لاگىر دەرتمەنلەرى ۋە كۈرەشلەرىمىز (قىسقا)

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

ئىزاھات: بۇ يازما 2020-يىلى 21- سىنتەبىردە كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان «مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئاساسىدا قىسقارتىلغاندۇر. تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلار بۇ ئۇلانمادىن ئوقۇغايلار:https://ziyali.sutuq.com/read-7bd8193e812770427245

خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستىمالىق زۇلۈم ۋە ئىشكەنجەسى، 5- ئيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كەيىن ئىزچىل چوڭقۇرلاغان ۋە ئۇيغۇر جەمىيەتىنىڭ پۈتۈن قاتلاملارىنىڭ ھەر ساھەسىنى  قاپلاغان ۋە ئۇيغۇرلار «ئاشكارا دۈشمەن» مىللەت قىلىپ بەكىتىلگەن.

خىتتاي رەجىمى ئۇيغۇرلار ئۈستىدەكى ئاسسىمىلاتسىيە، يوق قىلىش سىياسەتلەرىدەكى تەجىرىبە-ساۋاقلارىنى يەكۈنلەگەن ئاساستا، 2016-يىلى ئاۋغۇستتا شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەرتكەن فاشىست چېن چۈەنگو بىلەن 21-ئەسىردە ئىنسانىيەت ئەقلى قوبۇل قىلالمايدىغان قانلىق لاگىر ستراتىگىيەسىنىڭ ئىجراسىغا باشلادى. ۋەتەنىمىزدە قۇرغان يۈزلەرچە لاگىرلارغا ئۇيغۇر ۋە قازاق جەمىيەتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، مىللىيلىقى، خاسلىقى، تىركەشىش ئىھتىماللىقى بولغان مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەرلەردىن تەشكىل تاپقان مىليونلارچە شەرقىي تۈركىستانلىقنى تۇتقۇن قىلىپ سولادى. تاشقىرىدا قالغانلارنىڭ قاتتىق مىڭە يۇيۇش، ئاغىر ئىشلاردا مەجبۇرى ئىشلەتىشكە زورلانغانلىقى مەلۇم بولدى. لاگىر شاھىتلەرى بىلەن ۋەتەندىن خەۋەر ئالغانلارغا قاراغاندا، ئۇيغۇرلارغا ئىشكەنجە، مىڭە يۇيۇش، باسقۇنچىلىق، قىسىرلاشتۇرۇش، تىببىي سىناق، ئورگان ئوغۇرلىقى...قاتارلىق نورمال كىشىلەر ئاڭلاغاندا ھۇشىدىن كەتكۈدەك رەھىمسىز، ئىنسان قالىپىدىن چىققان زۇلۇملارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ۋەتەندىن تىك توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقالىق  يوللانغان سىگناللار ۋە ئۇچۇرلار بۇ قورقۇنچلۇق رىئاللىقنى بىر بىر توغرالاماقتا ئىدى.

لاگىرلاردىن كەلگەن قورقۇنچ خەۋەرلەر بىۋاسىتە تۇغقانلارى ۋە ياقىنلارى لاگىرلارغا سولانغانلارنىڭ چەتئەللەردەكى ياقىنلارى بىر بىرلەپ گۇۋاھلىق بەرىشكە باشلادى. باشلانغۇچتا قازاقىستان دەۋلەتىنىڭ ئاسترىتتىن يول قويۇشى بىلەن ئاتايۇرت قازاق كشىلىك ھوقۇق جەمىيەتى لاگىر دەرتمەنى قازاقلارنى تەشكىللەپ تۈركۈم تۈركۈم گۇۋاھلىق بەرگۈزدى. كەيىن نۇرغۇنلاغان لاگىر دەرتمەنى ئۇيغۇرلارمۇ ئارقا ئارقادىن گۇۋاھلىق بەرگەلى تۇردى. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ دادىل ئوتتۇراغا چىقىشى ۋە سان جەھەتتىن ئاشىشى خەلقئارا مەديانىڭ موھىم ئوبيىكتىغا ئايلاندى. بۇ گۇۋاھلىقلار غەرپتەكى سىياسەتچىلەرنىڭ قولىنى كۈچلەندۈردى.

چەتئەللەردەكى لاگىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراغۇچىلارنى لاگىر شاھتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى دەپ ئىككى كاتىگورىيەگە ئايرىماق مۈمكىن. لاگىر شاھىتلەرى بولسا بىۋاسىتە لاگىرغا سولانغان، ئاساسەن چەتئەل پۇقرالىقى بولغان ئەسلى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاقلاردۇر. ئۇلار لاگىردا بىۋاسىتە كۆرگەنلەرى، ياشاغان تراگىدىيەلەر ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەن جەسۇر كىشىلەردۇر. ئۇلار «چەتئەللىك» بولغانلىقى تۈپەيلى «خىتتاي پۇقراسى» شەرقىي تۈركىستانلىقلاردەك ئاغىر زۇلۇم، ئىشكەنجە ۋە تىببى سىناقلارغا، باسقۇنچىلىق ۋە باشقا بىز بىلمەيدىغان خىتتاي ئىشكەنجىسىگە دۇچ كەلمەگەنلەردۇر. مەنىڭ ئىنىمغا ئوخشاش لاگىردا زۇلۇم، ئىشكەنجە ۋە تىببى سىناقلار بىلەن يارىم ئۆلۈك ۋە تامامەن پالەچ قىلىنغانلاردىن چەتئەللەرگە چىققانلارنى ئاڭلامادۇق. بىلىشىمىزچە، خىتتاي پۇقرالىقىداكى لاگىرغا سولانىپ زۇلۇم ئىشكەنجە كۆرگەنلەرنىڭ تەخىچە ئەركىن دۇنياغا چىقماغانلىقى ۋەيا چىققان بولسامۇ مەسىلەن تۈركىيەدە مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەيدىغان ۋە يەرلىك بىرى بىلەن تويلاشقان مىھرىبان تۇرسۇنغا ئوخشاش دىپلومالىق ئۇيغۇر زىيالىيلارى ئۈرۈمچىدە ياشاغان كۆرگەنلەرىنى، لاگىر ھەققىدە بىلگەنلەرىنى ئەركىن دۇنيا بىلەن ھەمبەھر بولماي ئىچىگە يۇتۇپ يۈرگەنلىكى مەلۇم. لاگىر دەرتمەنلەرى بولسا، ئاساسەن چەتئەللەردە ئوقۇش، خىزمەت، تىجارەت ياكى سىياسىي پاناھلىق بىلەن ياشاۋاتقان كەيىنكى 20 يىلدا چەتئەللەرگە چىققان، ۋەتەندە بىۋاسىتە ئۇرۇق تۇغقانلارى بار بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىمىسىنىڭ ئەرلەرى، ياكى خانىملارى، بالا-پەرزەنتلەرى، كىمىسىنىڭ ئاكا-ئۇكا  قارىنداشلارى، دوست-يار بۇرادەرلەرى  ۋەتەندەدۇر. بۇ كىشىلەر ھەرخىل قاناللاردىن بىگۇناھ ياقىنلارىنىڭ لاگىرغا سولانغانلىقىنى، تۈرمەگە تىقىلغانلىقىنى ياكى قۇل ئىشچى قىلىنىپ ئىشلەتىلىۋاتقانلىقىنى ۋەياكى ئۆلتۈرۈلگەن،پالەچ قىلىنغان...خەۋەرلەرىنى ئىشىتكەندىن كەيىن ئازاپ ئوقۇبەت ئىچىدە ئۇلار ئۈچۈن دەرتلەنگەن، ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىش كويىدا تىپىرلاۋاتقان كىشىلەردۇر.

ئۆمەر بەكئالىنىڭ غەرپ مەدياسىغا بەرگەن جەسۇر مۇلاقاتلارى ۋە مەلۇماتلارىنىڭ تەسىرى ھەممەگە مەلۇملۇق. ئۇنىڭ تۈرك مەدياسىغا ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە گۇۋاھلىق بەرىشىنىڭ نە قەدەر موھىملىقىنى بىلگەنلىكىم تۈپەيلى،بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئىستانبۇلداكى مەلۇم باشقانغا ئۆمەر بەكئالىنى ۋە ئابدۇراخمان ھەسەننى قوللاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ نەمە ئۈچۈن سەھنەگە چىقارىلماغانلىقىنى سوراغانىمدا، ماڭا: «مۇئەللىم، بۇلارنىڭ دەردى مەشھۇر بولۇش ئىكەن، ئۆزىنى پارقىراتماقچىكەن...» ھاڭ تاڭ قالغان ھالدا، چۈشەندۈردۈم، ئىزاھلادىم... ھەتتا لاگىر شاھىتلارى ۋە دەرتمەنلەرى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان، بۇلار تەمىنلەگەن ماتىرىياللارنى دىجىتاللاشتۇرۇپ ئارخىپ تۇرغۇزىدىغان ئاتايۇرت قازاق كىشىلىك ھوقۇق دەرنەكى ئۆرنەكىدە بىر دەرنەك قۇرۇشنىڭ موھىملىقىنى چۈشەندۈردۈم...

كەمىنە پەقىر قولۇمدىن كەلىشىچە، ئۆمەر بەكئالىنىڭ تۈرك مەدياسىدا ۋە ھەرخىل كونفېرانسلاردا گۇۋاھلىق بەرىشىنى ۋە ياشاغانلارىنى ئۆز ئاغزىدا تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتىشىغا ياردەم قىلدىم. تەسىرى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. كەيىن تۈركىيەدە ئىزچىل تۇرۇشقا كۆزى يەتمەگەن ئۆمەر بەگ گوللاندىيەگە،  ئابدۇراھمان ھەسەن ياپونىيەگە كەتتى.

تۈركىيەدە ئوقۇغان بىر تۈركۈم ياشلار ئائىلەسىنىڭ ئىز دەرەكىنى قىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنتايىن ئاكتىپ بولماقتا. ئۇلار تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچەگە پۇختالىقى بىلەن مەديالارنىڭ جىددىي دىققەتىنى تارتىپ كەلدى. شۇنداقلا داڭلىق سەنئەتچىلەر، مەديا ئوبزورچىلارى ۋە زىيالىيلارنىڭ قوللاشىغا ئەرىشتى. مۇشۇنداق بولۇشىغا قاراماي بەزى دەرنەكچىلەرنىڭ بۇ ياشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سەرپەدىغان، قىلىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆز خاھىشلىرى بويىچە بۇرمۇلايدىغان ئۆسەك سۆزلەرنى قىلغانلىقى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغۇسىزدۇر. ئەلبەتتە، ھەركىم ئۆزىگە ياراشقاننى قىلۇر...

بۇ ياش لاگىر دەرتمەنلەرى قانات يايدۇرىۋاتقان تەسىرى كۈچلۈك بولغان تىنچلىقپەرۋەر، ئىنسانىي قارشىلىق كۆرسەتىش ھەرىكەتىنىڭ  تەسىرى خۇسۇسەن ئوقۇمۇشلۇقلار، ئاق ياقالىقلار ئاراسىداچوڭ بولىدۇ ۋە بولماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇ يىگىتلەر ۋە يىگىت سۈپەت خانىم قىزلار، گوللاندىيەدەكى ئابدۇررەھىم غەنىدىن كەيىن مىللىي كۈرەشىمىزدە بىر چىغىر ئاچتى. شۇنداق بولغان ئىكەن، مىللىي كۈرەش سەپىدەكى ھەر ساھە زاتلارى، گۇرۇھلار ئۇلارنى ئاشكا بولماسىمۇ ئاسترىتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەشى كەرەك ئىكەن، بەزى گۇرۇھلارنىڭ ئۇلارغا ئورۇنسىز، بىر بىرىدىن غەلىتە سۆزلەرنى قىلىشى ئەشيانىڭ تەبىئەتىگە زىتتۇر. ئۇلار تەرەپىدىن قىلىنغان « گۇۋاھلىق بەرگەن يەرلەردە نىمىشقا بايراق يوق؟»، «نېمىشقا بايراق كۆتۈرۈشمەدىڭ» دەيىشكەن بولسا، يەنە بەزىلەرى «دەرنەكلەرنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشمادى»، «ئۆز باشىمچىلىق قىلىشتى»، ھەتتا چاكىنا بىرىلىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن «مەشھۇر بولۇش كويىدا...» دەيىشى بولسا باشقا بىر تراگىدىيەدۇر.

ئەنە شۇ لاگىر دەرتمەنلەرىنىڭ بىرى ۋە بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچراغان ئائىلەنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يىگىتلەر بەرىۋاتقان گۇۋاھلىقلارىنى ياكى مەدياداكى پائالىيەتلەرىنى ئىمكان بار تەقىپ قىلىپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ئىستانبۇل بەيازىتتاكى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىغا ئەنقەرەدەكى موھىم بىر يىغىنىم تۈپەيلى قاتناشالمادىم. تەقسىم مەيدانىدا لاگىرداكى ياقىنلارىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكا كەيگەنلىكى ئۈچۈن ئىستانبۇل ساقچى دائىرلەرىنىڭ  قىلغان يۈزسىز قىلمىشىغا قاراتا تۋىتتىر بىلەن نارازىلىقىمىزنى كەڭ جامائەچىلىككە، ھۆكۈمەت دائىرلارىغا ئاشكارا ئىپادە قىلغان بولساق، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتچى، بيوكرات دوستلارغا نارازىلىقىمىزنى ۋاقتىدا بىۋاسىتە يەتكۈزدۇق. مۇشۇنداق پەيتتە، بۇ لاگىر دەرتمەنلەرىنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتىنى قوللاپ ھۆكۈمەت ساقچىسىنىڭ ناتوغرا قىلمىشىنى ئاشكارا ئەيىپلەشى كەرەك بولغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ دەۋلەتتەكى مائاشلىق دىپلومالىقلارنىڭ كۆپىنچەسى بۇرۇنقىدەكلا شۇك تۇردى، كارى بولمادى، بەزى چوڭ دەرنەكچىلەرمۇ كۆرمەسكە، بىلمەسكە سالدى. ھەتتا بەزىلەر  بۇ ياشلارغا «مۇبالىغە قىلىۋەتتىڭلار...» دەپ كۆڭلىنى غەش قىلىشتى.

لاگىر دەرتمەنلەرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلارى ۋە قىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى ۋىجدان ساھىپلەرىگە بىلىنىگلىك. ئەسلىدە بارلىق دەرنەك، تەشكىلات رەھبەرلەرى ۋە ئەزالارى باش بولۇپ گۇۋاھلىق بەرىشى كەرەك ئىدى. شۇنداقلار ھەرقايسى ئەللەردەكى دىپلومالىق زىيالىيلار ئەگەر ئۆز ياقىنلارى لاگىرلاردا بولماسىمۇ، لاگىرلارغا سولانغان شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي، دوستلارى، ياقىنلارى ئۈچۈن بەس بەستە گۇۋاھلىق بەرىپ خىتتايدىن ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىشى كەرەك ئىدى. ئەپسۇس، «رەھبەرلەر» باشقا موھىم ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ئەزالارىنىڭ كۆپىنچەسى بۇ ئىشقا ۋاقىت ئاجراتماغاندەك ياكى ئاكتىپلىق بىلەن بۇ ئىشقا قاتناشالماغان. كۆپ سانداكى دىپلومالالىقلار بولسا خۇدۈك ۋە دۈدۈكنىڭ كويىدا ئۆزىنى ئالداپ يۈرۈگلۈك. مەنىڭ ۋەيا ماڭا ئوخشاش كۆپسانلىقلارنىڭ كۈتۈشى: ئۇيغۇر، قازاق ۋە شەرقىي تۈركىستان نامىدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلارنىڭ تامامى ئۆز ئائىلەسى، ياقىنلارى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرىشى كەرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ ياقىنلارى لاگىرلارغا سولانماغان بولسا، بۇ ھەقتە ھەم ئاشكارا مەلۇمات بەرىشى لازىم. زىيالىيلار(دىنى ۋە پەننىي ئايرىمى بولماستىن)، دىپلومالىقلار، ئوقۇغۇچىلارمۇ دادىللىق بىلەن بۇ سەپكە ئاتلانىشى بەكلا زۆرۈردۇر. چۈنكى «قورقاقلىقنىڭ ئەجەلگە پايداسى يوقتۇر».

بۇ ھادىسەلەردىن كەيىن، ئەنقەرەدە 8- سىنتەبىردە بىر ئاخبارات ئىلان قىلىش ۋە نەق مەيدان گۇۋاھلىق بەرىش پائالىيەتى قىلىشقا قارار قىلدۇق. پەقەت ئەنقەرە ۋالىلىكى بۇ پائالىيەتكە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى رۇخسەت قىلمادى. بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن 11 لاگىر دەرتمەنى ۋالىلىك بۇيرۇقى بىلەن ئەنقەرەگە كىرگۈزۈلمەي ئىستانبۇلغا كەتكۈزۈلدى. بۇ جەرىيانداكى ساقچىلارنىڭ بىزلەرگە قاراتا پوزىتسىيەسى ۋە ئاق پارتىيە ھۈكۇمەتىنىڭ بۇ كىچىككىنە بىر يىغىنغا رۇخسەت قىلماسلىق ئۈچۈن ماڭا ھەرخىل قاناللار ئارقالىق قىلغان بېسىملارى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالدى. بۇ پائالىيەتكە ھۈكۇمەتنىڭ رۇخسەت قىلماغانلىقىغا تۈرك خەلقى ۋە ئۆكتەچى پارتىيە مەنسۇپلارى ناھايەتى كۈچلۈك ئىنكاس قايتتۇردى. لاكىن ئۇيغۇر دەرنەكچىلەر، مائاشلىق ئۇيغۇر زىيالىيلارىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچەسى تۈركچە بىر تۋىتنىمۇ ئاتمادى (ئۇيغۇر زىيالىيلارىنىڭ كۆپىنچەسىنىڭ تۋىتتىر ھىسابىنىڭ يوقلۇقى ئايرىم بىر ھىكايە).  پەقەتلا سەيىت تۈمتۈركنىڭ بىر تۋىت ئاتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا، بۇ ھادىسەدىن كەيىن خىتتاينىڭ تۈركىيەدەكى ۋاكالەتچىسى ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ياشلار تەشكىلاتى بولغان تۈركىيە ياشلار بىرلىكى (TGB) مەن قاتارلىق 15 كىشىنىڭ رەسىمىنى ئوچۇق نىشان كۆرسەتىپ تۇرۇپ بىزلەرگە ھاقارەت ۋە تۆھمەت چاپلاپ تۋىت ئاتقاندا، تۈرك خەلقى بىزنى قوللاپ ئۇلارغا ھەددىنى بىلدۈردى. تۋىتتىر ھىسابى بولغان ئۇيغۇر دەرنەكچىلەردىن ھىچقانداق ئىنكاسنىڭ چىقماغانلىقى، پەقەتلا بىزنى ئەمەس، تۈرك جامائەتچىلىكىنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئايدىڭلىق گازەتى يەنە ھەققىمىزدە خەۋەر ئىشلەپ تۆھمەت چاپلاغاندا، مەن «تۈركىيەنىڭ ۋە TGBنىڭ ۋىجدانلىق، ئەقلىسەلىم ئىنسانلارىغا خىتاپ» تىماسىدا بىر ۋىديو ئىلان قىلىشىم بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە نۇرغۇن تۈرك ئوڭ قانات مەدياسىدا مەسىلەمىز تەكرار كۈنتەرتىپكە كەلدى. ھەتتا مەخسۇس خەۋەرلەر يازىلدى.

بۇ ھادىسەلەردىن كەيىن مەن ۋەيا بىزلەر شۇنى ئۇقتۇق: تۈركىيەدە خىتتاي لوبىچىلىكى ۋە خىتتاي ۋەھىمەسى ئاق پارتىيە ھۈكۇمەتىدە بىز ئويلاغاندىنمۇ چوڭ ئىكەن. بۇ ھۈكۇمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئىنسانىي ۋە تىنچلىقپەرۋەر نارازىلىق بىلدۈرۈش، جانلىق گۇۋاھلىق بەرىش ھەرىكەتىنىمۇ توساشقا ئۇرۇنۇشى، ئەسلىدە بۇ دەۋلەتتە بار بولغان دىموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن ئەقەللىي قانۇنىي ھەقلەرنىڭ (ھاكىمىيەتتەكىلەرنىڭ) سىياسىي قايغۇلارى تەرەپىدىن تۇنجۇقتۇرۇلىۋىتەلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولدى. شۇنداقلا، تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تارقاق، پارچالانغان دەرنەكچىلىك ۋە سىياسىي ھەرەكەتلەرىنىڭ مىللىي غايەگە كۈتۈلگەن پايدا ئورنىغا، بەزىدە كۆرۈنەرلىك زىيان سالماقتا ئىكەنلىكىنىمۇ بىۋاسىتە كۆرسەتتى. يەنى شەخسلەرنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك تاللاشلارى ۋە خۇي مىجەزىنىڭ مىللىي غايە ۋە مەنپەئەتنىڭ ئۈستىگە چىقالالايدىغانلىقىنى بىۋاستى كۆردۇق.

ئاشكارا مەخپىيەتكە ئايلانغان رىئاللىقىمىز: بىر تەرەپتە ئاق پارتىيە ھۈكۇمەتى مۇھاتاپ قوبۇل قىلغان ھىدايەت ئوغۇزخان باشچىلىقىداكى قويۇق ئىسلامچى ئىدىئولوگىيەدەكى مائارىپ دەرنەكى ۋە تارماقلارى؛ يەنە بىر تەرەپتە كۈنىمىزدە ھۈكۇمەت تەرەپىدىن يەكلەنگەن سابىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايى مۇئاۋىنى سەيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىداكى شەرقىي تۈركىستان مىللى مەجلىسى تەرەپدارلارى؛ يەنە باشقا بىر تەرەپتە پارچالانغان بىر بىرىدىن مۇستەقىل پەقەت تەسىرسىز سۈرگۈن ھۈكۇمەتلەر ۋە دەرنەكلەرى؛ بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدە ئۆزلۈكىدىن پاسسىپلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايى دەرنەكلەرى ۋە تەرەپدارلارى؛ بۇلارنىڭ ھىچبىرى بىلەن ئورگانىك باغى بولماغان مۇستەقىل زىيالى، ئۆلىما ۋە ھەر ساھە زاتلارى...بۇ پارچانغانلىق رىئاللىقى ئەمەلىيەتتە ئاق پارتىيە ھۈكۇمەتىنىڭ خىتتاي بىلەن راھەت، ئازادە ئىش قىلىشىغا تاپىلماس پۇرسەت ياراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قانۇن ۋە تۈزۈملەر دائىرەسىدە بىرلىك بولۇپ ھۈكۇمەتكە بېسىم پەيدا قىلىش، كۈچلۈك جامائەت ئەفكارى توپلاش ئىھتىماللىقىنىمۇ ھازىرچە يوققا چىقارالاغان.

خۇلاسە قىلغاندا، باشقا يازمالارىمىزدا ئىزچىل تەكىتلەگەن ئۈست بىرلىك تەشەببۇسىمىزنىڭ موھىملىقىنى يەنە تەكىتلەشكە مەجبۇرمىز: دىئاسپوراداكى ھەر ساھە، ھەر تەبىقەدەكى كۈچلەر بىرلەشكەن، ئورتاق غايە ئۈچۈن ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەرەكەت قىلىدىغان، تۈزۈملەشكەن، قانۇنىيلاشقان، كەسپىيلەشكەن، دىموكراتلاشقان، خەلققە ۋە قانۇنغا ھىساپ بەرەلەيدىغان، سۈزۈك دەرنەكچىلىك ۋە تەشكىلاتچىلىقنى بەرپا قىلىش بەكلا زۆرۈر بولماقتا. مۇشۇنداق بولغاندا، دەرنەك مونوپوللۇقى، تەشكىلات باقىۋەندەچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىش بىلەن بىرگە سادىر بولىۋاتقان ھەرخىل چىرىكلىك، قاتماللىق، تەرەپبازلىق، تار ئىدىئولوگىيەلىك قىسىر بۆلگۈنچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالماق مۈمكۈندۇر. شۇنداق بولغاندا، دىئاسپوراداكى ھەر ساھەنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ،كۈچنى خىتتاي فاشىزمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورتاق ئەقىل بىلەن ئورتاق ئەقىدەگە تەخىمۇ كۈچلۈك بىرلىك ۋە قۇۋۋەتتە خىزمەت قىلدۇرماق مۈمكۈن بولغۇسىدۇر.  بۇ ئەمەلىيەتتە، ۋەتەندە ئىڭراۋاتقان مىليونلارنىڭ نىداسى، شەكىللەنگەن ۋە شەكىللەنىپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.

2020-يىلى 22- سىنتەبىر 

كۆڭلۈم، زىھنىم ۋە يىلىكىمگە ئورناشقان كاشىغەر، كۆنۈشنى ئەسلا خاھلاماغان ئەنقەرە-تۈركىيە

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.