پىكىرنىڭ كۈچى ۋە مۇستەبىتلىك

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

 

ماركىسىستلار ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقىنى ئاڭدا دەيىشىدۇ. ئىنساننى ئاڭلىق ھايۋان دەيدۇ. ئۇنداقتا ئاڭ دەگەن نەمەدۇر؟

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدە مۇنداق ئىزاھلانغان[1]:

پىكىر قىلىش قابىلىيىتى ، ئەقىل-ئىدراك : ئادەمنىڭ ئېڭى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ . ② ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچە ؛ سەزگۈرلۈك : سىياسىي ئاڭ . سىنىپىي ئاڭ . ③ روھىي دۇنيا ، مەنىۋىلىك : ماددا بىرلەمچى ، ئاڭ ئىككىلەمچى . ④ نۇقتىئىنەزەر : سوتسىيالىستىك ئاڭ . كوممۇنىستىك ئاڭ.

تۈركىيە تۈركچەسىدە ناھايىتى كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر ئۇقۇم بولغان ئاڭ ئوسمانلىچەدە «شۇئۇر» سۆزى چاغداش تۈركچەدە كۆپىنچە «بىلىنچ» سۆزى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەتىلمەكتە. تۈرك تىل قۇرۇمىنىڭ سۆزلىكىدە «بىلىنچ» يەنى ئاڭ شۇ شەكىلدە ئىزاھلانغان[2]:

 ① ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە ئەتراپىنى تونۇش قابىلىيەتى، شۇئۇر. ② ئاساسلىق مەلۇمات، ئاساسلىق كۆزقاراش ③ ئىدراك ۋە بلگۈلەرنىڭ زىھىندە روشەن ۋە ئايدىڭ شەكىلدە كۈزەتىلىش جەرىيانى.

تۈركچەنىڭ ئىككى شۆبەسىدەكى ئىزاھلانىشى يۇقارىدا كۆرسەتىلگەندەك. ئۇيغۇر تۈركچەسى مۇستەملەكە قىلىنغان، تىزگىنلەنگەن، رامكالانغان تىل بولغاچقا بۇ تىل مۇھتىدا تەپەككۇر قىلغۇچىلارنىڭمۇ زىھنىيەتى ئاساسەن شۇ رامكا ئىچىدە تىزگىنلەنگەن دەسەك خاتا بولمايدۇ. بۇ تۈپەيلى نۇرغۇنلاغان «چەكلەنگەن» سۆز ۋە ئۇقۇملارنىڭ ئارقا پلانىداكى پەلسەپە، تارىخ، سوتسىئولوگىيەدىن بىخەۋەر قالىدۇ. تۈركىيە تۈركچەسى بولسا، مۇستەقىل بىر دەۋلەت تىلى بولغانلىقى سەۋەبلىك بۇ تىل مۇھىتىداكىلەرنىڭ تەپەككۇرى ئۇشبۇ مۇستەقىللىققا ماس ھالدا نىسبەتەن مۇستەقىل ۋە ئازادەدۇر. بۇ سەۋەبلىك بىر تىلنىڭ ئىككى خىل مۇھىتتاكى شىۋەلەرىدە ئىككى خىل تەپەككۇرنىڭ بولۇشى ئادەتتە تەبىئىيدۇر. ھەتتا تۈركىيەدە ھەرخىل ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ ئاۋانگارتلارىدا قوبۇل قىلغان ئىدىئولوگىيەلەرى سەۋەبلىك بىر بىرىدىن بىراز پەرقلىق تىل-تەپەككۇر مۇھىتىمۇ مەۋجۇتتۇر. مەسىلەن سىياسال ئىسلامچىلار بىلەن سوتسىئال دىموكراتلارنىڭ تىل- تەپەككۇرى، ئۇلارنىڭ ئىدىئولوگىيەسى ۋە قوبۇل قىلغان سىياسەت پەلسەپەسى تۈپەيلى پەرىقلىقتۇر. مەسىلەن، ئسلامچىلار كۈندەلىك ئالاقە ۋە سىياسىي تەشۋىقاتتا ھەتتا پىكرى مۇجادەلەسىدە ئەرەپچە سۆزلەرنى كۆپلەپ ئىشلەتسە، سوتسىئال دىموكراتلار ساپ تۈركچە سۆزلەرنى ۋەيا جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈركچەنى ساپلاشتۇرۇش ئىنقىلابىدا ئىجاد قىلغان ياڭى/يېڭى سۆزلەرىنى ئىشلەتەدۇر. تۈركچەدە بولماغان سۆزلەر ئۈچۈن غەرپ تىللارىداكى سۆز ئاتالغۇلارنى ئىشلەتىش مەيلىدەدۇر. بۇ تۈپەيلى بۇ ئىككى تەرەپنىڭ كۈندەلىك ھاياتلارىدا روشەن پەرىقلەرنى كۆرۈش مۈمكىن. شۇنداقتىمۇ ھەممەسى دەۋلەتنىڭ غەرپلەشىش ۋەيا غەرپكە ياقىنلاشىش ستراتىگىيەسىدىن چەتنىمەيدۇ. ھاكىمىيەت باشىغا چىقىشتىن بۇرۇن غەرپلەشىشكە قارشى چىققان ياكى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلارىغا ھاقارەت قىلغان سىياسەتچىلەرمۇ ھاكىمىيەت باشىغا چىققاندىن كەيىن، دەۋلەت ئىدىئولوگىيەسىنىڭ ئانا سىزىقىغا كەلىشىدۇ. خۇددى دىيانەت مەنسۇپلارى گالىستۇك تاقاپ مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇغاندەك، ۋەيا لائىك ۋە سەكۈلەر جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەرخىل مۇراسىملارىغا ۋاقتى ۋاقتىدا قاتناشىپ رەسمىيەتلەرنى ئادا قىلغاندەك....

پەقەت، مۇستەبىت دىكتاتور تۈزۈملەردە ياشاغان كىشىلەر، ئۇشبۇ دىكتاتور تۈزۈمنىڭ پىزىكىلىق تىزگىنىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئەركىن دۇنيا ۋە دەۋلەتلەرگە كەلگەنىدە  ئۇشبۇ ئەركىن دەۋلەت ۋە تۈزۈملەردە ھۆكۈمران بولغان تىل، تەپەككۇر مۇھىتىدا مۇئەييەن كەسپتە ۋە سەۋىيەدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇسا، دىكتاتور تۈزۈمدەكى مۇستەملەكە تىل-كۈلتۈر مۇھىتىداكى تەپەككۇر شەكلىنى ئۆزگەرتىشى مۈمكىن. ئۇنداق بولماغانىدا، يەنىلا كەلگەن يەردەكى تىل-تەپەككۇر ئادەتلەرىنى ياڭى  ئەركىن دۇنيادا داۋام قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاغزىدا بەزى ئۆگىنىۋالغان ياڭى سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلسامۇ، ماھىيەتتە يەنىلا بىلىپ ۋەيا بىلمەي مۇستەبىتلەرچە ھەرىكەت قىلىقلارنى قىلادۇر. بۇ خىل ھالەت، ئادەتتە كىشى تەبىئىي ھالەتتە ئىكەن ۋەيا تۇيۇقسىز بەرگەن رىئاكسىيونلارىدا بەكلا كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى دىئاسپورامىزدا دائىما ئۇچراتىپ تۇرۇرمىز.

ئۇنداقتا تىلىمىزداكى مۇستەبىت سۆزىنىڭ مەۋجۇت ئىزاھى نەمەدۇر[3]؟

ئى [ئە] زالىم ھۆكۈمران ، ئىستىبدات : ئۇ كۈنلەردە بۇ يېڭى مۇستەبىتنىڭ بېشىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ قىلىچى ئويناپ تۇراتتى .

ئوخشاش لۇغەتتە «ئىستىبدات» سۆزى مۇنداق ئىزاھلانغان:

ئى [ئە] ھاكىممۇتلەق ؛ زالىم : ئىستىبدات ھاكىمىيەت . ئىستىبدات دەۋر .

زالىم ۋەيا ھاكىممۇتلەق بىرى ھۆكۈمران بولغان ماكاندا، پەرىقلىق پىكىرلەردىن، تەنقىت ۋە تەكلىپلەردىن سۆز ئاچماق مۈمكىن ئەمەستۇر. شىمالىي كورىيە ۋە كۆپ سانلىق ئەرەپ دەۋلەتلەرى، خىتتاي قاتارلىق دەۋلەتلەر بولسا زالىم دىكتاتورلار ھاكىممۇتلەق بولغان دەۋلەتلەردۇر. بۇ دەۋلەتلەردە، ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ ئىدىئولوگىيەسى ۋە نۇقتىنەزەرىگە زىت پىكىرلەرنىڭ، ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ ھايات ھەققى بولماغاندەكلا، ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇچى مۇتەپەككۇر، زىيالى ۋەيا گراژدانلارغامۇ ياشاش ھەققى بەرىلمەيدۇ. ھەرخىل قالپاق ۋە بەتناملار ھازىردۇر. بۇ زالىملار ۋە ھاكىممۇتلەقلەر كۆزىگە سىغماغان ئۆزلەرى بىلەن ئوخشاش ئىدىئولوگىيە ۋەيا پىكىر ئاقىمىداكىلەرنىمۇ ئوخشاشلام ھەرخىل بەتنام ۋەيا قالپاقلارنى كەيدۈرۈش ئارقالىق كۆزدىن يوق قىلالايدۇ. جامال قاشىقچىنىڭ پىكىرلەرىگە چىدالماغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىكتاتور ۋە فاشىست رەجىمى ئىستانبۇلنىڭ مەركەزىدە  ئىنسان قالىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك بىلەن ئىشلەگەن جىنايى قىلمىشى تەخىچە ئەسىمىزدە جانلىق تۇرۇپتۇ.

مۇستەبىتلىك ھۆكۈم سۈرگەن گۇرۇپپا، جەمىيەتلەردەمۇ پىكىر ئىشلەش، ئۇنى تەدبىقلاش، ياڭىلىق ياقلاش ئىمكانسىز بولۇر. مۇشۇنداق مۇھىتتا ئىجتىمائىيلاشقان، ئاشۇنداق سىستىما ۋە تۈزۈلمە ھاكىم دەۋلەتلەردە ياشاغان ھەتتا «ئىلىم-بىلىم» تەھسىل قىلغانلاردامۇ مۇشۇنداق مۇستەبىت، زالىم زىھنىيەتنىڭ بارلىقىنى دىئاسپورامىزدا ھەم كۆرۈپ تۇرماقتامىز.

نۇرمۇھاممەد ياسىن «ياۋاكەپتەر»نى يازغانلىقى ۋە بۇ ئەسەردە مۇئەييەن بىر پىكىرنى ناھايەتى ئۇستالىق بىلەن ئوتتۇراغا قويغانلىقى ئۈچۈنلا خىتتاي غەزەپ بىلەن ئۇنى تۈرمەگە تاشلادى. بىز ئۇنىڭ ئاقىبەتىنى تەخىچە تولۇق بىلمەيمىز.  

بىر تەرەپتىن ئىشغالچى، فاشىست يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ گۇپپاڭچىسى بولغان يەرلىك مۇتىئەسسىپلەر... بۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر بۇرۇن ئىدىقۇت دىيارىدىن چىققان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇخالىق «غەزەپ ۋە زار» شىئېرى بىلەن چۇقان سالغان چاغداكى قەدىمچى زىھنىيەتنىڭ كۈنىمىزدەكى ۋاريانتىدا روشەن ئۆزگەرىشنىڭ تەخىچە بولماغانلىقى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا. ئابدۇخالىق مۇنداق چۇقان سالغان ئىدى:

.......................................

پەنگە ماڭساق كۆز ئاچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغاشۇر،

بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بولۇپ يانارىمەن.

 

ئويغانىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى مەشرىق تامام،

مەن تەخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.

 

باشقالار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،

مەن مىسال يالاڭ ئاياق، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

 

ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ-خەتەر،

ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.

 

ئىجتىمائىي پەنلەردىن ئەقەللىي ساۋادى بارلارغا مەلۇملۇق، كۈنىمىزدەكى تەرەققىي مىللەتلەر، خۇسۇسەن ياۋرۇپالىقلار، ئىجاد قىلغان، پىششىقلاپ ئىشلەگەن ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ كۈچى بىلەن نۇرغۇن ئىنقىلاپلارنى قىلدى. فىئودالىزىمدىن، كاپىتالىزىمغا؛ دىكتاتور، مۇستەبىت تۈزۈملەردىن،دىموكرات ئەركىن تۈزۈملەرگە ئەرىشتى. پىكىرنىڭ كۈچى بىلەن 2000 يىللىق خىتتاي فىئودالىزمىمۇ غۇلادى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللەرىدە ئىنقىلاپلار پارتلادى. كۈنىمىزدە 200دىن كۆپ دەۋلەت ۋە مۇستەقىل مىللەتلەر ئوتتۇراغا چىقتى... بىزنىڭ ئەجداتلارمۇ پىكىرنىڭ كۈچى  بىلەن مۇستەملەكەدىن قۇرتۇلۇپ مۇستەقىل مىللەت بولماق ئۈچۈن يولغا چىققانىدا يۇقارىداكى شىئېردا بايان قىلىنغاندەك قىسمەتلەر بىلەن قارشىلاشقان ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەن بىر خېنەنلىك خىتتاي ئەمەس ئىدى. جۇمھۇرىيەت مىمارى سابىت داموللامنى دۈشمەنگە تۇتۇپ بەرگەن جياڭسۇلۇق گېنېرال ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە جۇمھۇرىيەتچىلەر رەئىسى جۇمھۇرلۇقنى تەقدىم قىلغان خوجانىياز ئىدى. توغراسى خوجانىياز ھاجى..  

كۈنىمىزدە ھىچقانداق بىر دىن ۋەيا مىللەتتىن بولغان نورمال بىر كىشى شەرقتەكى مۇستەبىت دەۋلەتلەرگە،مىللەتلەرگە ھىرس قىلمايدۇ، تەلپۈنمەيدۇ. ھەممەسى غەرپكە ھىرس قىلىشىدۇ ۋە تەلپۈنىشىدۇ. نۇپۇس ھەرىكەتلەرىمۇ شۇنداق. كىشىلەر شەرقتىن غەرپكە كۆچمەكتە. دەڭىزدا چۆكۈپ كەتىش ۋەيا يولدا ئۆلۈپ كەتىش خەۋپى بولسامۇ... شەرقتەكى نىسبەتەن ئەركىن دەۋلەتلەردىن تۈركىيەدىمۇ، كىشىلەر يولىنى تاپسا غەرپكە كۆچىدۇ. غەرپتىن نەپرەتلەنىدىغان مۇتىئەسسىپ سىياسەتچىلەرمۇ پەرزەنتلەرىنى يەنە شۇ غەرپتە ئوقۇتۇشتى ۋە ئوقۇتۇشماقتا. ھەتتا خەلى كۆپسانلىقلارنىڭ غەرپ پاساپورتلۇق ئىكەنلىكى بىلىنىگلىك ...

پىكىر دۈشمەنلەرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدەلىكى بولسا، ئۇلار ئاساسەن مۇستەبىتلەر بولۇپ ئۇلاردا مەۋجۇت مەنپەئەتلەرىنى، ماقام-مەۋقەلەرىنى قوغداش رىفلەكسى كۈچلۈك؛ ئەركىن رىقابەت دۇنياسىدا مۇستەقىل ياشاشقا ئۆزىدە ئىشەنچى ئاساسەن يوق، ھازىرقىدەك سەۋىيەدە جان باققۇدەك بىر ھۈنەرىمۇ  يوقتۇر. بۇ تۈپەيلى ھەر ياڭىلىقنى، پەرىقلىق پىكىرلەرنى، تەكلىپ-تەۋسىيە ۋە تەنقىتلەرنى تەھدىت كۆرۈشىدۇ. شۇڭا جان جەھلى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلايدۇ، تۇنجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ھەممە يولنى سىنايدۇ. ئۇلار (ھەتتا) پىكىر ئىشلەپچىقارىلىش ئىھتىماللىقىدىنمۇ راھەتسىز. شۇڭا بۇ خىل ئىھتىماللىقنىڭ ئىمكانلارىنى يوق قىلماغۇچە كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ. 

زىيالى، بىر مىللەتنىڭ ۋىجدانىدۇر. مەناسى «ئايدىڭ» ۋەيا «نۇرلۇق» يەنى مەشئەل دەمەكتۇر. ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى ۋەتەندە فاشىست خىتتاي تەرەپىدىن ئىزچىل قىرغىن قىلىنىپ كەلدى. بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن كەيىن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىندى، كۆپىنچەسىنىڭ ئاقىبەتى نامەلۇم. مۇشۇ كۈنلەردە، دىئاسپورا خەلقى، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر نامىنى «سەخىي»لىق بىلەن ئىشلەتىپ ھەرخىل پائالىيەت قىلىپ تۇرغان دەرنەكچى، تەشكىلاتچىلارنىڭ دىئاسپورادا ياشاۋاتقان زىيالىيلارنىڭ قەدرىگە يەتمەكى، ئۇلارنى ۋەتەن مىللەت تەقدىرى ئۈستىدەكى مۇھاكەمە، مۇنازىرەلەرگە تەكلىپ قىلماقى، ھەتتا كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىپ، كۈرەشنىڭ ئىلمىي ۋە ئاكادەمىك قانالدا قانداق قانات يايدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ۋە ئاكادەمىك جۇغلانماسىنى مىللىي كۈرەشكە قانداق قىلىپ خىزمەت قىلدۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرماقى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت تورلارىدىن پايدالىنىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنى مۇناسىۋەتلىك ئەللەردە تەخىمۇ كۆپ قاتلاملاردا قانات يايدرۇشنىڭ كويىنى قىلماقى بولسا ئەڭ ئەقەللىيسىدۇر. پىكىر ئىشلەپچىقارغانلارنى، كەمچىللىكلەرىنى كۆرسەتكەنلەرنى دۈشمەن كۆرمەك، ھەرخىل باھانەلەر بىلەن يەكلەمەك، ھەتتا خىتتايدىن خەتەرلىك دۈشمەن كۆرسەتمەك كەيىنكى كۈنلەردەكى «داۋا مونوپوللۇقى»غا ئوخشاش سىياسى، ئىقتىسادى مەركەز پسىخو-پاتالوگىيەلىك (بىر تۈر بۇزۇق رۇھ ھالەت) ئەھۋالدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسى بىر مىللىي مۇجادەلە يەنى مىللىي كۈرەش مەسىلەسىدۇر. ئۇنى ھازىرقى تىلىمىزداكى مەناسى تارايتىلغان «داۋا»غا مۇجەسسەملەش ھەم تارىخى كەچمىشكە ھەم مەۋجۇت رىئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مىللىي كۈرەشنىڭ ئىچىدە يۇمۇشاق ۋە قاتتىق، سىلىق ۋە قوپال...ھەرىكەت، پائالىيەتلەرنىڭ ھەممەسى باردۇر. داۋاگەرلىك, بۇ مىللىي كۈرەش ئىچىدەكى يۇمۇشاق بىر يول ۋەيا ۋاسىتە بولۇشى مۈمكىن. مىللىي كۈرەشكە ئاتلانغانلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى داۋا يولىنى تۇتقان بولسا، باشقالار ھەر ساھەدەكى كۈرەشىنى كۈرەشنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋاريانتى، مىتودى، يوللارى بىلەن داۋام قىلىدۇ. بۇ بۇرۇنمۇ شۇنداق بولغان، بۇندىن كەيىنمۇ ئاشۇنداق بولادۇر. مەسىلە بۇلارنىڭ كوئوردىناسيونى يەنى مەركەزى تەڭشەكى مەسىلەسىدۇر. بىزگە كۆرە، مىللىي مەفكۇرە ئەتراپىدا، ئورتاق ئەقىل ۋە ئورتاق پايدا يادرولۇقىدا مىللەتنىڭ پۈتۈن رەڭلەرىنىڭ تەمسىلى بولغان بىر كەڭەش بىلەن بۇ مىللىي كۈرەشنى تەخىمۇ يۇقارى بالداققا چىقارىش-چىقارماسلىق موھىم مەسىلەدۇر.

2020-يىلى 11-ماي

ئەنقەرە


[1] https://lughet.com///
[2] https://sozluk.gov.tr/
[3] https://lughet.com///

 

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.