«خىتتاي مالىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكەتى»نى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى

boykot

ئابدۇلقادىر كاشغەرى

ياقىندا دۇنيا ۋەزىيەتىدە ئۆزگەرىشلەر ناھايىتى تىز ۋە جىددىي بولۇۋاتىدۇ.  شەرقىي تۇركىستان كۈرەشىگە ئائىت پايدالىق پۇرسەتلەر كەينى كەينىدىن ئوتتۇراغا چىقىۋاتىدۇ. نۇرغۇن دەۋلەتلەر خىتتاينىڭ رەز ىل ئەپتى بەشىرەسىنى تونۇپ  يەتىۋاتىدۇ. دۇنيا خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەتتا بەزى داڭلىق شەخىسلەر خىتتايغا قارشى بىزنىڭ سەپىمىزدە تۇرۇپ سۆز قىلىۋاتىدۇ،  ئەمما ئاۋازىمىزنى دۇنياغا ئاڭلاتىشتىن باشقا قولىدىن ئارتۇق بىر ئىش كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلەۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھەممەمىزنىڭ دىققەتىنى تارتقان ئۇزۇن يىللاردىن  بەرى كۈتكەن "2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنى" باشقان تىرامپنىڭ تەستىقلاش سائەتلىرىگە ياقىنلىشىپ بىزنى زور خۇشاللىق ۋە ھاياجانغا سالىۋاتىدۇ.  ئۇنداقتا، بۇ قانۇن  تەستىقلانسا بىزگە قانداق پايدالىق  شارائىتلار ھازىرلانىدۇ؟ دۇنيا خەلقى بىزگە ھىسداشلىق قىلسا قانداق ياردەمى تەگىدۇ؟
ئەلۋەتتە، قانۇن تەستىقلانسا، خىتتايغا قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان نۇرغۇنلىغان جازا تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە  شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چاتىشلىق بولغان خىتتاي  ئەمەلدارلارىنىڭ مال مۈلكىنى توڭلاتىش ۋە يەنە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان خىتتاي شىركەتلەرى ۋە خەلقئارادىكى شىركەتلەرگەمۇ تىجارەت سوداسىغا  چەكلىمە  قويۇشنى  مەركەز قىلغان بىر نەچچە تۈرلۈك چارەلەر يولغا قويۇلىدۇ . ئەمما "2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنى" تەستىقلانماي ياكى تەستىقلانىشى يەنە ئارقاغا سۈرۈلۈپ كەتسەچۇ؟

 ئاللاھ ساقلىسۇن، بۈگۈن ئەرتە تەستىقلانىپ كەتكەي!

ئىككى يىلدىن بۇيانقى  ئامېرىكا  بىلەن خىتتاي ئوتتۇرىسىداكى سودا ئۇرۇشىنىمۇ پۇتۇن دىققەتىمز بىلەن  كۈزەتتۇق  ۋە ئىككى دەۋلەت ئوتتۇرسىداكى سودانىڭ بۇزۇلۇشىنى ياكى خىتتاينىڭ ماللارىغا تەخىمۇ ئاغىر باج قويۇلىشىنى كۈتتۈق.  شۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان دەۋلەتلەردىن  خىتتاي بىلەن ئالىپ بارىۋاتقان سودا ئالاقەلەرىگە چەك قويۇشىنى خىيال قىلدۇق.
يىغىپ ئايتقاندا، ھەرقايسى دەۋلەتلەردىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقالىق بولۇپمۇ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋەتىدىن پايدىلانىپ خىتتايغا بېسىم ئىشلەتىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا كۈچ چىقارىشنى  ئۈمىت قىلىپمۇ كەلدۇق.
ئەسلىدە دۇنيا سىياسەتىدە مەلۇم دەۋلەت خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزسە ياكى ئۇنى داۋاملاشتۇرسا باشقا دەۋلەتلەر يەككە ياكى بىرلەشمە شەكىلدە جىنايەتچى دەۋلەتكە قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈپ جىنايى قىلىمىشىدىن توسۇدۇ. ئىمبارگو يۈرگۈزۈپمۇ ئۇ خىل جىنايى قىلمىشتىن توسىيالمىسا ئەڭ ئاخىرقى چارە، شۇ دەۋلەتكە جەڭ ئىلان قىلىدۇ.
  دىمەك، خەلقئارا تەرتىپتىكى "ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈش چارەسى"  شۇ دەۋلەتكە جەڭ ئىلان قىلىشتىن  بۇرۇنقى ئەڭ  چوڭ قارشىلىق كۆرسىتىش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ھەممەمىز بىلىمىز.

ئەپسۇس، بۈگۈنگە قەدەر ھىچبىر دەۋلەت رەسمىي شەكىلدە  بىز ئۈچۈن خىتتايغا دىپلۇماتىك ئۇسۇل ياكى  سودا كەلىشىملىرى ئارقىلىق  كىچىك دائىرىدە بولسامۇ ئىقتىسادىي بېسىم بولىدىغان ئىمبارگو يۇرگۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمادى.  كۈچلۈك دەۋلەتلەر بولسا، پەقەت ئۆزلەرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىزنى كۆزىر قىلىپ خىتتايدىن كۆپرەك نەپ ئالىشنىڭ كويىدا بولۇشقا تىرىشسا، ئاجىز دەۋلەتلەر خىتتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىي كۈچىدىن قورقۇپ سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇشنى تاللادى. ھەتتا ۋىجدانسىزلارچە خىتتاينىڭ تەرەپىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇنداق ھەققانىيەتكە كۆز يۇمۇپ زالىمنىڭ تەرەپىدىن ئورۇن ئالىش، زۇلۇمنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سالىشتەك ۋىجدانسىزلىققا تەسلىم بولۇشنىڭ  ئاددىي سەۋەبلەرىدىن بىرى بولسا، خىتتاينىڭ  يىللاردىن بەرى خەلقارا سودا ساھەسىدە ئەرزان لاكىن سۈپەتسىز تۈرلۈك مەھسۇلاتلارى بىلەن بارلىق دەۋلەتلەرنى دەگۈدەك ئۆزىگە  باقىندۇرىۋالغانلىقىدىن ئىدى.  بۇ سەۋەپتىن ھەتتا ھەممىدىن كۈچلۈك سانىلىدىغان ئامېرىكا دەۋلەتىمۇ  بۇ قاتىمقى خىتتاي ۋىرۇسغا قارشى تەدبىر ئالىشتا بارلىق تىببىي ئەسلىھەلەردە خىتتايغا باقىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش ۋە ئالدىنى ئالىش ئەسلىھەلىرىگە ۋاختىدا ئەرىشەلمەي خىتتاي ۋىرۇسى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان دەۋلەتلەر ئىچىدە  بىرىنجى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

بۇنداق بىر ۋەزىيەتنى پۇرسەت بىلگەن ھىيلىگەر خىتتاي، نۇرغۇنلىغان دەۋلەتلەرگە ۋىرۇسقا قارشى تىببى ئەسلىھەلەرنى سۈپەتسىز بولۇشىغا قارىماي قىممەت باھادا ساتىپ بەرىپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە يۈز مىليارت دوللارلىق  كىرىمگە ئىگە بولىۋالدى.
دىمەك خىتتاي، بۈگۈنگە قەدەر ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرى ئارقالىق  ھەرقايسى دەۋلەتلەرگە سىڭىپ كىرىپ ئىستىمال ساھەسىنى ئىگەللىگەن بولسا، ئەرىشكەن ئىقتىسادىي پايدالارى ئارقالىق نامرات دەۋلەتلەرگە قەرىز  ياردەم بەرىش ۋە مەبلەغ سالىش ئۇسۇللارى  بىلەن   مۇتلەق كۆپ سانداكى دەۋلەتلەرنىڭ خەلقارادىكى قوللاشىنى قولغا كەلتۇرۇرۇپ دۇنيانىڭ كۆزىگە قاراتىپ تۇرۇپ ۋەتەنىمىزدە ئىنسان قالىپىدىن چىققان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىمالال ئالىپ بارماقتا. شۇنداق بولىشىغا قارىماي  ھىچ بىر دەۋلەت خىتتايغا قارشى زۇلۇمنى توختات دەپ رەسمىي شەكىلدە دىپلوماتىك بايانات بەرەلمىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرنەچچە كۈچلۈك دەۋلەتلەر« ئاغىزىدا» زۇلۇمنى توختات! دەگەن بولسامۇ خىتتاي بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي تەخىمۇ ھەددىدىن ئاشماقتا.  ئەلۋەتتە خىتتاي نەچچە يىللاردىن بۇيان خەلقارا قارشىلىق بىلدۈرەلمەيدىغان  مۇشۇنداق  بىر ۋەزىيەتنى مەيدانغا كەلتۇرۈۋالغان ئىدى. تىپىك مىسالى بۈگۈنكى كۈنلەردە گىرمانىيە، ئەنگىلىيەدەك خەلى كۈچلۈك دەۋلەتلەر خىتتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى تەخىمۇ ئىلگەرى سۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بەرمەكتە.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەلۇم مەنادىن ئايتقاندا  خىتتاي ئىقتىسادىي كۈچ ۋە خەلقئاراغا كۆپلەپ  مەھسۇلات ئىكىسپورت قىلىش شەكلى بىلەن دۇنيانى كونتۇرۇل قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەن ئىدى. خىتتاينىڭ بۇ قەدەر زوراۋانلىق قىلالىشىغا ۋە دۇنيانىڭ بەش چوڭ سىياسىي كۈچنىڭ بىرسى بولالىشىغا سەۋەپ بولغان  ئامىللاردىن بىرى خىتتاينىڭ كۆپ خىللاشقان ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتى، ئىقتىسادى كۈچى ۋە ھىيلە نەيرەڭ بىلەن تولغان رەزىل سىياسەتلەرى ئىدى. ئۇنداقتا، نۆۋەتتىكى  پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بىزگە بولغان  ھىسداشلىقىدىن  پايدالانىپ خىتتايغا قارشى "خىتتاي مالىنى بايقۇت قىلىش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش ھەرىكەتى"  قۇزغاش خىتتاينىڭ ئىقتىسادىنى چەكىندۈرۈشتە دۇنيانىڭ خىتتايغا بولغان باقىندىچىلىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ خىتتاينى سىياسىي سەھنەدە ئاجىزلاشتۇرۇپ مىللىي كۈرەشىمىزگە پايدالىق پۇرسەتلەرنى ئالىپ كەلىشتە بەلگەلىك رول ئوينايدۇ دەپ ئايتالايمىز ئەلۋەتتە.

چۈنكى، سىياسىي ئىقتىساد دەرسىدە ئەسىمدە قالغان  مۇنۇ ئۈچ جۈملە سۆز يۇقارقىلارغا نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيەت جەھەتتىن مۇتلەق بولمىسىمۇ قىسمەن  ئاساس بولالايدۇ دەپ قارايمەن: " (1)  ئىقتىساد سىياسىينى بەلگىلەيدۇ. (2) سىياسىي، ئىقتىساد ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. (3) سىياسىي بىلەن ئىقتىساد بىر بىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ مۇناسىۋەتتە تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ". قارايدىغان بولساقمۇ، ئامېرىكا ۋە خىتتايدىن ئىبارەت بىرنەچچەلەگەن دەرەجىدىن تاشقارى ئىقتىسادىي كۈچلەر دۇنيا سىياسەتىنى بەلگىلەپ كەلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرى تۈزۈشكەن "سىياسەت"لەرى ئارقالىق ئۆزىنىڭ خەلقئارداكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي ئورنىنى تەخىمۇ مۇستەھكەملەشكە ئۈرۈنۈۋاتىدۇ. خىتتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يۈزەكى قاراپ باقىدىغان بولساق، خىتتاينىڭ يىللىق  ئومۇمى كىرىمى 13 تىرىليون ئامېرىكا دوللارى ئەتراپىدا، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەلدىن كەلىدىغان ئىكىسپورت كىرىمى ئاز كەم 4  ترىلىيون  دوللار. ئۇندىن باشقا، خىتتاينىڭ يىللىق ھەربى مۇداپىئە قورال ياراق ۋە ئەسكەر خىراجەت چىقىمى 175 مىليارت دوللار ئەتراپىدا بولۇپ  خىتتاينىڭ  يىللىق تاشقى سودا ئومۇمى كىرىمى  يىللىق ھەربىي خىراجىتىدىن 24 ھەسسە ئارتۇق دىگەن گەپ. بىز خىتتاي مالىنى بايقۇت قىلىش ھەركەتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق  ھىچ بولمىسا، خىتتاينىڭ ئاز كەم 4 تىرىليون دوللارلىق تاشقىي سودا ئىقتىسادى مەنبەسىنىڭ  يارىمىنى ئازايتالىساق، يۇقارىداكى ئەسكەرىي چىقىمىنىڭ 12 ھەسسىگە باراۋەر كەلىدىغان ئىقتىسادىغا زەربە بەرگەن بولالايمىز .
بىز مۇھاجىرەتتە تۇرۇپ خىتتايغا ماددى ۋە باشقا جەھەتتىن قارشىلىق كۆرسەتىپ خىتتاينى ئاجىزلاتىش  ئىمكانىيەتىمىز يوق ياكى يوق دەيەرلىك.
نۆۋەتتە، "خىتتاي مالىنى بايقۇت قىلىش  ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش ھەرىكەتى"  ئارقالىق  چەتئەل پۇقرالارىنىڭ خىتتاي مەھسۇلاتلارىنى ئالىپ ساتىشتىن ئىمكان دائىرەسىدە تۇسىيالىساق، تۇرمۇش ئىستىمالىدىن  يىراقلاشتۇرالىساق  خىتتاينىڭ تاشقىي سودا تىجارەتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ  خەلقارئاراداكى دەۋلەتلەرنىڭ خىتتايغا بولغان باقىندالىقىنى ئازايتالايمىز . بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ۋەتەننى پۈتۈنلەي يۈتۈۋېلىشنى نىشان قىلغان خىتتاينىڭ "بىر بەلۋاغ بىر يول" پىلانىنى بىت چىت قىلىدىغان سىتىراتىگىيەلىك بىر  ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى، بۇنى قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىمكانىيەتىمىزنىڭ بارلىقىنى ئانىق تونۇپ يەتىشىمىز كەرەك دەپ ئويلايمەن.

بىز مۇستەقىللىق كۈرەشلەرىمىزدە، ئەلۋەتتە كۈچلۈك دەۋلەتلەرنىڭ ياردەمى ۋە قوللاشىدىن ئايرىلىپ قالالمايمىز. ئەمما بارلىق  ئۈمىدىمىزنى تاشقى دۇنياغا باغلىۋالساق بولمايدۇ، مۇستەقىللىق ھەركەتىمىزدە ئاساسلىق، موھىم، ئاغىر  ۋەزىپەلەرنى ئۆزىمىز ئۈستىمىزگە ئالىشىمىز ۋە ئىمكان دائىرەسىدە ئۆزىمىز ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. بىز ۋاختى كەلگەندە، خەلقئارانىڭ بولۇپمۇ كۈچلۈك دەۋلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلەرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانىپ كەتىشىمىز مۈمكىن. ئاللاھ ساقلاسۇن! ئەمما تارىخ بۇنى ئىسپاتلادى تارىختىن ساۋاق ئالماساق بولمايدۇ. چۈنكى، دەۋلەتلەر يۇقارىدا دەپ ئۆتكەندەك، ئىقتىساد ۋە سىياسەت بىلەن ئۆزىنىڭ  مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ، سىياسەتتە ئەزەلدىن  ھسسىيات بولمايدۇ، ئەكسىچە ھىسسىياتقا بەرىلسە، مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇنى ھەممەمىز بىلىمىز.  شۇڭلاشقا، ھەرقانداق بىر  دەۋلەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ سىياسەت قوللانىدۇ.  ئەمما، ئىنسانىيەتنىڭ (ئاۋام پۇقراسىنىڭ) تەبىئەتىدە ھىسسىيات ۋە ھىسداشلىقتىن ئىبارەت ئىختىيارلىققا ئىگە بولغان  ئاڭ  ۋە ئۇقۇم بولادۇ.

دەل بۈگۈنكىدەك  ۋىرۇس سەۋەبىدىن  خىتتاينىڭ پۈتكۈل  ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنىگە ئايلانغان، رەزىللىكى، شۇملۇقى پۇتۇن دۇنيا خەلقىگە پاش بولۇۋاتقان، ھەرقايسى دەۋلەتلەردىكى  كۆپ ساندىكى خەلق ئامماسىنىڭ خىتتايغا قارشى غەزەپ نەپرەتى قوزغالغان ۋە بىزگە ھىسداشلىق قىلىۋاتقان مانا مۇشۇنداق تارىخىي پەيتلەردە، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق قارىنداشلار يەككە ھالدا ياكى ھەرقايسى پارتىيە تەشكىلات رەھبەرلەرى سىياسىي پائالىيەتچى ئاكتىۋىستلارنىڭ يەتەكلەشلەرى بىلەن نورمال  ئالىپ بارىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان داۋا پائالىيەتلىرىمىزگە يانداش ھالدا  ئومۇمى يۈزلۈك "خىتتاي مالىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكەتى" نى قوزغاپ بۇ ھەرىكەتنى ھەربىر پائالىيەتلەرىمىزگە  سىڭدۈرگەن ۋاختىمىزدا، بۇ ھەرىكەتنى تىزدىن خەلقائارالاشتۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرەشىدە خىتتايغا    خەلى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي زەربە بەرگەلى ھەم داۋام قىلىۋاتقان داۋالارىمىزنىڭ خەلقئاراداكى سىياسىي بېسىملىرىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىغان  قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەلى بولادۇ دەپ قارايمەن. بۇ ۋەجىدىن قارىنداشلارىمىزنى بۇ ھەقتە ئويلانىپ باقىشىنى، ئەگەر ئىلمى ئاساسى بار دەپ قارالسا، جىددىي بىر تەييارلىققا ئۆتۈلۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەگەر بۇ خۇسۇستا، ئىزچىل سىستىمالىق پائالىيەت ئالىپ بارىشقا ئىرادىسى بار قارىنداشلار بار بۇلسا، مەن بۇ ھەرىكەتتە "شاھمات تاختاسىداكى پىچكا" بولۇشنى خالايمەن !

تەكرار ئەسكەرتىش: بۇ يازمامدا "خىتتاي مالىنى بايقۇت قىلىش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش ھەرىكەتى" ئالىپ بارىشنى قانداقتۇر ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئالىپ بارىلىۋاتقان پائالىيەتلەرىمىزگە پاراللىل ھالدا  ئىمكان دائىرەمىز ئىچىدە  ماسلاشتۇرۇپ ئالىپ بارىش  تەشەببۇس قىلىنىدۇ. 

2020-يىلى 31-ماي ئىستانبول

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: hemkar.biz@gmail.com

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.