« كىچىك ئۇكا » شەرقىي تۈركىستان

ئەنۋەر نۇرۇم

 

مۇستەقىل بولالامسىلەر؟   

تىبەتلەر مۇستەقىل بولىمىز دەپ بولالمىدى، شۇڭا بىز ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىمىز. 

سىياسىتىڭلار قانداق؟

تىبەتلەر ئوتتۇر يول سىياسىتىنى تاللىدى، شۇڭا بىز ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش يولىنى تاللىدۇق.

خىتتاي سىلەرگە قانداق زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ؟

خىتتاي تىبەتلەرگە قىلغان زۇلۇمنى بىزگە ئاشۇرۇپ قىلىۋاتىدۇ.

سىلەر قەيەرلىك؟

شەرقىي تۈركىستانلىق (ئەلۋەتتە بۇنى دىيەلەيدىغانلارغا ئاز)، تىبەتكە ئوخشاش بىر تۇپراق.

بۇلار بىزنىڭ ئاتالمىش "دەۋا"چىلارنىڭ خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار ھەم شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن سورالغان سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابلرى. دىققەت قىلسىڭىز شۇنى بايقايسىز: بۇ يەردە ھېچكىم تىبەت توغرۇلۇق سۇئال سورىمىسىمۇ تىبەت خۇددى يول خەرىتىسىدەك بىر قېتىمدىن تىلغا ئېلىنىپ، جاۋبلارنىڭ ئاساسى بولۇپ ئوتتۇرغا قويۇلماقتا.

ئۇنداقتا سۇئال شۇ: شەرقىي تۈركىستان "دەۋا"سى تىبەت ياكى باشقا يانداش دەۋالارنىڭ « كىچىك ئۇكىسى » مۇ؟ 

  نېمە ئۈچۈن تىبەت يوق ياكى تىلغا ئېلىنمىغان، مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ھازىرلانغان سورۇنلاردىمۇ، تىبەت ۋەكىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تىبەت خۇددى يول باشچىدەك ئوتتۇرغا چىقىدۇ؟

بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا پايدىسى قانچىلىك؟

توغرا، تىبەت داۋاسى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىن كۆپ ئىلگىرى كەتتى. بىز تېخىچە ئىنسان ھەقلىرى داۋاسى بىلەن مۇستەقىللىقنى ئايرىپ بولالماي يۈرسەك، تىبەت نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى تىبەتنىڭ بېسىۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، قايتا مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساسنى تىكلىۋالغان ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان سورۇنلار ئۇ قەدەر كۆپ ۋە ئۇلارنى بىلمەيدىغانلارمۇ ھەم ئاساسەن يوق دېيەرلىك.

  ئەمدى كېلەيلى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا، بىر لەيلەپ بىر چۆكۈپ تۇرغان بۇ «دەۋا»، خەلقئارادا، مىدىيادا بولسىمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىشى تولىمۇ قىيىن بولدى. بولۇپمۇ چوڭ مىدىيالارنىڭ بىزلەرگە بۇ پۇرسەتنى بېرىشى تېخىمۇ تەس. ئەھۋال شۇ ئىكەن، سۆھبەتكە قېتىلغان "دەۋاچى" رەھبەرلەرنىڭ رىياسەتچىنىڭ سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابى يۇقۇرقىدەك. يەنى چۈشەندۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرىمەن دەپ تىبەتنى مىسالغا ئالغان بولدىمۇ دەيلى، ئەمما تىبەتتىن خالىي بىر مۇستەقىل پىكىرنى ئوتتۇرغا قويالمايۋاتىدۇ ۋە ۋاستىلىك ھالدا تىبەتنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ خۇددى ئۇكىسىدىن "تاماق يەمسەن؟" دەپ سۇرىغاندا "ئاكام يەمدىكەن؟"دېگەن جاۋاب بەرگەن گۆدەكنىڭ ئىشى ئىدى. بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى شۇكى: بىزگە بۇ پۇرسەتنى بەرگەن ئورۇنلار بىزدىن زىرىكىشى مۇمكىن. بۇ يەردە سۇئال سەن قانداق ئويلايسەن دەپ سۇرالغان ئىكەن، جاۋابمۇ چوقۇم مېنىڭ بولۇشى كېرەك. "كىچىك ئۇكا" پەدىسىدىكى گۆدەكلەرچە جاۋاب بىزگە قىززىقۇچلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ بىزنى ئويلىشىۋاتقان دۆلەتلەر بىزدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. چۈنكى تىبەتنىڭ "ئۇكىسى" دە. ھەر ئىشتا ''ئاكام، ئاكام…'' دەيدىغان گۆدەكتىن كىم ئۈمىد كۈتەر، كىم ئەھمىيەت بېرەر؟

 تىۋىتتر قاتارلىق سوتسىيال مىدىيادىكى سەتچىلىكلەر ھەم ئاجايىپ ھەجۋىي.

  "تىبەتنڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ناھايىتى غۇرۇرلاندۇق"، رەسىم "تىبەت رەھبىرى بىلەن دەۋايىمىز توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق". رەسىم "تىبەتلەر بىلەن نامايىش قىلدۇق. ھاياجان !!!" رەسىم… خۇددى دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك ھاياجاندا ئېتىلغان بۇ تىۋىتلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ئۇ تىبەت رەھبىرىنىڭ خەۋرى يوق (تىبەتلىكنىڭ ھىسابى @ قىلىنمىغان)، خەۋرى بولسىمۇ يا بىر تال ئىپادە (لايىك ياكى تارقىتىش) قىلمغان. بۇنى قىلۋاتقانلار ئاساسەن دېگىدەك ئۆزلىرىنى بىر-ئىككى سانايدىغان "چوڭ" دەۋاچىلار. ئۇيغۇرنىڭ ئالدىدا ئىگىلمەيدىغان ئۇ گەۋدىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا پۈكۈلۈپ كېتىشى …

  يەنە بىرى نامايشىتىكى ئەھۋال: ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىچىلىقى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، تىبەت، خوڭكوڭ، مۇڭغۇللار بىزگە ھېچقاچان كۆرسەتمىگەن قىزغىنلىقىنى كۆرستىشتى. ئەجەبا ئۇلار راستىنلا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئاشۇنداق قىلىۋاتامدۇ؟ مەنچە جاۋابى ناتايىن. مەقسەت بولسا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدەك خىتتاي جىنايىتى قارشىسىدا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش. بۇ ئارقىلىق ئەسلىدە پۈتۈنلەي شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ھازىرلانغان بۇ سورۇندا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئەسلىتىپ تۇرۇش. قوللىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ  ئالاھىدە گەۋدىلىنىشىگە توسالغۇ بولۇش. ئۇلارنىڭ لۇزۇنكىلىرىدا شەرقىي تۈركىستان نامىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنىڭ پەقەت ئىنسان ھەقلىرى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى دۇنياغا تەكىتلەش.

  بۇ يەردە بىر شۈبھە: شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تىبەت قاتارلىق يانداش «دەۋا»لارنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىش خەۋپى بارمۇ؟ يەنى بېسىۋېلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكى دۇنيا تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان تىبەت، خىتتايلار بىلەن بىر كىلىشىم تۈزۈپ، بىزنىڭ مۇجادىلەمىزنى يۇقارقىدك ئۇسۇللار بىلەن ئىنسان ھەقىلىرى دەۋاسىدىن يىراققا بارالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشى ۋە تارخىي پۇرسەت كەلگەندە بىزنى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بىر « پىچكا » قىلىۋېلىشى مۇمكىنمۇ؟ بەكلا مۇمكىن.

  خۇلاسە: مۇستەقىل پىكىرى بولمىغاننىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشى تەس. بولۇپمۇ خەلقئارا سەھنىدە بىزلەرگە پۇرسەت ھەم خىرىس تەڭ كەلگەن بۈگۈنكىدەك مۇھىتتا، ھەر بىر پۇرسەت ناھايتى قەدىرلىنىشى لازىم. لىكسىيە، نامايىشلاردا ئامال بار شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا يانداش «دەۋا»لار تىلغا ئېلىنماسلىقى ۋە ئۆزىمىزنىڭ داۋاسى ۋەيا مىللى مۇجادىلەسى ئالاھىدە گەۋدىلىپ تۇرۇشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ھازىرلانغان سورۇنغا بىر ئىككى تىبەت ياكى خىتتاي دىموكىراتچىلىرىنى ئېلىۋېلىشقا تېخىمۇ كېرەك يوق(زىيانلىق). يەنە شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى، تىبەت قاتارلىق يانداش «دەۋا»لار ھەرگىزمۇ سەپداش ئەمەس. چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشى، نادانلىقىمىز تۈپەيلى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى خىتتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ يانداش «دەۋا»لار تەرىپىدىن پايدىلنىپ كېتىلىشىدىن ھەم ھەزەر ئەيلەش لازىم.

2022.يىل 6.ئاي 19.كۈن

  

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : canbazbiz218@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.