
|
خىتتاي فاشىزمى ۋە دەرنەكچىلىكىمىز
ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق ئىزاھات: يازمامىزدا مائارىپ باش كاتىبىنىڭ بايانلارىغا قاراتا مائارىپنىڭ دىئساپوراغا رەسمىي بىر ئىزاھات، چۈشەندۈرۈش بەرىلمەگەنلىكى ئۇرغۇلانغان ئىدى. بۇگۈن مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ 6-سىنتەبىردە مائارىپنىڭ تور بەتىدە رەسمىي بىر ئىزاھات ۋە چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكى ماڭا يەتكۈزۈلدى. ئۇشبۇ ئاچىقلاما ھەقىقەتەن دىققەتىمدىن قاچىپتۇ. بۇ تۈپەيلى يازمامنىڭ مۇناسىۋەتلىك جۈملەسى تۈزەتىلدى. مائارىپ ئىدارەسىدىن ۋە ئوقۇرمەنلەردىن ئۇشبۇ سەھۋەنلىكىم تۈپەيلى كەچۈرۈم سورايمەن. 2020-يىلى 16-سىنتەبىر ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 12:24 .
شەرقىي تۈركىستان توپراقلارى، خىتتاي كومۇنىست ئىشغال ئارمىيەسى تەرەپىدىن تامامەن كونترول قىلىنغاندىن كەيىن، خىتتاي زىھنىيەتىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئىدارى تەشكىلاتلانىش نەتىجەسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتتاي پورمۇلاسىدا « مۇستەقىل مىللەت» قىلىپ قوبۇل قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا يەرلىك خەلقلەرىنىڭ (خىتتاي تىللىق تۇڭگانلار بۇنىڭ سىرتىدا) نامىدا ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، يېزالار قۇرۇلغاندىن كەيىن، ئۇيغۇرلار خىتتاينىڭ نۇقتالىق زەربە بەرىدىغان، ئاجىزلاشتۇرىلىدىغان «مەخپىي دۈشمەن» مىللەتى بولدى. سوغۇق ئۇرۇشتىن كەيىنكى ياڭى/يېڭى خەلقئارالىق ۋەزىيەتتىن ناھايەتى ئۇستالىق بىلەن پايدالانغان خىتتاي، ئەمەلىيەتتە 1996-يىلى خىتتاي مەركەزىي ھۈكۇمەتىنىڭ 7-نومۇرلۇق ھۈججەتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر مىللەتىنى خىتتاي دەۋلەتى ۋە مىللەتىنىڭ ئاشكارا دۈشمەنى قىلىپ بەكىتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، خىتتاي ئۆلكەلەرىدەكى ئۇيغۇرلار چەتكە قاقىلىشقا، ھەرخىل جىنايەت گۇرۇھلارىنىڭ چاڭگىلىغى دەۋلەت زورى بىلەن ئىتتىرىلگەن بولسا، ۋەتەنىمىزدە دىنىمىز ئىسلام ئاممىۋىي سورۇن ۋە كۈلتۈر دۇنيامىزدىن بىر بىر سىقىپ چىقارىلىپ چەكلەنگەن، سىستىمالىق كۈلتۈر قەتلىئامى باشلانغان، نامراتلاشتۇرۇش، باقىندالاشتۇرۇش ئىزچىللاشتۇرۇلغان ئىدى. غۇلجا قەتلىئامى بىلەن مەشرەپ ۋە باشقا مىللىي كۈلتۈرنى نەسىللەرگە يەتكۈزىدىغان، ناشايان قىلمىشلارنى توسۇپ مىللىي مەۋجۇدىيەتنى تەكىتلەيدىغان يۇمۇشاق كونترول مىخانىزمالارىمىز يەنە دەۋلەت زورى ۋە ھەيدەكچىلىكىدە ۋەيران قىلىندى. زەھەرلىك چەكىملىكنىڭ يايىلىشىغا كۆز يۇمغان مۇستەملەكە دائىرەلەرى، ئەيدىز كەسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئاراسىدا دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر رايونىدىكىدىنمۇ تىز يامرىشىغا كۆز يومدى (بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ رەسمى ئىستاتىستىكالىق مەلۇماتلارى، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجادا ئالىپ بارغان نەچچە يىللىق مەخسۇس تەتقىقاتلارىمىز بار). ئۇيغۇرلار ئاراسىدا ئىشسىزلىقنى مۈمكىن بولغان ئەڭ يۇقارى پەللىگە چىقارغان قاتىل ۋاڭ لېچۈەن، بۇنى «خىتتايچە ۋە خىتتاي كۈلتۈرى بىلەن خىتتاي قانۇنلارىنى بىلمەسلىك»كە باغلاپ يەرلىك ئىشبىرلىكچىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن نامدا «قوشتىل» ئەمەلدە «تاق تىللىق» سىياسەتىنى ۋە ئاشىنچە/ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلەرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ستراتىگىيەسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلادى. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى قەستەن پەيدا قىلغان فاشىست ھۈكۇمەت، ئۇيغۇرلارنى ياتلارغا تېرورىست، ئاشقۇن كۆرسەتىش ئۈچۈن پۈتۈن دەۋلەت ئەقلىنى، ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەتىنى سەپەربەر قىلدى. پۈتۈن بۇ زۇلۇم ۋە ئىشكەنجە ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچە تىركەشىشىنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتىنى، قانداش تۇغقانلار ۋە دىنداش ئۈممەتلەرنىڭ ياردەم قىلىش ئىھتىماللىقىنى مۈمكىن بولغان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن خىتتاي فاشىزمى، 2016-يىلىدىن كەيىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى بۇرۇنقىدەك «دۈشمەن ئۇيغۇر، دوست قازاق» دەپ ئايرىماستىن قارشىلىق كۆرسەتىش ئىھتىمالى بولغانلارنىڭ تامامىنى نازى لاگىرلارىغا تىقىشقا، بۇ يەرلەردە ئىنسان قالىپىدىن/قېلىپىدىن چىققان زۇلۇم ۋە ئىشكەنجەنى قىلىشقا باشلادى. لاگىر سىرتىدا قالغان ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ نامۇسىنى كىرلەتكەلى، ئەڭ ئاغىر ئىشلاردا قۇل قىلىپ ئىشلەتكەلى تۇردى. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان، ئىشلەۋاتقان، ياشاۋاتقانلارنى ھەرخىل قۇۋلۇق، شۇملۇق ۋە تەھدىتلەر بىلەن ۋەتەنگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى. قايتقانلار لاگىرلارغا سولاندى ۋەيا كەسىلدى. چەتئەللەردە قالغانلار ئالدىنقى بىر يىلدا ئاۋازىنى چىقارماي «بەلكى ئۆتۈپ كىتەر» دەپ كۈتتى. ياكى كىمىلەرى ئائىلەسىدىن خەۋەر ئالىشقا، يۇرتتا بولىۋاتقانلارنى تەپسىلى بىلىشكە تىرىشتى. يەنە بىر قىسىملار بولسا، ھەرخىل شەكىلدە ئائىلەسى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتقان بولغاچقا، بۇرۇنقى مۇقامىغا داۋام قىلىۋەردى. مانا مۇشۇنداق تارىخى پاجىئە باشلانغان چاغدا، چەتئەللەردە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىددىئا قىلغان دەرنەكلەر ۋە تەشكىلاتلار غايەت زور بىر سىناققا دۇچ كەلدى. كۈچىنى ۋە تەسىرىنى كۆرسەتىپ بۇ زۇلۇمغا قارشى يەرشارى خاراكتىرلىق كامپانيا باشلاتىشى كەرەك بولغاندا، مۇھاجىرەتتەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىدا ئىچكى ئۇرۇش باشلاتىلدى. مۆھتەرەم باشقانلار، لىدەرلەر ستراتىگىيە مۇتىخەسسىسلەرىنىڭ كۆرسەتمەلەرىگە بىنائەن، ۋەتەندە بولىۋاتقانلارنى ئۇنۇتقاندەكلا بىر بىرىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىپ خىتتايغا خاتىرىجەم ئىمكانىيەت ياراتىشتى. ھەتتا بىر زامانلار «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاناسى» دەپ باش تاجى قىلغان رابىيە قادىر خانىمنى مەدەنى ئۆلچەملەرگە توشمايدىغان ئۇسلۇپتا قۇرۇلتايدىن ئۇزاقلاشتۇردى. ئەسلىدە پۈتۈن دۇنياداكى تەشكىلاتلار قوزغالىپ خىتتاينىڭ ئۇشبۇ لاگىر قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىشى لازىم ئىكەن، بۇنى قىلىشمادى. تۈركىيەدەك موھىم بىر دەۋلەتتە يېڭى/ياڭى قۇرۇلتاي رەھبەرلىكى بۇ دەۋلەتتەكى كۈرەشنى، داۋانى تامامەن پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بىلىشىمىزچە بۇ پاسسىپ ھالەتتىن راھاتسىز بولغانلار ئاساسەن يوق. ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ كۈچى مۆلچەرلىگۈسىز بولغان مۇشۇنداق بىر دەۋردە، بۇ ساھەدىن ساۋادى بولماغانلار تەشكىلاتلارنىڭ يۈگەنىنى قولىغا ئالىشتى ۋەيا ئالىشىغا ھامىيلارى ئىمكانىيەت ياراتتى، ئۇلارغا يەشىل چىراق ياقتى. خىتتاينىڭ پۇلىغا مۇپتىلا ئاتالمىش كونسىرۋاتىپ، ئىسلامچى ھۈكۈمەتنى بىئارام قىلمايدىغان، ئۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغانلارنىڭ ئالدى، يولى ئاچىلدى، ئىمكانىيەتلەر بەرىلدى... شەرقىي تۈركىستان خەلقى قان يىغلاۋاتقاندا، ۋەتەن تامامەن مۇنقەرز بولاي دەۋاتقاندا، تەشكىلاتلار ياڭىچە تەرەققىياتقا ماس ھالدا ئۆزلەرىنى ياڭىلامادى، قان ئالماشتۇرمادى. تەنقىت تەۋسىيەلەرگە پىسەنت قىلماي ئەتراپىغا يىغقان ئوپقەت چوپقەتلەر بىلەن بەرىلگەن قارىنداشلارچە تەۋسىيەلەرنى، يوللۇق تەنقىت قىلغان مىللەت سەرخىلى زىيالىي، ئۆلىمالارنى خىتتايدىنمۇ خەتەرلىك دۈشمەن قىلىپ رەسىملەر سىزىپ ئۈلگۈردى. بۇ قىلغانلارى سەۋەپلىك مىللەت ۋە خالايىق ئالدىدا ئۆزلەرى رەزىل بولۇشسىمۇ، «يەڭىلگەن چېلىشچى چېلىشقا تويماپتۇ» دەگەندەك يۈزلەرىنى قالىن قىلىپ يەنە كونا مۇقامىغا نازىرگوم ئويناپ يۈرۈشتى. كىشىنى ئويغا سالىدىغانى شۇ بولدى: ۋەتەندە خىتتاي زىيالىي، ئۆلىمانى دۈشمەن كۆرۈپ جازالاسا، چەتئەللەردەكى مۇتىئەسسىپ كۈچلەر بىلەن خىتتاينىڭ تاسمالىقلارى ئوخشاش زىھنىيەتتە، مىللەت دەردىدە پۇچۇلانغان، پەقەت ئۇلارنىڭ ئىندىكىگە كەلمەگەن، مىللەت مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆڭۈل ئاياماغان زىيالىي، ئۆلىماغا ئۆچمەنلىك قىلىشتى. ئۇلارنىڭ كەمتەرلىك بىلەن مىللەت سەرخىللارىغا قۇلاق بەرمەسلىكى، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى ۋە سالماقتا. بۇ جەرىياندا، بىر تۈركۈم جانباقتى دىپلومالىقلار بىلەن دىنىي نىقاپقا ئورالغان ۋائىزلار، ھازىرلانغان سەھنەدە ھەق ھوقۇق، ئادالەت ۋە مىللەت ئىستىقبالى ئۈچۈن مۇستەقىل تۇرۇشماستىن، كۆپىنچە مۇئەييەن مەنپەئەت گۇرۇپپالارىنىڭ بويۇنتۇرىقىغا كىرىشتى، ئۇلارنىڭ گۇپپاڭچىلىقىنى قىلىشتى... بۇ ھادىسەلەر ماھىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ تەخىچە خىتتايچە زىھنىيەتتىن قۇرتۇلۇپ چىقالماغانلىقنىڭ بىر ئىپادەسى ئىدى. يەنە بىر قىسىم گۇرۇھلارنىڭ يەنىلا جىمجىت تۇرىۋېلىشى، مىللەت ۋە خەلق مەنپەئەتى بىلەن كارى بولماسلىق يولىدا جاھىللىق قىلىشى بولسا كىشىنى تەخىمۇ بىئارام قىلماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئايرىم تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر تۈر بىخۇتلۇق ۋەياكى نانكۆر، تۇزكورلۇقنىڭ تاپىلغۇسىز ئۆرنەكىدۇر. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، سىنتەبىرنىڭ باشىدا ئىستانبۇلداكى مائارىپ دەرنەكىنىڭ باش كاتىبىنىڭ ئىستىقلال تېلېۋىزورىدا بەرگەن بىر مۇلاقاتىدا بەزى ئەھۋاللارنى ئۆز تىلىدا تەكرار تەكرار بايان قىلىشى، خۇددى ئوت ئۈستىگە بەنزىن تۆككەندەك بىر ھالغا سەۋەبچى بولغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ۋاتسئاپ توپلارىدا، كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغان ئاجايىپ غەلىتە ئىددىئا، مۇددىئا ۋە باياناتلار ئۇچۇپ يۈرمەكتە. بۇ ئەھۋالغا قاراتا، مائارىپنىڭ تور بەتىدە 6-سىنتەبىردە دىئاسپوراغا قاراتا رەسمىي بىر چۈشەندۈرۈش، ئىزاھات بەرىلگەندىن كەيىن (https://maarip.org/uyghur/?p=6623)، موداسى ئۆتكەن مۇداپىئە، كوللىكتىپ ئاقلاش، يانداش ھىمايەسى دەگەندەك تەشۋىقات تەرغىباتلارنى كۆپلەپ قىلىشى، ھەتتا دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۈىزور قاناللارىدىن بىرى بولغان «ئىستىقلال»نىڭ مۇستەقىللىقىنى يوقاتىپ ئاغماچى مەۋقەدە بولۇشى بولسا تەشكىلاتلارداكى قاتماللىقلار بىلەن دىئاسپورامىزدا ھەل قىلىنماسا بولمايدىغان بىر بىرىدىن موھىم مەسىلەلەرنى كۈن تەرتىپكە ئەكەلمەكتە. شەخسلەرنىڭ خاتالىقى، قۇرۇملارنى، ئورگانلارنى باغلاماسلىقى، ئۇپراتماسلىقى لازىم. بۇنىڭغا يول قويماسلىق ئۈچۈن، خاتالىقلار ۋاقتىدا تەسپىت ۋە تەيىت قىلىنىپ جازاسى ئىستەر شەرىئەت بويىچە، ئىستەر دەرنەك قۇرۇلغان دەۋلەتنىڭ قانۇنى بويىچە بەرىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىشى شەرتتۇر. ئەگەر ئاساسى يوق بىر غەيۋەت بولسا، ۋاقتىدا بۇنىڭ غەيۋەت ئىكەنلىكى خەلققە بىلدۈرۈلمەكى لازىمدۇر. ئۇزاتماق، پەقەتلا مىللىي كۈرەشكە زىيان سالىدۇ. ھەممەگە مەلۇم بولغاندەك 2017-يىلى لاگىر باشلاغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىداكى ئىچكى زىددىيەتنىڭ سۈنئىي كاتالىزاتورلۇق بىلەن ئىچكى قالايمىقانچىلىق چىقارىلىپ ئىنىرگىيە خوراتىلغان ۋەيا ئاكتىپلار سىقىپ چىقارىلغان، تۈركىيەدەك موھىم دەۋلەتتە قۇرۇلتاي تامامەن پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈلگەن بولسا؛ كۈنىمىزدە خىتتاي فاشىزمى ۋەتەندەكى قىرغىننى تىز سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقان، خەلقئاراداكى مەدەنىي ئەللەر بىز ئۈچۈن ئاۋاز بەرىۋاتقان، تۈركىيە باشتا نۇرغۇن شەرق ئەللەرىدەمۇ مۇئەييەن جامائەت پىكرى شەكىللەنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تەشكىلاتلارنىڭ ھەرەكەت، پائالىيەتلەرىنى ھەرخىل ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ تەخىمۇ ئاكتىپ بولۇشى شەرت بولىۋاتقاندا جىددىي مەزگىلدە، يەنە بىر تەشكىلات-دەرنەك كرىزىسىنىڭ چىقىشى ۋەيا چىقارتىلىشى بىزنى قورقۇتماقتا. ئەڭ ئەجەللىك مەسىلە بولسا، قۇرۇلتاي تەجىرىبەسىدىن ساۋاق چىقارىلىپ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بۇ كرزىسنى ياخشى باشقۇرۇپ بىر تەرەپ قىلماي، ئۇزۇنغا سوزۇش ئارقالىق يەنە بىر ئىنىرگىيە خوراتىپ كىشىلەرنى مەيۈسلەندۈرىۋاتقاندەك رىئاللىقلاردۇر. بۇ رىئاللىق بىزنى جىددىي تەدبىر ئالىشقا مەجبۇر قىلماقتا. بۇ مەسىلەنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مىللەت سەرخىللارى ۋە ھەر ساھەنىڭ ھەر خىللارىنىڭ سەپەربەرلىكى شەرت بولماقتا. چۈنكى بۇ دەرنەكلەر، تەشكىلاتلار مىللەتىمىزنىڭدۇر. مۇئەييەن شەخسلەرنىڭ خاتالىقى بىلەن ئىزچىل ئۇپراتىشقا، ھەتتا پاسسىپلاشتۇرۇشقا ھىچكىمنىڭ ھەققى، ھوقۇقى يوقتۇر. بىز، بىر قانچە يىللاردىن بەرى دىئاسپوراداكى مۇناسىۋەتلىك دەۋلەتلەردە قانۇنلۇق قۇرۇلغان دەرنەكلەرنىڭ تۇرىۋاتقان دەۋلەتلەرنىڭ قانۇن تۈزۈملەرىگە بىنائەن پائالىيەت قىلىشىنىڭ، خۇسۇسەن باقىۋەندە دەرنەكچىلىك، مونوپول تەشكىلاتچىلىق/دەرنەكچىلىكتىن ۋاز كەچىپ كەسپىيلەشكەن دەرنەكچىلىككە/تەشكىلاتچىلىققا ئۆتۈشنىڭ موھىملىقىنى؛ قۇرۇلۇش مەقسەت، مۇددىئاسىنىڭ سىرتىداكى پائالىيەتلەرگە چات كەرمەسلىكىنى، ئىش تەقسىماتىنىڭ ۋە مەخسۇسلاشىشنىڭ موھىملىقىنى ئىزچىل تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تۈركىيەگە ئوخشاش دىئاسپورا نوپۇسى كۆپ دەۋلەتلەردەكى ھەرقايسى دەرنەك مەسئۇللارى ۋە دىئاسپوراداكى ھەر ساھە زاتلارى بىلەن ھەر قاتلام تەمسىلچىلەرى قاتناشقان، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قوللاغان بىر ئۈست بىرلىكنى تەسىس قىلىشنىڭ موھىملىقىنى خۇسۇسىي سوھبەتلەردە ئىزچىل تەكىتلەدۇق، كەيىن ماقالە يازدۇق، كونفېرانس ۋە تېلېۈىزور پروگرامى قىلدۇق. ھەتتا بۇ يىل باشىدىن ماي ئايىغىچە ھەر خىل چاقىرىقلارنى، تەشەببۇسلارنى ئوتتۇراغا قويدۇق. پەقەت مونوپول دەرنەكچىلىك بىلەن باقىۋەندە تەشكىلاتچىلىق زىھنىيەتى بۇ تەشەببۇسلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىچىدە قوبۇل قىلىشقان بولسامۇ، سەمىمىيەتسىزلىكىنى ھەرخىل شەكىلدە يوشۇرۇپ ۋاتسئاپ توپلارىدا قۇرۇۋالغان سۈنئىي بىرلىك ياكى فوتوشوپتا ياساپ چىقىلغان ھىچقانداق قانۇنىي ئاساسى ۋە بىرلىك نىزامنامەسى بولماغان «بىرلىك»لەر بىلەن ئەمەلىيەتتە مىللەتىمىزنىڭ كۆزىنى بويادى، ئەقىل-پاراسەتىنى تۆۋەن سەۋىيەدە زاڭلىق قىلدى. ئەمدىلىكتە، ۋەتەن دەردىدە پۇچۇلانماقتا بولغان مىللەت سەرخىللارى ۋە مىللىي كۈرەشنىڭ ھەرخىللارى سەپەربەر بولۇشى، مەۋجۇت دەرنەكلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا ياردەم قىلىپ (ئۇلار خاھلاسۇن، خاھلاماسۇن)، ئۈست بىرلىكنىڭ تەشەككۈلىگە قەدەم باسماقى شەرتتۇر. چۈنكى، دۇنيا ۋەزىيەتىنىڭ خىتتاي ۋىرۇسى باشلاغاندىن بەرى بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقى ئاشكارا بىر ھەقىقەتكە ئايلاندى. خىتتاي بىلەن مەدەنىي دەۋلەتلەرئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ بۇرۇنقىدەك خىتتاي مەنپەئەتىگە باغلىق بولمايدىغانلىقى، غەرپنىڭ ئەمدىلىكتە خىتتاينىڭ رەزىل نىيەتلەرىنى بايقاپ قالغانلىقى، بۇ تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستانداكى قىرغىنچىلىقنى ئۆزلەرىنىڭ خىتتاينى قىستاش، باپلاش سىياسەتىدە قوللىنىدىغانلىقى ھەم ئاشكارا بولۇپ بولدى. بىزنىڭ تەشكىلاتلارنىڭ بۇخىل ۋەزىيەتكە قاراتا تەخىمۇ ئاكتىپ ۋە ھۇشيار بولۇپ مىللەتىمىزنىڭ ئىسقبالى ۋە ئىستىقلالى ئۈچۈن ئوتتۇراغا چىققان ۋە چىقىۋاتقان پۇرسەتلەرنى يەنە قولدىن بەرىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ياڭىچە پارادىگما ۋە ستراتىگىيە بىلەن ھەرەكەت قىلىشى شەرت بولماقتا. بۇ تۈپەيلى، دەرنەك ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تۈزۈملەشىشىنى، قانۇنىيلاشىشىنى ئىلگەرى سۈرۈپ لاياقەت، سەمىمىيەت ۋە ساداقەتنى ئاساس قىلغان كەسپىيلەشكەن، دىموكراتلاشقان، خەلققە ھىساپ بەرەلەيدىغان، سۈزۈك دەرنەكچىلىك ۋە تەشكىلاتچىلىقنى بەرپا قىلىش بەكلا زۆرۈر بولماقتا. مۇشۇنداق بولغاندا، دەرنەك مونوپوللۇقى، تەشكىلات باقىۋەندەچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىش بىلەن بىرگە سادىر بولىۋاتقان ھەرخىل چىرىكلىك، قاتماللىق، تەرەپبازلىق، تار ئىدىئولوگىيەلىك قىسىر بۆلگۈنچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالماق مۈمكۈندۇر. شۇنداق بولغاندا، دىئاسپوراداكى ھەر ساھەنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كۈچنى خىتتاي فاشىزمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورتاق ئەقىل بىلەن ئورتاق ئەقىدەگە تەخىمۇ كۈچلۈك بىرلىك ۋە قۇۋۋەتتە خىزمەت قىلماق مۈمكۈن بولغۇسىدۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە، ۋەتەندە ئىڭراۋاتقان مىليونلارنىڭ نىداسى، شەكىللەنگەن ۋە شەكىللەنىپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئاخىرىدا شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتەيلى، بىز بۇ يەردە دىئاسپورا دەرنەكلەرىنىڭ ھەممەسىنىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان، ئەتكەن پائالىيەتلەرىنى، نەتىجەلەرىنى ئەسلا تۈپتىن ئىنكار قىلماقچى ئەمەسبىز. بىز پەقەتلا، ئالدىغا چىققان كۆپ سانلىق دەرنەك، تەشكىلاتلارنىڭ خۇسۇسەن 2016-يىلىدىن كەيىنكى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىداكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا قاراتا توغرا سىياسەت ۋە ستراتىگىيە بەلگۈلىيەلمەگەنلىكىنى، كەڭ قۇرساقلىق بىلەن قوشۇنىنى كەڭەيتمەگەنلىكىنى، گۇمانخور، ئىچى تار، ئۆزىگە ئىشەنچى بولماغان شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ تىلىنى، دىلىنى، دىنىنى، پەلسەپەسىنى تولۇق بىلمەيدىغان، بىلمەگەن تەقدىردەمۇ ئۆگىنىشنى خاھلامايدىغان بىر قىسىملارنى مەركەزدە تۇتۇشۇپ لاياقەتنى ۋە سۈپەتنى ئاساس قىلغان ياڭىچە ئىدارە ھەيئەتلەرنى تەسىس قىلىشماغانلىقى تۈپەيلى قىرغىن قىلىنىۋاتقان مىللەتنىڭ دەردىگە دەرمان بولغۇدەك رىئاكسىيون كۆرسەتەلمەگەنلىكىنى، بەكىنمەچى ۋە قاتمال ئىدارە ھەتئەتلەرى بىلەن خىتتاي فاشىزمىنىڭ ۋەتەنىمىزدە مىللەتىمىزگە، مۇسۇلمان ئەللەردەكى مۇھاجىرلارىمىزغا قاراتقان زۇلۇم، تۇتقۇن، قىرغىنلارىنى يەڭگۈللەتكۈدەك قەدەم ئاتالماغانلىقىنى، ھەتتا تۈركىيەدەك موھىم بىر دەۋلەتتە مىللىي كۈرەشنى «دەئۋا»لاشتۇرۇپ خىتتايپەرەست، پۇلخۇمار پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ رامكاسىغا ئەكىرىپ قويۇلغانلىقىنى قارىنداشانە، دوستانە بىر شەكىلدە سەمىگە سالدۇق، ئازغىنە تەنقىت قىلىپ، توغرا بولغان تەكلىپنى ئوتتۇراغا قويدۇق ۋە بۇلارنى مىللەتىمىزگە قىسقاچە كۆرسەتىشكە تىرىشتۇرق. دەردىمىز بىرلا: مۇنقەرز بولىۋاتقان ۋەتەن ئۈچۈن، قىرغىن قىلىنىۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن تەخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجە ئالغۇچى ئىشلارنى تىز سۈرئەتتە ئورتاق ئەقىل بىلەن قىلىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەقسەت ۋە غايە يولىدا، ئەمدىلىكتە «سەن»، «مەن» يوقتۇر! پەقەتلا «بىز»لا باردۇر. ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنۇتماسلىق ۋە ساۋاق چىقارىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن سالاۋات قىلىپ ئەمدىلىكتە ئالدىمىزغا قارايلى، ھەممە بىرلىكتە سادىر بولغان خاتالاردىن دەرس چىقارىپ، ئەقلىمىزنى، كۈچىمىزنى ۋە يولىمىزنى بىر قىلماقىمىز بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىز، تۈركىستانلىقلىقىمىز ۋە ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى شەرتىدۇر. شۇنى ئەسىمىزدىن چىقارتمايلى: دەرنەكلەر، تەشكىلاتلار مىللەتىمىزنىڭدۇر، بۇنى ئاسراش توغرا يولدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەت مەنپەئەتىدىن باشقا مەنپەئەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قالشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ مىللىي بۇرچىدۇر. بۇگۈن بۇ دەرنەك تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارمۇ بۇنى ئوبدان ئىدراك قىلىپ، تەنقىت، تەۋسىيە ۋە تەكلىپلەرگە ئوچۇق بولۇشى، شەخسىي ئىدىئولوگىيە ۋە سىياسىي قىزىقىشلارىنى مىللىي غايە ۋە كۈرەشنىڭ ئۈستىگە چىقارماسلىقنى بىر بىرىگە شەرت قىلىشى زۆرۈردۇر. 2020-يىلى 14-سىنتەبىر
كۆڭلۈم، زىھنىم ۋە يىلىكىمگە ئورناشقان كاشىغەر، كۆنۈشنى ئەسلا خاھلاماغان ئەنقەرە-تۈركىيە
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|