تەنقىت كۈلتۈرى

tnqyt

پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت

 

"تەنقىد" دېگەن سۆزنىڭ يىلتىزى ئەرەپچە "ناقد" سۆزى بولۇپ لۇغەت مەناسى پۇل دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىسمى فائىل ۋەزنى بولغان "ناقىد" سۆزى بولسا "پۇلنىڭ ساختاسىنى پەرق قىلالايدىغان، ياخشىنى ياماندىن ئايرىيالايدىغان" دېگەن مەنەلەردە ئىشلەتىلگەن. تەنقىد بىر كىشى، بىر ئەسەر ياكى بىر تىمانىڭ كۈچلۈك ياكى زەئىپ تەرەپلىرىنى كۆرسەتىپ بەرىش مەقسەتى بىلەن ئالىپ بارىلىدىغان تەتقىقات پائالىيەتىدۇر. پەلسەپە ساھەسىدە تەنقىد خەۋەر ياكى مەلۇماتنىڭ ئاساسىنى ۋە بۇنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى تەتقىق قىلىش، سىناش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش پائالىيەتىدۇر. تەنقىدنىڭ مەقسەتى بىر ئەسەرنىڭ، بىر پىكىرنىڭ قىممەتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، يازغۇچىغا، كىشىلەرگە ۋە جەمئىيەتكە يول كۆرسەتىشتىن ئىبارەت. تەنقىد كىشىلەرنى ۋە جەمئىيەتنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ تەسىرلىك يولىدۇر. تەنقىد مەلۇم قائىدە-پىرىنسىپلار ئىچىدە ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنسا ناھايىتى پايدىلىق، ئەگەر يامان نىيەت بىلەن غەرەزلىك ھالدا قىلىنسا زىيانلىق بولىدۇ.

بۇ يىلنىڭ  فېۋرال، مارت ۋە ئاپرىل ئايلارىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆكتۇغلۇقلارى (www.ziyali.org)  ۋە ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى (www.akademiye.org) تور بەتلەرىدە شەرقىي تۈركىستان مىللى كۈرەشىنىڭ تەخىمۇ تۈزۈملەشكەن،مەخسۇسلاشقان، كەسپلەشكەن ۋە سىستىمالاشقان شەكىلدە تەخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالىپ بارىلىشى ئۈچۈن «ئۈست بىرلىك»، «ئۈست قۇرۇلما» بەرپا قىلىش زۆرۈرىيەتى ھەققىدە ماقالەلەر مەن ۋە باشقا زىيالىيلار تەرەپىدىن ئىلان قىلىنىپ ئاپرىل ئايىدا، پىدائىيلار ئەكرانىدا پەرىقلىق ھەپتەلەردە 4 ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۇشبۇ ئىھتىياچنى ۋە ھەل قىلىش چارەسى بولغان ئۈست بىرلىكنى نىسبەتەن ئەتراپلىق شەرھىيلەنگەندىن كەيىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار دىئاسپوراسىدا ھەر خىل دەستەك ۋە "تەنقىت"لەر ناھايەتى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بەزىلەر:

بەلەن بولدى، ياخشى بولدى...

توغرا، بۇنىڭغا ئىھتىياج بار ئىدى...

ياڭى ئاقىمغا، ياڭى يۈزلەنىشكە ماسلاشماق ۋاجىپ...

پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيلى، تەييار تۇرايلى...

كونا مۇقامغا ئويناۋەرمەيلى...

كۆز ئاچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقايلى...

سەپنى ھىملەيلى...

بۇ پىكىرنى قوللايمىز...

دەگەن بولسا،

بەزىلەر:

بۇ بىر سۈئىقەست...

بۇ خىتاينىڭ ياڭى پىلانى...

بىرلىك دەپ بىرلىكنى بوزماقچى...

بىرلىك دەگەنلەر ئاقسۆڭەكلەردىنمۇ، ھەتتا خىتايدىنمۇ خەتەرلىك...

بۇلار خىتاينىڭ غالچىسى..

غالجىر ئىت...

مۇنداق بىرلىككە ئىھتىياجىمىز يوق...

بىز زاتەن بىرمىز، ۋاتساپ بىرلىكىمىز بار...

بىلگەن يولۇڭنى ئاتاڭغا بەرمە...

ئۇنۋانلارىنى باققالدىن ساتىپ ئالغانلار...

ئالجىپ قالغانلار...

دەدى، دەيىشتى ۋە دەيىشىۋاتىدۇ.

ئۈست بىرلىك بىر پىكىر ئىدى، بۇيرۇق ياكى پەرمان ئەمەستى. 

بۇ پىكىرنى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ بولغان ئىكەن. بەلكى ئۇ مەزگىللەردە جەمئىيەتنىڭ بۇ پىكىرگە ئىھتىياجى بولماسا كېرەك، ھىچكىمنىڭ دىققەت ئەتىۋارىنى تارتمىغان، ھىچكىم قىزىقماغان. بۇ پىكىر بۇ يىل تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ بەزىلەرنى خۇشال، بەزىلەرنى بىئارام قىلىۋەتتى.

 مەن شۇنىڭغا سۆيۈندۇمكى،

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتى ئۆزگىرىشكە باشلاپتۇ.

ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياڭى پىكىرلەرنى كۆزىنى يۇمۇپ لەببەي دەپ قوبۇل قىلمايدىغان بوپتۇ.

مۇنازىرە، دە تالاش قىلىدىغان، ئەگلەكتە تۇرامدۇ دەپ تاسقاپ باقىدىغان بوپتۇ.

مەن ئەڭ كۆپ بۇنىڭغا سۆيۈندۈم.

چوڭلار دەسە توغرا دەيدۇ.

موللام دەسە ھەقنى دەيدۇ، ۋاجىپتۇر...

رەئىس نەمە دەسە شۇ...

دەيدىغان دەۋىر ۋە زامانلار ئۆتكەندەك قىلىدۇ.

بىراق بىر مەسەلە بار.

تەنقىد بىر كۈلتۈردۇر.

ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىتلەر زىيانلىق ئەمەس، پايدالىق.

لاكىن تەنقىت ھەرگىزمۇ ھاقارەت قىلىش ئەمەس. 

ھاقارەت كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە، ئىجتىمائىي ئالاقەلەرگە،داۋاغا زىيانلىق.

يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئەگەر بىر مەسلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەكچى، پىكىر بايان قىلماقچى، تەنقىت ئوتتۇرىغا قويماقچى بولساڭىز، ئالدى بىلەن شۇ مەسەلىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ پىكرىنى، پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى سەۋەپلەرىنى، مۇددىئاسىنى ياخشى چۈشىنىشىڭىز كەرەك. بۇ قاتىمقى دە تالاشتا مەلۇم بولدىكى، مەسەلە ھەققىدىكى ماقالەلەرنى ھىچ ئوقۇماي، مۇناسىۋەتلىك پروگراممالارنى تەپسىلى كۆرمەستىنلا قۇلاقتىن قۇلاققا تارقالغان مەلۇمات، سۆز-چۆچەك ۋە غەيۋەتلەرگە تايىنىپ مەسەلىنى ئانالىز قىلغانلار، پەتۋا ۋە ھۆكۈم بەرگەنلەر بولدى.

دە تالاشقا سەۋەپ بولغان ماقالەدىكى "كەڭ قاناتلىق ئۈست قۇرۇلما" ئىپادەسى "ئۈست بىرلىك"، "ئۈستى بىرلىك"، "ئۈستىدە بىرلىك" دېگەن تېرىملار بىلەن بايان قىلىنىپ چۈشەندۈرۈلدى. بۇنى بەزىلەر مەۋجۇت تەشكىلاتلاردىن ئايرىم مۇستەقىل بىر تەشكىلات دەپ چۈشەنگەن بولسا، بەزىلەر ھەممە تەشكىلاتنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىدىغان، ھەممە تەشكىلاتنى ھۆكۈمى ئاستىغا ئالىدىغان ياڭى بىر تەشكىلات دەپ چۈشەنگەن. بۇنداق چۈشەنگەن كىشىلەر مەۋجۇت تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلەرىنىڭ، قوشقان ھەسسە ۋە تۆھپەلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنغانلىقىنى ئىلگەرى سۈرۈپ تەشەببۇسقا قارشى چىققان.

ھالبۇكى ماقالەنى تەپسىلى ئوقۇغان بىر كىشى مەسەلىنى مۇنداق چۈشەنمەيتتى. بۇ يەردە دەيىلىۋاتقان ئۈست بىرلىك تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپىدىغان فېدېراتسىيە ياكى فېدېراتسىيەگە ئوخشاش بىر بىرلىك ئىدى. پۈتۈن تەشكىلاتلار ئىچكى ئىشلىرىدە مۇستەقىل،لاكىن دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۈست بىرلىك مەسئۇل بولىدىغان بىر مىخانىزما ئىدى. ئۈست بىرلىكنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى دېموكراتىيەلىك سايلام ئارقىلىق مەلۇم مۇددەت بىلەن ۋەزىپە ئۆتەيدىغان، تەشكىلاتلار بىلەن پۇختا نىزامنامە، قائىدە ۋە تەپتىش مىخانىزمىسىغا تايانىدىغان، ئىشنىڭ ئەھلى بولغان كىشىلەر ۋەزىپە ئالىدىغان، نىشانلىق، پىلانلىق  ئورتاق ھەرىكەت ۋە پائالىيەت قىلىدىغان، خەلققە ھىساپ بەرەلەيدىغان بىر سىستىما ئىدى.

تۈركىيەدە بۇنىڭ ئۆرنەك ۋە نەمۇنەلىرى يوق ئەمەس. داۋامىزنىڭ شەكىللەنگۈسى ياڭى دۇنيا سىستمىسىدا تېخىمۇ ئۆنۈملۈك ئالىپ بەرىلىشى ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىھتىياج بار ئىدى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر مۇشۇ ئىدى. تەنقىد قىلدىم، قارشى چىقتىم دەگەنلەر ئالدى بىلەن ماقالەنى ئوقۇپ چىقىشى، مەسەلىنى تەھلىل قىلىپ باقىشى كەرەك ئىدى. ئەگەر ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر خاتا بولسا، پىكىرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بىر ماقالە يازىشى كەرەك ئىدى. لاكىن ئۇنداق بولمادى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ۋاستە قىلىپ ھاقارەت قىلغانلار، ئىنتايىن كۈلكەلىك رەسىملەرنى سىزىپ كۈلكەگە قالغانلار بولدى.

تەنقىد بىر كۈلتۈردۇر.

مۇنازىرە، دە تالاشمۇ كۈچلۈك مەنتىقە تەلەپ قىلىدىغان بىر زىھنىي پائالىيەتتۇر. مۇنازىرە، دە تالاش  ۋە تەنقىد بىر مەسەلىنى ھەر تەرەپلىمە چۈشىنىش ئۈچۈن ئىمكان يارىتىپ بەرىدۇ. بىزنى بىر تەرەپلىمەلىك، يۈزەكى ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلايدۇ. شۇڭا تەنقىد قىلىشنى ئۆگرەنەيلى، مۇنازىرە ۋە دە تالاش قىلىشنى ئۆگرەنەيلى. ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان ھەر تۈرلۈك تەنقىدكە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن قاراش بىر پەزىلەتتۇر. تەنقىد قىلدىم دەپ تىل-ئاھانەت ۋە ھاقارەت قىلىشنىڭ يامان نىيەتلىك، رەزىللىك، ئاجىزلىق، زەئىپلىك، چارەسىزلىك ۋە بىچارەلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەيلى.   

 

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئىزمىر

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: alim1962@hotmail.com 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.