلىكى ۋە يوشۇرۇن ئېڭىدىكى "خىتتاي مۇھەببىتى" سەۋەپلىك، ئەركىن دۇنيادىمۇ يەنىلا خىتتاينىڭ مەنبەلىرىنى ئاساسىي دەسمىي قىلىپ خىتتاينىڭ زۇۋانى بولۇش ۋە ئاكادىمىك ئەخلاققا خىلاپ ھالدا ئىلىم دەپ  بۇنداق سەپسەتەنى يۈزسىزلىك بىلەن سېتىش.
  8. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇر، مۇسۇلمان ۋە تۈرك كىملىكلىرىنىڭ كېينكى ئىككىسىدىن يىرگىنىش. غەرپ ئورگانلىرىنىڭ بۇ كىملىكلەرنىڭ ھەممىنى تىلغا ئالغان ماتېرىياللىرىنى يەنە "خىتتايچە داپشاقلىق" ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ تىلغا ئېلىش. مەسىلەن: ئامېرىكىدا قانۇنلىشىش ئالدىدا تۇرغان قانۇن لاھىيەسىنىڭ قىسقا ئىسمى بولغان "Uyghur Human Rights Policy Act of 2020" نى  "ئۇيغۇر قانۇنى" دەپ تىلغا ئېلىش ئەمما، مەزكۇر قانۇننىڭ ئەسلى تولۇق ئىسمىدىكى "ئېتنىك مۇسۇلمان تۈركلەر" قىسمىنى قەستەن يوشۇرۇش، كۆرمەسكە سېلىش[2].
  9. خىتتاينىڭ نامەرتچە كۈچلۈكتىن قورقۇپ، ئاجىزغا ھۆرپىيىش پىسخىكىسى ۋە ئىچىگە ئۇيۇپ كەتكەن شىنجاڭچە تەپەككۇر بويىچە، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ "مۇسۇلمان"، "تۈرك" كىملىكلىرىنى تەكىتلىگەن  كىشىلەرگە بىرتۇتاش "پانتۈركىست" قالپىقىنى كىيگۈزۈش، ئەمما مەزكۇر كىملىكلەرنى باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى ئاممىۋى ئورگانلار ئىشلەتكەندە ئۇلارغا قارشى ئۈنىنى چىقىرالماسلىق.
  10. ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا، "ئاھ! ئۇيغۇر!" گازى بىلەن تولدۇرۇلغان خىيالىزىم شارىدا لەيلەپ يۈرۈش. باشقىلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان "خىتتايىزمنى يادرو قىلغان شىنجاڭچە تەپەككۇر"غا ئالاقەدار ھەممە نەرسەنى رەت قىلغان ئىلمىي ۋە ئەمەلىي پاكىتلىرى تاغدەك كۆزقاراش، نەزەرىيەلەرنى چۈشەنمەي، ھەتتا بۇ كۆزقاراشلار چۈرۈتكەن خىتتايىزىمنى قوغداش كويىدا يەنىلا داپشاقلىق بىلەن "ئۇلار ئۇيغۇرنى رەت قىلىدۇ" دىگەن ئۈششۇق سەپسەتىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى "ئۇيغۇرىزىمچى" قىلىشقا ئۇرۇنۇش.
  11. كىشىلەرگە ئورۇس ۋە خىتتاي ياراتقان "پانتۈركىست" قالپىقىنى كىيگۈزۈپ ھۇجۇم قىلىش نورمال تۇيۇلۇش، ئەمما ئۆزىگە "شىنجىياڭچە خىيالىست" دىيىلگىنىدە، قالپاق كىيگۈزۈلگىنىنى ئىددىئا قىلىپ ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان تۇڭگانسىمان بالاڭزىلىق.
  12. خىتتاينىڭ زۇۋانىدىكى ئۇقۇملارنى ئىشلىتىش، مەسىلەن : "ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىگەندەك.

گەرچە "شىنجىياڭچە خىيالىزىم" زىھنىيىتىدىكى كىشىلەر ئۆزىنى ناھايىتى مىللەتپەرۋەر ھىس قىلسىمۇ، ئەمما مىڭىسىدىكى زىھنىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدۇ. مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپمۇ باقماستىن، يازغىنىنى ئوقۇپمۇ باقماستىن خىتتايچە ئۇقۇملار بىلەن خىتتايچە زىھنىيەتتىكى ئىنكاسلارنى قايتۇرىدۇ. يازغىنىدىن مىسال ئېلىپ توغرا ۋە خاتا يېرىنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئاكادىمىك مىتود ئىكەنلىكدىن بىخەۋەر، قارشى تەرەپنىڭ يازغىنىغا قارىمايدۇ، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ يازمىلىرىنى ياكى ھەرىكەتلىرىنى بۇ ئاكادىمىك مېتود بىلەن ئوتتۇرىغا قويغاندا قۇبۇل قىلالماي سەكرەپ كىتىشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاكادىمىك مېتودلاردىن خەۋەرسىلىكىدىندۇر.

"شىنجىياڭچە خىيالىزىم" نىڭ تەشكىلاتلاردىكى ئىپادىسىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزىنى نامايەن قىلدىغان بولۇپ، تەشكىلاتلارنىڭ سىستىمىلىشىشىغا ۋە دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ساغلام، ئوچۇق، دېموكراتىك مەيداندا ئەركىن داۋام قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.  شىنجىياڭچە خىيالىستلارنىڭ مۇنازىرە تەس كەلگەندە قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەر بىلەن سەكرىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئەسلى مائارىپ ۋە مەدەنىي سەۋىيەسىنى نامايەن قىلىشىدۇر.

مانا بۇلار شىنجىياڭچە خىيالىزىمنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. مەزكۇر زىھنىيەتنى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈش خەلقىمىزنىڭ كوللىكتىپ ۋىجدانىغا تايىنىدىغان بولۇپ، خەلقىمىز مەزكۇر زىھنىيەتنىڭ ئىپادىلىرىنى بايقىغان ھامان ئەدەپ-قائىدە بىلەن سوئال سوراش شەكلى ئارقىلىق شىنجىياڭچە خىيالىزىم زىھنىيىتىدىكى كىشلەرنى مات قىلىشى لازىمدۇر. نۆۋەتتىكى ئويغۇنۇش دەۋرىنىڭ خەلقىمىزدە يارىتىۋاتقان سەگەكلىك، تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، خىتتاي يوقاتماقچى بولغان "مۇسۇلمان! ئۇيغۇر! تۈرك!" كىملىكىگە قارىتا ئىزدىنىشنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىشنىڭ ھەقىقىي ساھە ئەھلىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتىشى بىلەن يىللاردىن بەرى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ كىلىۋاتقان مەزكۇر خىتتايچە زىھنىيەتنىڭ تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

2020-يىلى 29-ماي مەلبورن

 

[1] https://www.congress.gov/bill/116th-congress/senate-bill/3744/titles 

[2] https://www.youtube.com/watch?v=-RO2e5ZW76o

 

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: d.musabay@gmail.com   

 ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرئىر ۇئۇ ئۇئۇ ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر .