ۋىرۇستىن كەيىنكى دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان

 

 

tnqyt

پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت

 

دەسلەپتە كاپىتالىزمغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان خىتاي كومۇنىستلەرى 1979- يىلىغا كەلگەندە باشتاكى نىشان ۋە غايەسىدىن ۋاز كەچىپ لىبەرال دۆلەت كاپىتالزمى سىستەماسىنى  يولغا قويغان ۋە لىبەرال دۇنيانىڭ ئىمكان ۋە پۇرسەتلەرىدىن پايدالانىپ ساختا ۋە ئەرزان مال ساتىش ئارقالىق چۆنتەكىنى تولدۇرۇشقا باشلاغان ئىدى. كەيىنكى مەزگىللەردە خۇدىنى بىلەلمەي كۆرەڭلەپ دۇنيانى سورايمەن دەپ تۇرۇۋاتقاندا، ئۇلۇغ ئاللاھ زالىم نەمرۇتنى كىچىك بىر چىۋىن بىلەن ھالاك قىلغاندەك، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان زەررەدىنمۇ كىچىك بىر ۋىروس بىلەن خىتاينىڭ شىرىن چۈشىنى بوزۇۋەتتى.

 ۋىرۇس خىتاينىلا ئەمەس، خىتاينىڭ چۆنتەكىنى تولدۇرغان لىبىرال كاپىتالىست سىستەمانى، دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىمۇ ۋەيران قىلىشقا باشلادى...

جەمئىيەت تەرتىپى قالايماقان بولۇپ كۈندەلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر  پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

خەلقنىڭ جانى، مالى ۋە مەنپەئەتى قاتتىق خەۋپ ئاستىدا...

بۇ قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت كىشىلەرنى مەۋجۇت دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستەماسى ھەققىدە دە تالاش قىلىشقا، بۇنىڭدىن كەيىنكى ھايات ۋە تەقدىر ئۈستىدە ئويلانىشقا مەجبۇرلاماقتا.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن كەيىنكى دۇنيادا ھىچبىر نەرسە بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولمايدۇ دەۋاتىدۇ. 

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە خىلمۇ خىل پەرەز، تەخمىن ۋە تەساۋۇرلارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇۋاتىدۇ.

دۇنيا ئىقتىسادى بۇھرانغا دۇچ كەلىدۇ دەۋاتقانلار بار.

ئىشسىزلىك كۆپىيىپ جەمئىيەتتە قالايماقانچىلىق كەلىپ چىقىدۇ دەگۈچىلەرمۇ يوق ئەمەس.

يەرشارىلىشىش توختايدۇ...

دۇنيا ئىقتىسادىي سىستىماسى يەڭىدىن قۇرۇلىدۇ...

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇدىيەتى ياڭىدىن كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ...

ئۇلۇس دەۋلەتلەر كۈچلەنىپ مىللەتچىلىك ھەرىكەتلەرى ئۇلغايىدۇ...

ياتلار ئۆچمەنلىكى ۋە كۆچمەن دۈشمەنلىكى ئوتتۇراغا چىقادۇ...

دۆلەتلەر مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چىگرا ۋە دەرۋازالارىنى تاقاپ بەكىنمە ھالەتكە ئۆتەدۇ...

ئامىرىكا- خىتاي ئوتتۇراسىدا تىركەشىش كۈچەيىدۇ، ھەتتا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرىدۇ...

ئىنسانلار يۇقىرى تىخنولوگىيىەلىك ئەسۋاپلارنىڭ كونترولى ئاستىدا ياشايدىغان بولىدۇ...

قانۇنلار ئۆزگەرەيدۇ... 

يىزا ئىگىلىك ۋە چارۋاچىلىق ئالدىنقى پلانغا چىقادۇ...

پالان بولىدۇ، پۇستان بولىدۇ، ۋاھاكازا... دەۋاتىدۇ.

دەمىسەمۇ دۇنيانىڭ داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز ھىس قىلىپ تۇرۇپتۇق.

بۇ ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قانداق پۇرسەت ۋە ئىمكانلارنى ئالىپ كەلىشى مۇمكىن؟

ئالدى بىلەن مەسەلەگە ئىجابىي جەھەتتىن قاراشقا تىرىشايلى:

خىتاي ئىقتىسادى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مىسلى كۆرۈلمەگەن بىر شەكىلدە تۈۋەنلەشكە باشلادى. بۇ مىليونلاغان خىتاينىڭ ئىشسىز ۋە ئاچ قالىشى دەمەكتۇر. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە قاتتىق بىر داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارىشى مۇمكىن.

تاشقى جەھەتتىن، خىتاي كورونا ۋىرۇسى سەۋەپلىك دۇنيانىڭ لەنەتىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتايغا ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت كۈنسايىن ئاشىپ بارماقتا...

نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىن يىراقلاشىشقا، ئاراغا چەك-چىگرا ۋە مۇساپە قويۇشقا باشلادى.

خىتاي مال ئىشلەپچىقارغان تەقدىردىمۇ مالنى ساتىدىغان خەرىدار تاپالماسلىقى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامىرىكا، گىرمانىيە قاتارلىق بەزى دەۋلەتلەر خىتاي ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ تىرلىيون دوللارلىق تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر ۋىرۇسنىڭ سۇنئىي ياسالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا بۇ ئەرزلەرنىڭ ئەمەلىيلەشىش ئىھتىمالى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئەمەلىيلەشىدىغان بولسا، خىتاينىڭ تۈگەشكىنى شۇ.

بۇنىڭ نەتىجەسىدە خىتاي خەلقى كومۇنىست ھاكىمىيەتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشى، تەيۋەن، ھوڭكوڭ باشچىلىقىدا ھەرقايسى ئۆلكەلەرمۇ مۇستەقىللىق يولىغا قاراپ ماڭىشى مۇمكىن. ئۆز ئىچىدە پارچالانىپ بىردىن كۆپ دۆلەت شەكىللەنگەن خىتاي دۇنياغا تەھدىت سالالمايدىغان بولىدۇ.

ئەمدى مەسەلەگە سەلبىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئەيتقاندەك، كورونا ۋىرۇسىىدىن كەيىن خىتاي زور كۈچ بولۇپ دۇنيا سىياسىي سەھنەسىگە چىقىپ قالسا ياكى چىگراسىنى تاقاپ ئۆز ئىچىگە بەكىنىپ ئالسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەخىمۇ ئاغىر كۈنلەرگە قالىشى مۇمكىن. چۈنكى تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە ئۈزۈلىدۇ. دۇنيانىڭ خىتايغا باسىم ئىشلەتىش يول ۋە ۋاستەلەرى ئازىيىدۇ.

نۆۋەتتەكى ۋەزىيەتتىن قاراغاندا خىتاي كومۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيەتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى باسىملار نەتىجەسىدە گۇمران بولۇش ئىھتمالى يۇقىرىدەك تۇرىدۇ. فاشىست كومۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ غۇلاپ چۈشىشى خىتايدا ئۆلكەلەر، رايونلار، شەھەرلەر ۋە كىشىلەر ئوتتۇراسىدا يەڭى رىقابەت ۋە خىرسلارنى كەلتۈرۈپ چىقارىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا پۇلدىن باشقا، ئورتاق ئىدىئولوگىيە ياكى ئورتاق دىنىي ئىتىقاتقا ئىگە بولماغان خىتاي جەمئيەتى ئورتاق بىر گەۋدە شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.  بۇ بىز ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەتتۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ داۋالغۇشتا مۇستەقىللىققا ئەرىشىش ئىمكانى ناھايىتى يۇقىرى دەپ قارايمەن.

شۇڭا مۇنداق ھاقىلىق پەيتلەردە بىرلىك ۋە ئۆملۈككە، پلانلىق، نىشانلىق ۋە سىستەمالىق ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا ھەر ۋاقىتتىكىدىن كۆپرەك ئىھتىياجىمىز بار. كەڭ قاناتلىق، ۋەكىللىك خاراكتەرى كۈچلۈك بىر ئۈست بىرلىك شەكىللەندۈرەيلى دەگەندە كۆزدە تۇتۇلغان نوقتا بۇ ئىدى.

   2020-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى   

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: alim1962@hotmail.com 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.