بايراممۇ ماتەممۇ؟ -------ئىزتىراپ ئىچرە ئويلانىش

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

 

بۇگۈن 2020-يىلى 24-ماي، يەنى روزا ھەيت ۋەيا رامازان بايرامىنىڭ بىرىنجى كۈنى.

خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك پۈتۈن تۈركىيە (نوپۇسىنىڭ %99 مۇسۇلمان) خەلقى ئۆيىگە تىقىلدى، سىرتقا چىقىش چەكلەندى، ھىچكىم مەسچىت ۋەيا جامەگە بارىپ ناماز قىلالمايدۇ. تەمشەلسە، جازا يەيدۇ... تۈركىيە دىيانەت باشلىقى خاھلاغانلارنىڭ ئۆيىدە قۇشلۇق ۋاقتى نامازىنى ئوقۇسا ھەيت نامازىغا مەقبۇل بولادۇرغانلىقىنى ئىلان قىلدى...

بىزمۇ ئاشۇنداق قىلدۇق.

نورمال بىر مۇسۇلمان، ھەيت نامازىدىن سوڭرە مازار-قەبرىستانلىقلارنى، مەقبەرەلەرنى زىيارەت قىلىپ دۇنيادىن خوشلاشقان تۇغقانلارى، يۇرت-مىللەت چوڭلارىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىشىدۇ. ئاندىن كەيىن  ئۇرۇق تۇغقانلارى، يۇرتداش، ئەل-ئاغا-ئىنىلەرى بىرلە ھەيتلاشىدۇ. ئاندىن، ئۇزاقتاكى ياقىنلارى بىلەن تېلېفوندا ئاۋازلىق ياكى كۆرۈنۈشلۈك ھالدا ھەيتلاشىدۇ، ئەھۋاللاشىدۇ.

ئەمما بىزچۇ؟ مۇھاجىرەتتەكى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار، جۈملەدىن ئۇيغۇرلارچۇ؟

مەنىڭ بىلىشىمچە مۇتلەق كۆپسانلىقلار ماڭا ئوخشاش نامازىنى ئوقۇپ بولۇپ مەيۈس ۋە مەھزۇن ھالدا بوينى قىسىق بىر روھ ھالەتى ئىچىدە ئىزتىراپلىق تۇيغۇلارغا غەرق بولدى.  

يىگىتلىڭ ۋە ئەركەكلىك غورۇر «تىرىك»لەردە خىتتاي دۈشمەنلىكى ھەسسەلەپ ئاشماقتا، ئىپپەتلىك،مىھرىبان ۋە ۋاپادار ئاياللارىمىز ھىجرانلىق تۇيغۇلار ئىچىدە (چارەسىز ھالدا) خىتتايغا ۋە خىتتاي قولچوماقچىلارىغا لەنەتلەر ئوقۇماقتا. .

نەمە ئۈچۈنمۇ؟

شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ھەممەسىنىڭ قولىدا تېلېفونى بار، خاھلاغان دەۋلەت ۋەيا رايونلار بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ. كىمىلەرىنىڭ ماددى ئىمكانى تولۇق يەتەرلىك. يەنى ئەتىگەندە ئۇچۇپ ئەرتەسى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا تۇرغان يەرىگە قايتىپ كەلەلىگۈدەك ئىقتىسادىي كۈچى بار. ھەتتا چەتئەل پاساپورتلۇقلار مەسىلەن مەندەك ئالاھىدە پاساپورتى بارلار خىتتايغا ۋىزاىسىز كىرەلەيدۇ.  ئەمما، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممەسى مۈمكىن ئەمەس....

قولىمىزداكى دۇنيانىڭ ھەممە يەرىگە باغلانالايدۇرغان بۇ تېلېفون يۇرتىمىزداكى ئەڭ ياقىن تۇغقانلارىمىزغا باغلانمايدۇ. باغلانىش ئىھتىمالى بولسامۇ، خىتتاي ۋەھىمەسى تۈپەيلى يەنى «مەن تېلېفون قىلغانلىقىم سەۋەبلىك ئۇلارغا زۇلۇم كەلىپ قالماسۇن» ئەندىشەسى ۋە دەككە دۈككەسى بىلەن كونۇپكاغا باسالمايمىز... بالالارىمىزغا چوڭ ئاناسى، چوڭ داداسى، ئۇرۇق-تۇغقانلارى بىلەن ئاناسىنىڭ ۋە ئاتاسىنىڭ تىلىدا بىر ئىككى مىنۇت ھەيتلاشتۇرالمايمىز... مانا بۇنىڭغا 1200 كۈن بولدى ۋە ئاشماقتا...

بۇ خىتتاينىڭ زۇلۇمىنى ھىچقانداق بىر مىللەتكە، ھەتتا بىزدىن بىرقانچە ئون يىل بۇرۇن (بىز ھازىر ياشاۋاتقان دەۋلەتلەرگە) كۆچمەن بولغان، شەرقىي تۈركىستان بىلەن قويۇق ئالاقەسىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرگەن بەزى ئۇيغۇرلارغىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى ئىشەندۈرەلمەيمىز. ئارامىزداكى، كىمىلەرىمىز مەخپىي ھالدا بىر بىرىمىزگە ئۇقتۇرماي خىتتاي جاسۇسلۇق پروگرامى ۋېيشىن ئارقالىق ۋەتەندەكى ئۇرۇق تۇغقانلارى بىلەن ھەرخىل سەۋىيەدە ئالاقە قىلىپ تۇرىشادۇر.  ئەمما ئۇلار بۇنى ئاشكارا ھالدا ئەتراپىداكىلەرگە دەيەلمەيدۇ. دەگەنلەرمۇ ئەتراپىداكى «ياقىنلارىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان» بىزلەرگە ئوخشاش «ياقىنلارى»نىڭ  ئائىلەسى ھەققىدە مەلۇمات «ئىگەللەشىپ» بەرىشتىن باش تارتىدۇ. ئۇلارمۇ ۋەتەندەكى تۇغقانلارىنى ئاياش ئۈچۈن يانلارىداكى «ياقىنلارى»غا خۇپسەنلىك قىلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ تۇيغۇلارىنى ئەيتاۋۇر ئويلاشمايدۇ. ۋەياكى بۇنداق قىلغانلىقلارى ئۈچۈن بەزىدە ۋىجدانلىرى ئازاپلانادۇ، ئەمما بىر مۇددەتتىن كەيىن بۇ خىل خاھىش «نورمال» بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەردىن بەزىلەرنىڭ مۇناسىۋەتى ئەر-خوتۇنلۇق ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىق سەۋىيەسىدە، شۇنداق! بۇ خىل ساختا «مۇناسىۋەت»  دىئاسپورا ئۇيغۇرلارى ئاراسىدا داۋام قىلىدۇ ۋە قىلىۋاتىدۇ.... بىز ئۇ قەدەر «ئالىيجاناپ» مىللەتمىزكى، بۇلارنىمۇ يا ئىچىمىزگە سالىمىز ياكى «توغرا چۈشىنىشىپ» ھەلىقى مۇناسىۋەتنى داۋام قىلدۇرىۋەرىمىز....

ھەقىقەتەن مەن بايرامنىڭ كەلىشىنى خاھلامايمەن، چۈنكى غەرىپ روھىم تەخىمۇ غەرپلەشىدۇ، يارىم كۆڭلۈم تەخىمۇ يارىملاشىدۇ. كەلگەن ئۇزۇن قىسقا ئۇچۇرلار يارامغا تۇز سەرپكەندەك بولىدۇ. ئىككى يىل بۇرۇن فەسادبوكتىن تامامەن ئايرىلغانىدىم. ئەمدىلىكتە ۋاتسئاپتىن ئايرىلىشنى، پەقەتلا تۋىتتىردا داۋام قىلىشنى ئويلاشىۋاتىمەن.

ئەلبەتتە، بۇ جەرىياندا دىئاسپورامىزدا بىز بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلەشدىغان بەزى لامزەللە، بىپەرۋا، خۇپسەن مىجەزلىكلەر بولسا يەنىلا كۆنگەن خۇيىدا يولىغا « دادىل» داۋام قىلىشىدۇ ۋە قىلىشماقتا...

ئويلاۋاتىمەن، كۈچۈم يەتكەنچە تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن. دۇنياغا، ئەتراپىمىزغا چۈشەندۈرۈپ چۈشەندۈرەلمۈگۈدەك بۇ زۇلۇمنى---زۇلۇم بەكلا كەڭ دائىرەلىكتۇركى قايسى بىرىنى دەيمىز؟ بۇ يەردە پەقەتلا ئىنسان بولۇش سۈپەتىمىز بىلەن مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈنلەردەكى ئەڭ ئەقەللىي ئۇچۇر-ئالاقە ھەققىمىزنىڭ قولىمىزدىن قوپاللىق بىلەن تارتىپ ئالىنغانلىقى زۇلۇمىنىلا تەكىتلەي---كىم قىلدى؟ قىلىۋاتىدۇ؟ قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبچىسىنى ئىزدەگەندە ئەڭ قولاي جاۋاپ زومىگەر خىتتايدۇر.

شۇنداق،بىزنى مۇستەملەكە قىلغان خىتتاي ۋە ئىچىمىزدەكى زىھنىيەتى ياكى تىلى ۋە دىلى خىتتايلىقلاشقانلار ئورتاق ھالدا شۇنى دەيدۇ: «ئۇيغۇر ئاجىز، خىتتاي كۈچلۈك»...

بىز ھەقىقەتەن ئاجىزمۇ؟

كۈچ، ساندا ۋە ساھىپ بولۇنغان ئىقتىسات، قۇرال ياراق بىلەن بەلگىلەنەمدۇ؟ ئۇنداق بولسا بۇنىڭغا ئىگە بولغان خىتتاي يەنە نەمە ئۈچۈن بۇ «ئاجىز»  مىللەتتىن نەمە ئانچە قورقۇيدۇ؟ ياكى بىزدە بىز بىلمەيدىغان بىر كۈچ-قۇدرەت بارمۇ-يا؟

تەتۈرىدىن ئويلاپ ئاشۇ كۈچ-قۇدرەتنى نەمە ئۈچۈن بايقامايمىز؟ بۇنىڭغا نەمە توسالغۇدۇر؟

ياكى بىز ئاجىزلىق، غەرىپ-غۇرۋالىق رەپتارىغا كىرىۋالدۇقمۇ؟

مەنچە بىز ئاجىز ئەمەس!!!

بىز كۈچىمىزنىڭ پەرقىدە ئەمەسمىز!

بىزگە ئەيتاۋۇر بىرىلەرى «ئاجىزلىق، غەرىپ-غۇرۋالىق» رەپتارىنى راۋا كۆرگەندەك ۋەيا بۇ كاتىگورىيەگە زورلاپ ئەكىرىۋاتقاندەك. ..

بۇ ھالىمىزدىن ئەلبەتتە خىتتاي ئۇستالىق بىلەن پايدالاندى، ئەجىبا ئىچىمىزگە يوشۇرۇنغان، مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرۇشىمىزنى ياقلايدۇرغان زىھنىيەتى «خىتتايلىقلاشقان»، بۇ ھالەتنىڭ داۋام قىلىشىدىن نەپ ئالىدىغان «ئىچكى خىتتاي»بارمۇ يا؟ بۇنىڭغا ئىنچىكىلەپ سىنچىلاغۇلۇق...

كۈرەشچى، جەڭگىۋار بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادىنى كىملەر قانداقسىگە بارغانسىرى مەزلۇم، بىچارە، تىلەمچى خەلق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا؟ ۋەيا كىملەر پەقەتلا «ئەرزى-شىكايەت»  داۋاسىنىلا قىلىشنى جىكىلەپ مىللىي كۈرەشتەكى باشقا يول ۋە مىتودلارنى يەكلەمەكتە؟ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىغا ھەم قاراغۇلۇق ئەزىزلەر...

ئەجىبا، بىزدەكى «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بويۇمدا قالدى»  مەنتىقەسىدە ھەرىكەت قىلىۋەرىپ، «كۆڭۈل ئاياش نەتىجەسىدە ئاپىرىدە بولغان» غەلىتە تۈرلەر ئىچىمىزدە كۆپ بولۇپ كەتتىمۇ؟ ئاق بىلەن قارانى، ھالال بىلەن ھارامنى پەرقى پىسات قىلمايدىغان خولىماتاڭ ۋە مالىماتاڭ ئىش قىلىدىغان بۇ تۈر كىشىلەر ئىشىمىزنى ھارام قىلىپ، خەلقىمىزنى «خاخۇل» ۋە «بىخۇد» قىلىۋاتامدۇ؟

ئۇنداقتا، ئەزىزلەر ئويلانغۇلۇق، ئويلانغۇلۇق...

بىز ئۈچۈن تەۋۋەررۈك ھەم مۇقەددەس بولغان بۇ مەيداننى لىققىدە تولدۇرۇپ يەنە ھېيت-بايرام نامازلارىنى قىلۇرمىز،

20150925051013493   

سوڭرە مەردانە غۇلاچلارىمىز ىرلە ساما ئويناغايمىز ئىنشائاللاھ.

2  

ھەسرەت قالدىم ھەيتگاھ ساماسىغا...

تۆۋەندەكى تاتار خەلق ناخشاسىداكى «قىرىم»نى «كاشغەر»گە، «تۈرپان»، «خوتەن»... ۋەلھاسىل «تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىپلا ئوقۇيمەن...

2020-يىلى 24-ماي ئەنقەرە

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.