
|
ئارزۇ ۋە رىئاللىق
در.قاھار بارات
خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى مۇنداق: ئالدى ئەللىك يىل ئاۇتونومىيە، ئارقىدىن ئەللىك يىل قىرغىنلىق. ئاۋتونومىيە دەۋرىدە ئۇلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقى»نى تەشۋىق قىلىپ تۇرۇپ مىليونلىغان ئەسكەر ۋە ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ ئەكىرۋالدى. ئەمدى ئىككىنچى ئەللىك يىلدا قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن جېنى بارلارنى لاگىرلارغا سولاپ، بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرماقتا. ئىش مۇشۇ پېتى ماڭسا 2050- يىلىغىچە ئۇيغۇرلار ئاساسەن خىتايلىشىپ، دىخانلارنىڭ يەرلىرى خىتايلارنىڭ نۇڭچاڭلىرىغا ئۆتۈپ بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى دۆلەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىنكار قىلىشىنىڭ بايرىقى. تارىختىن بويان خىتاي مەدەنىيتى يىراق دېڭىز ۋە قىتئەلەرنىڭ نېرسىدا ئۆز ئالدىغا ياشاپ كېلىۋاتقان بىر يىتىم مەدەنىيەت. دۇنيادىكى ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق، مىسىر، گرىك، ياۋروپا مەدەنىيەتلىرى ئۆز-ئارا بېرىش-كېلش قىلىپ ياشاپ كەلگەن بولسا، خىتاي مەدەنىيتى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن. نەچچە مىڭ جەريانىدا شەكىللەنگەن بۇ خىل يىتىم ھايات خىتايلاردا ئارىلاشما مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاشقا كۆنەلمەيدىغان بىر خىل شەخسىيەتچى «خىتاي بازار» پىسخولوگىيەسىنى ھاسىل قىلغان. بۇنداق ئادەت بۇگۇنكى يەر شارىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمېتى ئۆزلىرىدىكى بۇ ئاجىزلىقنى ھەقىقىي چۈشەنسە دۆلەت ئىچىدىكى ئاران سەككىز پىرسەنتنى ئىگەللەيدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ يىتىملىك كېسىلىنى ساقايتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر دورا ئىدى. تارىختا بەزى دۆلەتلەر باش كۆتەرگەندە خەلقتە مىللىي غورۇرلۇق قوزغۇلۇپ مىللەتچى شوۋېنىستلا ھوقۇقنى ئىگەللەپ دۆلەتنى فاشىزىملىققىا باشلاپ كەتكەن ئىبرەتلەرنى گېرمان، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەلەردىن كۆرگەن ئىدۇق. خىتايمۇ باش كۆتۈرىۋيدى ئون يىل ئۆتمەي دۆلەتنىڭ ھوقۇقى شوۋېنستلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ خاتا قەدەم بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي «خىتاي بازار» پىسخولوگىيەسى، مىليارد ئادەم سانى بىلەن قوشۇلۇپ بىر قورقۇنچلۇق سېرىق ئاپەتنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. خىتايلار تارىختىن بويان تاشقى دۈشمەن كەلگەندە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇ بولمىسا بىر-بىرىنى قىرىپ كەلگەن. مەسىلەن، ھونلار كېلىۋىيدى قۇدرەتلىك خەن ئېمپرىيەسى مەيدانغا كەلدى. ھونلار كېتىۋىيدى ئۇلار ئۈچ دۆلەتكە بۆلۈنۈپ ئۆزلىرىنى ئاساسەن يوقۇتۇپ بولدى. تۈركلەر كېلىۋىيدى قۇدرەتلىك تاڭ ئېمپرىيەسى مەيدانغا كەلدى. تۈركلەر كېتىۋىيدى تاڭ ئېمپرىيەسى ئەن لۇشەن، شى سىمىڭلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولدى. ئەمما ھازىر خىتايغا تەھدىد سېلىۋاتقان بىرەر كۈچلۈك دۆلەت يوق. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا باياشات ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان خەلق بىجىڭنىڭ بۇگۇنكىدەك قاتتىق كونتروللۇققا چىدىماسلىقى، ھەر قانداق بىر كىچىككىنە چاقماق ئوتى چوڭ بىر ئوتقا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردا «شىنجاڭ تەجىربىسى» ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ تارقاپ شەھەر-شەھەرلەر مەلۇم دەرىجىدە تورلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ بولدى. ئەگەر كومپۇتېرلىق كونترول يەنە مۇشۇ سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋەرسە خىتاي خەلقىمۇ نەچچە يىلدىن كېيىن دىگىتال ئارخىبقا چۈشۈپ بىزدەك مىدىر قىلالماس ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئادىمىزات شەيتاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ قورقۇنچلۇق دۇنيادا يەنە نىمە ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ، خۇدا بىلىدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەت باشقا بىر مىللەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشاشنى خاھلىمايدۇ. ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامال-چارىنىڭ يوقلىقىدىن خوجايىننىڭ باشقۇرۇشى ۋە ئېكسپلاتاتسيەسىنى قوبۇل قىلۋاتىدۇ. زۇلۇم بەك ئېشىپ كەتسە ئەڭ لامزەللى مىللەتمۇ ئىسيان كۆتۈرىدۇ. بىز سىياسەتچىلىرىمىزنى «ئاۋتونومىيەچىلەر» ۋە «مۇستەقىلچىلەر» دەپ ئىككىگە ئايرىۋاتىمىز. خىتاينىڭ بىزگە بەرگەن ئاۋتونومىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسكەر ۋە ئاھالىلىرىنى ئەكىرۋېلىشى ئۈچۈن قوللانغان بىر ۋاقىتلىق بىخوتلاشتۇرۇش چارىسى ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇپتۇ. خىتاينىڭ بۇگۇنكى ئۇيغۇلارنى مىليونلاپ سولاش ۋە ئۆلتۈرۈشلىرى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بىرگە ياشاش نېيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدى. مانا يىگىرمە يىل ئۆتۈپ ئوتتۇز يىل قالدى. بۇگۇنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونى قۇللارچە باش ئەگكەن چوڭ ياشلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ خىتايلىشىپ كەتكەن بالىلىرىدىن تەركىپ تاپقان ساغلام ئەمەس بىر مۇستەملىكە جەمىيەت. خىتاينىڭ چوتىدا ئوتتۇز يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار مانجۇلاردەك خىتايچە ئىسىملارنى ئىشلتىشكە باشلايدۇ. خىتايلار ئاۋتونومىيەدىن پايدىلىنىپ بولدى. ئەمدى بىزدىكى «ئاۋتونومىيەچىلەر» تەسلىم بولۇپ بارغىنى بىلەنمۇ ئۇلار چۈ چۈ چۈ دەپ ھايداپ چىقىرۋېتىدۇ. بىر ئوخشاشلىق يېرى شۇكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىمۇ مۇشۇ پېتى ماڭىۋەرسە ئوتتۇز يىلنىڭ نېرىسىغا بارماسلىقى مۇمكىن. كۆرۋاتىمىزكى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ قولىدىكى ئىش، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۆزىمىزگە قاراشلىق. بىزنىڭ خىتايغا قارشى كۆرەشلىرىمىز ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش. ئۇ قوراللىق كۆرەش، مەدەنىي كۆرەش، دىننىي كۆرەش، ئىقتسادىي كۆرەش، تىل كۆرىشى، نەشرىيات كۆرىشى، مېدىيا كۆرىشى، دىپلوماتىيە كۆرىشى، ئەقىل ۋە ئستراتېگىيە كۆرىشى قاتارلىق بىر پۈتۈن مىللەتنى ھاسىل قىلىدىغان بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەتتا دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئوبرازلىرىمىزنى قانداق كۆرسۈتۈشلەرمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۇنچۋېلا مۇرەككەپ ۋە جىق مەزمۇنلارغا ئاددىي غەزەپ-نەپرەت ۋە شۇئار توۋلاشلار ئازلىق قىلىدۇ.
ئىككى ۋەزىپە بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىككى ۋەزىپە بار: ۋەتەننى ئازاد قىلىش ۋە مىللەتنى ساقلاپ قېلىش. نامايىشلارغا چىقىش ئالدىنقى سەپ، ئۇيغۇر يېزىلىرىنى بەرپا قىلىش ئارقا سەپ. بىز ئەتە نىمە ئىشلار بولۇدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ۋەتەننى ئازاد قىلىشقا بەلكىم ئون يىل ياكى يۈز يىل كېتىشىمۇ مۇمكىن. بىر يازغۇچى ئازاد شەرقىي تۈركىستان ژورنىلىدا: ئەگەر بىز بۇ قېتىم پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويساق قايتا مۇستەقىللىقنى ئېلىشىىمىزغا مىڭ يىل كېتىدۇ دەپ يازغان ئىدى. ئەلۋەتتە خەلق قىسقا مۇددەتتە ئازاد بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ئەمما لىدەرلەرىمىز ئۇزۇن مۇددەتنى پەرەز قىلىشى كېرەك. ناۋادا شەرقىي تۈركىستان پات ئارىدا ئازاد بولماي، بۇ كۆرەشلىرىمىز ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە ئۇيغۇر مەھەللە ۋە يېزىلىرىنى بەرپا قىلىشىمىز شەرت. بۇ خۇددى كېيىنكى جەڭلەر ئۈچۈن ئاكوپ ۋە خەندەكلەرنى كولىغاندەك بىر ستراتېگىيە. سەكسەن يىلدىن بېرى لىدەرلىرىمىز بىزنى پەقەت جەڭگە چاقىرىپ مىللىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى ئويلاشمىدى ۋە پەرەز قىلالمىدى. يىللار ئۆتىۋەردى، ئۇ چوڭلارمۇ بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ بالىلىرى ئاتسىملاتسيە بولۇپ پارغا ئايلاندى. يەنى يۈز مىڭدەك ئۇيغۇر مىلتىق ئوقىدا ئەمەس ئاتسىملاتسيە ئوقىدا ئۆلۈپ بولدى. ئەمما مۇشۇ سېكونتتا رىئاللىققا قارايدىغان بولساق بىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشىمىزغا ئاران ئوتتۇز يىل قالدى. دىمەك ئۇيغۇرلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ھەقىقەتەنمۇ جىددىي قۇتقۇزۇش خاراكتېرىلىك بىر ۋەزىپە. مۇشۇ كۈنلەردە چەتئەلدە ياشاۋاتقان مۇشۇ ساناقلىق ئۇيغۇرنىڭ مىللەت ئۈچۈن نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشتا ئوينىغان روللىرىنى كۆرۋاتىمىز. مۇخبىر دىت پران قېچىپ چىقىپ كامبودژا كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىككى مىليون خەلقنى ئۆلتۇرۋەتكەنلىكىنى دۇنياغا پاش قىلغان. گىتلىر ئارمىيىسىنىڭ ئالتە مىليون يەھۇدىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى ئۇرۇشتىن كېيىن پاش بولدى. ئۆتكەن كۈنى يىغىندا: بىز ۋەتەنگە قايتالمايمىز ۋە قايتمايمىز. مۇنداق چوڭ بىر ئەلنىڭ چەت دۆلەتلەردە بىر مىليون ئادىمى بولۇشى كېرەك، دىسەم بەزىلەر قاھار بارات شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىل بولالمايدۇ دەپتۇ دەپ ئېغۋا تارقاتتى. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىمىز كېرەك. ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغان تەقدىردىمۇ مۇنداق چوڭ بىر مىللەتنىڭ چەت ئەللەردە بىرەر مىلىيون ئادىمىنىڭ بولۇشى شەرت. يەر شارىدىكى ھەممە چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى شۇ. بىز ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەسىرلەپ سولۇنۇپ قېلىپ دۇنيادىن بىخەۋەر قالغان بىر خەلق. مۇساپىرلىققا كۆنەلمەي يۈرتىمىزنى سېغىنىش ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىكى بىر ئورتاق نوستالگىيە. ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ ئۆلۈۋاتقان خەۋەرلىرى يۈرەك-باغرىمىزنى ئەزمەكتە. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئالۋاستىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن دەرھال ھايداپ چىقىرىپ پات ئارىدا ئۈرۈمچىگە كېتىمىز دەيدىغان ئۈمىتنى ھەر كۈنى خۇدادىن ۋە ياكى ئامېرىكىدىن تىلەپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما شۇنداق دەپمۇ يۈز يىل ئۆتۈپ كەتتى. تۈمەنلىگەن ۋەتەن سۆيەر ئۇيغۇرنى ئەرەب ۋە تۈركلەرنىڭ مازارلىرىغا كۆزى ئوچۇق پېتى كۆمۈپ قويدۇق. ئۇلارنىڭ بالىلىرى يىغىنلىرىمىزغا كەلمەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ۋاگون كۆز ئالدىمىزدىكى تىرىك ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق، توقسەنىنچى يىللىرى چىققانلارنىڭ بالىلىرى ئاساسەن يابانچى بولۇپ بولدى. بالىلارنىڭ تىلى ئون بەش ياشقىچە چىقمىسا ئۇنىڭ نېرسىىغا ئامال يوق. ئەمدى ئۆچرەت مۇشۇ ئەسىردە چىققان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئالدى تۈگىسە ئارقىدىن چىقىۋېرىدىغان زەمزەم بۇلاقنىڭ سۈيى ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشى بەش يىل بۇرۇنلا توختاپ بولغان ۋە بەلكىم مۇشۇ چىقىۋالغانلار دياسپورانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ۋاگونى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر مۇشۇ بالىلىرىمىزنىمۇ ساقلاپ قالالمىساق ئۇيغۇر داۋاسى 2050- يىلغا بارغاندا تۈگەيدۇ. ھەتتا ۋەتەننى ئالە دەپ تاشلاپ بەرسىمۇ ئىگە چىقىدىغان ئادەم قالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇل، كېيىم-كېچەكلىرى مانجۇلارنىڭ سەھنە ئۇيۇنلىرىدەك بىر نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئارتىسلىرى ئۇيغۇر بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمېتى مۇھاجىرەتكە ياساپ چىقارغان دىنچىلارنى ئورتا ئەسىردە قالغان، ھىجاب ۋە ساقاللىرى بىلەن ئوبرازىمىزنى تۆكۈۋاتىدۇ دېگىنىمىز بىلەن ئەمدىلىكتە بىز ئاچالمىغان مەكتەپلەرنى شۇلار ئېچىپ، بىز ماڭدۇرالمىغان جەمىيەتلەرنى شۇلار ماڭدۇرۋاتىدۇ. ئاخىرى كېلىپ بىزدەك زىيالى، سىياسەتچى دەپ ياۋورپالىشىپ كەتلەنلەرنىڭ ئۇرۇغى قۇرۇپ شۇلارنىڭ مەسجىدلىرىگە ئولاشقانلارنىڭ بالىللىرى ئۇيغۇر بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. خىتايدىن گورباچېۋ چىقمايدۇ. قازاق قىرغىزلارغا كەلگەن ئامەت چەچەنلەرگە كەلمىدى. ئەگەر بىزمۇ ئۈمىتىمىزنى ئاشۇنداق بىرەر تەلەيگە باغلاپ ياتساق مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى قىمارغا تىكىپ قويغان، جەزمەن ئۇتتۇرىدىغان بىر قىمارغا تىكىپ قويغان بولىمىز. ئەگەر بىز بۇ كۆرىشىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنسەك ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇز يىلدىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭمۇ پارغا ئايلىنىپ تۈگەيدىغانلىقىمىزنىمۇ پەرەز قىلالساق ئۆپكىمىزنى بېسىۋېلىپ مىللەتنىڭ ھەممىسىنى قۇماچ قىلىپ قورۇماي بىر قىسمىنى ئۇرۇغلۇققا ئېلىپ قېلىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى ئاقساقاللىرىمىز كەلكۈننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ سۈكۈتتە تۇرۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ بىرىنچى ئىشى قاتارىدا تۇرۇدىغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ پروگراممىلىرىدا يوق، لىدېرلىرمىزنىڭ ئاغزىدا يوق بىر تاشلاندۇق «ئۆزەڭلەرنىڭ ئىشى»گە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەممىمىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بىر فابرىكا بىر يېزا باشلىقلىرىمىز يۇقۇرى قاتلامدىكى ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ يۈرگىنى بىلەن تۆۋەندە جامائەت ئۆزلىكىدىن قوزغۇلۇپ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىقلارنى قىلماقتا. مۇئاللىملار سىنىپ ئاچماقتا، يازغۇچىلار دەرسلىك يازماقتا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئاپارماقتا. ئۇيغۇر مەھەللىسىنى قۇرۇش چەتئەلدە تېخىچە جېنىنى باقالمايۋاتقان، ئائىلىسىنى قۇرالمايۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەس ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمىلىيەت پروفېسور قارلۇقنىڭ ئىككى ئېغىز گېپى، پالتاجىمنىڭ يەرلەرنى كۆرسۈتۈشى بىلەن پۈتمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ تەشكىلاتلار باشلىمىسا، بىر قانچە تەشكىلات تەڭ ھەرىكەت قىلمىسا ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. مائارىپچىلار جەمىيىتىدىكى مۇساجاننىڭ دېيىشىچە مەلۇم ئۇيغۇر يېزىسىغا ئۇيۇشقانلارمۇ بولغان ئىكەن. ئۇنداق يەرلەردە خىزمەت ۋە پۇل بولمىغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا يېنىپ كەپتۇ. بۇ تەجرىبە بىزگە ناھايىتى مۇھىم بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۇرۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزا ۋە شەھەرلىرىنى قۇرالىشىمىز ئالدى بىلەن مەلۇم بىر خەلقارالىق ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنى ئۇلاپ بېرەلىشىمىزگە باغلىق. مەسىلەن، دېترويت ئامېرىكا بويىچە تۆتىنچى چوڭ شەھەر ئىدى. گم ماشىنسازلىق ۋە ھەربىي سانائەت توختىغاندىن كېيىن شەھەر بىراقلا خاراپلىشىپ، ئەللىك يىل ئىچىدە ئاھالىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرى قالدى، ھازىر بارسىڭىز كوچىلاردا قەغەزلەر ئۇچۇپ يۈرىدۇ. كوننېكتىكاتتىكى بىر ناھىيەدىن فوردنىڭ بىر زاپچاس زاۋۇدى كۆچكەن ئىدى، ئۆي باھاسى دەرھال چۈشۈپ، ئاھالىسى پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. ئامازون شېركىتى ئورلاندو ئايردرومىغا بىر ئىسكلاد قۇرۋاتىدۇ. ئۇ شۇ مەھەللىدە نەچچە يۈز ئىش پۇرسىتىنى يارىتىدۇ. دىمەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ كومپانىيەلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز دائىرىمىزدىكى مەلۇم بىر مەھسۇلات لېنىيەسىنى مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىسى ئۇچۇن ئالاقىلىشىپ بېرەلىسەك مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ساۋابلىق ئىش قىلىپ بەرگەن بولىمىز. ئۇيغۇر يېزىسى قۇرۇش بىر دۇلەتلەردە ئوڭاي بولسا بىر دۆلەتلەردە تەس. يەھۇدىلارنىڭ يېرىمى چەتئەلدە ۋە يېۋرەيچە بىلمەيدۇ. ئەمما ئىسرائىليە دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى كۈچى شۇلاردا. بىز نوقۇل مىللىي ئىگىلىكلرىمىز بىلەن يېزىلاردا جان باقالمايمىز. چوقۇم پۇل كىرىدىغان بىر خەلقارالىق سانائەت ئاساس بولۇپ تۇرۇپ بېرىشى كېرەك. فابرىكىمىز بارلا بولىدىكەن ۋان ياكى دىياربەكىرلەرگە كېتىشتىنمۇ قورقمايمىز. بىز ئىتتىپاقلىشايلى دەيمىز. مۇشۇنداق مۇھىم مەسىلىلەردە زىيالىلىرىمىز بىر پىكىرگە كەلسە، لىدېرلىرىمىز باشلامچىلىق قىلسا ۋە خەلقىمىز ئاۋاز قوشسا ئۇنى ھەقىقىي ئىتتىپاقلىق دەيمىز. بىز بىر ئۇيۇشقاق، سىرلىق، جاھىل ۋە تەۋەككۇلچى مىللەت بولمىساق بۇگۇنكى يەر شارىدا ياشاپ قېلىشىمىز تەس. ئۇيغۇرلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز ئۈچۈن ھەر-قايسى ئۇيغۇر شىۋىلىرىنىمۇ ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىلىرى مەلۇم سىياسى، مەدەنىي ۋە دىننىي گۇرۇھلاردىن تەشكىل تاپقاندىن سىرت قەشقەر يېزىسى، غۇلجا يېزىسى، خوتەن يېزىسى، تۇرپان يېزىسى، ئاقسۇ يېزىسى دىگەندەكلەرنى قۇرۇپ چىقىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت(كۈلتۈر) ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر قەبىلىسى نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى دىڭلىڭ، تېلې، خۇدخۇر، ئۇيغۇر دەپ ھەر-خىل ناملاردا نۇرغۇن كۆرەشلەرنى بېشىدىن كەچۇرۇپ بۇگۈنگە كەلدۇق. بىزنىڭ سانىمىز بىر مىليونغا بارمايتتى. بەزى ۋاقىتلاردا باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ ئېمپرىيەلەرنى قۇردۇق. بەزى ۋاقىتلاردا تاغلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇندۇق. بەزى ۋاقىتلاردا كۆچ-كۆچ قىلىپ نەچچە مىڭ ئادەم بىلەن ساقلىنىپ قالدۇق. ئەگەر بۇنداق قەدىمىي تارىخقا ئىگە ئۇلۇغ مىللەتنىڭ قۇيرۇقى بىزنىڭ قولىمىزدا كېسىلسە ھەممىمىز ئۇيغۇر تارىخىنىڭ جىنايەتچىلىرىگە ئايلىنىپ قالىمىز. 2022-يىلى 12-ئىيون
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kaharbarat2@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|