
|
« ئۇيغۇر سوتى ۋە ختتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلقى »ناملىق ۋىدىيو سۆھبىتىنى كۆرگەندىن كىيىكنكى تەسىرات
ئەنۋەر نۇرۇ م
سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلار: رەھىمە مەخمۇت، زۇمرەتئاي ئەركىن ( ئىككىلىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەكىلى سالاھىتىدە(، نىك ۋېتچ (سوتنىڭ مۇئاۋېن مەسئۇلى ۋە لوندونلۇق سودىگەر)، جامىس مىلۋارد، جورجى (ۋاشىڭتون ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى). دىققەت: سۆھبەت باشلانغاندا رىياسەتچى: ئۇيغۇرلار باشقا ئىدىنىجىنىس پىپوللار دۇچ كېلىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش تىپىدىكى ئىرقىي قىرىغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دەپ تۇنۇشتۇردى. ئەمما دۇق نىڭ ئىككى ۋەكىلى بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق قارشى ئىنكاستا بولمىدى (ئىنىدىجىنىس پىپول نامىنى قوبۇل قىلدى(. پروفېسسور جامىسنىڭ سۆھبەتنىڭ بېشىدىلا ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇرغا قۇيۇشى ۋە خىتتاي ئىشغالىيتىدىن كىيىن ئاخرىقى 20 يىلدا مىللەت نامىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇلۇس مەناسىدىن ئېتنىك مىللەت مەناسىغا ئۆزگەرتىلگەنلىك ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلانىڭ ئۇلۇس مىللەتلىك ئورنىدىن ئېتنىك مىللەت قاتارىغا چۈشۈرلگەنلىك جەريانىنى تۇنۇشتۇرپ چىقتى (مۇستەقىللىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا تارخىي پاكىتلارنى بىرىۋاتىدۇ). شەرقىي تۈركىستان نامىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە سۇنجوڭشەن دەۋرىدىن تارتىپلا خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىش پىلانىنىڭ باشلانغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستانغا خىتتاي نۇپۇسنى يۆتكەش، ئىشغالنى كۈچلەندۈرۈش تەشەببۇسلىرىنى، خىتاي ئىشغالىيتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى . ئۇيغۇر سوتىمۇ تەمىلەنگەن ئىسپاتلارغا ئاساسەن « ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۇغۇت چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇس ئازىيشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ» دەپ قارىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيدى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلاشتا باشقا ئىسپاتلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى (كىچىكلىتىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كۈچلۈك ئىسپاتلار سەۋەبلىك ئاجىزلاشتۇرۇلغان ياكى ئىسپاتلار تەمىلەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن). ماۋۇ ئىككى «دوق ۋەكىلى»گە سۆز كەلگەندە، ئىككىلىسىلا ئۆزلىرىنىڭ ختتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلىشتى (ئىندىجىنىس پىپول دېگەن قالاق دېمەكچى ھەر ھالدا. ۋاستىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپ تاللاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيۇۋاتىدۇ ۋە بىراقلا چەكلەنگەن ئۇيغۇر تىلى مائارىپى ھەققىدە قىستۇرما بىرىشىنى خالىمىدى بولغاي). زۇمرەتئاي ئەركىن ئۆز ھېكايىسىنى «ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە دىنىنى بىلمەيتىم» دەپ باشلدى (نەدە چوڭ بولغان؟). ئانىسىنىڭمۇ خىتتايچە مەكتەپتە ئۇقۇغانلىقىنى، خىتايلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىدىغانلقىنى، بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ھېچقانداق بىر مىللىي ھىسياتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، پەقەتلا كىملىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. چەتئەلگە چىققاندىن كىيىن ئۇيغۇرلۇقىنى ئۆگەنگەنلىكىنى قۇشۇمچە قىلدى. (دېمەك بۇ ۋەكىلنىڭ ئۇيغۇرغا قارىتا ھېچقانداق مىللىي ھىسياتى يوق. ئىككى ئەۋلاد خىتتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان. 2009 - يىلى ئۈرۈمچى قىرغىچىلىقى بولغان ۋاقتىدا ۋەتەندە). رەھىمە مەخمۇتمۇ ئوخشاشلا ختتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت خىتتاي تىلىنى ئۈگىنىش مەقسىتىدە بولغانلىقىنى ئېيتتى. بېيجىڭ ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىدىن باشلاپ، غۇلجا قەتلىئامىنى ۋە ئۈرۈمچى قەتلىئامنى تىلغا ئالدى (خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلغاننى خىتايلارغىمۇ قىلىۋاتىدۇ، دېمەكچى). غۇلجا قەتلىئامىنى تىلغا ئالغاندا، ئۆزىنىڭ نامايىشقا قاتناشمىغانلىقىنى، بۇ نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنلىرىدىكى كۈلتۈر ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بولغانلىقىنى ئېيتتى (كەلىمە شاھادەتنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىققان شەھىدلەر ئۈچۈن بىر خىيانەت ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتتاي ئىشغالىغا قارىشى قىلغان كۈرىشى بۇ ۋەكىلنىڭ سۆزى ئارقىلىق «ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش» كە ئايلاندى). ئاخىرىدا، خىتتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خىتتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە سەنئىتىگە قىلغان زىيانكەشلىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرغا چۈشۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى (خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بۇلارنىڭ ئاغزىدىكى كۈلتۈرەل قىرغىچىلىققا بۇراۋاتىدۇ ۋە پروفېسسور جامسىنىڭ سۆھبەت بېشىدا ئوتتۇرغا قويغان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇس مىللەتلىك كىملىكىنى باشتىن ئاخىرى تىلىغا ئالمىدى، خىتتاينىڭ ئىچىدىكى ئېتنىك گۇرۇپا دېمەكچى). نىك ۋېتچ ئۇيغۇر سوتىدا تەمىنلەنگەن ئسىپاتلارغا ئاساسەن « ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەمما كەڭ كۈلەمدە توپلاپ ئۆلتۈرۈشنىڭ يوقلىقىنى، 1984 نىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدا ئەمىليەتكە ئايلانغانلىقىنى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قايىل قىلارلىق گۇمان ئاساسىدا، نۇپۇس چەكلەشنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر نۇپۇسنىڭ كەڭ كۈلەمدە ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى (ھازىر ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ھەم ئۆلۈۋاتقانلارغا كۆز يۇمۇلغان) ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھۆكۈمىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى (دېمەك ئۇيغۇر سوتىغا تەمىنلەنگەن ئىسپاتلار يېتەرلىك ئەمەس ۋە ياكى مەقسەتلىك ھالدا يىتەرلىك تەمىلەنمىگەن). رىياسەتچىنىڭ « ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئۈنۈمى » ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋابەن بۇ ئىككى ۋەكىل: سوتتىن كىيىن نۇرغۇنلىغان پارلامىنت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر سوتىدىن ئاۋال ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى پەقەت ئامېركىنىڭلا تۇنۇغانلىقى، ئۇيغۇر سوتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى ئىتراپ قىلشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى (يۈز دېگەن بار ئەمما، قالغان دۆلەتلەر ماۋۇ ئۇيغۇر سوتىنىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلدى، دەپ بىلجىرلاۋاتىدۇ). باچېىلنىڭ ئۇيغۇر سوتى نەتىجىسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتتايغا تەكشۈرۈش ئىلتىماسى قىلغانلىقىمۇ ھەم بۇلارنىڭ تۆھپىسى قاتارىدا سانالدى (سوتنىڭ ئۈنۈمىنى چوڭايتىپ، تىز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان پويىزنى ئىتتىرۋاتىدۇ (. جامىستىن « ئۇيغۇر سوتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى » توغرىسىدا سۇرالغاندا: سوت نەتىجىسىنىڭ خىتتاي پىروپاگانداسىنى ئىنكار قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلۇس دۆلەتلىرىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىدا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى ۋە بۇ خىل خەلق سوتى نەتىجىسىنىڭ بۇنى قوللاشتا مۇسبەت رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى، كىلىمات ئۆزگۈرۈش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئۇيغۇر قۇل ئەمىگىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە يەر ئېلىش ئىھتىماللىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن رىياسەتچى: كىلىمات ئۆزگۈرشنى توختۇتۇش ئۈچۈن بەزى كىشلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ ئىككى ۋەكىلنىڭ بۇنىڭغا قارىتا نىمە ئويلايدىغانلىقىنى سورىدى. ۋەكىلنىڭ بەرگەن جاۋابى: بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ خىزمەت (مۇرەككەپ دېيىش ئارقىلىق قىزىققۇچىلارنى سويۇتۇش بولسا كېرەك. مەنچە ئۇيغۇرلار كىلىمات ئۆزگۈرۈشىنىڭ قۇربانى بولسا بولمايدۇ). بۇ ھاقارەت تىپىدىكى بىر سۇئال بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتايغا تايىنىدىغانلىقى، خىتتاينىڭ دۇنياغا تايىنىدىغانلقى ۋە دۇنيانىڭ خىتتايغا بېسىم ئىشلتىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن سۆزلەپ بايان قىلغان بولدى (ئىككى ئايرىلماسلىقنىڭ چەتئەلدىكى يەنە بىر ۋاريانتى). ئۆزلىرىنىڭ خىتتاينى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىش مەقسىدىنىڭ يوقلىقىنى، پەقەت باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق خىتتاينىڭ رايۇندىكى (شىنجاڭدىكى) سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى مەقسەد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر يىغىن قاتناشقۇچىسىنىڭ « قۇل ئەمگەك تاۋارلىرىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈر مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېىلىشتىن ساقىلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟» دېگەن سۇئالىغا: بۇ ئىشنىڭ بەك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا قاتتىق خىزمەت قىلۋاتقانلىقىنى، شىركەتلەردىن مەھسۇلاتلىرى توغۇرلۇق سۇراش كېرەكلىكىنى، دېدى (شىركەتلەر قۇل ئەمگەك بار دەپ بىرەرمۇ؟ ). #stopUyghuGenocide پائالىيىتىنى قوللاش دېگەندەك تۇترۇقسىز چاقىرىقلارنى قىلدى ۋە باشقا پىشماس جاۋابلارنى بىرىپ قۇتۇلماقچى بولدى (دېمەك، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىنى توختۇتۇش ئۈچۈن قاتتىق خىزمەت قىلىۋاتىمىز دېگىنى يالغان). رىياسەتچى بولسا جاۋابنىڭ ناھايتى ئاددى ئكەنلىكىنى، ئادەتتىن تاشقىرى ئەرزان مەھسۇلاتلارنىڭ قۇل ئەمگەك مەھسۇلاتى بولۇش ئىھتىماللىقىنڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. پروفېسسور جامىس: بىڭتۈۋەننىڭ ۋەتەننىڭ ئىشغالىيىتدە ( ئىشغالىيەت، بېسىۋېىلىنغان دۆلەت دېمەكچى) ناھايىتى زور رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇلار ئارلاشقان ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ قۇل ئەگىكىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇش ئىھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تۈر مەھسۇلاتلاردىن ئۇزاق تۇرۇش كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئاۋال ۋەتەن (خىتتاينى) دەپ باشلىغان ئىككى خانىم ئۇيغۇر رايۇنىغا ئەڭ ئاخىرىدا بىراقلا شىنجاڭ دەپ ئاتاشقا ئۆتتى (خىتتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى). ئېچىنىشلىق يىرى شۇكى، ئۇيغۇرلار دەپ ئىشلىتىۋاتقان چەتئەللىكلەرمۇ بىۋاستە شىنجاڭ دېيىشكە باشلدى. ئېنىق بولغان شۇكى، بۇلار كىشىلىك ھوقۇق (ئىنسان ھەقلىرى ئەمەس) دەۋاسى ئارقىلىق مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ يولىنى تۇسىماقتا. ئىرقىي قىرغىچىلىققا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ يەنە مۇستەقىللىق دېيەلمەسلىكى دۇنيادىكى ئەڭ شەرمەندە ئىش. خۇلاسە: دۇق'نىڭ يېڭى نەسلىنىڭ ئالاھىدىلكى شۇكى، ئۇلار خۇددى مۇئاۋىن رەئىسلىرىدەك ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە كىملىكىنى بىلمەيدۇ ۋە بىلسىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. مىللىي ھىسياتى كەمچىل ياكى مۆتىدىل بولۇپ، خىتتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلغان. چوڭ خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىمىز دېسىمۇ ئالدىن كۆرۈشى يوق، كۇنكرېت پىلانى يوق. خىتتاينى چوڭ بىلىدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقنى كىچىك كۆرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى نىقابى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قۇربان قىلىش ۋە يوق قىلىش بۇلارنىڭ تۈپ مەقسەدلىرىدىن بىرى.
2022-06-04- كۈنى
مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=DMEdKUWZBOw&t=4862s.
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : canbazbiz218@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|