ئۈست بىرلىك ئۈچۈن چۇقان

پروف.در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

 

«ئۇيغۇر»نىڭ مەناسى «ئۇيۇشماق، بىرلەشمەك» ئىكەنلىكى ئۇيغۇرچە ئوقۇغانلارغا مەلۇملۇق. ھەتتا،«شىنجياڭ»دا خىتتايچە ئوقۇغانلارغامۇ مەلۇملۇقتۇر. ئەرەپ، ئۇردۇ ۋە رۇس تىللارىدا ئوقۇغانلارنىڭ ئۇشبۇ مەنادىن خەۋەردار بولۇپ بولماغانلىقى ماڭا نامەلۇم... 

ئەقلىمنى تاپسام، ئۇيغۇرلاردا «بىرلەشىش»، «ئۇيۇشۇش» ئەدەبىياتى ۋە ۋايساشلارى كەڭرى ئىكەندۇق...كەيىنچە جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمىنى تەھسىل قىلىپ سەۋەبىنى ھەم «كەرەكىنى، لازىملىقىنى» بىلىپ يەتتىم دەسەم بەلكى مۇبالىغە بولماس.

كىچىككىنە بىر مىسال: 1990-يىلىنىڭ كۈزىدە خىتتاي پايتەختى بىجىندە ئۇنىۋىرسىتىتقا باشلادىم. سىنىپىمىزدا ۋەتەنىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەرىدىن كەلگەن 18 ئوغۇل ۋە يەتتە قىز ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ساۋاقداشلارنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى خۇسۇسەن ئىچەرمەن ۋە بالاڭزا مىجەزلىكلەر ئوقۇش باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆزىگە سىغماغان، ئىچىشنى، چەكىشنى بىلمەيدىغان «ئالتە شەھەرلىك»لەرنى چەتكە قاقىشقا،ھاراق ئىچىپ مەست بولۇر بولمايلا جىدەل چىقارىپ ئۆزئارا ئۇرۇشۇشقا باشلاغان ئىدى. ھەتتا قازاق ۋە قىرغىزلارنى تۆۋەن كۆرۈپ بوزەك قىلىش ۋەيا سەپ تۇتۇپ ئۇرۇشۇشمۇ ئاز ئەمەس ئىدى... يەنى «بىرلىك» يوق ئىدى. بىر كۈنى مۇسۇلمان ئاشخاناسىدا «توڭگۇز گۆشى» چىققانلىقى خەۋەرى بىلەن ئۇشبۇ ئاشخاناداكى «خىتتاي-تۇڭگان»لار  بىر تەرەپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئاز سانداكى قازاق، قىرغىزلار يەنە بىر تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشتى. قاراسام ھەر كۈنى ئۇرۇشىدىغان، تەرەپباز نوچىلار، يۇرتۋازلار بىر سەپتە ھەقىقەتەن «ئۇيۇشۇپ» بىر بىرىگە ھەمدەم بولۇپ بىرلىكتە «خىتتاي»غا قارشى «ئۇيغۇر» بولۇپ چوڭ «جەڭ»گە كىرىشىپتۇ... مەكتەپ مەمۇرىيەتى سەۋەپكارلارنى سۈرۈشتە قىلغاندا، چاقىمچىلارمۇ، قىزىل ئاۋانگارتلارمۇ «پاش قىلىش»تىن باش تارتقان ئىدى.

دەمەككى، جانىجان مەنپەئەت، مۇقەددەس قىممەتلەر تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە ۋە بۇنى ھەقىقەتەن ئىدراك قىلغاندا، «بىز» ۋە «ئۇلار» چىگراسى كەسكىن بولغاندا كىشىلەردە ئورتاق مۇداپىئە ئۈچۈن بىرلەشىش ۋە ئۇيۇشۇش تەبىئىي ھالدا ئوتتۇراغا چىقار ئىكەن. 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە، تولۇق قۇراللانغان خىتتاي ئارمىيەسىگە قارشى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولماغان، ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان «ئالتە شەھەرلىك» ئىشلەمچىلەر ۋە ھارۋا سۆرەپ تىرىكچىلىك قىلادىغان يىگىتلەردەكى مەردانە جاسارەتنىڭ، ئىشخاناسىنىڭ دەرىزىسىدە مۆكۈنۈپ تۇرۇپ كۈزەتكەن پارتىيەلىك قورقۇنچاق ئۇيغۇرلاردا مىللەتىگە ھەيرانلىق ۋە ئۈمىد تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىۋاسىتە ئۇلاردىن ئىشىتكەن ئىدىم. كەچىكىپ ئويغانغان قورقۇنچاق زىيالىيلارىمىز بىلەن ئەنە شۇ تارىختا خىتتايغا ھەمكارلاشقان نۇر بەكرىگە ئوخشاش مۇناپىقلار، كۈنىمىزدەخىتتاي فاشىستلەرى تەرەپىدىن قاراقويۇق جازالانماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر بەلكىم تۈرمە ۋە لاگىرغا سولانىشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر» بولالماغانىغا، خىتتايغا قارشى تەدبىر ئالالماغانىغا ئەمدى ئۆكۈنۈۋاتقاندۇ...ئەيتاۋۇر.

ۋەلھاسىل، كۈنىمىزدە دىئاسپورا ئۇيغۇرلارى تەخىچە بىرلەشەلمەگلىك. ھەتتا ۋەتەن-مىللەت داۋاسىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خەلقئارالىق چوڭ ئورگانى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىدەكىلەر، ۋەتەنىمىزدە قىرغىن باشلاغان 2017-يىلى چەتئەللەردەكى پۈتۈن كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى كەرەك بولغان پەيتتە، ئىچكى ئۇرۇشنى، سىياسىي ئۆزگەرىشنى پەيدا قىلىپ پۈتۈن بىر يىلنى غەۋغا بىلەن تۈگەتتى. خىتتاي بولسا چەتئەللەردەكى بۇ ئەھۋالدىن ئۇستالىق بىلەن پايدالاندى ۋە مىليونلارچە خەلقىمىزنى لاگىرلارغا تىقتى، نومۇس ۋە شەرەپىمىزنى دەپسەندە قىلدى. يامان ئەمەس كەتىپ بارغان قۇرۇلتاي پارچالاندى. ئاقىبەتتە، كىم پايدا ئالدى؟ كىم ۋەيا كىملەر مۇرادىغا يەتتى؟ تۈركىيەدەك موھىم بىر دەۋلەتتە، (كەيىنكى ئۈچ يىلدا) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىنىڭ پائالىيەتلەرى تۇيۇلماس، ئىشىتىلمەس بولدى. مەديا ئۇرۇشى ئەڭ ئۆتكۈر جەڭگاھقا ئايلانغان كۈنىمىزدە، تۈركىيەدىن قۇرۇلتايغا ئىككىنجى باشلىق بولغان كىشىنىڭ سوتسىئال مەديا ھىسابى يوق... تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى بەلكىم ئۆتمۈشتەكى ئەڭ پاسسىپ ھالغا چۈشتى. خىتتاي– تۈركىيە مۇناسىۋەتى خىتتاي مەركەزلىك ھالدا تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقارى پەللەسىگە چىقتى. تۈركىيەدە دەرنەكچىلىك ساندا تەرەققى، سۈپەتتە چەكىندى. تەشكىلاتچىلار ياڭى/يېڭى ۋەزىيەتتە ياڭى سىياسىي ستراتىگىيە تۈزۈش ئورناغا كونا مۇقامدا، ھەتتا «ھاپىتىغا چاپىتى، توڭرالىققا مەرەزدار» پەلسەپەسىدە «كۆرلەر ۋە گاسلار بىر بىرىنى مىھمان قىلىشۇر» مىسالى ئوپقەتچىلىككە داۋام قىلدى. تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسەلەسى بولغان ئىقامەت ۋە گراژدانلىق تولۇق ھەل قىلىنالماي، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدە ئونمىڭلارچە ئۇيغۇر ئۆشرە-زاكاتقا مۇھتاج ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. دەۋلەتنى چۈشىنەدىغان زىيالىيلارنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىگە مەسەلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن كەلگەنلەرگە قاراتا «دىنى ۋە پسىخولوگىيەلىك نورماللاشتۇرۇش»، «تۈركىستان مەھەللەسى قۇرۇش»، «داۋانى پارتىيەلەر ئۈستى قىلىش» ...  قۇلاق سالماي ئۆزلەرىنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك خاھىشلەرى بويىچە مۇھاجىرلەرىمىزنى «ئىدارە قىلىش» يولىنى تۇتۇشتى. نەتىجەدە مەۋجۇت دەرنەك ۋە تەشكىلاتلار  2017- يىلىدىن كەيىن ئوتتۇراغا چىققان ۋەزىيەت ۋە ئىھتىياچقا جاۋاپ بەرەلمەيلا قالماي، دىئاسپورادا بۆلۈنۈش، قۇتۇپلاشىشنى تىزلەتتى.

تۈركىيە ئۇيغۇر دىئاسپوراسى دۇچ كەلگەن ئىقامەت، گراژدانلىق، ئىشسىزلىق، ئىزچىل يوقسۇللاشىش، ئائىلە-نىكاھ مەسەلەسى، ئاجرىشىش، پەرزەنت تەربىيەسى، ياشلار مەسەلەسى بىلەن كۈلتۈرەل ياتلاشىش ۋە پسىخولوگىيەلىك چاتاقلار ... قاتارلىقلار ئىجتىمائىي مەسەلەلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەر ساھە ئۇيغۇرلارى ھەرخىل سەۋىيەدە ۋە چاماسى يەتكەنچە باش قاتۇرماقتا. يازما ماقالە ۋە ت.ۋ. پروگراممالارىدا مەسەلەلەر تەھلىل قىلىنماقتا،مۇۋاپىق تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەر بولسا ئوتتۇراغا قويۇلماقتا. مەسەلەن بۇ يىل ئىچىدە پروف.در. ئابدۇررەشىد ج. قارلۇق ۋە پروف.در. ئالىمجان ئىنايەتلەر ئۆز ساھەسى بويىچە مەۋجۇت مەسەلەلەرنى ھەل قىلىش يولىدا تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇراغا قويۇش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىكلەرگە چاقىرىق قىلدى. بۇ ھەقتە  قارلۇق « بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى» تىماسىدا 4 بۆلۈملۈك بىر ماقالەسىنى 2020-يىلى1-مارتتا كۆكتۇغ مۇنبەرىدە  (https://ziyali.sutuq.com/koktugh) ئىلان قىلدى. بۇ ماقالەدە قارلۇق، تۈركىيە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىداكى مەسەلەلەرنىڭ ئوتتۇراغا چىقىشى ۋە رىئاللىقىنى سوتسىئولوگىيە نۇقتاسىدىن تەھلىل قىلغاندىن كەيىن تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان، تۈركىيەدەكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ھەممە مەسەلەلەرىگە جاۋاپ تاپىشنىڭ كويىدا بولۇپ تۈرك دەۋلەتى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارى بىلەن ھەر خىل سەۋىيەلىك، نەتىجە ئالغۇچى ئۇچراشىشلارنى قىلالايدىغان بىر ئۈست بىرلىك/كومىتىت/شۇرا قۇرۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇراغا قويدى. پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم بولسا 2020-يىلى 1-ئاپرىلدا ئۇيغۇر ئاكادەمىيىسى تور بىكەتىدە  (https://www.akademiye.org/ug/)«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى» تىماسىدا بىر ماقالە ئىلان قىلىپ «كەڭ قاناتلىق بىر ئۈست قۇرۇلمىنى ھاسىل قىلىش كەرەك» دەگەن تەكلىپىنى ئوتتۇراغا قويدى. شۇنداقلا پىدائىيلار ئېكرانىدا ئا. ج. قارلۇق 2020-يىلى 9-ئاپرىلدا «تۈركىيە ئۇيغۇر جەمىيەتىدە ساقلاناۋاتقان مەسەلەلەر ۋە ھەل قىلىش يوللارى» تىماسىدا، ئالىمجان ئىنايەت 2020-يىلى 16-ئاپرىلدا « شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى» تىماسىدا تەلەۋىزوردا ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزدى ۋە ھەر ئىككى زىيالى تۈركىيەدەكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ھەرخىل مەسەلەلەرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تۈركىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىكىدىن ئىبارەت ئۈست بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى كەرەكلىكىنى شەرھىيلەش بىلەن بىرگە  ئۇنىڭ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى قايتا قايتا شەرھىيلەدى.

زىيالىيلار بىر مىللەتنىڭ ۋىجدانىدۇر، شۇنداقلا جەمىيەتىنىڭ سەركەسى ۋە سەرخىلىدۇر. شەرقىي تۈركسىتانلىق زىيالىيلار مەيلى ئۇيغۇر ۋەيا قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار بولسۇن ھەممەسىنىڭ مىللىي بىرلىك ۋە ئۇيۇشۇشنى زۆرۈر دەۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇق، بولۇپ تۇرماقتامىز. مەسەلە ئۇشبۇ بىرلىكنى قانداق قىلىپ روياپقا چىقارىش ۋە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشتادۇر. بىزچە، مىللىي مەۋجۇدىيەتىمىز دۇچ كەلگەن غايەت زور تەھدىت ۋە مەۋجۇت بۆھرانلار بىزنى بىرلەشىشكە مەجبۇرلاۋاتقان ئەڭ چوڭ ۋە كۈچلۈك ئىتتىرگۈچ ئامىلدۇر. شەرقىي تۈركىستانداكى قىرغىنچىلىق ۋە دەپسەندەچىلىك ھىچقانداق بىر جۇغراپىيەدە ۋە ھىچقانداق بىر مىللەتتە كۆرۈلمەگەندۇر. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا خىتتاي كومىنىستلارى پەقەتلا ئىرقىي ۋەيا بىئولوگىيەلىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەيۋاتىدۇ، فىزىئولوگىيەلىك، ئىكولوگىيەلىك ۋە كۈلتۈرەل  قىرغىنچىلىقنى ماس قەدەملىك ھالدا داۋام قىلدۇرىۋاتىدۇ. بىزلەر ئويناپ چوڭ بولغان مەھەللە، يۇرت، دۇئا قىلغان مىڭ يىللىق قەبرىگاھلار، ناماز ئوقۇغان مەسچىتلەر بىلەن بىرلىكتە چوڭ بولغان دوستلارىمىز ھەتتا ئائىلە ئەزالارىمىزدىن ئىز قالمايۋاتىدۇ. ئەرسىز قالغان ئائىلەلەردە نومۇسىمىز كىرلەتىلمەكتە...نارەسىدە پەرزەنتلەرىمىز خىتتايلارنىڭ قولىدا نابۇت قىلىنماقتا. تۈرمە ۋە لاگىرلاردا مىليونلارچە مىللەتداشىمىز چەتئەللەردەكى قارىنداشلارىدىن مەدەت كۈتمەكتە، ئۈمىت كۈتمەكتە! مۇشۇنداق بىر پەيتتە «بىرلىك» ئۈچۈن چۇقان سالماغانلارنى ۋە بۇ چۇقانغا توسالغۇ بولغانلارنى ھەتتا جىم تۇرۇپ قۇلاقلارىنى يوپۇرغان ئەخمەقلەرنى خىتتاي بىلەن ھەمكارلاشقۇچى مەلئۇن، غالچا سۈپەتىدە كۆرمەك مىللىي مەۋجۇدىيەت نۇقتاسىدىن توغرادۇر.

ئەلبەتتە ياراتىلىشىمىزدىن، ئالغان تەربىيە، يەتىشكەن ئائىلە مۇھىتىمىزدىن، پەرقىدە بولۇپ بولماي يۇقتۇرۇپ ئالغان يات مىللەت تەسىرلەرى ۋەيا ھەرخىل ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ ۋىرۇسلارى تۈپەيلى بىر بىرىمىزدىن پەرىقلىق دۇنيا قاراش، كۈلتۈر ۋە ئادەتلەرىمىز بولۇشى مۇقەررەر. پەقەت بۇگۈن بۇ پەرقلەرىمىزنى پەش قىلادىغان، ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتادىغان چاغ ئەمەستۇر!.  كۈن بىرلىك ۋە بارابەرلىك كۈنىدۇر،بۇگۈن «سەن»، «مەن» ئەمەس «بىز» كۈنىدۇر. شەخسىي غۇم، ئاداۋەت ۋەيا ھىسسىياتلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن قۇچاقلاشىش ۋاقتىدۇر. ھەركىمنىڭ ئىقتىدارى، قىلغان ئەتكەنلەرى ئۆزلەرىگە ئاياندۇر. كۈن سەمىمىيەت كۈنىدۇركى، مىللەتكە، ۋەتەنگە ساداقەتىمىزنى ئىپادەلەش چاغىدۇر.

2020-يىلى 21-ئاپرىل يىلىكىمگە ئورناغان كاشغەر

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com   

   ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.