
|
ئامېرىكا – تۇركىيە - خىتتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئوتتۇرىدا خارلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلار
تەڭرىتاغ كۆشەسى تەھرىرات ئىلاۋەسى: كۆشەمىز شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارنىڭ بىلگۈ مەلۇماتىنى, مۇئەييەن تەجىرىبە ساۋاقلار ئاساسىداكى پەرىقلىق كۆزقاراشلارىنى ئىپادە قىلىشىغا سورۇن تەييارلاغاندۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىرلە سابىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايى باش كاتىبى نۇرمەمەت مۇساباينىڭ تۆۋەندەكى يازماسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ئۇشبۇ يازماداكى كۆزقاراشلار، تىل ئۇسلۇبى ۋە ئىملا قائىدەسى كۆشەمىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. مەسئۇلىيەت تامامەن يازارغا ئائىتتۇر.
2020-يىللىق بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا نۇرغۇن دۆۋلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىدىن ئۇيغۇرلار ئامېرىكا، تۇركىيە ، خىتتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ئامېرىكا پرېزېدېنتى دونالد ترۇمپنىڭ سۆزلىرىدىن مەمنۇن بولدى، تۇركىيە پرېزېدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىدىن خاپا بولدى، خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىگە لەنەت ئوقۇدى. گەرچە پرېزېدېنت دونال ترۇمپ سۆزىدە بىز ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىتتايغا قارىتا قوللانغان قاتتىق ئىبارىلىك سۆزلىرىدىن بىز ئۇيغۇرلار ھوزۇرلاندۇق، خوش بولدۇق. ئەمما رەجەپ تايىپ ئەردوغان دۇنيادىكى پۇتۇن مەزلۇملارنى تىلغا ئەلىپ، بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۇچۇن، ياكى ئەتەي ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۇچۇن، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بەك مەيۇسلەندى، خاپا بولدى. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلار ئەردوغاننى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۇمىتىنى تەنقىد قىلدى، ۋە پات-پات تەندقىدلەپ تۇرىۋاتىدۇ. ******* مۇشۇ كېيىنكى ئىككى يىلدا ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ۋە پارلامېنتىدە ئۇيغۇرلارنى قوغداش ھەققىدە خېلى ياخشى ئىشلار بولدى. ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى چىقتى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنىمۇ چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىككى ئۇيغۇر ئاقساراي ۋە پارلامەنتقا ئىشقا كىردى. بۇلار ئۇيغۇرلارنى سۆيۇندۇردى، ئۇمۇتلەندۇردى. ئەمما تۇركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن قانقەرىنداش ، دىنقەرىنداش ، تىلداش تۇرۇپ، ئەردوغاننىڭ بىزنىڭ ئىسمىمىزنى ئۇنتۇپ قالغىنىغا ، ئۇيغۇرلار بەك ئەپسۇسلاندى. ئۇيغۇرلارنى قوغداش ھەققىدە ئامېرىكىدەك ئاكتىپ بولمىدى، ھىچ ئىش قىلمىدى دەپ، كۆپ ساندىكى، بولۇپمۇ غەرىپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۇركىيەنىڭ بۇگۇنكى ئىش بېشىدىكى ھۆكۇمىتىنى ھەر تۇرلىك ئۇسۇللار بىلەن تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بىر ئاتا سۆز بار: « ئارمان بار يەردە، دەرمان يوق، سۇيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق». تۇركلەرنىڭ تۇرانچىلىق غايىسىگە ئاساسەن، شەرقىي تۇركىستان تۇرك يۇرتىدۇر، ئۇيغۇرلار بولسا ئۇلارنىڭ قان قەرىندىشىمىزدۇر، بۇ ئەقىدىگە ئاساسەن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش كېرەك دەيدىغان ئارزۇ – ئارمانلىرى، پىلانلىرى بار، ئەمما دەرمانى يوق. ھال –ئەھۋالى، كۇچى بۇنىڭغا يەتمەيۋاتىدۇ. تۇركلەر ئاناتولىغا كىرگەن 1000 يىلدىن بېرى، ئاتا يۇرتلىرىدا قالغان شەرقتىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئازلاپ، ئىزچىل تۇردە غەرىبكە قاراپ ئىلگىرلەپ، سەلجۇقلار، ئوسمانلى ئىمپراتورلىقلىرىنى قۇردى. ياۋرۇپانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا 500-600 يىل ھۆكۇمرانلىق قىلدى. شىمالدىكى ياۋرۇپالىقلارنىڭ يۇرگىنى مۇجىدى. ياۋرۇپالىقلار ئافرىقىلىق قارىلارنى تۇتۇپ، ئامېرىكا قىتەسىدە قۇل قىلىپ سېتىۋاتقان زامانلاردا، تۇركلەر ياۋرۇپالىق بەزى بىر خەلىقلەرنى سورىدى. ياۋرۇپانىڭ جەنۇبى قىسمى بىر مەزگىل تۇرۇكلەرنىڭ ھاكىميىتىدە تۇرىشى بىلەن، ياۋرۇپاغا ئىسلام كىردى، كېڭەيدى. ياۋرۇپۇپالىقلار بىلەن تۇركلەر ئوسمانلى دەۋرىدە كۆپ ئۇرۇشتى. 1-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە ، ياۋرۇپالىقلار ئوسمانلىغا قارشى بىرلەشمە ھۇجۇم قوزغاپ، ئاخىرى ئوسمانلىنى يوق قىلدى، ئىسلام خەلىپىلىكىنىمۇ يوق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دۇنياسى دىگۇدەك بىر يەرمۇ قالمىدى. شۇندىن ئېتىبارەن تۇركىيە ھەر زامان غەرىبنىڭ كۇزىتىش رادارى ئاستىدا قالدى. تۇركىيەنى ھەربىي جەھەتتىن، سانائەت جەھەتتىن، ئىقتىساد جەھەتتىن كونترول قىلىپ كەلدى. ياۋرۇپالىقلار تۇركلەرنى ھەر زامان ئۆزلىرىگە بىر تەھدىت دەپ قاراپ كەلدى. بۇ جەھەتتىن، ياۋرۇپالىقلار تۇركلەرنىڭ ئەسكىرى، سانائەت، ئىقتىساد قاتارلىق بۇ ئۇچ جەھەتتىن روناق تېپىشىنى ھىچ خالىمىدى. تۇركلەرمۇ بېلىنى قويىۋەتمىدى. ئۆتكەن 70 يىلدا ھەر تۇرلىك سىسياسىي پارتىيەلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىشقا، غەرىب دۆۋلەتلىرىدەك سانائەتتە، ئىقتىساددا تەرەققى قىلىشقا تىرىشتى، ئەمما نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ئۆزگۇرۇشلەر نەتىجىسىدە ، ئىش بېشىدىكى پارتىيىەلەر تاقالدى. رەھبەرلىرى تۇرمىلەرگە تاشلاندى. ئۆلتۇرۇلدى. تۇركلەر ئانچە ئىلگىرى باسالمىدى. ئاخىرى ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى غەلىبىلىك ھالدا تۇركىيەنى ئەسكىرىي، سانائەت، ئىقساد جەھەتتىن مۇئەييەن دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇردى. تۇركىيەنى ئوتتۇرا شەرىقنىڭ رايون خارەكتىرلىك كۇچلىك دۆۋلىتى قىلدى. سانائەتتىمۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان بىر سانائەت دۆۋلىتى ھالىغا ئەكەلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە G -20 دۆۋلەتلەر ئىچىدە 16-ئورۇنغا ئەكەلدى. لېكىن تۇركىيە تېخى دۇنياۋى دۆۋلەت بولالمىدى. تۇركلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتە قايتا كۆكلىگەن چىناردەك كۆتۇرۇلۇپ چىقىشى غەرىب ئەللىرىنى تارىختىكىدەك بىئارام قىلدى. تۇركىيەنىڭ ئىچىدە مۇقىمسىزلىق ھالەتلەر پات-پات پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان بولدى. تۇركىيەنىڭ شەرقى خوشنىسى ئىراق، جەنۇب خوشنىسى سۇرىيەدە ئوننەچچە يىلنىڭ بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشلار تۇركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىۋاتىدۇ. تۇركىيە بۇ ئىككى دۆۋلەتتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا مەجبۇرىي قېتىلىپ قالدى. تۇركلەر بۇ ئىككى دۆۋلەتتە تۇركىيەگە قارشى دىگەن كۇچلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. تۇركلەرنىڭ 500-600 يىل ياۋرۇپانىڭ جەنۇبىغا ھۆكۇمدار بولىشى، غەرىب دۆۋلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ، ئوسمانلىنى يوق قىلىشى . تۇركلەر بىلەن غەرىبللىكلەرنى ھىچ بىر زامان بىر بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ھالغا ئەكىلىپ قويدى. ھەر زامان بىر بىرىدىن گۇمان قىلىپ كەلدى. تۇركلەرنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىنى غەرىبلىكلەر ئۆزلىرىگە نىسبەتەن تەھدىت دەپ قاراپ كەلدى، تۇركلەرمۇ تۇركىيەنىڭ ئىچىدىكى مۇقىمسىزلىقنى، ئىراق، سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشلارنى غەرىبنىڭ تۇركىيەگە قارشى ئويۇنى دەپ قاراپ كەلمەكتە. غەرىب دۇنياسى ھىچ بىر زامان باشقا بىر دۆۋلەتنىڭ، بولۇپمۇ شەرق دۆۋلەتلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ باقمىدى. غەرىب دۇنياسى پەقەت ھەربىي جەھەتتىن رۇسسىيەنى تەھدىت دەپ قارايدۇ، ئىدولوگىيە جەھەتتىن ، تۇرك—ئىسلامنى تەھدىت دەپ قارايدۇ. ئىسلام ياۋرۇپاغا تۇركلەر ئارقىلىق كېڭەيگەن. غەرىبلىكلەر بۇگۇنكى كۇندىكى غەرىب دۇنياسىدىكى ئىسلامنىڭ كۇچلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىمۇ يەنە تۇركلەر بار دەيدۇ. غەرىبتىكى ئىسلامغا قارشى كۆتىرىلگەن “ئىسلاموفوبىيە” ھەركىتىنى تۇركلەر بىر تەرەپتىن تۇركلەرگە قارشى ھەركەت دەپمۇ قارايدۇ. غەرىب ئەللىرىدىكى “ئىسلاموفوبىيە “ نىڭ كۇچلىنىشى، بۇنىڭغا ماس ھالدا غەرىب ئەللىرى بىلەن تۇركىيە ھۆكۇمىتىنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىلدىن –يىلغا يامانلىشى تۇركلەرنىڭ بۇ قىياسلىرىنى ياكى كۆز قاراشلىرىنى توغرىلىماقتا. دىمەك، غەرىبنىڭ كۆزىدە بىردىن بىر تەھدىت تۇركلەر ، ئىسلامنىڭ ياۋرۇپادا كېڭىيىشى ۋە رۇسلارنىڭ ھەربىي تەھدىتى بار. ئۇلار ئۇزاق شەرىقتىكى خىتتاينى ھىچ بىر زامان ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىمىدى، ھازىرمۇ شۇنداق. شۇ تۇپەيلىدىن خىتتايدىكى ھەددىدىن ئاشقان ئىنسان ھەققىلىرى دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا قارشى قاتتىق بىر تەدبىر ئالمىدى. غەرىب ئەللىرىدە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش يۇزىسىدىن خىتتايغا قارشى قاتتىق بىر تەدبىر ئېلىش كۇچى، ئىقتىدار يەنى دەرمانى بار ئىدى. لېكىن ئارمانى بولمىغاچقا، تەدبىر ئالمايۋاتىدۇ، ھەركەتكە ئۆتمەيۋاتىدۇ. تۇركلەرنىڭ نەزىرىدە : غەرىبنىڭ تۇركىيە ئەتراپىدىكى دۆۋلەتلەتلەردىكى پائالىيەتلىرى تۇركيە ئۇچۇن ئاساسلىق تەھدىت دەپ قارايدىكەن. 1000 يىلدىن بېرى ھىچ بىر توقۇنۇشۇپ باقمىغان خىتتاينى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىمايدىكەن. پەقەت ئەتراپىدا يۇرگەن غەرىبنىلا تەىدىت دەپ قاراۋاتىدۇ. غەرىب دۇنياسى ئىسلامنىڭ كۇچلىنىشى، تارقىلىشىدىن تازا مەمنۇم ئەمەس. غەرىب ئەللىرى War on Terror” ” نامىدا “ ئىسلامىك تېررورىست، مۇسۇلمان تېررورىستلارغا قارشى دەپ، كېيىنكى 20-30 يىلدا ئوتتۇرا شەرقتە كۆپلىگەن ئۇرۇشلارنى قىلدى. بۇ ئۇرۇشقا نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىندى، مىللىئونلارچە كىشى ئۆلتۇرۇلدى. يەنە مىللىونلارچە كىشى خانىۋەيران بولدى، ئۆي-ماكانسىز قالدى. ئەمما شەرىقتە كۆتۇرۇلىۋاتقان تەھدىت—خىتتاينى ئۇنۇتتى، خىتتايغا ئېتىبار بەرمىدى. ئەكسىنچە ، خىتتاي دۆۋلىتى ئامېرىكا پرېزېېدېنتى نىكسون دەۋرىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېسىېنگىر لاھىلەپ چىققان “ خىتتاينىڭ ئىقتىسادىنى كاپىتالىستىك ھالغا كەلتۇرۇش ئارقىلىق، خىتتاينى دېموكراتلاشتۇرۇش “ دىگەندەك ستراتېگىيەلىك سىياسىتىدىن ۋە كېيىنكى 20-30 يىللىق غەرىبنىڭ “War on Terror” ستراتەگىيەسىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى. كېسىنگېر نىڭ ستراتېگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، غەرىبنىڭ مەبلىغىنى خىتتايغا جەلىپ قىلىش ئارقىلىق، خىتتاي ئىقتىسادىنى، سانائەتىنى، ھەربىي كۇچىنى كۇچلەندۇرۇپ، دۇنيادىكى ئالدىنقى ئۇچ دوۋلەتنىڭ بىرى ھالىغا كەلتۇردى. 2003- يىلى ئامېرىكا باشلاتقان دۇنيا يۇزلۇك “ War on Terror” تېررورلىققا ا قارشى كۇرەش دىگەن شوئارىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇردى. يېقىنقى 5- 10 يىل ئىچىدە غەرىبتە كۇچلەنگەن " ئىسلاموفوبىيە " ھەركىتىنى ئۆزىگە قالغان قىلىپ، ئۇنىڭدىن جاسارەت ئېلىپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۇركىستاندىكى ئىسلام ئەقىدىلىرى، ئىسلام تارىخىي مىراسلىرىنى يوقاتتى. يۇرەكلىك ھالدا قۇرئانلارنى كۆيدۇردى، مەسچىتلىرىمىزنى چاقتى. خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ باستۇرۇش ھەركەتلىرىگە دەسلەپكى يىللاردىلا غەرىب ئەللىرى جىددى بىر شەكىلدە قارشى تۇرمىغانلىقى ئۇچۇن، خىتتاي يۇرەكلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا يىغىپ، ئىرقىي قىغىنچىلىق ئېلىپ باردى. بۇنىڭ مىسالى پرېزېدېنت ترۇمپنىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ كىتابىدا دىگەنلىرىدەك: ترۇمپ لاگىرلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆز يۇمدى. نەتىجىدە بۇگۇن ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىق بىر دەۋىرنى باشتىن كەچۇرىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار بەك ئاجىز بىر ھالدا قالدۇق. خەتەرلىك بىر دەۋىردە تۇرىۋاتىمىز، قورقىنىشلىق، ھايات –ماماتلىق، يوقۇلۇش ياكى مەۋجۇت بولۇپ قېلىشىمىزنى بەلگىلەيدىغان موھىم 10 يىلنى بېسىۋاتىمىز. شۇڭا دۇنيادىكى دۆۋلەتلەردىن جىددىي ياردەم تىلەۋاتىمىز، كۇتىۋاتىمىز. ئەمما، دۇنيا رەزىللىكلەر بىلەن تولغان، رەھىمسىز ئىكەن. بىزگە ئوخشاش ياردەمگە جىددى ئېھتىياجى بولغان خەلىقلەرگە ياردەم يوق ئىكەن، ئەمما جىم ياتقان خەلىقلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ياردەم بېرىدىكەن. ئەمدى تۇركىيەگە قارىساق، 1000 يىلدىن بېرى تۇركلەر ئۆز رايونىدىكى دۆۋلەتلەر ۋە غەرىب ئەللىرى بىلەن ھەر تۇرلىك توقۇنۇشلارغا كىردى، ئەمما 1000 يىلدىن بېرى تۇركىيە ھىچ بىر زامان خىتتاي بىلەن بىر توقۇنۇشقا كىرىپ باقمىغان ئىكەن. بۇ تۇپەيلى غەرىبنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان بىلەن ، خىتتاينى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىمايۋايدىكەن. شۇڭا تۇركلەر بىلەن غەرىب ئەللىرىنىڭ بىر-بىرىگە قارىتا ئىنكاسى، تەپكىسى، تەنقىدلىرىدىن ھاڭ --تاڭ بولماڭ. بۇلار چۇجە-خورازدەك تىركىشىپ ياشاۋاتقىنىغا نەچچە ئەسىرلەر بولدى. جىمىپ قالغان ياۋرۇپانىڭ بىر ھەپتىدىن بېرى فرانسىيەدە باشلاتقان پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن ئىسلامغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتى تۇپەيلى، ياۋرۇپا بىلەن تۇركىيەنىڭ يەنە ياقا سىقىشىدىغانلىقىدىن ، ئەردوغان بىلەن ماكروننىڭ بىر-بىرلىرىگە كاللا ئېتىشلىرىدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ. ھەم تۇركلەرنىڭ خىتتايغا قارشى سۇكۇتتە تۇرغۇنىغنىغا ھەيران بولماڭ. تۇركلەر يىراقتىكى قېرىندىشىنى قۇتقۇزۇشتىن ئاۋۋال ئۆز دۆۋلىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كۆپرەك ئېتىبار بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. . ھازىر تۇركلەرنىڭ ئامېرىكا، ياۋرۇپا بىلەن مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس. خوشنىلىرى بىلەن ھەر كۇنى دىگۇدەك كاناي سىقىشىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئوتنى قۇچاقلىۋالغاندەك رۇسسىيە بىلەن بىرگە بولىۋاتىدۇ. تۇركلەر پۇتۇن دۇنيادىكى كۇچلىك دۆۋلەتلەرنى ئۆزىگە دۇشمەن قىلىپ بولدى، خىتتاينىڭ چىشىغا تەگمەي بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمى 5 ئەزانىدىن بىرنى بولسىمۇ ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ تۇرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ھەم غەرىبنىڭ ھەر كۇنى ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتقان ئىقتىسادىي ئىمبارگولىرى تۇپەيلى، تۇرك ئىقتىسادى خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ. تۇركلەرگە قەرىزنى پەرقەت قاتار ۋە خىتتاي بېرىۋاتىدۇ. دىمەك ۋەتەن مەنپەئەتى سۆز تېمىسى بولغاندا، قېرىنداشلىق، دىنداشلىق ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەن. بۇ دۇنيا سىياسىتىنىڭ موھىم قىسمى ئىكەن. قارىماققا تۇركلەر بىزنىڭ ئېغىر بىر كۇندە قالغىنىمىزنى بىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ دەردى بېشىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، خىتتايغا قارشى قۇرۇق سۆز قىلىش بىلەن ئۇيغۇرنى قۇتقۇزغىلى بولمايدىغانلىقى، ئەمىلىي ھەركەت قىلىشقا دەرمانى يوق بولغانلىقى تۇپەيلى، جىم تۇرۇش ئارقىلىق خىتتايدىن كېلىۋاتقان مەنپەئەتنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ساقلاپ قېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. تەساددىپى ھالدا تۇركىيە ئىشتىراك قىلىۋاتقان سۇرىيە، لىبيا، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە نوگورنى قاراباغ توقۇنۇشلىرى تۇپەيلىدىن بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدىن تۇركىيەگە قارشى بىر قارار چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، خىتتاي بىلەن بۇ نورمال ھالىتىنى ساقلاپ قېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. خىتتايمۇ تۇركلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان بولىۋېلىپ، يامان كۇنلەردىكى دوستى بولىۋېلىپ، تۇركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى سۇسلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ********************************* شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى: بۇگۇنگە قەدەر دۇنيادا بېرىلگەن ۋە بېرىلىۋاتقان ياردەملەر مەلۇم بىر ئىدولوگىيە ئاسساسىدا ۋە ستراتېگىيەلىك مەنپەئەت نۇقتىسىدىن بولۇپ كەلدى. مەقسەت ۋە مەنپەئەت اساسىدا بولدى. بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئوسمانلى ئىمپراتورلىقى يىقىلىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ياردەملەر ئۇچ دىننىي ئىدولوگىيە ئاساسىدا بولغان ئىدى. ماركىس سوتسىيالىزىم ، كوممۇنىزىم ئىددىيەسىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئۇرۇشلار ئۇچ دىنىي ئىدولوگىيەدىن سىرت يەنە ، كاپىتالىزىم، كومۇنىزىم ئىدولوگىيەلىرى ئاساسىدا بولدى. دۇينادىكى ئۇرۇشلارمۇ بۇ ئىددولوگىيەلەر ئاساسىدا بولدى. 1-دۇنيا ۋە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا يۇقارقى ئىدولوگىيەلەردىن سىرت يەنە ستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ئاساس قىلىنىپ، ئىمپراتورلۇقلار، سۇلتانلىقلار يوقالدى، نۇرغۇن يېڭى دۆۋلەتلەر پەيدا بولدى، بارلىرى يوق بولدى. جۇملىدىن بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى كوممۇنىزىم، كاپىتالىزىم، ئىسلام ئىدولوگىيەلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ يوق بولدى. شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك ئىدولوگىيەنىڭ باشلامچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى ئىدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە كاپىتالىستىك ئىددولوگىيەنىڭ مەنبەسى ۋە قوغدىغۇچىلىرى ئىدى. ئىسلام ئىدولوگىيەسىنىڭ ھامىچىسى يوق ئىدى. بىز ئۇيغۇرلار ھەم مۇسۇلمان، ھەم تۇركىي خەلىق بولغانلىقىمىز ئۇچۇن، بىزنىڭ مۇستەقىل بولىشىمىز ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، ھەم ئامېرىكا، ئەنگىلىيەنىڭ پىلانىغا چۇشمەيتى. نەتىجىدە بىزنى يەنە قايتىدىن خىتتايغا تۇتۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مانا بۇگۇنكى ھالغا چۇشۇپ قالدۇق.
چەتئەلدىكى تەشكىلاتلىرىمىز، پائالىيەتچىلىرىمىز توختىماي پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ، يىغلاۋاتىدۇ، دەرت تۆكۇۋاتىدۇ، ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى توختىماي تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى دۆۋلەتلەرنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. مەقسىدى ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى بىلسە، ئۇيغۇرغا ئەمەلىي ياردەم قىلامدىكىن دەيدۇ. مەنچە دۇنيادىكى دۆۋلەتلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر، سىياسونلار ئۇيغۇرنىڭ ئۆتمۇشىنىمۇ بىلىدۇ، بۇگۇنكى بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى، ھايات-ماماتلىق دەۋىردە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما، جىددى بىر تەدبىر ئالمايۋاتىدۇ، ئەمىلىي ھەركەت قىلمايۋاتىدۇ. نىمە ئۇچۇن؟ مەنچە ئۇيغۇرلار يۇقارقى ئىدولوگىيەلەرنىڭ ھىچ بىرىگە چۇشمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئىسلام ئىدولوگىيەسى بىلەن كېلىدىغان ياردەم. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان، ئىسلام ئىدولوگىيەسى بويىچە بىزگە تۇنجى ياردەم ئىسلام دۆۋلەتلىرىدىن، مۇسۇلمانلاردىن كېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇگۇنكى دەۋرىمىزدىكى ئىسلام دۆۋلەتلىرىدە ئىسلام ئىدولوگىيەسىگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك، ئىسلامنى ھىمايە قىلغۇدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ ھامىيچىسى بولغىدەك بىرەر دۆۋلەت يوق. ئوسمانلىنىڭ يىقىلىشى بىلەن خەلىپىلىك ئاياقلاشتى. بۇگۇنكى مەۋجۇت ئىسلام دۆۋلەتلىرىنىڭ كۆپى پادىشاھلىق تۇزۇمدە، بەزىلىرى دىكتاتور تۇزۇمدە، كۆپىنچىسى چىرىكلىك بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر سېستىمىدا . شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ھاكىميەتلىرىىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۇلار ئۇچۇن ئالدىنقى مەسىلە. ئۇلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى مۇسۇلمانلىقتىن يۇقۇرى بولۇپ قالدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھالى بىلەن ئاران-ئاران پۇت تىرەپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئىسلام ئىدولوگىيەسى بىلەن كېلىدىغان ياردەم يوق. ئىسلام ئەللىرىدىن ياردەم كەلمەيدىكەن دەپ، بىز مۇسۇلمان ئەمەس دەپ تېنىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۇنكى دۇنيا بىزنىڭ 1000 يىلدىن بېرى مۇسۇلمان ئىكەنلىمىزنى بىلىدۇ. يالغان مۇشرىك، يالغان ناسارا بولىۋېلىشنىڭ زۆرۇريىتىمۇ يوق. ئېتىقادىدىن تېنىۋالغانلارغا باشقىلارمۇ ياردەم بەرمەيدۇ. كومۇنىزىم ئىدولوگىيەسى بىلەن كېلىدىغان ياردەم. كوممۇنىزىم ئىدولوگىيەنسنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە تاراتقۇچىسى سوۋېت ئىتتىپاقى يوق بولدى. بىز دىنىمىزدىن ۋاز كېچىپ، كوممۇنىستىك ئىددىيەنى قوبۇل قىلساقمۇ، كوممۇنىستىك ئىددىيەدىكى پارتىيەلەرنى قۇرساقمۇ، بىزنى ھېمايە قىلىدىغان، بىزنى قوللايدىغان سوۋېت ئىتتىپاقى يوق. شۇڭا كومۇنىستىك ئىدولوگىيە بىلەن كېلىدىغان ياردەم يوق. كاپىتالىزىم ئىدولوگىيەسى بىلەن كېلىدىغان ياردەم. كاپىتالىزىم دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق قىممەت قارىشى كاپىتال - ئىقتىساد بولغاچقا، ئۇلار پايدا مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ياردەم قىلىدۇ . كاپىتالىزىم ئىدولوگىيەسىدىكى غەرىب ئەللىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۇچۇن، بىزدىن ئۇلارغا كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت بولىشى كېرەك. ۋەتىنىمىز بايلىقلار بىلەن تولغان ، باي بىر زېمىن بولغىنى بىلەن، زىمىن بىزنىڭ قولىمىزدا ئەمەس. كاپىتالىزىم ئىدولوگىيەسىدىكى غەرىب ئەللىرى بىزگە ياردەم قىلسا، سالغان مەبلىغى تۇپەيلى ئالىدىغان پايدىسىنى، بۇ جەرياندا تارتىدىغان زىيانلىرىنى ئويلىشىپ، ئاندىن ياردەم قىلىدۇ. كاپىتالىستىك ئەللەر بۇگۇنكى خىتتايدىن ئېلىۋاتقان ئىقتىسادىي پايدىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇزۇندا ئىگە بولىدىغان، خەتەرلىك بولغان شەرقىي تۇركىستاندىكى مەنپەئەتكە دەسمىي سېلىشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۇستىگە كاپىتالىستىك دۆۋلەتلەر ئاساسەن ياۋرۇپادا. ياۋرۇپادا ئىسلاموفىيە ھەركىتى كۇچلىك ھالدا كېڭىيىپ كېتىپ بارىدۇ. غەرىب مەتبۇئاتلىرى دائىم ئۇيغۇرلارنى : "خىتتايدىكى مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، ئاز سانلىق تۇركىي خەلىق " دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تەشۋىقاتلارلار ئىسلام بىلەن تازا خوشى كەلمەيدىغان غەرىب كاپىتالىسلىرىنىڭ بىزگە بولغان ھېسداشلىقىغا كۆلەڭگە چۇشۇرمەيدۇ دىيەلمەيمىز. شۇڭا كاپىتالىزىم ئىدولوگىيەسىدىن كېلىدىغان ياردەم يوق. ئىنسان ھەقلىرى، دېموكىراتسىيە شوئارى بىلەن كېلىدىغان ياردەم. خىتتاينىڭ بۇگۇنكى ھاكىميىتى ئىنسان ھەقلىرى، دېموكىراتسىيە بويىچە پۇتۇن دۇنيا تەنقىد قىلسىمۇ پىسەنت قىلمايدىغان قاشاڭ بىر ھاكىميەت. بۇگۇنكى كۇندىكى ئىنسان ھەقلىرى، دېموكىراتسىيە شوئارى بىلەن بىزگە ھېسداشلىق كېلىدۇ، كۆزىمىزدىكى ياشنى ئەيتقىدەك ياغلق بېرىدۇ. ئەمما بىز كۇتىۋاتقاندەك ئەمىلىي بىر ياردەم كەلمەيدۇ. بىز ئۇچۇن خىتتايغا بېرىپ، خىتتاينىڭ گېلىنى بوغمايدۇ. چۇنكى ئىنسان ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىشنى، دېموكىراتسىيەنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان بىلەن، ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان ، خىتتايغا بۇنى تەدبىقلايدىغان كۇچلىك بىر دۆۋلەت يوق. يالغۇز ئامېرىكا بۇنى ئىجرا قىلالمايدۇ. شۇڭا باشقا دۆۋلەتلەرنىڭ ئۆزىگە قېتىلىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بىرەر مەنپەئەتنى كۆزلىمەي يا شېھىت، يا غازى دەپ، پىدايى بولۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان مۇسۇلمانلارنى، بۇيرۇق بەرسە سوئال سورىماي، ئىككىلەنمەي ئىجرا قىلىدىغان تۇرۇكلەرنى چاقىرىۋاتىدۇ. خىتتايغا قارشى دەسلەپكى تەدبىردە ئەڭ بولمىغاندا خۇددى ئىران، شىمالىي كورىيە، بولمىغاندا روسسىيەگە يۇرگۇزىلىۋاتقاندەك بىر قاتتىق ئىقتىسادىي جازا بولمىسا، خىتتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى، دېموكىراتسىيەدىن سادا چىقمايدۇ. ئىران بىلەن شىمالىي كورىيە ئىقتىسادىى، ھەربىى كۇچى نورمال دۆۋلەتلەر. ئىران ئوتتۇرا شەرىقتە ئىسرالىيەنى نىشان قىلغان بىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان دۆۋلەت. شىمالى كورىيە بىۋاستە ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىۋاتقان دۆۋلەت. شۇڭا بۇ ئىككى دۆۋلەتكە ئەڭ قاتتىق ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۇرگۇزىلىۋاتىدۇ. رۇسسىيە بولسا قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق، ياۋرۇپاغا، غەرىبكە تەھدىت پايدا قىلدى. شۇڭا غەرىب ئەللىرى بىرلىكتە رۇسسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۇرگۇزىۋاتىدۇ. ئەمما خىتتايغا قارىتا ئەمىلىي، جىددى بىر تەدبىر ئېلىنمايۋاتىدۇ. چۇنكى خىتتاينىڭ تەھدىتىنى تېخى كۆرمىدى. ئامېرىكا باشلىق غەرىب ئەللىرى يۇقارقىدەك جازانى خىتتايغا قارىتا ئېلىپ بارالامدۇ ؟ مەنچە ئېلىپ بارالايدۇ. خىتتايغا قارىتا ھەر قانداق جازانى ئېلىپ بارغىدەك ھەم ئىقتىساىي كۇچكە، ھەم ھەربىي كۇچكە ئىگە. لېكىن بۇنى خالىمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى 1. غەرىب خىتتاينى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىمايدۇ . چۇنكى خىتتايدىن ئۇلارغا بىۋاستە بىر تەھدىت تېخى يوق. 2. غەرىب كاپىتالىستلىرىنىڭ خىتتايغا سالغان مەبلەغلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار خىتتايغا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۇرگۇزۇپ، زىيان تارتىشنى خالىمايدۇ. خىتتايمۇ غەرىبنىڭ بۇ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا قورقمايۋاتىدۇ. ترۇمپ ھۆكۇمىتى ھاكىميەتكە كەلگەندىن كېيىن ئاخىرقى ئىككى يىل ئىچىدە ئەمدىلەتىن خىتتاينى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ نوۋەتلىك سايلامدا دېموكىراتلار ئۇتۇپ چىقسا، بۇ قاراش ئامېرىكىنىڭ ئۆزگەرمەس خىتتاي سىياسىتى بولۇپ قالامدۇ ؟ ياكى كىلونتون، ئوباما دەۋرىگە قايتىپ كېتەمدۇ؟ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئويلاندۇرىۋاتقان موھىم بىر مەسىلە. ئەگەر ترۇمپ يەنە سايلىنىپ قالسا، خىتتايغا قارىتا تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنى ساقلاپ قېلىش ماددىسى بارمۇ يوق؟ بولسا قانداق شەكىلدە ساقلاپ قالىدۇ؟ A. ئامېرىكىدىكى يەرلىك خەلىق ئىندىئانلاردەك ساقلاپ قالامدۇ؟ B. خىتتاي فېدېراتسىيەسى بەرپا قىلىش ئارقىلىقمۇ؟ بۇنىڭغا خىتتاي ئۇنامدۇ؟ خىتتاينى قايىل قىلغۇچە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى، بارلىقىنى ساقلاپ قالالامدۇ ؟ بۇلارنى ھېسابلاش كېرەك. C. جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەن بوغۇزىدا بولىۋاتقان سۇركىلىشنى ئۇرۇشقا ئايلدۇرۇپ، خىتتايغا قارىتا ئۇرۇش پەيدا قىلىش ئارقىلىقمۇ؟ بۇلارنى سايلامدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكىنىڭ خىتتاي سىياسىتى ئارقىلىق بىلىمىز.
ئەگەر ئۇرۇش دېڭىزدا بولسا بىز ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى نىمە؟ مەنچە پايدىسى يوق. زىيىنى كۆپ بولىدۇ. ئالۋاڭ- سېلىق كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئۇرۇش بىۋاستە بىزنىڭ ۋەتەنگە چېگراداش يەردە بولسا، بۇ ئۇرۇشتىن بىزگە پايدا كېلىدۇ. خىتتاي ئېغىر كىرىزىسقا كىرىپ قالىدۇ. مەسىلەن: يېقىنقى بىر نەچچە ئايلاردىن بۇيان جىددىيلىشىۋاتقان ھىندىستان - خىتتاي ۋەزىيىتى ئۇرۇش ھالىغا ئۆزگەرسە ، رۇسيە بۇ ئۇرۇشتا ھىندىستان تەرەپتە تۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرسا، ھەم ئامېرىكا غەرىب ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە ھىسدىستاننىڭ ئارقىسىدا تۇرسا، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا بىر ئۇمۇد تۇغۇلىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر ئېھتىماللىق بولغاندىمۇ خۇددى ھىندىستان ئارمىيەسى تەركىبىدە تىبەت قوشۇنى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قوشۇنىنىڭ بولىشى زۆرۇردۇر. ئەگەر ھىندىستان – خىتتاي ئۇرۇشىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بولمىسا، ئۇرۇشتا يەر ئالمىسا، ھىندىستاننىڭ خىتتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇرۇش پلانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى يوق دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىن ئۇمىد كۇتمەسلىك كېرەك. ستراتەگىيەلىك مەنپەئەت تۇپەيلى چوڭ دۆۋلەتلەردىن كېلىدىغان ياردەم. بىز بۇ ياردەمگە لاياقەتلىكمۇ ؟، مەنچە بىز لاياقەتلىك. ئەمما قاچان؟ 2003-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى (NATO) ناتو قوشۇنلىرى ئافغانىستانغا كىرىپ، ئافغانىستانغا يەرلىشىپ، باغرام ئايرىپورتىدا، قازاقىستاننىڭ قاپچىغاي ھەربىي ئايرىپورتتا، قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرىپورتىدا ، ئۆزبىكىستاننىڭ خانئاباد ئايرىپورتلىرىدا ھەربىي بازىلارنى قۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن خوش بولغان ئىدۇق. ھەر ھالدا ئامېرىكا باشلىق NATO قوشۇنلىرى ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىردى. بىزىڭ خوشنىلىرىمىزغا يەرلەشتى. ئامېرىكا باشلىق NATO قوشۇنلىرىنىڭ ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىش ستراتېگىيەسىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرى باردۇر، 1940- يىللىرى قىلغان خاتالىقىنى بۇ نۆۋەت تۇزەيدىغۇ. يەنە بىر قېتىملىق ھەركەتتە بىزگە كىرىدۇ دەپ، ئىنتايىن ئۇمۇدلەنگەن ئىدۇق. ئەپسۇس، ئۇمۇدىمىز سۇغا چىلاشتى. 17 يىلدىن كېيىن، رۇسسىيە ۋە خىتتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆۋلەتلىرىگە قىلغان بېسىمى بىلەن، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆۋلەتلىرىدىكى بازىلاردىن چىقىپ كەتتى. ئەمدى ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا باشلىق NATO قوشۇنلىرى ئافغانىستغا كىرگەن بۇ 17 يىلدا، تالىبان بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاۋارە بولدى. تالىباننىڭ كەينىدىكى خىتتايغا قارىتا بىرەر ھەركەت ئېلىپ بارمىدى. خىتتاي ئامېرىكا باشلىق NATO قوشۇنلىرىنىڭ بۇ رايوندا پەيدا بولىشى شەرقىي تۇركىستان ئۇچۇن تەھدىت دەپ قارىدى. ئامېرىكىنىڭ “War on Terror” تېرروزىمغا قارشى ئۇرۇشىنى سۇي ئىستىمال قىلدى، ھەم ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۇركىستان ئىسلامىي ھەركىتى ( ETIM) تەشكىلاتىنى تېررور تەشكىلاتى دەپ ئېتىراب قىلىشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەركىتى ۋە قارارلىرى خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇشى، ئۆلتۇرۇشى ئۇچۇن يېشىل چىراق بولۇپ بەردى. خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالىشى، يوقۇتۇشى ئۇچۇن تېپىلغۇسىز باھانە بولدى. دىمەك ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى (NATO) ناتو قوشۇنلىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىش ستراتېگىيەسىدە بىز ئۇيغۇرلار يوق ئىكەنمىز. 17 يىل كېيىنكى بۇگۇنكى ھالىمىزغا ۋاي! . ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى (NATO) ناتونىڭ يەنە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ستراتېگىيەسى بارمۇ؟ بار بولسا ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئىچىدە بارمۇ؟، بۇ ستراتېگىيە ئىجرا بولغىچە ئۇيغۇرلار ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟ . ۋەتىنىمىزدىن كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەر، كېيىنكى قاباھەتلىك 3 يىل ئىچىدە ۋەتىنىمىزدە يۇز بەرگەن ئىشلار تۇپەيلى، يۇقارقى سوئاللارنى ئۆز-ئۆزىمىزدىن سورىماي تۇرالمايمىز. بىز ئالدىرىغان بىلەن، باشقىلار ئالدىرمايدىكەن. بىز ئەندىشە قىلغان بىلەن ياردەم بېرىش ئىمكانى بارلار ئالدىرمايدىكەن. دەرمانى بارلاردا، ئارمان يوق ئىكەن، ئارمانى بارلاردا دەرمان يوق ئىكەن.
مىللەتچىلىك ئىدولوگىيەسىدىن كېلىدىغان ياردەم. بىز كۆپ ئۇمۇدلەرنى كۇتىۋاتقان، ھەم كۆپ تەنقىدلەرنى قىلىۋاتقان تۇركىيەگە كەلسەك، تۇركىيەدە ھەم ئىسلام ئىدولوگىيەسى، ھەم تۇرك مىللەتچىلىك ئىدولوگىيەسى بار. بىز تۇركلەرنىڭ بۇ ئىككىلى ئىدولوگىيەسىگە چۇشۇمىز. ئەمما ئارمانغا چۇشلىق دەرمان يوق، سۇيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق بولىۋاتىدۇ. تۇركلەردە ئىدولوگىيەلىك جەھەتتىن بىزگە ياردەم قىلىش نىيىتى بولغان بىلەن، ئۇلاردا بۇنى ئىجرا قىلغۇدەك قۇۋۋەت كامچىل بولىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تۇركلەر بىلەن غەرىبنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشەنمەسلىك، بىر بىرىنى تەھدىت دەپ قارىشى تۇپەيلى، تۇركىيە ئۆز دەردى بىلەن ئاۋارە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. تۇركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دۆۋلەتلەردىكى ئىچكى ئۇرۇشلاردا تۇركىيە بىلەن ئامېرىكا ۋە غەرىبنىڭ قارمۇ –قارشى سەپلەردە تۇرۇپ قېلىشى، تۇركيەنى تۇركلەرنىڭ تارىخىي دۇشمەنلىرى خىتتاي ۋە رۇسيەگە يېقىنلىشىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئاراب دۆۋلەتلىرىنىڭ تۇركىيەگە ساداقەتسىزلىك، يۇزلىك قىلىشى بىلەن تۇركىيەنىڭ ئىسلامى ئىدولوگىيەسىدىكى ستراتەگىيەسىدە بەزى بىر ئۆزگۇرۇشلەر بولۇپ، ئاراب ئىتتىپاقداشلىرىدىن ۋاز كېچىپ، مىللەتچىلىك ئىدولوگىيىسى بىلەن ئەسلىگە قايتىش--شەرىققە بۇرۇلۇش ستراتەگىيەسى يۇرگۇزىۋاتقاندەك قىلىدۇ. 2020- يىلى 27- سېنتەبېر ( Nagorno Karabakh) ناگورنو قاراباغدىكى ئازاربايجاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى تۇپراقلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى بۇنىڭ باشلىنىشىدەك كۆرۇنۇدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ۋە غەرىبنىڭ تۇركىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي جەھەتتىكى بېسىمى ئاشسا، تۇركىيە شەرىققە شۇنچە تېز يېقىنلىشىدۇ. رۇس – تۇرك يېقىنچىلىقى ئاشىدۇ. تۇركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىپ كېلىشى تېزلىشىدۇ. ئەمما خىتتاي بىلەن يېقىنلىشىشى ئۇيغۇرلارغا بالا بولىدۇ. خىتتايمۇ تۇركىيەنىڭ بۇ يونىلىشكە كېتىپ بارغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ.
مۇبادا ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ تۇرك سىسياسىتدە بىر ئۆزگۇرۇش بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇلار بىر ئورتاقلىققا كەلسە، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر تۇركىيە بارلىققا كەلسە، خىتتايغا قارشى ئەمىلىي ھەتكەت تۇرۇكلەردىن كېلەتتى. چۇنكى تۇركلەردە ئارمان بار، دەرماننى ساقلاۋاتاتتى. ئىراق، سۇرىيە، لىبيا ۋە ئازاربايجاندىكى ياردەمگە مۇھتاج خەلىقلەرگە قىلغان ياردەملىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر بۇ ئىتتىپاقلىق بارلققا كەلسە : “ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانمۇ بولاتتى. سۇيى بار يەردە ئوتمۇ بولغان بولاتتى. “ رۇسسىيەنى بۇ دەرماننىڭ ئىچىگە قوشالمىساق، قورىغان سېيىمىمىزگە پىياز قېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولىمىز. رۇسسىيە دۇنيدا بولىۋاتقان پۇتۇن جىدەل- ماجررالارنىڭ بىر تەرىپىدە بار. رۇسلار بىزنىڭ تارىخىمىزنى يازغان ۋە بۇزغان ئەڭ چوڭ خوشنىمىز. رۇسسلارسىز بىزنىڭ غەرىب دەرۋازىمىز ئېچىلمايدۇ. رۇسلار بىلەن خىتتاينىڭ ستراتېگىيەلىك ئورتاقلىقىمۇ خىتتاينىڭ كۇچلىنىشى، تېنچ ئوكياندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشى، رۇسسىيەنىڭ يىراق شەرىق قىسمىنىڭ خىتتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا قېلىشى ۋە خىتتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئاياقلشىشى مۇمىن.
شۇڭا ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى موھىم ۋەزىپىمىز : بىر تەرەپنى تىللاش، تەنقىدلەش ، يەنە بىر تەرەپنى ماختاپ كۆككە كۆتۇرۇش بولماستىن، بەلكى قانداق قىلىپ بىز ئۇچۇن ئارمانى بار بىلەن، بىز ئۇچۇن دەرمانى بارنى بىرلەشتۇرۇشدۇر. خەلقىمىزگە ئەمەلىي ياردەمنى تېز يەتكۇزۇشتۇر.
2020- يىلى 30- ئۆكتەبىر ، ۋىرجىنىيە ، ئامېرىكا
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : nmusabay@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|