ئۈست بىرلىك ھەققىدە ئىزاھات

ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار:

بىز دىئاسپورا ئۇيغۇرلارى، ۋەتەنىمىزدە تىز سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ھىچقانداق بىر شەكىلدە توختىتالمىغانلىقىمىز رىئاللىقىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، تۈرك ئۇنىۋىرىسىتلارىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈچ پروفىسسور ئالدى كەينى بولۇپ ئۈچ ئاي ئىچىدە دىئاسپوراداكى مەۋجۇت دەرنەك، تەشكىلاتلارنىڭ تېخىمۇ تەشكىللىك، تېخىمۇ كەسپىيلەشكەن، تېخىمۇ تۈزۈملەشكەن ھالدا پائالىيەتلەرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجە ئالايدىغان ھالەتكە ئەكەلمەك ئۈچۈن باشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىدىكى شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر نامىدا قۇرۇلغان دەرنەك ۋە تەشكىلاتلارغا، يۇرت ئاقساقاللارى ۋە  مۇھاجىرەتتەكى ھەر ساھە كىشىلەرىگە، بارلىق دەرنەك-تەشكىلاتلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر ئۈست بىرلىك قۇرۇشنىڭ تەخىرسىز بىر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغانلىقىنى تەكلىپ ۋە تەۋسىيە قىلدى. بۇ تەكلىپكە بىر مۇستەقىل تەتقىقاتچى شەرئىي ئىلىملەر دوكتورىمۇ ئاۋاز قوشتى.

بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەر، يازما ماقالە شەكلىدە مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىندى. پىدائىي ئېكرانىدا رەسمىي پروگرامما شەكلىدە ئاساسلىق رامكاسى بىلەن ئىزاھلاندى. تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن كەڭ خەلق ئامماسى، كۆپ سانلىق زىيالىي، جامائەت ئەرباپلارى، بىر قىسىم ۋەقپە، دەرنەك مەسئۇللارى، خادىملارى، ئاكتىۋىست/پائالىيەتچىلەر، پىشقەدەم مۆتىۋەرلەر، تىجارەتچىلەر ھەر خىل شەكىلدە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋەتەندەكى زۇلۇمغا قارشى تەخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتتۇرۇش، دىئاسپوراداكى كۈچنى ۋە ھەرخىل ئىنىرگىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇنداق ئۈست بىرلىكنىڭ موھىملىقىنى، شۇنداقلا دىئاسپورانىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە تىز سۈرئەتتە ھەل قىلىش ئۈچۈن مەۋجۇت دەرنەك ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تىز ئۆزگۈرۈۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماس ھالدا  كەسپىيلىشىشى، تۈزۈملىشىشى ۋە ھەر جەھەتتىن خەلىقىمىزگە ئۇچۇق ۋە دۇرۇست بولىشىنىڭ زۆرۈرىيەتىنى تەكىتلەشتى.

تۈركىيەدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دەرنەك ۋە ئجتىمائى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئلغان ئۈست بىرلىك قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇراغا قويۇلغان ماقالە ۋە پروگراممادا ھىچ بىر زامان مەۋجۇت ھەرخىل قىسمى بىرلىكلەر، دەرنەكلەر ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بۇگۈنگىچە ئالىپ بارغان  شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋەيا مۇستەقىللىق كۈرەشى ھەققىدەكى تۆھپەلەرىنى ئىنكار قىلماغان، چەتكە قاقماغان، رەت قىلماغاندۇر. ئۇشبۇ تەكلىپ، مەۋجۇت دەرنەكلەر ۋە بەزى ئجتىمائى تەشكىلاتلارنىڭ 2017-يىلىدىن كەيىنكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە ۋە خەلقىمىزنىڭ كۈتكەن تەلەپلىرىگە يىتەرلىك دەرىجەدە جاۋاپ بىرەلمىگەنلىكىنى، مەسىلەلەرنى ھەل قىلىشتا يىتەرسىز قالغانلىقىنى،باشقىلارنى  چەتكە قېقىش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى؛ كەسپىيلىشىش، تۈزۈملىشىشنىڭ ۋە خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەر ئىشتا ئۇچۇق بولمىغانلىقتەك يىتەرسىزلىكىنى تەكىتلەگەندۇر. بۇ سەمىمى تەكلىپتىن بىر قۇسۇر ئىزدەش، يامان تەرەپكە بۇرمۇلاش بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزغا زىيان بىرىپلا قالماستىن دوستلىمىزغا ئەلەم دۈشمەنلىرىمىزگە كۈلكە  ئېلىپ كىلىدۇ.

مۇشۇنداق بولۇشىغا قاراماي، بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيە ھەققىدەكى يازمالارنى تەپسىلى ئوقۇپ باقماغان ياكى تولۇق چۈشەنمەگەنلەر، بۇنىڭدىن ھەر خىل مەنا چىقىرىپ ئوڭغا سولغا بۇرمىلاش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەگە قارشى چىقىشقانلىقى كۆرۈلدى. ھەتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەسكىن مۇنازىرەلەرگە سەۋەبچى بولۇنغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىيالىيلارى بولۇش سۈپەتىمىز ۋە زىيالىيلىق مەسئۇلىيەتىمىز بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ سەمىمىي تەكلىپ پىكرىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى مۇنداق بىئارام قىلىۋەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدۇق  ۋە بۇنى  ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ۋىجدانىغا ھاۋالە قىلدۇق.

بۇ ھال ۋە بۇ  مەنزىرە، چىن قەلبىدىن شەرقى تۈركىستاننى سۈيىدىغان ۋە داۋادا ۋە مىللىي كۈرەشتە ئۇتۇق قازىنىشنى خالايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەسلا ئارزۇ قىلمايدىغان بىر كۆرۈنۈش ئىدى. بۇ  ئەسلىدە،داۋادا ۋە مىللىي كۈرەشتە سەمىمى بولغانلار ئۈچۈن سەمىمى بىر تەكلىپ ئىدى. بۇ تەكلىپىمىز دوستلارنى سۆيۈندۈرۈپ دۈشمىنىمىز خىتتاينى بىئارام قىلىش كىرەك ئىدى. ھالبۇكى بىر قىسىم كىشىلەر بىزنىڭ تەنقىت ۋە تەۋسىيەلىرىمىزنى كەمتەرلىك بىلەن قۇبۇل قىلىپ بىزگە دوستلۇق قولىنى ئۇزىتىدىغاننىڭ ئورنىغا، بىزنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ بىئارام قىلىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولدى. بىز بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھازىر بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچلۈك بىرلىك ۋە ئىتىپاقلىققا ئىھتىياجىمىز بارلىقىنى تەكىتلەيمىز ۋە ئۇرغۇلايمىز. ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان شەرقى تۈركىستان خەلقى بۇنىڭغا تەشنا. چۈنكى دۇنيادا تېخىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرەپىدىن قۇرۇلغان يۈزگە يېقىن ھەرخىل دەرنەكلەرگە، قىسمى بىرلىكلەرگە، سىياسىي ۋە ئەسكەرىي تەشكىلاتلارغا، ھەر ساھە زاتلارىغا، خۇسۇسەن كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان، دۇنيانى ۋە ياشاۋاتقان دەۋلەتلەرىنى ئوبدان بىلىدىغان ھەر ساھە زىيالىيلارغا خىتاپ قىلالايدىغان، ئۇلارنى چەتكە قاقمايدىغان ئۇنىۋرىسال بىر ئۈست بىرلىك ۋە بۇنداق بىرلىك تەرىپىدىن ھەرقايسى ئەللەردەكى دەرنەك، تەشكىلاتلارنى نازارەت قىلىپ تەپتىشلەيدىغان بىر مخانىزما روياپقا چىققانى يوق ئىدى.

ۋەتەن ئىچىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەت بولسۇن ياكى خەلقئاراداكى ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەت بولسۇن، خۇسۇسەن خىتتاي ۋىرۇسىدىن كېيىن شەكىللەنگۈسى يېڭى دۇنيا تەرتىبى  شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن ،كەسىپلەشكەن، تۈزۈملەشكەن، قانۇنىيلاشقان، سۈزۈك بىر ئۈست بىرلىكنى، يېڭى بىر ئۈست قارار مىخانىزماسىنى ئوتتۇراغا چىقىرىشىنى كۈتمەكتە.

بۇ تەكلىپ پىكىرنى ئەزىز مىللەتىمىزنىڭ  يۈكسەك ئىرادىسىگە سۇنىمىز. مىللىي ئىرادەگە چەكسىز ھۆرمەت قىلىمىز.

ئالىي ئىھتىرام بىلەن

پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت

پروف. در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

پروف. در. ۋارىس چاقان

 

2020-يىلى 7-ماي تۈركىيە