قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا كەڭەش ۋە ئۇنىڭ دەۋلەت- مىللەت تەقدىرىدەكى ئەھمىيەتى توغراسىدا

پروف.دوكتور  ۋارىس چاقان

 

تۈرك دۆلەت چۈشەنجىسىگە نىسبەتەن ئايتقاندا، كائىناتنىىڭ ياراتقۇچىسى بولغان  تەڭرى يەر يۈزىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن تۈركلەرنى ياراتقان ۋە ئۇلارنى ۋەزىپەلەندۈرگەن. تۈركلەر تەڭرى ئاتا قىلغان بۇ قۇتلۇق ۋەزىپەنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ كەلگەن. تەڭرى تەرىپىدىن قۇتلاندۇرۇلغان تۈرك خاقانلارىغا يەر يۈزىنى باشقۇرۇشتا ياردەم بىرىدىغان بىر قىسىم مۇئەسسەسەلەرمۇ بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كەڭەش ئەڭ مۇھىم مۇئەسسەسەلەردىن بىرى ئىدى. كەڭەش (قەدىمقى تۈركچىدە كەڭگەش) ئۇيغۇرچىدىكى "كەڭ" سۆزىگە "ئەش" قۇشۇمچەسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ھاسىل بولغان بىر پىئىل سۆزىدىن ئىبارەت بولۇپ تار مەناسى، "مەسلىھەتلىشىش"، "مۇزاكىرە قىلىش"، "پىكىرلەشىش"،"مۇھاكىمە قىلىش"، "باش قوشۇشۇش"تىن ئىبارەت بولغان بولسا، كەڭ مەناسى "ئۆز ئارا مەسلىھەتلەشىپ ۋە كەڭەشىپ يۈز بەرگەن ۈەياكى يۈز بەرىش ئىھتىمالى بولغان ھەرخىل مەسىلەلەرگە قارشى "ئالدىنئالا تەدبىر بەلگەلەش" دىگەندىن ئىبارەت ئىدى. كەڭەش سۆزى يۇقارىدا ئىپادىلەنگەندەك مەنالارى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخى ئەسەرلەردە كۆپلەپ كۆزگە چالىقماقتا. 

بۇنىڭدىن باشقا، تارىخى مەنبەلەردە قەيىت قىلىنىشىچە، قەدىمدە ھۈكۈمدارلار بىلەن خەلق  بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان "توي" مۇ دۆلەت بىلەن مىللەتنى بىربىرىگە زىچ باغلايدىغان، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلارنى ئالىدىغان چوڭ تىپتىكى مۇراسىملاردىن بىرى ئىدى. تۈركلەرنىڭ/ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر خاقانى ئوغۇزخان يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇرغاندىن كەيىن ئىنتايىن چوڭ بىر توينى تەرتىپلەگەن. تويدا ئوغۇزخاننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئوغۇزلارنىڭ بوز ئوق ۋە ئۈچ ئوقتىن ئىبارەت 24 بويىنى شەكىللەندۈرگەن ئوغوللارى، خانىملارى ۋە نەۋرەلەرىدىن باشقا خان ئۇرىقىدىن بولماغان تۇنۇلغان ئەرباپلار، خەلق سۆيگەن ئاق-ساقاللار، ئۇرۇشلاردا ۋە مۇسابىقىلاردا ئۈستۈن غەلىبەگە ئەرىشكەن قەھرىمانلارمۇ ئولتۇرغان ئىدى.  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق چوڭ دۆلەتلەرنى قۇرۇپ چىقىپ بۇ دۆلەتلەرنى كۈچلەندۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرۇشتا ۋە مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلىشتا كەڭەش ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناغان. كەڭەش كۈچلۈك قائىدە تۈزۈم، تەرتىپ ئىنتىزام، ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىك بارابەرلىكنى ئاساس قىلغان بىر  ئىجتىمائى قۇرۇلما ئىدى. تارىختىكى ئۇيغۇر تۈرك خەلقىنىڭ ئىسىل پەزىلىتى ۋە خاراكتىرىنى نامايەندە قىلغان كەڭەش قۇدرەتلىك ھون ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىمپىراتۇرى باتۇر تەڭرىقۇتنى بىر جاھان ھۆكۈمدارى قىلىپ چىققان بولسا ھون ئىمپاراتورلىقىنى ئو زاماننىڭ غەرىپتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپىرىيە بولغان رىم بىلەن پۇت تىركىشىپ تۇرالايدىغان ئىمپىرىيەگە ئايلاندۇرالىغان ئىدى.

ھونلارنىڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمدارى باتۇر تەڭرىقۇت تەختكە چىققاندىن كىيىن ئالدى بىلەن تەجىرىبەلىك مەشىۇر دۆلەت ۋە جامائەت ئەرباپلارى، ھەربى ئالىملار، خەلق ئاراسىدا تۇنۇلغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەر خىل كەسىپتىكى كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ئالى مەسلىھەت كەڭىشىنى قۇرۇپ چىققان. باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى بىر ھەربى ئۆزگۈرۈش بىلەن تەختكە چىققاندىن كەيىن شەرقتىكى خوشناسى تۇڭگۇسلار، ئەمدىلا تەختكە چىققان باتۇر تەڭرىقۇتنى غەزەپلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاتىنى تۇڭگۇسلارنىڭ خانىغا ھەدىيە قىلىشىنى دىپلۇماتىك قائىدىلەرگە ماس بولمىغان قۇپال بىر ئۇسلۇپ بىلەن تەلەپ قىلغاندا، باتۇر تەڭرىقۇت تۇڭگۇس خانىغا قانداق جاۋاپ بەرىش توغرىسدا ئالى كەڭەشنى يىغىنغا چاقىرىپ مەسلىھەت سورىغان. ئالى كەڭەشتىكىلەردىن بەزىلەر باتۇر تەڭرىقۇتقا تۇڭگۇسلارنىڭ خانىغا ھەددىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش باشلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بەزىلەر "دۆلەتىمىز ۋە مىللىتىمىز ھازىر بۇ ئۇرۇشنى قىلىشقا تەييار بولسا ۋە غەلبە قىلىشقا كۆزىمىز يەتسە ئۇرۇش قىلىش كەرەك، ئەگەر تەييار بولمىسا ئۇرۇش باشلىماسلىق كەرەك" دىگەن خۇلاساگە كەلگەندىن كىيىن مەسئۇلىيەتنىڭ باتۇر تەڭرىقۇتتا ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، باتۇر تەڭرىقۇت ئالى كەڭەشكە شۇنداق خىتاپ قىلغان: " دۆلەتىمىز ۋە مىللىتىمىز تەخى بۇ ئۇرۇشقا تەييار ئەمەس، بىز تەخى يەڭىلا ئاغىر بىر سىياسى ۋە ھەربى ئۆزگۈرۈشنى باشىمىزدىن كەچۈردۇق. تۇڭگۇس خانى بۇنى ياخشى بىلگەچكە مىنى غەزەپلەندۈرۈپ دۆلەتىمىزنى ئورۇشقا سۆرەپ كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ئالى كەڭەشكە شۇنى دىمەكچىمەنكى، تۇڭگۇس  خانىنىڭ تەلەپ قىلغىنى ماڭا ئائىت بولغان بىر ئات، مەن ئۆزەمنىڭ نەپسىنى دەپ دۆلەتىمنى ۋە مىللىتىمنى بۇ ئۇرۇشقا ئالىپ كىرمەيمەن ۋە ئاتنى ھەدىيە قىلىمەن". نەتىجىدە ھونلار، تۇڭگۇسلارنىڭ خانىغا تەلەپ قىلغان ئاتنى ھەدىيە قىلىپ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان. باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ بۇ قارارىنى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىغان تۇڭگۇس خانى تەخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئىككىنجى قاتىم باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خانىمىنى ھەدىيە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ نۆبەت باتۇر تەڭرىقۇت يەنە بۇ تەلەپنى ئالى كەڭەشكە مۇزاكىرەگە قويغاندا، ئالى كەڭەش  تۇڭگۇسلار  بىلەن ئۇرۇش قىلىش ۋە قىلماسلىقنى مۇزاكىرە قىلغاندا باتۇر تەڭرىقۇت مۇنداق دىگەن: "بىز تۇڭگۇۇسلارنىڭ ياخشى نىيەتتە ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىمىز، بىز ھازىر تۇڭگۇسلارنى ئۈزۈل-كىسىل مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن ئۆز نەپسىمنى دەپ دۆلەتنى ۋە مىللەتنى زىيانغا ئۇچراتىدىغان بۇ ئۇرۇشنى قىلمايمەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئۆز نەپسىمدىن كەچىمەن ۋە تۇڭگۇس خانىغا ھەرىمىمدىكى خانىمىمنى ئەۋەتىمەن" دەگەن. باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ھەر ئىككى تەلىبىنى ئورۇندىغانلىقىدىن ئۆز تىرىسىگە سىغماي قالغان تۇڭگۇس خانى 3-قاتىم ھونلار بىلەن تۇڭگۇسلارنىڭ چىگراسىداكى تاشلاندۇق زەي بىر تۇپراقنى ئۆتكۈزۈپ بەرىشنى تەلەپ قىلغان. باتۇر تەڭرىقۇت بۇ تەلەپنى يەنە ئالى كەڭەشنىڭ مۇزاكىرەسىگە قويغاندا، ئالى كەڭەش ئەزالارىدىن بەزىلەر: "تەڭرىقۇت ئالىيلارى ئاچچىقلارىنى يۇتۇپ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاتلارى بىلەن خانىملارىنى بەردىلە. ئەمدىلىكتە، تۇڭگۇسلار تاشلاندۇق بىر زەي تۇپراقنى تەلەپ قىلىپتۇ. بۇ زەي تۇپراق ئۈچۈن تۇڭگۇسلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ" دەگەندە باتۇر تەڭرىقۇت غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ : "ئات بىلەن خانىم مەنىڭ شەخسى مۈلكۈم ئىدى،مەن ئۆز نەپسىمدىن كەچىپ دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن تۇڭگۇسلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قاتىلماغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا، تۇڭگۇس خانى دۆلەتىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە ئائىت بولغان تۇپراقنى تەلەپ قىلماقتا. تۇپراق بىر مىللەتنىڭ ئار نۇمۇسى ۋەتەنىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇپراق بەرىلمەيدۇ ئالىنىدۇ. بىر مىللەت توپراقىدىن ئايرىلسا، ھالاك بولىدۇ" دەپ ئالى كەڭەشتىن تۇڭگۇسلارغا ئۇرۇش ئىلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئالى كەڭەش باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ تۇڭگۇسلارغا قارشى ئۇرۇش باشلىشىغا قوشۇلغاندىن كىيىن مىلالىدىن بۇرۇنقى 208-يىلى كەڭ كۈلەملىك ئۇرۇش قوزغاپ تۇڭگۇسلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ۋە تۇڭگۇسلارنىڭ تۇپرىقىنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋالغان.

تۈركىيەدىكى قارىنداشلارىمىزنىڭ بايراق ۋە تۇپراق سۆيگەسىنى ئىپادىلەيدىغان تۈۋەندىكى بەيىتنىڭ يىلتىزى مانا مۇشۇ ھونلار دەۋرىگە بارىپ تۇتۇشىدۇ: 

بايراقلارنى شانلىق قىلغان ئۈستىدەكى قاندۇر،

تۇپراق ئەگەر ئۇغرۇندا ئۆلگەن بولسا ۋەتەندۇر.

  ئۇيغۇرلارمۇ خۇددى تۈركىيە تۈركلەرىگە ئوخشاش ھونلارنىڭ نەسلىدىن كەلگەن بىر تۈرك خەلقى بولۇش سۈپەتى بىلەن تۇپراق ئۈچۈن ئاز بولماغان بەدەللەرنى تۈلەپ كەلگەن ۋە ھونلاردىن مىراس قالغان بۇگۈنكى شەرقى تۈركىستان تۇپراقلارىنىڭ تامامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستان تۇپراقلارىدا ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلەتى  (744-840)، خاقانىيە تۈرك دۆلەتى (قاراخانلىلار دۆلەتى840-1212)، ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلەتى (866-1393)، تىمۇر ئىمپاراتورلىقى (1370-1507)، ياركەنت سەئىدىيە دۆلەتى (1514-1682) قاتارلىق  كۈچلۈك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ ئۆز تۇپراقلارىنى قوغداپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلار  قەدىمدىن تارتىپ دۆلەت قۇرۇش، باشقۇرۇش، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ  ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلەلەرىنى ھەل قىلىش ۋە مىللى پالاكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىش ئۈچۈن تەجرىبەلىك دۆلەت  ئەرباپلارى، بوي بەگلەرى، توغرالىقى، جاسارەتى، بىلىم سەۋىيەسى، قەھرىمانلىقى، پىدىكارلىقى ۋە كەسىپتەكى ئۈستۈن ماھارەتى  بىلەن  خەلق ئاراسىدا تۇنۇلغان كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن  ئالى مەسلەھەت كەڭەشلەرىنى قۇرۇپ بۇ يەردە مۇجەسسەملەنگەن  ئورتاق ئۈست ئەقىل بىلەن نۇرغۇنلاغان مىللى كىرزىسلەرنى يەڭىپ چىققان.

ئالى كەڭەش نورمال زامانلاردا يىلدا بىر قاتىم، پەۋقۇلاددە زامانلاردا خاقاننىڭ چاقىرىقى بىلەن قەرەلسىز توپلاناتتى. ئالى كەڭەشكە قاتىلماغانلار، ئسيان ئەتكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىناتتى. ئالى كەڭەشنىڭ خاقان دۆلەت باشقۇرۇشتا يەتەرسىز قالغانىدا، ئۇنى ۋەزىپەسىدىن ئالىپ تاشلاش ھۇقۇقىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، 2-كۆكتۈرك دۆلەتىنىڭ خاقانى قاپاغان قاغان ئۆلگەندىن كەيىن ئوغلى ئىنەل قاغان تەختكە چىققاندا، كەڭەش ئىنەلنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشتا قابىلىيەتسىز بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى تەختتىن چۈشۈرىۋەتكەن. كەڭەش باشلىقى (ئايگۇچى) تونيۇقۇق، بۇيەردە ئالاھىدە رول ئويناپ قۇتلۇق قاغاننىڭ ئوغلى بىلگە قاغاننىڭ تەختكە چىقىشىدا چوڭ رول ئويناپ دۆلەتنى ئاغىر بىر كىرزىستىن ساقلاپ قالغان ئىدى. ئوخشاشلا ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلەتىدىمۇ قۇتلۇق بىلگە كۆل قاغان ئۆلگەندىن كەيىن ئورنىغا چوڭ ئوغلى تاي بىلگە چىقماقچى بولغاندا، ئالى كەڭەشنىڭ ماقۇللىشى بىلەن كىچىك ئوغلى مويۇنچور تەختكە چىقارىلغان ئىدى. ئۇيغۇرتۈرك تارىخىدا بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى كۆپلەپ كۆرسەتىشكە بولىدۇ.

شىمالى سۇڭ سۇلالەسىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندى ئۇيغۇر ساياھەتنامىسىدە، ئۇيغۇرلاردا دىمۇكراتىك، ئادالەتلىك ۋە ئىجتىمائى تەڭپۇڭلىقنى ئاساس قىلغان بىر دۆلەت سىستىماسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ سىستىمانىڭ ئۇيغۇرلارداكى ئۆزئارا ھەمكارلاشىش ۋە مۇزاكىرە كۈلتۈرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭدا كەڭەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناغانلىقىنى يازغان. مەھۇد كاشغەرىمۇ ئۆزىنىڭ تۈرك تىلى دىۋانىدا كەڭەشنىڭ: "ئىشلاردا مەسلەھەت قىلىش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئويلاشىپ ئىش قىلىش"  دەگەنگە ئوخشاش مەنالاردا ئىشلەتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇراغا قويغان. ئۇيغۇرلارداكى "كەڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس" دەگەن ماقال تەمسىلمۇ مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخى تەجىرىبەلەرنىڭ يەكۈنى ئىدى.

ئەپسۇسكى 1682-يىلى ياركەنت سەئىدىيە دۆلەتى جۇڭغار خانلىقى تەرەپىدىن مۇنقەرىز قىلىنغاندىن كەيىن، ئىنتايىن ئاغىر بىر پاجىئەگە يولۇقتى. ئۇيغۇرلار  ئۈچ ئەسىردىن بەرى داۋام قىلىپ كەلىۋاتقان ئاغىر مۇستەملەكە ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن دۆلەت ئاڭىنى ۋە مىللى مەپكۇرەسىنى يۇقاتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تەخىچە بۇ مىللى پاجىئەلەردىن قۇرتۇلۇپ چىقالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭداكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ مىللى بىرلىكنى قوغداشنىڭ ئەڭگۈشتەرى ۋە ئەجدات مىراسى بولغان مىللى كەڭەش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلالماغانلىقتىن ئىبارەتتۇر.

خۇلاسە قىلىپ ئايتقاندا، بۇگۈن ۋەتەنىنى ۋە مىللەتىنى سۆيەدىغان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار  ياقىن تارىخىمىزداكى ئاچچىق تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلاشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارىپ، ئۇرتاق بىر  ئۈست ئەقىل بىلەن ئىستىقبالىمىز ۋە ئىستىقلالىمىز ئۈچۈن بىرلىك يولىمىزداكى بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى باتۇرلۇق بىلەن بىت-چىت قىلىپ، ئالدىمىزدا كەلىۋاتقان تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماي ھۆر ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تارىخنىڭ زىممەمىزگە يۈكلەگەن شانلىق ۋەزىپەسىنى ئادا قىلىشىمىز شەرتتۇر.

2020-يىلى 6 –ئاينىڭ 4–-كۆنى

ئەنقەرە

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: variscakan@gmail.com 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:  تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.