كۈچ زەھەرلەنىشى

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

 

 بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن قانداش، دىلدەش ۋە دىنداش، ئەمما بىزدىن مۇستەقىل، مۇستەھكەم ۋە تەرەققىي بولغان تۈركىيە تۈركلەرىنىڭ سىياسى ۋە بيوروكراتىيە لۇغەتىدە مۇنداق بىر سۆز بار: گۈچ زەھىرلەنمەسى. يەنى كۈچ زەھەرلەنىشى. بۇ سۆزنى بىر بىر ھەزىم قىلساق چۈشىنىشىلىدۇ. لاكىن بىزدە سىياسەت ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش بىلىملەرى مۇنتىزىم بولماغاچقا بۇنىڭ دەل ئۇيغۇرچەسى يوق.

بۇ ئۇقۇم، غەرپ تىللارىدا Hubris syndrome شەكلىدە ئىپادە قىلىنىدۇ. خۇبرىس سېندرومى سىياسەت پسىخولوگىيەسىدە كەڭ ئىشلەتىلمەكتە بولغان بىر ئۇقۇمدۇر.

قىزىقارلىق تەرەپى بولسا تۈرك تىل قۇرۇمىنىڭ تور بەتلەرىدەكى لۇغەتلەردە بۇ سۆز ۋە ئىزاھاتى يوق. تۈركىيە تۈركچەسىدەكى لۇغەتلەردە ئۇ قەدەر ئەخلاقسىز سۆز ۋە ئىبارەلەرنىڭ ئىزاھى بار تۇرۇپ، تۈركچەنىڭ ئاغزاكى ۋە يازما تلىدا كەڭ ئىشلەتىلمەكتە بولغان "كۈچ زەھەرلەنىشى"نىڭ  تۈرك تىل قۇرۇمىنىڭ لۇغەتلەرىدە نەمە ئۈچۈن تەخىچە ئورنىنى ئالالماغانلىقى غەلىتەلىكتۇر. گەرچە كەيىنكى ئون نەچچە يىل مابەينىدە بۇنداق غەلىتەلىك نورماللاشقالى تۇردى. بولۇپمۇ رۇس ۋە خىتتايغا ئوخشاش دىكتاتورلار بىلەن ئاپاق چاپاق بولۇشقاندىن بەرى تەرەققىي قىلغان غەلىتە خۇيلارنىڭ تۈرى ئاز ئەمەس... بۇلارنى بىز بىلەيلى،جاۋابىنى تۈركىيەلىكلەر بەرسۇن. بىز ئۆز ئىشىمىزغا قارايلۇق.

كۈچ زەھەرلەنىشى، ئادەتتە نىسبەتەن كۆپلەگەن ھوقۇقلارنى بىر مەركەزدە توپلاۋالغان،كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىغا دۈشمەن، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى تىلىدا تەلەپپۇز قىلسامۇ ماھىيەتتە ئۇنىڭغا جان جەھلى بىلەن دۈشمەن ... بولغان مەلۇم كىشىلەردەكى ھوقۇق سەرخۇشلۇقى/مەست-ئەلەڭلىكى ۋە ئۆزىنى بەگ سۇلتان ساناپ، ئەتراپقا پەرۋاسىزلىق قىلىشلارى ۋە ئەتراپىداكى ھەق ھوقۇقنى كۈزەتكەنلەرگە رەھىمسىزلەرچە دۈشمەنلىك قىلغان چاغداكى قوپال، بەدەۋى قىلىقلارىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللانىلىدىغان سىياسەتكە دائىر بىر تۇراقلىق ئىبارەدۇر. بىزدە خۇدۇر دەيدىغان بىر سۆز بار ئىدى...

ياقىنقى يىللاردا ۋەتەندەكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇچىغا چىقىشى بىلەن دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ سانى ۋە سۈپەتى تىز سۈرئەتتە ئاشتى. بۇنىڭغا ماس ھالدا دىئاسپورامىزدا قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان دەرنەكلەر، تەشكىلاتلاردا سان ئاشقان، پەقەت سۈپەتنىڭ ئاشقانلىقىدىن سۆز ئاچماق قىيىن...

دەرنەكلەرىمىز، خۇسۇسەن تىلى، دىنى ۋە كۈلتۈرى بىز بىلەن بىر ياكى بىزگە ياقىن بولغان دەۋلەتتە ياشاۋاتقانلار تەرەپىدىن قۇرۇلغان دەرنەكلەر، ئۇشبۇ دەۋلەت-جەمىيەتلەرنىڭ سىياسىي كۈلتۈرىنىڭ تەسىرىدە تەرەققىي قىلماقتا. پەقەت بەزى دەۋلەتلەردەكى موھىم دەرنەكلەر شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرەشىنى مۇئەييەن ئىدىئولوگىيەنىڭ «دەۋا»سىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇشبۇ دەۋلەتلەردەكى بەزى سىياسىي پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ تىزگىنىگە كىرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت باشىدا بولغانلىقى تۈپەيلى تونۇغان بەزى ئىمكانىيەتلەر، ياقىپ بەرگەن يەشىل چىراقلارىنىڭ نۇرلارىدا كۆزلەرىنىڭ خىرەلەشكەنلىكى مەلۇم. يەنى تەرىپى يۇقارىدا قىلىنغان ئاشۇنداق كۈچ زەھەرلەنىشى كەسەلىگە مۇپتىلا بولغان برقىسىم "باشقان"لار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ياپىشقان/ياپىشتۇرۇلغان تەرەپباز، بۆلگۈنچىلىككە ماھىر، گۇپپاڭچىلىققا ئۇستا بىر قىسىم  خۇدىنى يوقاتقالى تۇرغان مەسئۇلىيەتسىزلەر كۈن كەچكەنچە ئاشكارا بولماقتا.

كۈچ زەھەرلەنىشىدە خۇدىنى يوقاتقان بەزى يانداش، تەرەپباز، ئەلەڭ-سەلەڭ قەلەمكەشلەرنىڭ (كىمىسى ئاشكارا ئىسىم-فامىلەسى بىلەن يازسا، كىمىسى خۇدۈكى ۋە كۆنگەن خۇيى تۈپەيلى خىتتاي تروللارىدەك تام ئارقاسىدا يوشۇرۇن يازماقتا)  خىتتاي كومۇنىست پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدە يۈكسەك ساداقەتتە پراكتىكا قىلغان ياكى ئۇزۇن مۇددەت شتاتلىق ئىشلەپ زەھەرخەندە تىل ئۇسلۇبىغا ماھىرلاشقان قەلەم ۋە كونۇپكا شاتىراقلارىنى قىزغاندۇرىدىغان ماھارەتتە "بايانات" ئىلان قىلماقتا، ئاشۇنداق زەھەرخەندە تىل ئۇسلۇبىدا يازما يازماقتا. بۇنداقلارنىڭ بەزىسى تۈركىيەدە بەزىسى، گىرمانىيەدە بولۇپ ئۇزۇن يىل مەدەنىي دەۋلەتتە ياشاپمۇ، ياغلاقاپاق ھامان ياغلاقاپاق مىسالى شىنجاڭچە زەھەرخەندەلىكتىن قۇرتۇلالماغانلىقى كىشىنى بەكلا ئويغا سالۇر. ئەمەلىيەتتە، گۇرۇپپا ھەققىدە ئازراق مەلۇماتى بارلار ئۇلارنىڭ ئاراسىداكى قانداشلىق، ئەقىدەداشلىق ۋە مەنپەئەتداشلىق مۇناسىۋەتلەرىنى، ئوپقەتچىلىكىنى ئاسانلا بايقايدۇ. بۇ تۈپەيلى بۇنداق رىئاكسىيونلارغا ئانچە تەئەججۈپلەنمەيدۇ. بۇ يەردەكى كۈلكەلىك بولغان بىر خۇسۇس: شىنجاڭ ئىسمىغا ۋە شىنجاڭداكى رەجىمغا ئۆچتەك كۆرۈنگەن بىلەن ئۇلار بىلەن ئوخشاش تىل ئۇسلۇبىدا، ئىملا-گرامماتىكا ۋە تىل پەلسەپەسىدە يازىشىدۇ. تىلىدا تەكرارلاپ دىلىدا ئۆزلەشتۈرەلمەگەن «تۈركىستان»چە تىل ئۇسلۇبىغا قايتالمايدۇ، ياكى كومۇنىستچە ئۇقۇم ئاتالغۇ ئورناغا دەۋلەتلىك چاغداكى ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى بەخرامان ئىشلەتەلمەيدۇ... يەنى تەخىچە لەغمەننى خىتتاي چوكاسىدا يەيدۇ، تۇڭگان-خىتتاي داپەنجىسىنى ئۇيغۇر تائامى دەپ شالاقشىتىپ يەيدۇ.    

بۇ يەردە، كىشىنى زەرىكتۈرۈپ، بىئارام قىلىدىغان ئەھۋال بولسا، ئۇشبۇ گۇرۇپپا كىشىلەرىنىڭ مۇقەددەس ۋەتەنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاساسىي گەۋدەسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى ماركا قىلىپ قۇرۇلغان دەرنەك، ۋەقپە، ئىنستىتوت ۋەيا قىسمى بىرلىكلەرنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ ئومۇمىي پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارىنىڭ ئىتىقاد كۈلتۈرىگە يات مەزھەپچى ياكى تەرەپباز؛ يەكلەش، چەكلەش خاھىشى كۈچلۈك ئەمەللەر ئۈچۈن سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلىقى ۋە ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئولتۇرغان ماقام-مەۋقەلەردە بىرىككەن كۈچتە زەھەرلەنىپ خۇدىنى يوقاتىپ تەخىمۇ پەرۋاسىزلاشىۋاتقانلىقى؛ مۈمكىن بولغان ئەڭ چوڭ، ئەڭ كەڭ مىللىي بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈك ئۈچۈن، تەخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرەكەت ئۈچۈن چارە تەدبىرلەرنى (مەسىلەن ئۈست بىرلىك چاقىرىقىنى)  ئوتتۇراغا قويغان ۋەيا قويالايدىغان مىللەت سەرخىللارىنى خىتتايدىن بەتتەر دۈشمەن قىلىپ كۆرسەتىشكە ئۇرۇنماقى، ئۇلارنىڭ مىللىي كۈرەشتە ئاكتىپ بولۇشىدىن سەۋىيەسىزچە قىزغانىشلارى، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، جامائەت ئەپكارىنى ھىچ ھىساپقا قاتماسلىقى، مىللەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھىسسىياتى ۋە جىددىي ئىھتىياجى بىلەن ئانچە كارىنىڭ بولماسلىقىدۇر... 

بۇ خىل ھال، مەھەللەۋى، قەبىلەۋى تەشكىلاتلانىشتىن ھالقىپ، مىللەتلەشىپ دەۋلەت تىرىلدۈرىدىغان ياكى دەۋلەت قۇرىدىغان مەفكۇرە ساھىبى بولغان،  ۋەتەنى ۋە مىللەتىنىڭ جىددى ئەھۋالىغا قايغۇرۇپ ئىزتىراپقا چۈشكەنلەرنى، خىتتاي ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتنى ئىزچىل تەقىپ قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى بىئارام قىلىدۇ ۋە قىلماقتا.

بۇ خىل ھال، پەقەتلا مۇئەييەن گۇرۇپپانىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن تىپىرلايدىغان، مىللەت ئەمەس گۇرۇپپا، ئۇلۇس ئەمەس قەبىلە مەركەز ئويلايدىغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ بەدەۋى خەلقلەرىنىڭ رەئىسلەرىدەك ئىچكى نىزادىن كۈچ توپلايدىغان، كۈچلۈك ياتلارغا قارام بولۇشنى نومۇس دەپ بىلمەيدىغان، يەرلىك كۈچ يەنى "بەگ" بولۇپ ياشاشنى خالايدىغانلارنى خۇش قىلىشىلا مۈمكىن.

بۇ خىل ھالدىن خۇش بولغانلار، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر نامىدا پائالىيەت قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن يەتەرسىزلىكلەرىنى كۆرسەتكەنلەرگە، مىللىي مەنپەئەت نۇقتاسىدىن ئۇلارنى قارىنداشلارچە تەنقىت قىلغانلارغا، خىجىل بولماستىن "بىزگە دەرنەك قۇرۇشۇپ بىرىپتىكەنما؟"، "بىز دەرنەك قۇرغاندا، نەدىكەنا... "نوچى بولسا دەرنەكىنى قۇرۇپ ماڭدۇرۇپ باقسۇنچۇ..." شەكلىدە مەسئۇلىيەتسىز جاۋاپلارنى ۋە باياناتلارنى بەرىشىدۇ. تەبىئىي ھالدا، "ئۇنداق بولسا، دەرنىكىڭنىڭ ئىسمىنى پالانچى ھاجىم دەرنىكى، پۇستانىچى خېنىم ۋەقپىسى، بىرنىمە غۇجام ئىنستىتوتى قىلىۋالمامسەن؟ ھىساپ بەرەلمەيدىغان بولۇشساڭ نىمە دەپ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر نامىنى ئىشلىتىشىسەن..." دەگەندەك سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ.

بۇ يەردە، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار دىئاسپوراسىدا ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان، شەرقىي تۈركىستان دەرنەكچىلىكىدەكى «مونۇپۇللۇق» ئىللەتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قىسىملارداكى كۈچ زەھەرلەنىشىنىڭ دىئاسپورانىڭ بىرلىكى، پۈتۈنلۈكى ۋە ۋەتەن مىللەت تەقدىرىدىن ئىبارەت ئاساسلىق مۇقەددەس ۋەزىپەدە خەتەرلىك سەۋىيەگە كەلگەنلىكىنى؛ دىئاسپوراداكى ھەر ساھە، ھەر قاتلامنىڭ ئىنىرگىيەسىنى يەتەرلىك دەرەجەدە جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقىنى ۋەيا ئاڭلىق ھالدا قىلدۇرغۇزمايۋاتقانلىقىنىلا تەكىتلەمەكچىمىز.

شۇنداقلا، 2017-يىلىدىن بۇرۇنقى دەرنەكچىلىكنىڭ خىتتاي فاشىزمى مىللەتىمىزنى تۈپتىن ۋە توپتىن يوق قىلىش ستراتىگىيەسىنى باشلاتقان 2017-يىلىدىن كەيىنكى ۋەزىيەتتە يەتەرسىز قالغانلىقىنى، ئىسلاھاتنىڭ، كۈچلەندۈرۈشنىڭ، قوشۇننى زورايتىش ۋە ھەرخىللاشتۇرۇپ سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىقىنى يۈكسەك ئاۋازدا ۋارقىراماقچى بىر خالاس!

گاس ۋە پاڭ قۇلاقلار يارىلغۇدەك ۋارقىرايمىز چۈنكى، ۋارقىراشقا مەجبۇر بولغان بىزلەرنىڭ بىرىنجى دەرەجەدە ئائىلە ئەزالارىمىز، تۇغقانلارىمىز، دوستلارىمىز بىلەن  مىليونلارچە خەلقىمىز قىرغىن قىلىنماقتا، نومۇسىمىز ئاياق-ئاستى قىلىنماقتا، خورلانماقتا، يىگىتلىكىمىز ھەددىن زىيادە زىدىلەنمەكتە، ئۇپراتىلماقتا...

دىئاسپورادا ئەركىن نەپەس ئالالاۋاتقان بىزلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالماسلىقىمىز ياكى كۆندۈرۈلۈپ قالماسلىقمىز ئۈچۈن، پەقەت ۋە پەقەت شەخسىي مەنپەئەتى، نەپسى ئۈچۈن بىلىپ بىلمەي بىزنى ئاشۇ پەسكەش تەرەققىياتقا كۆندۈرۈشكە ماسلاشقانلارنىڭ ئالدىمىزدىن چەكىنمەكى شەرتتۇر ۋە مەجبۇردۇر.

خىتتاي ۋىرۇسىدىن بۇرۇنقى دۇنيا ۋە ۋەزىيەت بىلەن خىتتاي ۋىرۇسى ئاخىرلاشقاندىن كەيىنكى دۇنيا تەرتىبى ۋە تۈركىيەنى ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ۋەزىيەت مۇقەررەركى ئوخشاش بولمايدۇ. مەۋجۇت دەرنەكچىلەرنىڭ، قىسمىي بىرلىكلەرنىڭ مەۋجۇت زىھنىيەتى، تەشكىلاتچىلىقى ۋە ئىدارە ھەيئەتلەرى بىلەن ياڭى/يېڭى ۋەزىيەتتە ئۈنۈملۈك ھالدا داۋام قىلالىشى مۈمكىن ئەمەس. مۈمكىن ئەمەسلىكى مىللەت ۋىجدانى بولغان زىيالىي ئۆلىمالارنىڭ چاقىرىقىغا بەرىلگەن ئىنكاسلاردا، غەلىتە رەسىملەردە كۆرۈلدى. خەلق كۆردى، دۇنيا كۆردى. ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى...

شۇڭا مەۋجۇت قۇرۇلمالار چوقۇم ئىسلاھ قىلىنشى، ئىستىشارە بىلەن ئۈست بىرلىكنىڭ رۇياپقا چىقارىلماقى، ئىشلارنىڭ، مەلۇم بىر شەخس مەركەزچىلىكىدە ۋەيا كونا مۇقامدا ئەمەس، ئورتاق ئەقىدە ۋە ئورتاق پايدا ئەتراپىدا ئورتاق ئەقىل بىلەن شەكىللەنمەكى؛ سۈزۈك، ھىساپ بەرەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، جاۋاپكارلىقنى، تەپتىش ۋە نازازرەتنى قوبۇل قىلالايدىغان مودەرن/چاغداش بىر تەشكىلاتچىلىققا ئايلانماقى  بولسا، ۋەتەن مىللەتنىڭ ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.

مەشھۇر سۆز: كونترولسىز كۈچ، كۈچ ئەمەستۇر. تەرەققىي مىللەتلەردە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئايىرىمى باردۇر. شۇنداقلا مۇقىم ۋە مۇستەقىل ئورگانلار تەرەپىدىن تەپتىش ۋە نازارەت قىلىنىدۇ. پەقەتلا دىكتاتور، قەبىلەۋى، باقىندا مىللەت ياكى «دەۋلەت»لەردە بۇنىڭ تەتۈرى باركى، ئۇلار ئالدىغا ئەمەس كەينىگە تەرەققىي قىلىدۇ، ياكى بىر ئىزىدا دەسسەپ، خوجايىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.

بۇ يازمادا كۈنتەرتىپكە ئەكەلىنگەن مەسىلە ئاممىۋىيدۇركى، ۋەتەنىمىز-مىللەتىمىز نامىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان مۇخاتاپلارىمىز (لۈتفەن سەۋر تاقەت ۋە سوغۇققانلىق بىلەن تولۇق ئوقۇڭ، جۈملە سۆزلەرگە ئاسىلىپ قالماڭ، ئاساسلىق ئىددىيە ۋە مۇددىئاغا، تەكلىپ-تەۋسىيەگە قاراڭ) ھەقىقەتەن ۋەتەن مىللەت دەردىدە سەمىمىي بولسا، شەخسىيلەشتۈرمەگەي، خاتالارىنى تۈزەتكەي، تەكلىپلەرىمىزگە قۇلاق بەرگەي. بىز مىللەتچە قارىنداشلارچە سىزگە ھەم ياردەم قىلىمىز ۋە بىرلىكتە بۇ يولدا تەخىمۇ داغدام قەدەملەر بىلەن ماڭىمىز.

ئەگەر شەخسىيلەشتۈرۈشكە داۋام قىلساڭىز، بۇ قىلىقىڭىز ۋەتەن-مىللەت ئىستىقبالى ۋە ئىستىقلالىغا ئىزچىل زىيانلىقتۇر. مىللەتىمىز ئەسلا كەچۈرمەيدۇ. ئۇنۇتماڭ! پىچاق سۆڭەككە يەتتى.

ھەركىمنىڭ ئىقتىدارى ۋە قابىلىيەتىنىڭ بىر چەكى باردۇر. ئەمما ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتلەرىمىزنى مۇقەددەس مىللىي كۈرەش يولىدا (نەپسىمىزنى باستۇرۇپ تۇرۇپ) بىرلەشتۈرسەك، ھەم ھەددىمىزنى بىلىپ ئورگانىك بىر گەۋدە بولساق، (ئەۋۋەل ئاللاھ) تاغنى تالقان قىلغۇدەك بىر كۈچ  ۋە ئىنىرگىيە ئوتتۇراغا چىققۇسىدۇر. 

2020-يىلى 16-ئىيون.

كۆڭلۈم، زىھنىم ۋە يىلىكىمگە ئورناشقان كاشىغەر، كۆنۈشنى ئەسلا خاھلاماغان ئەنقەرە-تۈركىيە

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.