
|
خەيىر-خوش ترامپ، مۇبارەك بولسۇن، تەبرىكلەر بولسۇن بايدىن!
نۇرمەمەت مۇساباي 2020- يىللىق ئامېرىكىنىڭ رەئىسى جۇمھۇرلۇق سايلىمى بۇندىن بۇرۇنقى سايلاملارغا قارىغاندا ئالاھىدە ۋە كەسكىن بولدى. بۇ سايلامدا كۆپ ساندىكى ئامېرىكا گراژدانى ئۇيغۇرلار رەئىسى جۇمھۇر ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشىغا ئاۋاز بەردۇق. بىز ئۇنىڭ قايتا يەنە 4 يىل رەئىسى جۇمھۇر بولۇشىنى ئىستەيتۇق. ئامېرىكا گراژدانى ئۇيغۇرلارنىڭ ترامپنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرىشى، ترامپنىڭ ئۆتكەن 4 يىللىق رەئىسى جۇمھۇرلۇق دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋەتكەن ياخشىلىقلىرىدىن ياكى قايتا سايلانسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋېتىدىغان قانداقتۇر ياخشىلىقلىرىدىن ئەمەستۇر. بەلكى،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى ئەڭ يۇقارى پەللىگە چىقارغان خىتتاينىڭ ئەدىپىنى بەرىشكە تىرىشقان ئامېرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر رەئىسى جۇمھۇر بولغانلىقىدىندۇر. چۈنكى خىتتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن 2016-2020- يىللارى ئارىسىدا شىددەتلىك بىر شەكىلدە داۋام قىلغان ۋە بۇ جەرىياندا ئامېرىكا-خىتتاي تىجارەت ئۇرۇشى پارتلاپ ترامپ ۋە ھۈكۇمەتى خىتتايغا قارشى ئەڭ جەسۇر باياناتلارنى بەرگەن ۋە بەزى ئەمەلىي ئىجرائاتلارغا كىرىشكەن ئىدى. ئامېرىكا تارىخىدىكى رەئىسى جۇمھۇرلاردىن ھىچ بىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر ياخشى سۆز قىلمىغان، ئەمەلىي بىر ئىشمۇ قىلمىغان. خىتتاي بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بەرى ھەممە رەئىسى جۇمھۇرلار خىتتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى تۇتۇپ كەلگەن. جۇملىدىن، ئوباما دەۋرىدە 8 يىل مۇئاۋىن رەئىسى جۇمھۇر بولغان بايدىن خىتتاي بىلەن ئالاھىدە ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان، بۇ 8 يىلدا ۋەتىنىمىزدە نۇرغۇن قانلىق ۋەقەلەر بولدى، قىرغىنچىلىقلار بولدى. ئەمما ئۇلار ئۈنىنى چىقارمىغان ئىدى. ھەر ھالدا ترامپ بىز ئۈچۈن خىتتاينى جازالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خىتتاينىڭ ئەدىبىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇيغۇرلار ترامپتىن خوش بولغان. «يەنە سايلانسا، كېلەر تۆرت يىلدا خىتتاينىڭ ئەدىبىنى تېخىمۇ ئوبدان بېرىدۇ» دەگەن ئۈمىد بىلەن ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشى ئۈچۈن بىلەت تاشلىدۇق. ئەپسۇس، ترامپ بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويدى. خەير - خوش ترامپ! ترامپ، سىز شىجىنپىڭنىڭ لاگىر قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى سولىشىغا «ماقۇل» دىگەن ئىدىڭىز، ئەمما بىز ئۇيغۇرلار سىزنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويىشىڭغا ياق دىدۇق، بىراق كۈچىمىز يەتمىدى. كەچۈر ترامپ! بىز سىزنى قايتا سايلىيالمىدۇق. بىزدە سىزدە بار ئىمكان، كۈچ، ئىقتىساد يوق ئىدى. سىز شىجىنپىڭغا «لاگىر قۇرما! ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالما!» دىگىدەك كۈچىڭىز ، پۇرسىتىڭىز بار ئىدى، ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالالايتىڭىز. ئەمما ئۇنداق قىلمىدىڭىز. لېكىن بىزدە سىزنى قايتا سايلىغىدەك كۈچىمىز بولمىسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلار تىرىشچانلىق قىلدۇق. ئەمما سىز قىلمىدىڭىز. ترامپ گەرچە بىر سودىگەر بولسىمۇ، 4 يىل ئىلگىرىكى سايلام دەۋرىدە دىگەندەك، بۇ نۆۋەتلىك قايتا سايلىنىش كامپانىيەسىدىمۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي نىشانى، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، سايلام كومپانىيەسى ئېلىپ باردى. بايدىن 44 يىللىق بىر سىياسەتچى بولغىنى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك سايلام كومپانىيەسىدە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن نىمە قىلىدىغانلىقى، تاشقى سىياسىتىنى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ھىچ گەپ قىلمىدى. پەقەت ترامپنى تەنقىد قىلدى. بولۇپمۇ خىتتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى ئامېرىكىدا بولۇۋاتقان مۇقىمسىزلىق، كىشىلەرنىڭ شىكايەتلىرى، يۇقۇملىنىشنىڭ دۇنيادا كۆپەيگەندەك، ئامېرىكىدىمۇ كۆپىيىشىنى ترامپنىڭ خاتالىقى دەپ ترامپنى تەنقىدلەپ كەلدى. خىتتاي ۋىرۇسى ترامپنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرىنجىسى بولدى. قانداق بولغان بولسۇن، سايلام تۈگىدى، بايدىن قازاندى. مۇبارەك بولسۇن بايدىن، تەبرىكلەر بولسۇن بايدىن! ترامپنىڭ 4 يىللىق رەئىسى جۇمھۇرلىق دەۋرىدە قىلغان ئىشلىرىدىكى نەتىجىلىرى ۋە خاتالىقلىرى. ترامپ ئۆزى بىر سىياسىئون بولمىغىنى بىلەن ئۇنىڭ بىر سىياسىي نىشانى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدە نۇرغۇن ئىقتىدارلىق سىياسىئونلار بار ئىدى. شۇڭا ترامپ ھۆكۈمىتى دۇنيا سىياسىتىدە ۋە ئامېرىكا سىياسىي تارىخىدا توغرا ياكى خاتا بولسۇن كۆپ ئۆزگەرىشلەر ھاسىل قىلدى. 1. سۈرىيەدىن قىسمەن قوشۇنلىرىنى چېكىندۇردى. 2. قۇددۇسنى ئىسرالىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئىتراپ قىلدى. گولان ئىگىزلىكىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى قىسمىنى ئىسرالىيە تۇپرىقى دەپ ئىتراپ قىلدى. 3. ئوتتۇرا شەرىقتىكى بىر قىسىم ئاراپ دوۋلەتلىرى بىلەن ئىسرالىيەنىڭ مۇناسىۋەتىنى ياخشىلىدى. 4. ترامپ دەۋرىدە ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكىنىڭ ئىشتىراكىدا ئۇرۇش بولمىدى. 5. خىتتاينىڭ ئامېرىكىغا ۋە دۇنياغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا بىلەن خىتتاينىڭ ئارىسنى ئاچتى. ئامېرىكىنىڭ خىتتايغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوچۇق ئىپادىلىدى. خىتتاي تەھدىتىنى رۇس تەھدىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى. 6. ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلكىي ھوقۇقىنى قوغداشتا قاتتىق تۇردى. 7. خىتتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بازارلىرىغا كىرىشىنى توسىدى. خۇاۋېينى دۇنيا بويىچە چەكلەش كامپانىيەسى باشلاتتى. 8. ئامېرىكىغا بىۋاستە تەھدىت سېلىۋاتقان شىمالىي كورىيە بىلەن كېلىشىش ئۈچۈن تىرىشتى ۋە سىمالىي كورىيە زىمىنىگە دەسسىگەن ، شىمالىي كورىيە رەئىسى بىلەن كورۈشكەن تۇنجى ئامېرىكا رەئىسى بولدى. 9. خىتتاي ۋىرۇسى تارقىغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشى تۇتۇپ تۇردى. قىلالمىغان ئىشلىرى ۋە توغرا قىلمىغان يەرلىرى 1. روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشتى، ئەمما 2016- يىلىدىكى سايلامدا رۇسلار ترامپقا ياردەم قىلدى دىگەن قارىلاش تۇپەيلى، روس- ئامېرىكا مۇناسىۋەتىدە ھىچ ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالمىدى. 2. خىتتاينى سودا ئۇرۇشى ئارقىلىق يېڭىپ، ئامېرىكىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن سودا تەڭپۇڭلۇقىدا، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى، تېخنولوگىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بىر توختام قىلىشقا تىرىشتى، ئەمما ئاخىرىنى چىقىرالمىدى. 3. «ئامېرىكا مەنپەئەتى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ كونا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويدى. نەتىجىدە كونا ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. بولۇپمۇ غەرىپتىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن. 4. ناتونىڭ بەزى بىر پرىنسىپ - قائىدىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۇزگەندەك قىلىپ، ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتى ياخشى بولمىدى. 5. دۇنيا خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ياخشى ئۆتەلمىدى. خەلقارا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلىقئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىن چىقىپ كېتىپ، خىتتاينىڭ بۇ تەشكىلاتلاردىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئۇنىڭغا قارىتا باشقا بىر تەدبىر ئېلىش يوللىرىنى ئىزدەنمىدى. 6. كۆچمەن مەسىلىسىدە بەك قاتتىق پوسىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك بولمىغان خەلقلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. 7. 1 - قېتىملىق سايلام مەزگىلىدە ۋە ئاقسارايغا كىرگەن دەسلەپكى ئايلىرىدىن باشلاپ، مۇسۇلمان دۇنياسىغا ۋە لاتىنولارغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ئىسلاموفىيەنىڭ كېڭىيىشى، ئامېرىكىدا كۆچمەنلەرگە قارشى ئوڭ قانات ئاشقۇن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھەركىتىنىڭ كوپىيىشىگە مەدەتكار بولدى. 8. خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرىشىغا سۈكۈت قىلدى. خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا سولىشىغا «ماقۇل» دىدى. ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتتاينى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىدى. جىنايەتكە شېرىك بولدى. 9. ئىران كىلىشىمىدىن چىقىپ كېتىپ، ئامېرىكىنى خەلقارا كىلىشىملەرگە سادىق بولمايدىغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ قويدى. 10. سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىدىن چېكىنىپ، 50يىللىق ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەنىڭ نارازىلىق قىلىشىغا قارىماي، ئورنىغا روسلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. رۇسلار بىلەن تۈركىيەنى خوشنا قىلىپ، ناتو ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە ئۈچۈن ۋە ناتو ئۈچۈن ستراگېيىلىك بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. بايدىن 4 مىللىيون كۆپ ئاۋاز پەرقى بىلەن ترامپنى ئۇتقان بولسىمۇ، ئاق سارايغا يەرلىشىپ قالغان ترامپنىڭ ئاقسارايدىن چىققىسى يوق. ترامپ ئالىي سوتقا قەدەر ئەرز قىلىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ. 4 مىللىيون يۇقىرى بىلەتنى ئالىي سوتمۇ ئىنكار قىلماس. بايدىن ئامېرىكىنىڭ 46-رەئىسى جۇمھۇرى بولىشى مۇقىملىشىپ قالدى. ترامپنىڭ يەنە 70 كۇندىن كۆپرەك رەئىسى جۇمھۇرلۇق ھوقۇقى بار. بىز ئۇيغۇرلار رەئىسى جۇمھۇر ترامپنىڭ بۇ 70 كۈندە تۇگىتەلمىگەن ئىشلىرىنى تۈگىتىشىگە تىلەكداشمىز. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات ماماتلىقى ھەققىدە قىلغان خاتا سىياسىتى بولغان بولسا، ئۇنى تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئەمىلي ئىش قىلىش پىلانى بولسا، بۇ 70 كۈندە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بايدىننىڭ كىلەچەك 4 يىلدا دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن ئىجابىي سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشىنى كۈتىمىز. شۇنداقلا، سايلام كامپانىيەسى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان ئىجابي سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. رەئىسى جۇمھۇر بايدىننىڭ ئالدىمىزدىكى 4 يىللىق رەئىسى جۇمھۇرلۇق دەۋرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنياغا خەيىرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2020- يىلى 9- نويابىر، ۋىرجىنىيە ، ئامېرىكا
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : nmusabay@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|