
|
ئۇنتۇلغان قەھرىمانلىق
ئەنۋەر نۇرۇم
بۇرۇن ئويلايتىم، پەقەت كاللىمىزىدىكى خىتتاي ھىكايىلىرىنى چىقىرىپ تاشلىساق، شۇئارلارنى ئەخلەتكە ئاتساق ئۆزىمىزگە قايتىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز دەپ. ئەمما، ئاستا-ئاستا ھىس قىلىشقا باشلىدىمكى، بىزدىكى زەھەرلىنىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، خىتتاي ئىدىيەلىرىنىڭ بىزگە سىڭدۈرۈلۈشىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزدە بولغان مىللىي روھنىڭ توغرا چۈشۈنۈلمەسلىكى ۋە ياكى چۈشەندۈرۈلمەسلىكىدىن تەپەككۇر يولىمىزغا ئۇيغۇر كىيمىنى كىيگەن خىتتاي دەججاللىرىنىڭ قويغان تۇزاقلىرىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. تۆۋەندە ئۆزىمىزنىڭ دەپ قارالغان، لىكىن خاتا چۈشەندۈرۈلگەن ۋە بىز چۈشۈنۈشتىن مەھرۇم قالغان بىر قانچە ئۆرنەكنى ئىسپات شەكىلىدە بىرىمەن. ئەلۋەتتە، باشقا كۆز -قاراشلارنىڭ بولۇشىمۇ نورمال. قەھرىمانلىق ھىكايىلىرىدىن «چىن تۆمۈر باتۇر ھىكايىسى» بالىلىق ھاياتىمىزدا خىيال كۈچلىرىمىزگە قانات بولغان، بىزگە باتۇرلۇقنى ئۈگەتكەن بىر قىسسە. چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىلەن يەتتە كېچە- كۈندۈز سوقۇشۇپ، ئاخىرى يالماۋۇزنى يېڭىپ، سىڭلىسى مەختۇمسۇللانى قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقى تىللاردا داستان بولۇپ، ھەر ئويلىغىنىمىزدا قەلىبلىرىمىزنى ھاياجانغا سالاتتى. بىراق، بىلگىنىىمىزدەك ھىكايە بۇ يەردە تۈگىمىدى. مەختۇمسۇللانى موڭغۇل شاھى بۇلاپ كەتتى ۋە چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسىنىڭ دەردىدە يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالدى. مەختۇمسۇللا بالىلىرىنىڭ مىھرىدىن كېچىپ ئاكىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. دەرسلىك كىتابلىرىمىز چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەھرىمانلىقىنى ۋە يالماۋۇزنىڭ ۋەھشىلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ھەققىي قەھرىمان مەختۇمسۇللا يانداش شەخىس بولۇپ سۈپەتلىنىپ، ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى خالاس. كېلەيلى مەختۇمسۇللاغا، گەرچە يانداش پىرسۇناژ سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان بولسىمۇ، قىسسەنىڭ ھەققىي قەھرىمانى مەختۇمسۇللا بولۇشى كېرەك ئىدى. مەختۇمسۇللا جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن يالماۋۇزنىڭ قارشىسىدا ئۆزىنى قوغدىيالمىدى. ئەمما ئۇ ۋەتىنى ئۈچۈن ئىككى بالىسىنىڭ دەريادا غەرق بولۇشىغا بەرداشلىق بەردى ۋە موڭغۇل خان ئوردۇسىدىكى راھەت-پاراغەتنى ۋەتەندىكى چۇپانلىق ھاياتىغا تەڭ قىلمىدى. ئۇنىڭ كېچەلمىگىنى يالغۇز ئاكىسىلا ئەمەس ئىدى. بالا ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى ئىدى، لىكىن ئۇ ۋەتەن مېھىرىنى بالا مېھىرىدىنمۇ، ئاكا مېھىرىدىنمۇ ئۈستۈن قويالىدى. ۋەتىنىگە قايتىش ئۈچۈن بالىلىرىنىڭ دەريادا غەرق بولۇشىغا بەرداشلىق بەردى. سۇئا ل: نىمە ئۈچۈن دەرسلىك كىتابىمىزدا بۇ ۋەقەلىك ئۇ قەدەر ھاياجان قوزغىيالمىدى؟ مەدھىيەنىڭ ھەممىسى چىن تۆمۈر باتۇرغا قارىتىلدى؟ مەسىلە ھەم بۇ يەردىن چىقتى. ئەجدادلىرىمىزدىكى ۋەتىنى ئۈچۈن پەرزەنتىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان روھ ئەۋلادلارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلانغاندەك قىلىنسىمۇ، سىناقلاردا بۇ سۇئال سۇرالمىدى. ۋەتەن ئۈچۈن جان-جىگەرلىرىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئۇيغۇر قېنىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىلىنمىسۇن دېگەندۇ، بەلكىم. بىرى سىڭلىسى ئۈچۈن قايغۇرۇپ قارىغۇ بولۇپ قالغان چىن تۆمۈر باتۇر، يەنە بىرى بولسا ۋەتەن ئۈچۈن بالىلىرىدىن ۋاز كەچكەن مەختۇمسىللا! بىزدە ئوغلىنىڭ ئاشىق ۋىسالىغا يېتىشى ئۈچۈن يۈركىنى بەرگەن، ۋە يەنە ئوغلىنى ۋەتىنىگە دۈشمەننى باشلاپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن چېپىپ تاشلىغان ئۇلۇغ ئانا بولدى. ئىسيانكار نۇزۇگۇم بولدى. يەتتە قىزلىرىم بولدى. شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل بولدى. ئەمما بۇ جاسارەت ساھىبى خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ئاخىرى كۆمۈلۈپ قالدى. تىللاردا داستان بولۇشقا داۋام قىلالمىدى. بىز ئۈچۈن ئانىلار، خانىم-قىزلار بارا-بارا «مىھرىبان ئانا» لارغا ئايلانغان ئىدى. بۇ يەردىكى «مىھرىبانلىق» مۇ بۇسۇغىدىن سىرتقا ئاتلىمايدىغان، بالىلىرى ئۈچۈن جېنىنى بىرىدىغان، بىر ئۆمۈر بالام، بالام دەيدىغان ئانىلار بولدى. پەرزەنت سۆيگۈسى ۋەتەن سۆيگۈسىنى بېسپ كەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ خىتتاي ئىشغالىدىن كىيىن، ئانىلاردىكى ۋەتەن سۆيگۈسى كۈيلەنمەيدىغان بولدى. تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا ۋەتەن بىز ئۈچۈن تۆت تامنىڭ ئىچى بولۇپ قالغان ئىدى. قان بەرگەن، جان بەرگەن ئوغلانلار بولدىيۇ، بۇ ئوغلانلارنى يېتىشتۈرگەن ئانىلار تىگىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمىدى. «جىم ئولتۇرسا بولمامدۇ» نىڭ قۇربانلىرى بولدى. بۇ بىر مەنپىي ئايلىنىشقا سەۋەپ بولدى. «جىم ئولتۇر» نىڭ مەھسۇلى بولغان ئەۋلادلار تېخىمۇ جىم ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ دەرىجىگە كەلدىكى، ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن ۋەتەن بولغان تۆت تامنىڭ ئىچىمۇ، ئۇخىلايدىغان كارۋاتقا قەدەر ئىشغالغا چۈشتى. ئايال، ئايالغۇچى دەپ سۈپەتلىنىش ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇقەددەس بولغاچقا ئايىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ مۇقەددەسلىكمۇ ئۇنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن قان تۆكەلەيدىغان، جان بىرەلەيدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشىدە ئىدى. ھەر جەڭگاھقا يول ئالغان يىگىتنىڭ بىر ئانىسى بار. بۇ بەلكى بىر تۈرك بولسۇن، بىر ئىنگلىز بولسۇن، فرانسۇز بولسۇن… ۋەتىنى مۇنقەرز بولغان بىز ئۈچۈن، ئانىلار ۋە ئاياللارنىڭ رولى تولىمۇ مۇھىم بولدى. بىز ئۈچۈن جەڭگاھ فىزىكىي ئۇرۇش مەيدانى ئەمەس، بەلكى قايتا ئويغۇنۇش بولدى. ئەگەر سىز يولدېشىڭىزنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ بىر سائەت كىتاپ ئوقۇتالمىسىڭىز، پەرزەنتىگىزگە ھەم ئوخىشاش تەلەپنى قويالمىسىڭىز ئىككىنجى قېتىملىق يوقۇلۇش بىز ئۈچۈن ئۇزاق ئەمەس . يەنە بىر ھىكايە بولسا «ئۈجمە سايىسى»، ئەقىل- پاراسەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئەپچىلەم ئوبرازىنىمۇ قايتىدىن ئويلۇنۇپ چىقىش تولىمۇ زۆرۈر. سەلبىي ئوبراز سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن باي بىگىم بولسا يۇرتنىڭ تۈۋرۈكى ئىدى. ئۇنىڭ قوغدىغىنى ئۈجمە سايىسى ئەمەس، بەلكى ھويلا-ئارامدىكى ئايال -قىزلىرى ئىدى. باي ئايالىنى، قىزلىرىنى قىزغىناتتى. ئۇيغۇر كۈلتۈرىدە ھەم ھىچقانداق بىر ئەر باشقا ئەرلەرنىڭ ئىشك ئالدىغا توپلۇشۇپ سورۇن قىلىشىنى ياقتۇرمايتتى. چۈنكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ نۇمۇسى ئىدى. ئەپچىلەم بولسا بۇ نۇمۇسسۇزلۇقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدى ۋە باي بىگىمنى يۇرتتىن قوغلاپ چىقاردى. مەھەللە بايدىن، يۇرت بېشىدىن ئايرىلدى. ھىكايىدىن چىقىرىلغان سىناقلاردا تەلەپ قىلىنغان ئۆلچەملىك جاۋاپ ھەم باينى ئەيپلەش، ئەپچىلەمنى ماخىتاش بولدى. ماركىسىمنىڭ باي- كەمبەغەللىك سىنپ ئايرىمىسى بىزنىڭ ھىكايىلىرىمىزدىمۇ يىرىنى ئالغان ئىدى. بايلارنى يامان كۆرۈش، بۇلاپ-تالاش، يۇرتتىن قوغلاپ چىقىرىش پەخىرلىنىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ قالدى. باي، بىر يۇرتنىڭ ئاتىسى ۋە شەرىپى ئىدى. چۈنكى باي كېرەك بولسا يۇرتقا ئاش بىرىپ، دەردكە دەرمان بۇلاتتى. كېرەك بولسا ياۋغا ئات سېلىپ ۋەتەن قۇغدايتى. ۋەتىنى ئۇلار ئۈچۈن بايلىق ئىدى. بۇلارنىڭ مىسالى مۇسابايمۇ ھەم ئائىلىسىنى ئېلىپ يۇرتنى تاشلاپ كۆچۈپ كىتىش ئىمكانى بار ئىكەنۇ زاۋۇتنى، مائارپىنى، يېڭىلىقىنى مىڭلارچە كلومىتىر ئۇزاقلىقتىكى ياۋرۇپادىن تەڭىرتاغقا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. قاچان خىتتاي ئىشغالىيتىگە چۈشتۇق ئىشلار بۇزۇلۇشقا باشلىدى. بايلار تالان تارجنىڭ ئۇبكتى بولۇپ قالدى. پىرولتارياتتىن «كۈچ» ئالغان جانباقتى نادانلار راستىنلا باي غۇجامغا مۇش ئاتالايدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ قالدى. بايلارغا «ۋەتەنپەرۋەر» ئۇنۋانى بىرلىمەيدىغان بولدى. «مىللەتپەرۋەر»، «ۋەتەنپەرۋەر» بايلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇلمىدى. «سېخى» بولسا بۇلاتتى. كۆۋرۈك، مەكتەپ سالسا بۇلاتتى. قاتتىق نازارەت ۋە بېسىم ئاستىدا يېڭى «بايلار» ئوتتۇرغا چىقتى. ئۇلار ئۈچۈن يۈز-ئابروي جاندىن ئەلا ئىدىيۇ شانۇ-شەۋكەتكە ئىنتىلمەيتى. مىليون خەجلەپ ساراي سالاتتىيۇ، تىيىن چىقىرىپ ۋەتەن قۇرمايتى. يۇرت، ۋەتەن سۆيگۈسى ئېنىق ئەمەس ئىدى. ئېنىق بولغانلار ئۈچۈنمۇ پىرولتارىياتنىڭ تۆمۈر مۇشتى ياكى زامانىمىزنىڭ «ئەپچىلەم» لىرى ھەر زامان تەييار ئىدى. كۆپۈنچىمىز خىتتايدىن ئايرىلىپ باشقا يەرلەردە ياشاۋاتقاندەك قىلساقمۇ، بالىلىقىمىزدىن تارتىپ ئاۋال كىتابقا، ئاندىن روھىمىزغا سىڭدۈرۋىتىلگەن تاجاۋۇزچىنىڭ كىشەنلىرى بىزنى ئۆزمىزنى تونۇشتىن ئۇزاق قىلماقتا. بىز كىم ۋە ياكى مەن كىم؟ مەنمۇ ئىنسانغۇ! ھۆرلۈك ماڭىمۇ ھەققۇ! يەنە مىليونلىغان تېڭىرقاش ۋە سۇئال… زامان ئويلۇنۇش ھەم ئويغۇنۇش زامانى بولدى .
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : canbazbiz218@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. 2022- 05- 12- كۈنى |
|