
|
بەرەكەتلىك بەشىنجى ئاي
ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق ماي ئايى بولسا ئەرتىيازنىڭ ئورتاسى، گۈللۈك گۈلىستانلىقنىڭ باشلانغۇچى، ھوسۇللۇق ئەكىننىڭ خەۋەرچىسىدۇر... 2020-يىلىنىڭ ماي ئايىدا، ۋەتەنىمىز شەرقىي تۈركىستانداكى قىرغىن ۋە زۇلۇم سۈرئەتىنى ئازايتماستىن داۋام قىلىۋاتقان، تەخىمۇ توغراسى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۇ زۇلۇمنىڭ يەڭگىللەتىشى ھەتتا تۈپتىن يوق قىلىنىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ «چارە-تەدبىرلەر»نى قىلالماي، ئىزتىراپ ۋە بۇرۇختۇرمالىققا داۋام قىلىۋاتقان بىر ئاي بولدى. لاكىن بەرەكەتلىك ياخشى ئىشلار، ئورۇنلۇق ۋە ئىلمىي پىكىرلەر، مۇسبەت تەرەققىتايتلارمۇ ئوتتۇراغا چىققالى تۇردى... خىتتاي ۋىرۇسى باشقا ئىسمى بىلەن كورونا ۋەيا كوۋىد19 ۋىرۇسى تۈپەيلى، يەرشارى خاراكتىرلىق يۇقۇملۇق كەسەلدىن مۇداپىئە مەسىلەسى دۇنياۋىيلاشقان، كىشىلەر ئۆيلەرىگە قاپسالغان، ھەممە ئىش ئاقساغان بىر جەرىيان، بۇ ئايدا ھەم يۇقارى سۈرئەتتە داۋام قىلىغلىق...مۇشۇ ۋەسىلە بىلەن دۇنيا خەلقى خىتتاينى بەكرەك تونۇدى، ئۆلگەن كىشى سانى ۋە زىيان ئارتقانسىرى خىتتاي نەپرەتى دۇنيادا ئارتتى، ئارتماقتا... دىئاسپورا ئۇيغۇرلارى ئىچىدەكى زىيان---بۇ يەردەكى زىيان ماددىي ۋە مەنەۋىي بولۇش بىلەن بىرگە مەۋجۇدىيەتنى بىۋاسىتە تەھدىت قىلىدىغان «پىچاق سۆڭەككە يەتكەن» دەرەجەدەكى زىيان—شىددەت بىلەن ئاشقانسىرى ۋەتەن مىللەت تەقدىرىدە ھەر سەۋىيەدە ئىزدەنگەن كىشىلەرنىڭ سانىدا ۋە سۈپەتىدە دىئاسپورا تارىخدا مىسلى كۆرۈلمەگەن ئارتىش ئوتتۇراغا چىقتى. بۇ ئارتىش خىتتاينى ۋە دىئاسپورا ئىچىدەكى خىتتايلىقلاشقان تۇڭگانسىمان ئۇيغۇرلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى... ئۆيلەرىگە قاپسالغان ئىزتىراپ، نەپرەت ۋە ھەرخىل دەككە دۈككە ئىچىدە ھاياتىغا داۋام قىلىۋاتقان دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ كۆپ قىسمى روزا ئايى بولغان بۇ ئايدا، ۋەتەن-مىللەت تەقدىرى ھەققىدەكى پىكىرلەرگە بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بەرىدىغان ياكى دىققەت بىلەن ئەقىل سۈزگەچلەرىدىن ئۆتكۈزەدىغان بىر ھالەتنىمۇ شەكىللەندۈردى. يىللار بۇرۇن بىز ۋە باشقالار تەرەپىدىن ئوتتۇراغا قويۇلغان، مىللەت ئىستەكى ۋە ئارزۇسى بولغان ئۈست بىرلىك پىكرىنىڭ، كەمىنە پەقىر بىلەن بىرلىكتە 4 ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرەپىدىن يازما ۋە ت.ۋ. پروگرامى شەكلىدە تەكرار ئوتتۇراغا قويۇلۇپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بىر چاقىرىق شەكلىدە بايان قىلىنىشى، دىئاسپورا تارىخىدا كەم كۆرۈلىدىغان ناھايەتى كۈچلۈك بىر ئەكس سادانى پەيدا قىلدى. ئازغىنا بىر گۇرۇپپا شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسەتكەن بىلەن مۇتلەق كۆپ سان ۋە سۈپەتتەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار، دەرنەكلەر ۋە تەشكىلاتلار قوللاپ قۇۋۋەتلەدى. كۈلكەلىك تەرەپى قارشى چىققانلارمۇ ئەمدى ئۈست بىرلىككە ئىگە چىقىپ ئۆزلەرىنى «مەركەز»گە قويۇشقا تىرىشتى. ئەمەلىيەتتە ئۈست بىرلىك پىكرىنىڭ تەخىرسىز بىر ئىھتىياچ ئىكەنلىكى ۋە دەل ۋاقتىدا، توغرا شەخسلەرچە ئوتتۇراغا قويۇلغانلىقى ھەم ئىسپات بولدى. بۇ پىكىر شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىدا بىر خەلق ھەرەكەتىگە ئايلانىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەمدىلىكتە «خەلق ھەرەكەتى» ئۈستىدە ئىلمىي ئىزدەنگۈلەك... مانا مۇشۇ جەرىياندا، ئامېرىكا قوشما شتاتلارى باشتا ئاڭگلافون (ئىنگىلىزچە سۆزلەيدىغان) دەۋلەتلەردىن ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياڭى زىللاندىيە قاتارلىق كۈچلۈك غەرپ دەۋلەتلەرى خىتتايغا قارشى ناھايەتى كەسكىن قەدەملەرنى ئاتتى ۋە ئاتماقتا. خۇسۇسەن ئامېرىكا دۇنيادا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن خىتتايغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ئاۋاز چىقارتقان، ھەتتا «2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى ئاۋام پالاتاسى ۋە باشقا ئورگانلاردىن يۇقارى قوللاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ باشقان ترامپنىڭ ئىمزاسى ئۈچۈن ئالدىغا قويغانلىقى، ھەقىقەتەنمۇ دىئاسپورا تارىخداكى ئەڭ موھىم بەرەكەتلىك تارىخى بىر «پەللە» ئىدى. بۇ قەدەم بىلەن ئامېرىكا ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆڭلىدە مۇئەييەن سەۋىيەدە تەخت قۇرغان بولسا، بىزلەرگە قانداش، تىلداش، دىنداش بولغان خىتتاي مەيىللىك ھاكىمىيەتلەر ئاستىداكى قارىنداشلارىمىزنىڭ ئۇشبۇ ئىسلامنى، تۈركلۈكنى سۈيئىستىمال قىلىشقان غالچا، قورچاق ھاكىمىيەتلەرگە قاراتا جامائەت پىكرىنىڭ يۈكسەلىشىگە ھەم تۈرتكە بولماقتا. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ۋاشىڭتوندا مىللەتى ۋە يۇرتى ئۈچۈن تىنىم تاپماي كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئادۇۋكات در.نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئايال سىياسەتچىسى ئاۋام پالاتا باشلىقى نەنسى پەلوسى خانىم تەرەپىدىن ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىكلەر كومىتېتىغا كومىسسار قىلىپ تەيىنلەنىشى بولسا، 2020-يىل ماي ئايىداكى بىر باشقا بەرەكەتلىك ۋە خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. نۇرى ئەپەندىمنى 1995-يىلى بىجىندىن ئامېرىكاغا ئۇزاتقانلار ئاراسىداكى بىرى بولۇش سۈپەتىم بىلەن، بۇ قارىنداشىمدىن ئىزچىل ئىپتىخارلاندىم ۋە كۈتۈشۈمنىڭ دەرەجەسىنى يۈكسەلتىپ تەبرىك ۋە ئالقىش ئۇچۇرۇمنى تۋىتتىردا ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچى ئىلان قىلىپ ئۆزىگە ھەم يوللادىم. كەمتەر ۋە كىچىك پىئېل نۇرى قارىنداشىم، ماڭا ۋاتسئاپ ئارقالىق جاۋاپ قايتۇرۇپ تەشەككۈرىنى بىلدۈردى ۋە بىزنىڭ كۈتۈشلەرىمىزگە لايىق بولادىغانلىقىنى بايان قىلدى.... دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، تۈركىيە باشتا بارلىق مۇسۇلمان ئەللەردەكى ھۈكۈمەتلەرنىڭ كۆپ سانلىق سىياسەتچىلەرىنى، تىجارەتچىلەرىنى ۋە مەديا خوجايىنلارىنى ئاساسەن ئىندەككە كەلتۈرگەن خىتتاي، بۇ دەۋلەتلەرنىڭ سىياسەت سەھنەسىدە نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن قانداش، تىلدەش ۋە دىنداش بولغان خەلقلەر ئاراسىدا تەخىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالماغان. بۇ دەۋلەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق پىداكارلار، ئىنسانلىق شەرەپى ۋە خىسلەتىنى يوق قىلماغان، ئىمانىنى-ۋىجدانىنى تەخىچە پۇلغا-مەنپەئەتكە ساتماغان سىياسەتچىلەر، زىيالىيلار، ئاكتىۋىستلار ۋە جامائەت ئەرباپلارى بىلەن بىر قىسىم مەديا خىزمەتچىلەرى شەرقىي تۈركىستانداكى قىرغىنچىلىقنى، خىتتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى پاش قىلىپ ۋە ئەيىپلەپ بۇ ئەللەردەكى جامائەت ئەپكارىغا يەتەكچىلىك قىلىپ مەۋجۇت ھاكىمىيەتلەرىگە ئىزچىل باسىم/بېسىم پەيدا قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال مۇبارەك رامىزان ئايى بولغان 2020-يىلى مايدا ھەم بەرەكەتلىك بىر شەكىلدە داۋام قىلدى. تۈركىيە دەۋلەتىنىڭ رەسمىي ئاگىنتلىقى بولغان ئانادولۇ ۋە رەسمىي قانالى بولغان ت.ر.ت.دە مەخسۇس خەۋەرلەر چىقىشقا باشلادى. خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈرك ئانا ئاقىم مەدياسىداكى نوپۇزلۇق پروگراملاردا سۆز قىلىۋاتقان نوپۇزلۇق ئالىملار مەسىلەن ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئىشلەۋاتقان داڭلىق دوختۇر پروف. در. مەھمەت چىلىنگىرئوغلۇ خىتتاي ۋىرۇسى ھەققىدەكى باياناتلارىدا ئىزچىل خىتتايغا قارشى باياناتلار بەرىش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكەلىش ئارقالىق تۈرك ئانا ئاقىم مەدياسىداكى «شەرقىي تۈركىستان ئىمبارگوسى»نى تەشتى. بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئۆرنەكلەر كۆپەيدى ۋە كۆپەيمەكتە... مانا مۇشۇنداق تارىخى ئارقا پلاندا، دۇنيادا يالغۇزلاشىشقا يۈزلەنگەن باشچىسى شىتلەر بولغان خىتتاي دىكتاتورلۇقى ۋەتەنىمىزدەكى قىرغىن، سۈرگۈن، ئاياق ئاستى قىلىش ۋە يۇرتىمىزداكى تۈرك-ئىسلام ئىزىنى ئۆچۈرۈش دولقۇنىنى تىزلەتكەن بولسا، ئۆزىنىڭ خەلقىگە خۇسۇسەن ھوڭكوڭلۇقلارغا قارشى تەخىمۇ قاتتىق قول بولماقتا، ھەتتا تەيۋەنگە قۇراللىق ھۇجۇمنى كۈنتەرتىبىگە ئالغانلىقى خەۋەرلەرى كەلمەكتە. ئاجىز خوشنالارىغا ھەممە زومىگەرلىكنى راۋا كۆرگەن زالىم خىتتاينىڭ ماي ئايىدا، كۈچلۈك خوشناسى ھىندىستانغا قوپاللىق قىلىشقا باشلاغانلىقى ۋە دەككەسىنى يەپ غالجىرلاشىۋاتقانلىقى خەۋەرلەرى ھەم كەلمەكتە. يەنى خىتتاينىڭ «ئۆلىدىغان يىلان بەك چاقىدۇ» يولىنى تۇتۇش ئىھتىماللىقى ئاشكارا بولماقتا... مانا بۇگۈن 30-ماي ۋە بەرەكەتلىك ماي ئايى ئاخىرلاشىش ئالدىدا تۇرماقتا... مەن ئويلانماقتامەن، ئەلبەتتە سىز ئەزىزلەر ھەم ئويلانماقتاسىزلەر... خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيا تەرتىبى، دەۋلەتلەر-مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر تەكرار كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە، ياڭى بىر تەرتىپ ۋە مۇناسىۋەت شەكىللەنمەكتە. ھەتتا دۇنيا خەرىتەسىنىڭ تەكرار ياڭىدىن سىزىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، دىكتاتورلەرنىڭ غولايدىغانلىقى مۆلچەرشۇناسلارچە تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ياڭى خەرىتەلەر ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسمىمۇ زىكىر قىلىنماقتا... خوش ئۇنداقتا، بىز بارلىق بۇ تەرەققىياتلارغا قاراتا ھازىرلىقىمىز بارمۇ؟ ياكى بەزى خۇشخەۋەرلەرگە خۇش بولۇپ يەنىلا غايىۋانە كۈتۈش ئىچىدە ئولتۇرامدۇق؟ شەكىللەنمەكتە بولغان ياڭى ۋەزىيەتكە قاراتا تەييارلىقىمىز بارمۇ؟ ياكى يەنىلا بۇرۇنقى «ئوپقەت-چوپقەت» مەركەزلىك «رەھبەرلىك» بىلەن يەنە گوياكى موتورلۇق ماشىنا مۇسابىقەسىگە بىزنىڭ ئات-ئەشەك قوشۇلغان «خادىك ياكى مەپە» بىلەن قاتنىشىۋەرىمىز دەيدىغان ئىددىيەدە «داۋامىغا داۋاممۇ»؟ ۋەيا خۇددى يانفونلارىمىزنىڭ يازىلىم/يۇمتاللارىنى ياڭىلاغاندەك/كۈنجەللەگەندەك/ئاپدەيت-Update قىلغاندەك ياڭىلاپ زاپچاس ئالماشتۇرامدۇق يا ئەزىزلەر؟ ئۈست بىرلىك چاقىرىقىغا قاراتا كەلگەن دۇنياۋى ئىنكاسلار بىزنىڭ تارىخىي پۇرسەتتە تارىخىي قارارلارنى ئورتاق پايدا ئۈچۈن ئورتاق ئەقىل بىلەن ئالىشقا مەجبۇرلىقىمىزنى كۆرسەتمەكتە. خەلقىمىز ۋە مۇتلەق كۆپسانلىق سەگەك سەرخىللارىمىز ئۇشبۇ تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇشنىڭ بىر مىللىي مۇناپىقلىق، ۋەتەن-مىللەتكە خائىنلىق بولادىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى تەرەپىمزچە بىلىنىگلىك. ياشلار ھازىرقى ۋەزىيەتتىن بىئارام... بۇ ياشلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار قۇرۇلتايى» نامىدا تەشكىللەنگەنلىكى، ساۋاقلاردىن دەرس چىقارىپ كۈچلۈك بىر شەكىلدە ھەرەكەتكە ئۆتكەلىۋاتقانلىقى خەۋەرلەرى ھەم كەڭەيمەكتە... ئەزىز خەلقىمنىڭ ۋە ۋەتەنىمنىڭ غەمىنى يەۋاتقان ئەزىزلەر! ئويغانايلى ۋە ئويلانايلى! تارىخى پۇرسەتنى قولدىن بەرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەممەمىز ھەرەكەتكە ئۆتەيلى. كۆزىمىزنى ئاچايلى! ئەڭ توغرا تاللاش بىلەن ئەڭ توغرا قارارنى بەرەيلى. تەخىمۇ بەرەكەتلىك ئالتىنجى ۋە يەتتىنجى ئايدا كۆرۈشمەك ئۈمىدى ۋە ھەرەكەتى بىلەن بەرەكەتلىك مىنۇتلار ئالىي تىلكەمدۇر.
2020-يىلى 30- ماي كۆڭلۈم ۋە روھىمداكى كاشغەر، مەن خاھلاماي ياشاۋاتقان ئەنقەرە
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|