
|
مىللىي كۈرەش يالغۇز بايراقچىلىق ياكى شۇئاربازلىقمۇ؟
ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق
شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە قۇرۇلۇپ خەلقئارادىكى ئۈچ چوڭ دەۋلەت: روسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئوسمانىيلار دەۋلەتى تەرەپىدىن ئەتىراپ قىلىنغان كاشىغەرىيە دەۋلەتى مانجۇ-خىتتاي بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرەپىدىن 1878-يىلىدا يوق قىلىنىپ ئىشغال قىلىنغاندىن بەرى، خىتتاي زۇلۇمى ئىزچىل ئاشقان ئەسلا كەمەيمەگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىستىلاغا قارشى ھەر تۈرلۈك قارشىلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان. بۇ جەرىياندا قىسقا مۇددەتلىك مۇستەقىل دەۋلەتلەرىمىزنىڭ رەھبەرلەرى جۇغراپىيەسىدەكى ھۆكۈمران كۈچ روسىيە بىلەن بولىدىغان دىپلوماتىك ئالاقەلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلالماغانلىقىدەك موھىم سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇستەقىللىقىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەت قىلالماي 1949-يىلى كومۇنىست خىتتايغا ئەل بولغان. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە زۇلۇم، ئىشكەنجە، ئاسسىمىلاتسىيە ۋە قىرغىننىڭ ياڭى بىر سەھىپەسى ئاچىلغان. لاكىن، خەلقىمىز بۇ زۇلۇمغا قارشى ئىمكانىيەتىنىڭ بارىچە ئاكتىپ، پاسسىپ ھەممە جەھەتتىن تىركەشتى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 1990-يىلىدىن كەيىن گۇمران بولغان سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تەجىرىبەسىدىن دەرس چىقارتقان خىتتاي كومپارتىيەسى، تەرققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچى ۋە غەرپ بىلەن قۇرغان كۆپ قاتلاملىق مۇناسىۋەتلەرىنىڭ سايەسىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقلىق كۈرەشىنى غەرپلىكلەر ئەڭ قورقۇيدىغان «تېرورىزم» كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ زۇلۇمنى مىسلى بىلەن ئاشۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ قانداش تۇغقانلارى بولغان باشتا غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەرى ئاندىن تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ستراتىگىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنى يەتىم قالدۇۇرۇشقا تىرىشتى. باشقا ئىسلام ئەللەرى خۇسۇسەن باشتا ناپاكىستان، ئىران ۋە ئەرەپ ئەللەرىدە ئاسانلا نىشانىغا يەتتى. 1980-يىلىدىن كەيىنكى خىتتايداكى ھەرخىل قولايلىقلار ۋەيا چىرىكلىكتىن پايدالانىپ پاسپورت ئالالىغان ئۇيغۇرلار،ھەرخىل شەكىلدە چەتئەللەرگە چىقتى. باشتا پاكىستان ۋە غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەرى، تۈركىيە، مىسىر، ئەرەبىستان ئاندىن غەرپ ئەللەرىدە مۇئەييەن ساندا شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىنى شەكىللەندۈردى. 1990-يىلىدىن بۇرۇن ئاساسەن تۈركىيەدە داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئاستا ئاستا باشقا ئەللەردە يايىلىشقا باشلادى. قۇرۇلغان تەشكىلات، دەرنەكلەرنىڭ سانى ئاشىش بىلەن بىرگە ۋەتەندەكى ئەھۋالنى ياتلارغا چۈشەندۈرۈش يوللارى، مىتودلارىمۇ كۆپخىللاشتى. بولۇپمۇ غۇلجا قەتلىئامى ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كەيىن، بۇرۇن ئۆز ئىشلەرى بىلەن مەشغۇل بولغاچ ئەكتىپ/پاسسىپ ياكى پەرىقلىق مىتودلار بىلەن خىتتايغا قارشى كۈرەشلەرىنى ئۈن تىنسىزھالدا داۋام قىلىۋاتقانلار بارغانسىرى تەخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئاشكارا سەھنەگە چىقىشتى. بۇلارنىڭ كىمىلەرى مۇئەييەن ساھەدە نەتىجە قازانغان زىيالى، كىمىلەرى تىجارەت ئەربابى، كىمىلەرى ئۆلىما ياكى ئوقۇغۇچى كىملىكىدەكى شەخسلەردۇر. بۇلارنىڭ سەھنەگە چىقىشى، سەھنەدەكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى ياكى بىئارامچىلىقىنى قوزغادى. ئەسلىدە تەبىئىي ۋە توغرا بولغانى شۇ ئىدى؛ سەھنەدەكى پىشقەدەملەر ياڭى قاتىلغانلارنى ئالقىشلاپ قوشۇنىنى زورايتىپ سەۋىيەنى تەخىمۇ ئۆستۈرۈپ كۈرەشنى كۈچەيتىشى، كۆپ قاتلاملاشتۇرۇشى لازىم ئىدى. لاكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن بۇنداق بولمادى. ئىشەنمەسلىك، قىزغانچۇقلۇق، ھەسەت، ياراتماسلىق ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتكەن بولدى. پەقەتلا ياقىنلارىنى، بەيئەت قىلغانلارنى، خۇشامەت قىلغانلارنى يانلارىغا يىغىشتى. ئۇلارغا يول كۆرسەتكەن، تەكلىپ، تەۋسىيە بەرگەن ۋەيا ناباپ قاتماللىقلارىنى تەنقىت قىلغانلارنى يەكلەدى، چەكلەدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بار بولغان بىر دەرنەك ئونغا ھەتتا يۈزلەرگە يەتكەن بولدى. بۇ يەردە دىققەتىمىزنى تارتقان بىر خۇسۇس، كۆپ سانلىق كونا دەرنەكچىلەرنىڭ دائىما دەيدىغان بىر سۆزىدۇر: «بۇلار بۇرۇن بايراقنى كۆرسە ئۆلگۈدەك قورقۇپ قاچاتتى»، «تۈنۈگۈن پەيدا بولۇپ نىمىسىگە بىزنى ياراتمايدىكەن»، «بىزگە دەرنەك قۇرۇشۇپ بەرىپتىكەنمۇ؟» ئەسلىدە، ھەقىقىي مىللىي كۈرەشنى چۈشەنگەن بىر ئاكتىۋىست ياكى دەرنەكچى يۇقارىداكى ئەخمىقانە سۆزنى قىلماسلىقى شەرتتۇر. ئەكسىچە بۇ «ياڭى سەھنەدە پەيدا بولغان» كىشىنى ئوبدان تونۇپ باقىشى، ئۆتمۈشى ھەققىدە مەلۇماتلانىشى، زۆرۈر بولغاندا ئەگەر مۇناسىۋەتلىك دەۋلەتنىڭ سەزگۈر يەرلەرى بىلەن ئالاقەسى بار بولسا بۇ كىشى ھەققىدە مەلۇمات ئىگەللەگەندىن كەيىن ئۇنىڭغا كۆرە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ئاقىلانەلىك بولۇر ئىدى. ھەتتا زۆرۈر بولغاندا ياكى سالاھىيەتى ئۆزىدىن بەكرەك ئو ئورۇنغا لايىقلىقى بىلىنگەندە كىچىك پىئېللىق بىلەن بۇ «ياڭى پەيدا بولغان» كىشىگە ئورنىنى بوشاتسامۇ بولىۋەرەتتى. چۈنكى مەۋزۇ بەھس دەرنەك، جەمىيەت، تەشكىلات ئۇ باشقاننىڭ نامىداكى شەخسىي شىركەت بولماستىن بەلكى، شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇر، قازاقنىڭ نامىدا قۇرۇلغان، بۇ نامدىن پايدالانىپ ھەرخىل قولايلىقلار ھەتتا ماددىي ئىمكانىيەت توپلاۋاتقان خەلققە ئائىت بىر ئورگاندۇر. كىشى مىللىي كۈرەشنى بىر «داۋا» سەۋىيەسىدىلا چۈشەنىپ ئالغان بولسا، بىر تراگىدىيەدىن ئىباررەتتۇر. ھەتتا ئۇيغۇر تۈركنىڭ تىلىداكى «داۋا» نى ئوتتۇرا شەرقلىقلەرنىڭ تىلىداكى «دەئۋا» قىلىۋالغان، ۋە شۇ خەقنىڭ چۈشىنىشىدە چۈشەنىپ ئالغان بولسا، ئۇيغۇر تۈرك كۈلتۈرى نۇقتاسىدىن چەتنەشتۇر، ياتلاشىشتۇر. بۇنىڭغا دىققەت قىلماغاندا، بۇ خىل چۈشەنىش ۋە ئىدراك جانباقتىلىق، پاسسىپ دەۋاگەر سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۈمكىن. بۇ خىل خاھىش كەيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە ئەۋج ئالغان بولۇپ «دەئۋا» تەرىقىسىدە زورلاپ داۋام قىلدۇرۇلماقتا. «داۋا» ۋە «كۈرەش» ھەققىدە ئايرىم بىر يازمادا توختالىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە كەڭ توختالمايمىز. مەنىڭ چۈشەنچەمدەكى مىللىي كۈرەش، پەقەتلا كۈنىمىزدەكى «دەئۋاگەرلەر» تەكرارلاۋاتقاندەك نوقۇل بايراق كۆتۈرۈپ ئايدا يىلدا (مۇناسىۋەتلىك دەۋلەت سىياسەتچىلەرى رۇخسەت قىلغاندا) خىتتاي ئەلچىخاناسى ئەتراپىدا شۇئار توۋلاش ياكى فوتو مودەللەردەك رەسىمگە چۈشۈپ ئۆزىنى خوش قىلىش، بىر ئىزدا مارش دەسسەپ جان باقىش ئەمەستۇر. ئەكسىچە، مىللىي كۈرەش مۇقەددەس غايە ياكى ئەقىدە يولىدا، ئاداققى نەتىجەنى ئالماق ئۈچۈن، شارائىت يار بەرگەن بەرمەگەنگە قاراماي مۈمكىن بولغان ھەممە يولنى سىناش، بارلىق مىتودلارنى ئىشلەتىش، ھەر يەردە ھەر ۋاقىت تىنىم تاپماستىن ھەپىلىشىشتۇر. مىللىي كۈرەش، قۇرۇق شۇئاربازلىق ئەمەس، ئەمەلىي ئىش قىلىش ۋە ئەمەلىي نەتىجە ئالىشتۇر. مىللىي كۈرەش بىر يەردە مىخلانىپ تۇرۇش ئەمەس، ئۇلۇغۋار غايە ئۈچۈن تىنىمسىز قىمىلداش ۋە ھەرەكەت قىلىشتۇر. مىللىي كۈرەش، مىللەتنى بۆلۈش، پارچالاش ئەمەستۇر. شۇنداقلا دىئاسپورانى تۇرىۋاتقان دەۋلەتلەردەكى مۇئەييەن پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ گۇپپاڭچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئەسلا ئەمەستۇر. مىللىي كۈرەش، مىللەتنىڭ ئىچىدەكى مىللى غايەگە خىزمەت قىلىپ تۇرغان، قىلالايدىغان بارلىق كۈچلەرنى، گۇرۇپپالارنى بىر ئۈست بىرلىك ئاستىدا بىرلەشتۈرۈشتۈرۈپ ئورتاق غايە ۋە ئورتاق پايدادا بىرلەشىپ ئۇلۇغۋار غايەنى بىر ئان ئەۋۋەل ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. ھەتتا ئىتتىپاقلاشىشقا بولادىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلاشىش ۋە ھەمكارلاشىشتۇر. مىللىي كۈرەش، ئۇشبۇ كۈرەشنىڭ يۈگەنىنى، ئەسلا باشقالارغا تارتقۇزۇپ قويماستىن، ئۇشبۇ يۈگەن ۋەيا تىزگىنەكنى كۈرەشچىلەر ئىچىدەكى مىللىيلىكى ئەڭ كۈچلۈك،لاياقەتى ئەڭ ئەلا، مىللىي ئەقىدە ۋە غايەگە ئەڭ سادىق، پىداكار ۋە جەڭگاۋەر كىشىگە تۇتقۇزۇش، باشقالار ئۇنىڭ ئەتراپىدا چەمبەرچەس گىرەلەشىپ مۇستەھكەم مىللىي رەھبەرلىك گەۋدەسى ۋە ئورگانى تەسىس قىلىشتۇر. مىللىي كۈرەش، ھەددىنى بىلىشتۇر، مىللەت بولۇشتۇر. يەنى چوڭى چوڭ، كىچىكى كىچىك بولۇش، تۈزۈملەشكەن، قانۇنىيلاشقان مەدەنىي مىللىي بىرلىك سەپ پەيدا قىلىشتۇر. مىللىي كۈرەش مىللەت مەنسۇپلارى ئارا شەپقەت، مىھربانلىق، قارىنداشلىق مۇھەببەتى ياراتىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتۇر. مىللىي كۈرەشىمىز، مىللىي غايە ۋە ئۇلۇغۋار ئەقىدەنىڭ رىئاللىقلىشىشىنىڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئەزالارىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك سەپەربەرلىكى بىلەن بولىدىغانلىقىنى مىللەتكە ئۇقتۇرۇش، ئاڭقاردۇرۇش، ئىدراك قىلدۇرۇش ۋەلھاسىل ئىشەندۈرۈش كۈرەشىدۇر. مىللىي كۈرەشىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئومۇرتقا بولغان باشقا تۈرك تىللىق قارىنداشلار ۋە موڭقۇل قالماقلار قوۋۇرغا بولغان ئورگانىك بىرلىك شەكىللەندۈرۈپ يىمىرىلمەس، يىقىلماس ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسىداكى شەرقىي تۈركىستانلىق مەنسۇبىيەتى ۋە كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش كۈرەشىدۇر. مىللىي كۈرەشىمىز، ئەڭ ئاز ئىككى مىڭ يىللىق خىتتاي-تۈرك مۇناسىۋەتلەردىن دەرس چىقارتىش، خۇسۇسەن مانجۇ-خىتتاي ئىستىلا تارىخىنى مىللەتنىڭ مىڭىسىگە ئۆچمەس، ئۇنۇتۇلماس شەكىلدە يازىش كۈرەشىدۇر. مىللىي كۈرەشىمىز ئەڭ ئاز 140 يىللىق خىتتاي مۇستەملىكەسى جەرىيانىدا تىلىمىزغا، دىلىمىزغا، خۇيىمىزغا، ئاشخانامىزغا، ئىستېتىكامىزغا ۋەلھاسىل كۈلتۈرىمىزگە كىرگەن، رودىپايدەك چاپلاشقان خىتتاي ئېلىمېنتلارىنى تازالاش، يوق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى مەنسۇبى بولغان تۈرك-ئىسلام كۈلتۈرى ئىچىدە پاكلاشتۇرۇش، ساپلاشتۇرۇش كۈرەشىدۇر. مىللىي كۈرەشىمىز، «تۇڭگاندىن دوستۇڭ بولسا، قوينۇڭدىن پالتا پىچاقنى ئايرىما» پەلسەپەسىنى يىلىكلەرگە يەرلەشتۈرگەن، بۇنىڭغا كۆرە مىللەتلەر مۇناسىۋەتىنى شەكىللەندۈرۈش كۈرەشىدۇر. مىللىي كۈرەشىمىزدەكى تۇڭگان، يالغۇز خىتتاي تۇڭگانلارى بولماستىن بەلكى ئەرەپ ئۇردۇ تۇڭگانلارىنى، رۇس تۇڭگانلارىنى ۋە ناسارا تۇڭگانلارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالادۇر. ئەلبەتتە تۈركى تۇڭگانلارمۇ ھەزەر ئەيلەشىمىز شەرت بولغان تۇڭگانلار جۈملەسىدىندۇر. قىسقارتقاندا، بىزنىڭ مىللىي كۈرەشىمىز بولسا مىللىي ۋە ئۇلۇغۋار غايەمىز بولغان مىللىي دەۋلەتىمىزنى تىرىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەبەدىي مەۋجۇت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن؛ خورلانغان، چەتكە قاقىلغان، قىرغىن ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ نامۇسى كىرلەتىلگەن ئەزىز خەلقىمىزنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ياشامغا، ئۆز توپراقىدا ئەركىن ئازادە ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش يولىدا يۈرۈتۈلگۈسى بىر مۇجادەلەدۇركى، بۇ مۇجادەلە ۋەيا كۈرەش كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمەلىك، كۆپ قىرلىق يۈرۈيدىغان، مىللەت مەنسۇپلارىنىڭ پۈتۈن ئەزالارى ئىشتىراك قىلىدىغان، بىز بىلەن قانداش، دىنداش مىللەتلەر، خەلقلەرنىڭ خۇسۇسەن ئىنسانلىق شەرەپى ۋە خىسلەتىنى يوق قىلماغان ھەرقانداق مىللەت، دىن، ئىتىقاد ۋەيا ئىتىقاتسىز كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىنى، قوللاشىنى قولغا كەلتۈرۈپ داۋام قىلدۇرىلىدىغان بىر كۈرەشتۇر. شۇڭا بۇ كۈرەش يولىداكى ئىنسانلارنى پەقەتلا بىر كاتىگورىيەگە يەنى بايراق كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىدىغان، شۇئار توۋلايدىغان مەلۇم بىر ھەرەكەت كاتىگورىيەسىگە ئەكىرىشكە تىرىشىش ياكى بۇ ئۆلچەم بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھەقسىزلىقتۇر، خاتادۇر. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ غورۇرى ۋە نامۇسىدۇر. بۇ بايراقنىڭ تۇرىدىغان يەرى ۋە ماكانى باردۇر. بۇ بايراق، بەزەن قوللارىمىزدا لەپەىلدەسە، بەزەن ئۆيلەرىمىزنىڭ تاملارىغا ئاسىلىدۇ. ئۆزىمىزگە ئائىت مەھەللەلەرىمىز بولغانىدا تۈۋرۈكلەردە لەپىلدەيدۇ، دەۋلەتىمىز تىرىلگەندە ۋەتەن توپراقلارىنىڭ، تاغلارىنىڭ ھەر يەرىدە لەپىلدەيدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ بايراق، بەزەن ئىشخانالارىمىزداكى ئۈستەللەرىمىزنىڭ ئۈستىدە ناز بىلەن تۇرسا، بەزى ئەھۋاللاردا بولسا پەقەتلا يۈرەكىمىزدە ئەبەدىي نەقىشلەنگەن ھالدا بولىدۇ كى بۇنى ئالدىراپ كىشىلەر كۆرەلمەيدۇ. بەزىدە بايراقىمىز ھىچ كۆرۈلمەسلىكىمۇ مۈمكىن، بۇنداق ئەھۋاللاردا بايراقىمىز شەخسلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلارىدا، ئەممەللەرىدە سىمۋوللۇق شەكىلدە نامايان بولىدۇ. ئەلبەتتە، شەرقىي تۈركىستان ۋەيا ئۇيغۇر نامىدا قۇرۇلغان تەشكىلات، دەرنەك مەسئۇللارى ۋە مەنسۇپلارىنىڭ قوللارىدا، كىيىم كىچەكلەرىدە، پائالىيەت مەركەزلەرىدە ئەلبەتتە بۇ بايراق روشەن ھالدا بولىدۇ ۋە بولۇشى شەرتتۇر. بۇ خىل ئۆرنەك ۋە مۇلاھىزەنى ئۇزاتماق ئەلبەتتە مۈمكۈندۇر. بۇنىڭغا كۆرە، مىللەتى مەھكۇم، ۋەتەنى ئىستىلا قىلىنغان ھەرقانداق بىر ۋەتەن ئەۋلادى ئەگەر، مىللەتىنىڭ مەۋجۇدىيەتى ۋەخاسلىقىنى قوغداغان ھالدا تەرەققىياتى ئۈچۈن؛ ئۆز يۇرتىغا ئۆز مىللەتى خوجا بولۇشى ئۈچۈن قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق ھەرەكەت ئەمەللەرى مىللىي كۈرەش كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ. ئەلبەتتە، مىللىي كۈرەشنىڭ ئەڭ جانلىق شەكلى بايراق ئاچىپ مەردۇ-مەردانە جەڭگاھلارغا چىقماقتۇر. بۇ جەڭگاھ ھەرخىل شەكىلدە بولۇشى مۈمكىن. مەسىلەن، تىنچلىق بىلەن مۇئەييەن قانۇن تۈزۈملەر دائىرەسىدە قىلىنىدىغان داۋا پائالىيەتلەرى، جامائەت ئەپكارى توپلاش ئۈچۈن ئالىپ بارىلغان ھەرخىل كامپانيالارمۇ بىرەر جەڭگگاھتۇر. شۇنداقلا، ئۇلۇغۋار غايە، ھەق ھوقۇق، ئادالەت ئۈچۈن زۆرۈر تاپىلغاندا قولىغا قۇرال ئالىش، جاندىن كەچىپ جەڭلەرنى قىلىش بولسا مىللىي كۈرەشنىڭ ئەڭ شانلىق يۇقارى پەللەسىدۇركى، ۋەتەن توپراقى ئىسسىق قانلار بىلەن سۇغۇرۇلۇپ ئەسلا ۋاز كەچىلمەس شەھىدىستانغا ئايلانادۇر. بۇنىڭدىن باشقا زىيالىي، ئۆلىمالار قەلەمى، پىكرى ۋە مۇپەسسەل بىلىم مەلۇماتلارى بىلەن ھەرخىل سورۇنلاردا مىللىي كۈرەشكە ھەرخىل سەۋىيەدە تۆھپە قوشۇشى مۈمكىن. سەنئەتچىلەرمۇ شۇنداق، سەنئەتنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلەرى بىلەن مىللىي كۈرەشكە خىزمەت قىلماق تامامەن مۈمكىندۇر. ھۈنەرۋەنلەر، تىجارەتچىلەرمۇ شۇنداق. مىللىي سەرمايە ۋە ئىقتىسادنىڭ شەكىللەنمەكى كۈنىمىزدەكىدەك كاپىتالىست تەرتىپ ھۆكۈمران بولغان دەۋردە (ئىقتىسادىي كۈرەش) بەكلا موھىم. دىھقانلارىمىزنىڭ ۋەتەنىمىز تارىخى ئىكولوگىيەسى بىلەن چەمبەرچەس گىرەلەشكەن يەرلىك مەھسۇلاتلارىنى تەرىشقا تىرىشىشى، ئۇنى ساقلاپ قالىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشىمۇ مىللىي كۈرەش كاتىگورىيەسىدىندۇر. بۇنداق مىساللارنى كۆپەيتمەكىمىز مۈمكۈندۇر. شۇڭلاشقا مىللىي كۈرەشىمىزنى نوقۇل ھالدا تار رامكاغا زورلاپ ئەكىرىش، ئۆزى قىلىۋاتقان پائالىيەتنىلا مىللىي كۈرەش ياكى «دەئۋا» دەۋىلىپ مىللىي كۈرەشنىڭ باشقا ۋاريانتلارىنى كۆرمەسكە سالىش، ئۆزىدىن لاياقەتلىكلەرنى ئىتىبارسىزلاشتۇرۇش، چەتكە قاقىش، پەقەتلا ياقىنلارى بىلەن ئوپقەتچىلىك قىلىش بولسا بەتنىيەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە ئىشىنەلمەسلىك، ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «دەئۋا»نى پەقەتلا جان باقىشنىڭ ۋاسىتەسى قىلىۋالغانلىقتىن ئىبارەت رىياكارلىق بولۇپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا داۋا بىلەن «دەئۋا»نى ئايرىشمۇ مىللىي كۈرەشنىڭ موھىم بىر تەركىبىدۇر. بۇ داۋا ھىچكىمنىڭ شەخسىي ئىشى ئەمەستۇر. بۇ كۈرەش مىللەتىمىزنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك سەپەربەرلىكىگە مۇھتاج بولغان ئۇلۇغۋار ئىشتۇر. بۇ تۈپەيلى شۇئارباز ۋەيا ۋاتسئاپچى، فوتوشوپچى بىرلىكلەرنى ئەمەس، ئۇلۇغۋار غايەنى تىزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈملەشكەن، قانۇنىيلاشقان، سۈزۈك، ھىساپ بەرەلەيدىغان، ئىش تەقسىماتى روشەن، لاياقەت ئاساسىدا دىموكراتىك سايلام بىلەن ۋۇجۇتقا چىقادىغان مىللىي ئۈست بىرلىكنى تەشكىل قىلماق مىللىي كۈرەشىمىزنىڭ نۆۋەتتەكى ئەڭ جىددىي تەقەززاسىدۇر. 2020-يىلى 10-سىنتەبىر. كۆڭلۈم، زىھنىم ۋە يىلىكىمگە ئورناشقان كاشىغەر، كۆنۈشنى ئەسلا خاھلاماغان ئەنقەرە-تۈركىيە
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|