
|
دۈشكۈشلەنگەن پەقەتلا مامۇت بوۋايمۇ؟
ئابدۇررەشىد ج. قارلۇق
مىلادىيە 2022-يىلى 22-ئىيول جۈمە كۈنى پەرزەنتلەرى خىتتاينىڭ ناتسىست لاگىرلارىدا غايىپ بولغان ئەۋلاتلارىدىن خەۋەر ئالالماي ئىككى يىلدىن بەرى لاگىر دەرتمەنلەرى بىلەن بىر سەپتە كۈرەشكە داۋام قىلىۋاتقان 81 ياشلىق مامۇت توختى ئەمىن بوۋاي ئىستانبۇلداكى ئەيۇپ سۇلتان جامەسىگە ناماز ئوقۇشقا كەلگەن رەئىسى جۇمھۇر ئەردوغانغا دەردىنى ئاڭلاتماق مەقسەتىدە بۇ يەرگە كەلگەنىدە تۈركىيە ساقچىلارى تەرەپىدىن دۈشكۈشلەنگەنلىكى ۋىديولۇق كۆرۈنۈش بىلەن مۇقىملاشتى. ئۇشبۇ ۋىديولۇق كۆرۈنۈش تىز سۈرئەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالدى. بۇ كۆرۈنۈش پەقەتلا ۋىجدانلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن بەلكى ھەقىقىي ئىمان ۋە ۋىجدان ئىگەسى تۈركىيەلىكلەرنى ھەم بەكلا بىئارام قىلدى. كەيىن مامۇت بوۋاينىڭ قاپاقىنىڭ يارىلغانلىقى، بىگىز پارماقىنىڭ سۇنغانلىقى ئوتتۇراغا چىققان. بۇ ۋەقەدىن كەيىن ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ياشلارى ۋە تۈركچە يەڭى مەديادا ئاكتىپ ھەرەكەت قىلىۋاتقان يەرلىكلەر بىلەن بىرلىكتە خۇسۇسەن تۋىتتىردا كۈچلۈك بىر نارازىلىق ھەرەكەتى باشلاتتى. جۈمە كۈنىدىن باشلاپ بۇگۈنگە قەدەر (بۇگۈن 25-ئىيول دۈشەنبە) كۈنتۈرتىپتىن ھىچ چۈشمەدى. تۈركىيە ھۈكۈمەتىگە قاراتا كۈچلۈك نارازىلىق جامائەت ئەپكارىدا پەيدا بولدى. «ئۇيغۇرلار ئەرەپ بولماغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق خورلانماقتا»، «خىتتاي پۇلىغا ساتىلغانلار سۈكۈتتە»، «خىتتاينىڭ كۈچى تۈركىيە كۆرۈلدى» دىگەندەك ۋايساشلارنى كۆپ ئۇچراتتۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەمىنە پەقىرمۇ تۋىتتىر ھىسابىمدا 23-ئىيول كۈنى مەنى تەقىپ قىلىۋاتقان 10 مىڭدىن ئارتۇق تەقىپچىلەرىمگە ۋە مەنىڭ تۋىتلەرىمگە دىققەت قىلىدىغانلارغا تۆۋەندەكى چاقىرىقنى قىلدىم:
«مەنى تەقىپ قىلىۋاتقانلار/ئەگەشكەنلەر ياكى ماڭا دىققەت قىلىۋاتقانلار بىر قەتىملىق #ھەممەمىز ئۇيغۇر ۋەيا #مەن بىر ئۇيغۇر دەمسىز لۈتفەن!» دەپ ئۇشبۇ تىۋتىمنىڭ ئاستىغا 23-ئىيول ئەتىگەندە ھەمبەھرلەرگەن مۇنۇ تۋىتىمىنى چاپلادىم:
«زالىمدىن قاچقانلىقىنى ئويلاغان بوۋاي تۈركىيەدە، باشقا نامى بولغان مەزلۇملارنىڭ پاناھگاھىدا دۈشكۈشلەنگەنىدە بارماقىنىڭمۇ سۇنغانلىقى ئىسپاتلانغان. ھەرھالدا بىرىلەرى ھەققانىيەت ئۈچۈن ئاۋازىنى چىقارغۇسىدۇر». بۇ تۋىتىمنىڭ ئاستىدا بولسا مامۇت بوۋاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ساقچىلار تەرەپىدىن ئىتتىرىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى بار بولغان ۋىديونىڭ ئۈستىگە تۆۋەندەكى ھىسسىياتىمنى يازغانىدىم:
«ئۇشبۇ كۆرۈنۈشلەر بەك ئەمما بەكلا بىئارام قىلدى... پىشقەدەم بوۋاي ماڭا ئاندا مۇندا تېلېفون قىلار ئىدى، دەردى بار ئىدى، دەردى كۆۆۆۆپ! ئەۋلات دەردى بار ئەۋلات! ئۇنى دۈشكۈشلەگەن زالىمنىڭ كومۇنىست خىتتاي مەلئۇنىدىن نىمە پەرقى بار! كۆپ ئەپسۇس كۆۆۆۆپ! » بۇ تۋىتىم ھازىرغىچە(25-ئىيول دۈشەنبە) 350 مىڭ قەتىمدىن كۆپ كۆرۈلگەن يۈزلەرچە مەرتە قايتا رېتۋىت قىلىنغان ۋە يۈزلەرچە جاۋاپ ئىنكاسلار چۈشكەن... تۋىتتىرداكى ئۇيغۇر خەۋەر(@UygurHaber)، شەرقىي تۈركىستان (@uygur_haber) ۋە سالاھىددىن كاشىغەرى قاتارلىقلارنىڭ ھىساپلارىدىن ھەمبەھرلەنگەن تۋىتلارنىڭ ھەددى ھىسابى يوق. بىزلەرنىڭ تۋىتلارغا داڭلىق جامائەت ئەربابلارى، سىياسەتچىلەرنىڭ ئىنكاس بەرگەنلىكى ھەم مەلۇم. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيەدە ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان نامىدا تىجارەتى سىياسەت ۋە خەيرى ساخاۋەت قىلىۋاتقان دەرنەكچىلەرنىڭ تىمتاس تۇرغانلىقى بىزلەرنى بىئارام قىلماي قالمادى. 23-ئىيول ئاقشامغىچە تۈركىيەدەكى سىياسەتچى دەرنەكچىلەرنىڭ كوللىكتىپ بىر شەكىلدە ۋەيا شەخسەن رەسمىي بايانات بەرمەگەنلىكىنى مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇتەخەسىسى يىگىتلەر ئارقالىق جەزملەشتۈرگەندىن كەيىن تۆۋەندەكى تۋىتنى ئۇيغۇرچە ئاتتىم:
ئەمەلىيەتتە بۇ سەل قارىلىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس ئىدى. تۈركىيەدە كۈنسايىن كۈچەۋاتقان خىتتاي لوبىسى ھەرخىل سىياقتا (كىمىسى كومۇنىست، كىمىسى ئىسلامچى، كىمىسى مىللەتچى، كىمىسى گۇمانىتار/خۇمانىست، كىمىسى شىنجاڭچى ئۇرغۇي، كىمىسى ئۇرغۇي تۇڭگانى...) كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماقتا، تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سەبرى تاقەتىنى، ئىرادەسىنى، بىرلىك ۋە بارابەرلىكىنى سىناپ تۇرماقتا. بۇ لىنىيەدە لاگىر دەرتمەنلەرىگە قاراتا 2021-يىلى فىۋرالدا ئەنقەرەدە ھەرخىل تەھدىت ۋە تەھقىقلەر قىلىنغان بولسا، ئىستانبۇلدا ھەم غورۇرىمىزغا تەگىدىغان ھەرخىل كۆرۈنۈشلەر دۇنياغا نامايەندە قىلىندى. بىگۇناھ ياشلارىمىز ئورۇنسىز يەرگە تۇتۇلدى، قايتۇرۇش مەركەزلەرىدە تەشۋىش ۋە ئەندىشە ئىچىدە ئايلاپ ئايلاپ ياتتى. ئىجتىمائىي تەرتىپكە، دەۋلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھىچقانداق بىر تەھدىتى بولماغان كىشىلەرنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسلارى بىر بىر رەت قىلىندى... 81 ياشلىق بىر بوۋايغا قىلىنغان ئەدەپسىزلىك، جان بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان قەستنى مۇنداقلا ئۆتكۈزىۋەتكەلى بولمايدىغانلىقىنى تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلار، خۇسۇسەن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىر قىممەتى ۋە كۇرسىنىڭ كۈنسايىن تۆۋەنلەپ كەتىپ بارغانلىقىدىن خەۋەردار مىللەتپەرۋەرلەر، ۋەتەنپەرۋەرلەر بىلىشى ۋە ئۇنىڭغا كۆرە چارە تەدبىر ئالماقى لازىم ئىدى. يەنى نامى كاتتا دەرنەكچىلەر بىرلىكى ياكى ھەرخىل ۋەقپە ۋەيا تەشكىلاتلار بىرلىكتە لىسانى مۇناسىپ يەنى ئۇيغۇن سىياسى ۋە دىپلوماتىك تىل بىلەن بۇ ھەقسىزلىققە قارشى مەدەنىي بىر بايانات بەرمەكى كۈتۈلگەن ئىش ئىدى. ئەپسۇس بۇ خىل ھەرەكەت تەخىچە روياپقا چىقماغاننىڭ ئۈستىگە مەۋجۇت ھۆكۈمەتكە ۋەياكى زىنجىرىنى تۇتقان خوجايىنلارىغا ياخشىچاق بولۇش كويىدا بولغان بىر قىسىم «لىدەر»لەرنىڭ تەبىرى جائىز بولسا قىپقىزىل سولامچىلىققا داۋام قىلىۋاتقانلىقى خەۋەرلەرى بىزلەرگە يەتتى. ئەركىن ۋە قانۇن دەۋلەتلەرىدە تەخىچە شىنجاڭچە تەپەككۇردا ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ھەق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، كۇرسىنى چۈشۈرۈش بەدەلىگە مۇئەييەن ئۆتكۈنچە ئىتىبار بىلەن ياشايدىغان بۇ ئارتۇقچە «لىدەر»لەرنىڭ خۇددى شىنجاڭدا خىتتاي شۇجىلار تەرەپىدىن يەتىشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر لالمالارغا ئوخشاش زىھنىيەت ۋە قىلمىشتا بولۇشلارى تۇنجى مەرتەم ئەمەس ئىدى. بۇ ھال ئۆزگەرمەسە بۇ دەۋلەتتە يەنە نەچچەلەگەن شەرقىي تۈركىستانلىق خورلانىدۇ، دۈشكۈشلەنىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەيدىغان ئۇيغۇر تۈرك پەرزەنتلەرى سىلكىنگۈلۈك! چۈنكى دۈشكۈشلەنگەن پەقەتلا مامۇت بوۋاينىڭ غورۇرى، ئاغرىغان پەقەتلا ئۇنىڭ بەدەنى ئەمەس! بەلكىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ياشاماقچى بولغان ئون مىڭلاغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرنىڭ غورۇرى، كىشىلىكى ۋەل ھاسىل ئىززەتى نەپسىدۇر.
|
|