ئۇكرائىنا بىلەن ئالدىراش رۇسيە ۋە غەربىي تۈركىستاندا خىتتاي

ئەنۋەر نۇرۇم

  رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا توقۇنىشى  نۇرۇغۇن دۆلەتلەر ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. رۇسىيەنىڭ يېقىن قوشنىسى خىتتاي، قانداق قىلىپ توپلاڭدىن تېخىمۇ كۆپ توغاچ ئوغۇرلاشنىڭ كويۇغا چۈشكەندەك قىلىدۇ. دىققەت تارتقان پايدىلاردىن بىرى بولسا، غەرپنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان ئەرزان رۇسىيە نېڧتنىڭ شەرقتىكى قوشنىسىغا بولغان ئىكىسپورتىنڭ ئېشىشىدۇر.

  شۇنداقلا خىتاي غەربىي تۈركىستاندا ، رۇسىيەنىڭ ئەنئەنۋى تەسىر دائىرىسە ئۆز تەسىرىنى كەڭەيتىشكە كۈچىدى. رۇسىيە بۇ رايۇندا بىخەتەرلكنى قولغا ئالغان بولسا،خىتتاي ئىقسادى ساھەدە ئاكتىپ بولماقتا.

2013 . يىلى "بىر بىر يول بىر بەلباغ" شى تەرپىدىن ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، مەبلەغ ۋە كىرەدىت ۋەدىلىرى بىلەن، خىتتاي غەربىي تۈركىستانداكى بەش دەۋلەتنىڭ ماقۇللىقىغا ئىرىشىتى.  ئەمما كەيىنكى يىللاردا، خىتتايغا بىۋاستە قوشنا بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجكىستاندا بىر قىسىم كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەردى. بۇ دۆلەتلەت "تىنچ" چىگرا بەرپا قىلشى ئۈچۈن خىتتايغا زىمىن بەردى. يەنە خىتتاينىڭ بۇ دەۋلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشغا ئەگىشىپ ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان، ختاي قۇرۇلۇشچىلارى بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش. خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستانداكى ئۇيغۇر ۋە قازاق ، قىرغىزلارغا بولغان زىيانكەشلىكى، خىتتاي ۋىروسى قاتارلىق ئامىللارمۇ بۇ زىدىيەتلەرنى ئۇلغايتىۋەتتى.

  شۇنداقتىمۇ خىتاي مەبلىغى توختىماي ئاشتى.  قازاقىستان، غەربىي تۈركىستانداكى ئەڭ چوڭ ۋە باي دەۋلەت، شۇنداقلا، پاكىستاندىن قالسىلا، 21.4 مىليارد مەبلەغ بىلەن، خىتتاي ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان ئىككىنجى دەۋلەت. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ نامرات تاجىكستانمۇ، سىتراتىگىيەلىك جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئاڧغانستان ۋە خىتتاي بىلەن بىۋاستە چىگىرلىنىشى  بۇ دەۋلەتنى خىتتاي مەبلىغىنىڭ دائىملىق خېرىدارى بۇلۇشقا نائىل قىلغان. قىرغىزىستان، يەنە بىر نامرات غەربىي تۈركىستان دەۋلىتى، ئوخشاشلا خىتتاي مايىلى بولغان بۇلۇپ، باشلانغۇچ مائارپىتا كۇڭزى ئىنستىتوتى ئەڭ كۆپ. خىتتاي، تۈركمەنستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىنىرگىيە ئىكىسپورت قىلىدىغان دەۋلەتلىرى قاتارىدا. 

  خىتتاينىڭ ۋاكسىنا  دىپلوماتسىيەسىمۇ خىتتايغا پايدا كەلتۈرمەكتە. ھازىر ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا باشلىغان رۇسىيە ئالدىدا، غەربىي تۈركىستان دەۋلەتلىرى راھەتسىز بىر شەكىلدە، سوۋىتتىن كىيىكنى ئەگەمەنلىك قايغۇسىغا پاتماقتا.  بۇنى پۇرسەت بىلگەن خىتتاي، رايۇندا ئىقتىسادى باغلىنىشنىڭ تېشىغا چىقىشقا ئورۇنماقتا.

رايۇننى يېقىندىن كۆزۈتۈپ كەلگەن ئانالىزچىلار، خىتتاي ۋە غەربىي تۈركىستان جۇمھۇچىيەتلەرى ئاراسىداكى قوش ئاساسلىق مۇناسىۋەتنىڭ ھازىر تېخمۇ يېقىلىشىىشقا، مۇنتىزملىشىىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. قىزىقارلىق يەرى شۇكى، بۇنى ئىلگىرى سۈرگەن دەۋلەت بولسا، ھىندىستان. دېھلىنىڭ  بۇ بەش دۆلەتنى بۇ يىل يانىۋاردىكى جۇمھۇرىيەت كۈنىگە تەكىلپ قىلىش بىر سىگنال بولغان. خىتتاي ۋىروسى تۈپەيلى، بۇ دۆلەتلەر ئۇزاقتىن ۋىدىيو ئارقىلىق قاتناشقان. ھىندىستاننىڭ بۇ ھەركىتى شىنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ بەش دۆلەت بىلەن خىتاي+ 5 لىدىرلار يىغىنىننى ھىندىستان جۇمھۇرىيەت كۈندىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەپ بولغان. شى كەلگۈسى 3 يىلدا غەربىي تۈركىستانغا 500 مىليون دوللار ۋە 50 مىليون تال خىتاي ۋاكسىنىسى ياردەم قىلىشنى ۋەدە قىلدى.

قوش تەرەپلىك پايدا سىيەتلىرى تەشەببۇسلىرىغا ئەگەشكەن، تاشقى سىياسەت ۋە سىتراتىگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ كۆپ خىللىشى، چوڭ كۈچلەرنىڭ رايۇندىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا تىرىشىقان غەربىي تۈركىستان بولسا، ھازىر رايۇندا رۇسىيەگە بىر ئالتىرناتىف ئىزدەشكە باشلىدى. ئىيۇن ئايىدا، قازاقىستان خىتاي +5 نىڭ 3. قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىىشقا كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنى نۇرسۇلتاندا كۈتىۋالدى ۋە "خىتتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئورتاق كەلگۈسى" تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۆزبىكىستان، تۇركمەنىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان يىغىنغا قىزغىن قاتناشتى.

  ئۈستەلدىكى ئالاھىدە تىما بولسا، رايۇن مۇقۇملۇقى، ختىتاي ۋىروسىدىن كىيىكنى ئىقتىسادى ئەسلىگە قايتىش، ئاتالمىش"ئۈچ خىل كۈچ"، ئاشقۇنلۇق، تېرروزىم، بۆلگۈنچۈلۈككە قارشى كۇنكىرىت زەربە، ئاڧغانسىتاننىڭ مەسلىلىرى مۇزكىرە قىلىندى، ئەلۋەتتە ئالاقە ۋە ئۇل-مۇئەسەسسە تۈرلىرىمۇ بار. رۇسىيە توپراقلرىددىن ئايلىنىپ ئۆتۈش ۋە رۇسىيەگە تايىنىشىنى ئازايتىشىنى ئۈمىددە، خىتتاي، ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستان، خىتتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبىكىستان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىشنى تەكىلىپ قىلدى. دۆلەتلەر كاسپى دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارالىق قاتناش كارىدورغا بانكا مەبلىغىنى سېلىشىنى پىلانلىدى. بۇ لىنىيە، خىتتاينى قازاقىستان، ئەزەربەيجان، گروزىيە، تۈركىيە، رومانىيە ۋە پولشا ئارقىلىق ياۋرۇپا بىلەن باغلايدىنغان بۇلۇپ،"ئوتتۇرا كارىدۇر" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋرۇپانىڭ رۇسىيەنى بايقۇت قىلىغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن.

  بۇ پىروجەكت، بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەۋلەتلىرىنى "تۇتاش قۇرۇقلۇق" دەۋلەتلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رۇسىيەگە تاينىشى ئازايتالايدۇ.قازاق سىياسى ئانالىزچى ئىسكەندەر ئاقىلبايىۋغا كۆرە، بۇ نوقتىدا، خىتتاينىڭ  ياۋرۇپاغا  ئۆتەڭ يول بولغان غەربىي تۈركىستانغا قارىتا ئۆز ۋىزىيونى بۇلۇپ،  ئەگەر ياۋرۇپا بىلەن رۇسيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلىشىشىنى داۋام قىلسا، بۇنىڭ بارلىق تەمىنلەش زەنجرى، سودا ۋە كىشىلىك ئالاقىغا مۇتلەق تەسىرى بۇلىدىكەن. بۇ نوقتىدىن قاراغاندا، خىتتاي ۋە غەربىي تۈركىستان جۇمھۇىيەتلەرى ئىقتىساد مۇناسىۋىتنى كۈچلەندۈرۈشتىكى ئىنتايىن  مۇھىم بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بۇلۇدىكەن. ۋە بۇنىڭ ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا پايدىسى بۇلۇدىكەن.

  تاجىكىستاندا بولسا، خىتتاي بىر بىخەتەرلىك بەلۋىغى بەرپا قىلغان بۇلۇپ، ھازىر خىتتاي ئالاھىدە قىسىملىرى تەرەپىدىن قوغدالماقتا. مەقسەت بولسا، ئاڧغانىستان ۋە  ئۇيغۇرلار. رۇسىيەگە مەھكەم باغلانغان تاجىكىستاننىڭ  مەقسىدى بولسا زىددىيەتلىك ئاڧغانسىتان چىگىراسنىڭ بىخەتەرلىكى. پىزردىنت ئىمامئەلى راھمان بولسا، تالبانغا قاتتىق قارشى بۇلۇپ، قارشىلىق كۆرەسەتكۈچى ئەخمەد مەسۇدقا زىمىنىدا تۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان. خىتتاي مەبلەغنى كۈپەيتىشىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە خىتتاي شىركەتلىرىنىڭ تاجىكستاندا مابلەغ سېلىشىنى، سودا قىلىشنى، ئۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشىنى  رىغبەتلەندۈرمەكتە.  ئىككى تەرەپنىڭ سودىسى بۇ يىل شىددەت بىلەن ئاشقان. تاجىكىستان قانتاش مىنىستىرى ئازىم ئىبراھىم، خىتاينى"قۇدرەتلىك ۋە دوست قوشنا" ، تاجىكستاننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىمپورت ۋە مەبلەغ ھەمراى دەپ تەرپلىگەن.

  ئەڭ قىزقارلىق يەرى بولسا، ۋاڭيى، خەلئارا تەرتىپنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتتاينىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەگەمەنلىكى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى، مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا قۇرۇپ چىقىشنى قوللايدىغانلىقىنى» ئوتتۇرغا قويدى. خىتتاينى ئۆز ئىچگە ئالغان رايۇندىكى بارلىق دەۋلەتلەر "بۆلگۈنچىلىك" تەھدىتى مەۋجۇت بۇلۇپ. بۇلۇپمۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كىيىن، سابىق سوۋىت دۆلەتلىرىنىڭ ئەگەمەنلىكى تېخىمۇ ئىنچىكە مەسلىلەرگە يۈز كەلمەكتە. دەۋلەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۆزگىرىشى مۇمكىن. خىتتاي بولسا ئىقتىسادى رولدىن ، رايۇندىكى بخەتەرلىك كۈچىگە ئايلىنىشنى خالايدۇ.

  رايۇن دۆلەتلىرىى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ھالقا بىخەتەرلىك بۇلۇپ، بۇ پەقەتلا ئىقتىسادى بىخەتەرلىك ئەمەس بەلكى، سىياسى بىخەتەرلىك. ئىقتىسادى مۇقۇملۇق، ئىنرگىيە مۇقۇملۇقى بولسا رايۇن ھەمكارلىقىنىڭ نامايەندىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.  

مەنبە:

https://www.indianarrative.com/world-news/with-russia-busy-in-ukraine-china-asserts-itself-in-central-asia-181612.html

 

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : canbazbiz218@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.