
|
دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش
ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق
بۇ يازمانىڭ تەپسىلاتى كۆكتۇغدا ئىلان قىلىندى. تەپسىلاتقا قىزىققۇچىلار مۇنۇ ئۇلانما https://ziyali.sutuq.com/read-ad47a822a50ecf6cef27 ئارقالىق تەپسىلاتقا قاراغاي. كۈنىمىزدە دىئاسپورادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى توپلاشىپ بىر مەھەللە ۋەيا يۇرت تەشكىل قىلالماغلىق. بۇ تۈپەيلى ئىككىنجى نەسىلنىڭ ياشاۋاتقان ئەللەردەكى تىل-كۈلتۈر مۇھىتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىگە ياتلاشىپ كەتىشىنى تەبىئىي ھالدا ئوتتۇراغا چىقارماقتا. بۇنىڭغا قاراتا مىللەتداشلارىمىز قۇرغان دەرنەكلەرىدە ياكى ئۆيلەرىدە ئىزچىللىقى ئانچە بولماغان «ئانا تىل كۇرسلارى/سىنىپلارى» تەسىس قىلىش ئارقالىق ئىككىنجى نەسلىگە ئانا تىلى ۋە كۈلتۈرىنى ئۆگرەتىشكە تىرىشماقتا. پەقەت بۇ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە كۈلتۈرىنى ئىزچىل ساقلاپ قالىشتا يەتەرسىز بولماقتا. بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ قوغدالىشى ۋە ياشاتىلىشى پەقەتلا ئۇ تىلنى ئىستىمال قىلغۇچى ئامماغا باغلىق ئەمەستۇر. ئەڭ موھىمى ئۇ مىللەت ۋەيا خەلق ئىچىدىن چىققان ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ بۇ تىلنى ئۆزىنىڭ كۈندەلىك تۇرمۇشىدا ۋە ئىلمىي ھاياتىدا قانچەلىك ئاكتىپ ئىشلەتىۋاتقانلىقى؛ بۇ تىلنىڭ ھەرخىل مەسىلەلەرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ پەلسەپەۋى ئىپادە قۇۋۋەتىنى، يۇمۇشاق ۋە ئەۋرىشىملىكىنى، يات تىللار قارشىسىداكى ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش يولىداكى ئەمگەكلەرىگە ھەم باغلىقتۇر. بۇ ھەقتە مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەرلەرى چوقۇم ئەلىشىر نەۋايى ئۇستازنىڭ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسەرىنى ئوقۇماقى ۋە ئانا تىل مۇھەببەتىنى مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئەلىشىر نەۋايى روھى بىلەن يەتىشتۈرمەكى شەرتتۇر.
دىئاسپورادا ئانا تىلىمىز دىئاسپوراداكى ئۇيغۇرلار، كەيىنكى 20 يىلدا ساندا ئارتقان ۋە سۈپەتتە يۈكسەلگەندۇر. ياڭى نەسىللەرگە شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنى سىڭدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئانا تىل تەربىيەسىنىڭ موھىملىقىنى ئاڭقارغان دىئاسپورا ئۇيغۇرلارى، ھەرخىل پۇرسەتلەردىن پايدالانىپ پەرزەنلەرىگە ئانا تىلىنى ئۆگرەتىشكە تىرىشماقتا. خەلقىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسەتىپ تۇرغان پىداكارلىقى قارشىسىدا، دىئاسپورا زىيالىيلارىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەسئۇلىيەتىنى يەتەرلىك دەرەجەدە جارى قىلدۇرماغانلىقىدۇر. مەۋجۇت ئانا تىل كۇرسلارى ئىلمىي پلانلاش ۋە نوپۇزلۇق دەرس كىتاپلارىدىن يوقسۇن ھالدا داۋام قىلماقتا. شۇنداقلا «بۇ كۇرسلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ نوقۇل ئانا تىل ساۋادىنى چىقارىش سەۋىيەسىدەلا قالىشى كەرەكمۇ؟ ياكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى سەۋىيەنىمۇ ياراتىش كەرەكمۇ؟» مەسىلەسى بىزچە تەخى ئايدىڭلاشتۇرۇلماغان. ھالبۇكى، دىئاسپورا زىيالىيلارىنىڭ ۋەتەنى ۋە مىللەتىنىڭ تەقدىرىگە ھەممەدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيەتى بار. زىيالىيلار باش بولۇپ ئانا تىلىنى ياخشى سۆزلەشى،ئانا تىلدا يازىشى ۋە ئانا تىلدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىشقا ئەھمىيەت بەرمەكى بولسا، ئانا تىلىنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ ۋە چىدامچانلىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىدا ۋە يات تىللار قارشىسىدا تىركەشىش قابىلىيەتىنىڭ يۈكسەلتىلىشىدە بەكلا موھىمدۇر. شۇنداقلا، ئاۋامدا ئۆزىگە ئىشەنچ ۋە شىجائەتنىڭ ئۇرغۇتۇلۇشىدا غىدىقلىغۇچىدۇر. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا يازادىغان زىيالىي پەقەتلا ئىجتىمائىي پەنچىلەرمۇ؟ تەبىئىي پەنچىلەر، تىخنىك بىلىمچىلەر ۋە مىدىتسىنا ئىلمىدەكىلەرچۇ؟ بۇلارنىڭ ئانا تىلىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش ئارقالىق ئانا تىلىنىڭ پەننىي ۋە تىخنىكالىق ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگەرى سۈرۈش مەسئۇلىيەتلەرى يوقمۇ؟ خىتتاي تىلىدا ئوقۇغانلار ئۇيغۇر تىلىدا قانچەلىك خىتتاي تەتقىقاتى بىلەن ئالاقەدار ماقالە ۋە كىتاپ يازىشتى؟
دىئاسپورا زىيالىيلارىغا چۈشكەن ۋەزىپە كۈنىمىزدە ۋەتەن سىرتىدا، مىڭلاغان شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي بار. پەقەت ئانا تىلىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلىپ تۇرغانلارنىڭ سانى ناھايەتى چەكلىك بولۇش بىلەن بىرگە، قول بىلەن تۇتقۇدەك كۈچلۈك قەرەللىك ئىلمىي ژۇرناللارى بىلىشىمچە يوق. نەچچە يۈزمىڭ، ھەتتا مىليونغا ياقىن ئۇيغۇر نوپۇسى بار بولغان غەربىي تۈركىستاننىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيەتلەرىدە ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرنىڭ ئارقا ئارقادىن تاقالماقتا بولغانلىقى خەۋەرلەرىنى ئىشىتىپ تۇرماقتامىز.... ئەگەر بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى ۋە يازىقىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلماسا، بۇ تىل قانداقمۇ تەرەققىي قىلسۇن؟ سۆزلۈك تەركىبى قانداقمۇ بايىسۇن؟ ئەگەر بۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتچىسى، تىل ئۇستالارى، جەمىيەتشۇناسى، سىياسەت بىلىمچىسى، پەلسەپەچىسى،پىسىخولوگ ۋە ئىلاھىيەتچىسى ئۇشبۇ تىلدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلماسا بۇ تىل قانداقمۇ ئەۋرىشىم، ئىپادە قۇۋۋەتى كۈچلۈك بىر تىل بولالاسۇن؟ تەبىئىي پەنچىلەرى، سەھىيە-ساقلىق بىلىمچىلەرى، ھەكىم تابىبلارى ۋەلھاسىل ھەممە ساھە زىيالىيلارى ئۆز كەسپىدە ھەركۈن، ھەر ئاي ھەر يىل ئوتتۇراغا چىقىپ تۇرغان ياڭى ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى ،نەزەرىيە-تىئورمالارنى تىلىمىزدا قانداق ئىپادە قىلىش كەرەكلىكىنى شەرھىيلەشى، مۇۋاپىق ئۇقۇم ئاتالغۇلارنى ئىجاد قىلىشى ۋەيا قارىنداش، يات تىللاردىن قانداق ئەكىرىش كەرەكلىكى ھەققىدەكى تەۋسىيە تەكلىپلەرىنى بەرمەكى بىلەن بۇ تىل تەرەققىي قىلغۇسى، ئەڭ موھىمى قوغدالىپ قالغۇسىدۇر. ئۇنداقتا، دىئاسپورا زىيالىيلارى ئانا تىلىمىزنىڭ قوغدالىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن نەمەلەرنى قىلالاشى مۈمكىن؟ بىزچە ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ بىلگەن ۋەيا ئۇشبۇ مۇبارەك زىمىندا تۇغۇلغان زىيالىيلار تۆۋەندەكى ئىشلارنى ھەم شەخسەن ھەم كوللىكتىپ كۈچ بىرلىكىدە قىلالىشى مۈمكىن: 1. ھەر ساھە زىيالىيلارى ئۇيغۇر تىلىنى ئوبدان بىلىشى، ئۆگرەنىشى ھەم پەرزەنتلەرىگە ئۆگرەتىشى شەرتتۇر. شۇنداقلا، ئانا تىل ئىشلەتىشتە بىر بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشى، بىر بىرىنى تەپتىش قىلىشى، ئانا تىل ئىشلەتىشتە بىر بىرى بىلەن مۇسبەت مۇسابىقەدە بولۇشلارى زۆرۈردۇر. بۇ شەرقىي تۈركىستان كىملىكىگە سادىق ھەربىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرتتۇر. 2. زىيالىيلار، ئۇيغۇرلار ئارا ئالاقەدە چوقۇم ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتىش بىلەن بىرگە، ئۇچۇر ئالاقەسىنى چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا داۋام قىلىشى، قارشى تەرەپنىمۇ مۇشۇنىڭغا زورلاشى، يات مىللەت تىل ۋە يازىقلارىنى خۇسۇسەن خىتتاينىڭ پىنيىنىنى ئۇيغۇرلارئارا ئالاقەدە قەتئىي ئىشلەتمەسلىككە دىققەت قىلىشى ۋە ئەتراپىنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈشى كەرەك. 3. زىيالىيلار ياشاۋاتقان دەۋلەت ۋە رايونلارداكى ئۇيغۇرلارنىڭ "تۈركىستان مەھەللەسى" شەكىللەندۈرۈشىنىڭ زۆرۈرىيەتىنى تەبلىغ ۋە تەشۋىق قىلىشى، پىكرىي ۋە قانۇنىي مەسىلىھەتچىلىك ۋەيا رەھبەرلىك قىلىشى لازىم. 4. زىيالىيلار مەيلى ئۇ شەرقىي تۈركىستان تىلى، دىنى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، تارىخى، جەمىيەتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانسۇن شۇغۇللانماسۇن، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق، ئۇيغۇر دەپ بىلگەن بولسا، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا ۋە ئۆز كەسپىدە يىلدا ئەڭ ئاز بىر پارچە ھەجىملىك ئىلمىي ماقالە يازماقىنى مىللىي مەۋجۇدىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتى، ئىلمىنىڭ زاكاتى، شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشنىڭ قەرزى دەپ بىلىشلەرى كەرەك. 5. زىيالىيلاركۈندەلىك ھاياتتا، ئۇيغۇرچە ئىجتىماىي تاراتقۇلاردا، بلوگلاردا، تور مۇنبەرلەرىدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا كەسپى ۋە قىزىقىش ساھەلەرىدە قىسقا يازمالارنى يازىپ تۇرماقى تىلىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە باي ۋە ئەۋرىشىم قىلادىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىم. شۇنداقلا بۇنىڭ ئاۋام خەلقىمىزنى (تىلىمىز ئارقالىق) مەلۇماتلاندۇرىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشى شەرت. 6. زىيالىيلار خىتتاي تۇزاقى بولغان دىنى زىيالىي -پەننى زىيالى ئايىرىمچىلىقىنى قەتئىي سۈرئەتتە قىلماستىن، دىئاسپوراداكى شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارنىڭ ھەممە قاتلام ۋە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈست بىر كەڭەشىنى قۇرۇپ چىقماقى لازىمدۇر. بۇ كەڭەش تەرەپىدىن چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا ئىلمىي ژۇرنال چىقارىلماقى شەرتتۇر. 7. قۇرۇلغۇسى ئۇشبۇ ئۈست كەڭەش تەرەپىدىن ھەر خىل كومىسيونلار تەسىس قىلىنىپ تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، جانلىقلىقىنى قوغداش، ھەرقايسى بىلىم ساھەلەرىدەكى ياڭىلىقلارنى تىلىمىزغا ۋە يازىقىمىزغا ئەكىرىش، ھەرقايسى بىلىم ساھەلەرىگە ئائىت ياڭى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارنىڭ تىلىمىزدا ئىپادەلەنىش مەسىلەسى ئۈستىدە قەرەللىك مۇھاكەمە يىغىنلارىنى تەرتىپلەشى زۆرۈردۇر. 8. قۇرۇلغۇسى بۇ ئۈست كەڭەش تىز سۈرئەتتە يۈرۈشلەشكەن ئانا تىل ئوقۇشلۇقلارىنى تۈزۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلارىداكى ئانا تىل مەكتەپلەرى، سىنىپلارى ۋەيا كۇرسلارىغا يەتكۈزۈشى، قەرەللىك ھالدا تەپتىش قىلىپ باھالاپ تۇرۇشى زۆرۈردۇر. 9. ئۈست كەڭەش ئانا تىل قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن دۇنيا ئۆلچەكىدە «گۈزەل ئۇيغۇرچە سۆزلەش»، «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈرى ھەققىدە زىھىن سىناش» مۇسابىقەلەرىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلىۋاتقانلارنى باھالاش ۋە تەقدىرلەش يۈزىسىدىن دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ ئەڭ ئالىي ئوردىنلارىنى تەسىس قىلىشى كەرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دىئاسپوراداكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى «ئانا تىل ۋە كىملىك فوندى» تەسىس قىلىشقا چاقىرماق لازىمدۇر. بۇ فونغا زىيالىيلار باشلامچى بولۇپ ھەر ئايلىق مائاشىنىڭ ھىچ بولمغاندا %1نى ئاپتوماتىك ئىئانە قىلىشى شەرت.
خۇلاسە شەرقىي تۈركىستان، تارىخىنىڭ ھىچبىر دەۋرىدە كۆرۈلمەگەن بىر مۇنقەرز گىردابىغا كەلدى، ئۇيغۇرلار دەرەجەدىن تاشقارى بىر كۈچنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك يوق قىلىش ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئەسىز قالدى. ۋەتەن سىرتىغا بۇرۇن چىققان ۋەيا تۇتقۇن باشلاغاندا جانىنى قۇتۇلدۇرغان يۈزلەرچە ھەتتا مىڭلارچە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇگۈن مۇھاجىرەت قوشۇنىغا قاتىلدى. دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ياشاتىش رىفلەكسى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان مىللىي بىر پوزىتسىيە ۋە ئەمەلىي ھەرەكەتتۇر. ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ ئىھتىياچ ۋە بار بولغان قىزغىنلىقنى تەخىمۇ ئىزچىللىقى ۋە سىجىللىقى بولغان بىر جەرىيانغا، ئۈنۈملۈك نەتىجە ئالغۇچى ئىلمىي بىر ھەرەكەتكە ئايلاندۇرۇش زۆرۈر بولماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ سەرخىلى ۋە ھەرخىللارىنىڭ ئاۋانگارتلارى بولغان زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشىدا ئاكتىپ رول ئالماقى شەرت ھەم پەرز بولماقتا. بۇ يازمادا، دىئاسپوراداكى ئۇيغۇر زىيالىيلارىغا قاراتا تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىمىزنى ئەمەلىي ئىھتىياچ ۋە يوشۇرۇن كۈچ ئاساسىدا ئوتتۇراغا قويدۇق. بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ سىستىمالاشتۇرۇلۇپ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانماقى ئۈچۈن دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلارىنى بىر تۇتاش (مەركەزى) پلانلايدىغان، ئىجرا قىلىدىغان ھەتتا تەپتىش قىلىپ باھالاپ مىللەتكە ھىساپ بەرىدىغان ۋە بەرەلەيدىغان نوپۇزلۇق ئۈست بىر ئورگانغا بولغان ئىھتىياجى. تەبىئىي ھالدا ئوتتۇراغا چىقماقتا. بۇنداق نوپۇزلۇق بىر ئۈست ئورگان تەرەپىدىن بىر تۇتاش پلانلانىپ تەييارلانغان دەرس كىتاپلارى پۈتۈن دىئاسپوراداكى كۇرس ۋە سىنىپلاردا (بىر تۇتاش) ئوقۇتۇلماقى كىملىكتەكى ياتلاشىش ۋە پەرىقلەشىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنى كۈچلەندۈرگۈچى تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات، فولكلور قاتارلىق مىللىيلىقى كۈچلۈك ئوقۇشلۇقلارمۇ ئۇشبۇ ھەيئەتنىڭ تەستىقى بىلەن كوللىكتىپ يازارلار تەرەپىدىن نەشىرگە تەييارلانماقى شەرتتۇر. يىللاردىن بەرى ئاغزاكى، بۇ يىل باشىدىن بەرى يازما ئوتتۇراغا قويغان كەڭ قاتىلىملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىكى ئۆرنەكىدە تەشكىل قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارالغان ئۈست بىرلىك قۇرۇش تەكلىپىمىز، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق موھىم مەسىلەلەرنى ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى. دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىكىنىڭ ئىچىدە "ئانا تىل ۋە كىملىك ھەيئەتى/كومىسيونى" بولغاندەك باشقا ھەرخىل تارماق ھەيئەت ۋەيا كومىسيونلارمۇ تەسىس قىلىنغۇسىدۇر. بۇ ھەيئەتلەر،مۇناسىۋەتلىك ساھە مۇتەخەسىسلەرى ۋە تەجىرىبەلىك كىشىلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پەقەتلا ئۆز ساھەسىدەكى مەسىلەلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋەيا تۈزۈلگەن پلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن مەشغۇل بولغان بولىدۇ. يەنى مۇئەييەن سەۋىيەدە بىر كەسپىيلەشىش ۋە مۇتەخەسىسلەشىش ئوتتۇراغا چىققان بولىدۇ. مىللىي داۋامىز، ئەنئەنەۋى "ھەممەباپ"، "ھەممە بىلۇر" يالغۇز قوماندانلارنىڭ كەيپى باشقۇرۇشى ياكى مۇئەييەن گۇرۇپپالارنىڭ مونۇپۇللىقىغا چۈشۈپ قالىشتەك موداسى ئۆتكەن دەۋرگە خاتىمە بەرگەن بولادۇر. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى يۈرەكىمدەكى كاشغەر يىلىكىمدەكى بەشكەرەم.
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: kamucam13@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|