
|
12 - نويابىر تارىخىي كۇندەكى تارىخىي ئىش
نۇرمەمەت مۇساباي
2020- يىللىق 12- نويابىر شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋلەت بايرامىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋاشىنگتوندا ئۆزگىچە بولدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇراشىدا ۋاشىنگتون شەھرىدەكى خىتتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۇزۇلدى. شەرقىي تۈركىستان بايراقى ياقىنقى 10 يىلدا دۇنيانىڭ ھەممە يەرىدا لەپىلدەپ كەلدى. نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدا، شەھەر مەركىزىدە، ھۆكۇمەت بىنالارىدا لەپىلدىدى. ئەمما، بۇ نۆۋەت ئامېرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋلەت مارشىمىز بىلەن خىتتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقىنىڭ چىقىرىلىشى باشقىچە مەنالارنىمۇ بەرىدۇ. بىر پارچە رەسىم مىڭ كەلىمە سۆزنى ئىپادىلەيدۇ دەگەندەك.
خىتتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىزنىڭ بايراقىمىزنىڭ چىقىرىلىشى، خىتتاي بايرىقىدىن 20-30 مېتىر يىراقلىقتا خىتتاي بايرىقى بىلەن تەڭ كۆكتە تۇرىشىمۇ ئۆزگىچە بىر مەزمۇنلارنى بەرىشى مۇمكىن. دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزى دەپ ئاتىلىپ كەلىۋاتقان ۋاشىنگىتون شەھرىدىكى خىتتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئالىپ بارىلغان بۇ پائالىيەت ۋە كۆرۇنۇش سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن مىڭ كەلىمە سۆزنى قىلغان بولۇشى ھەم مۈمكىن.
تارىخىي كۇنىمىزدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئىشنىڭ نەتىجەسى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمەسىگە مەنسۇپتۇر. بۇ كۈندە يەنە: كانادا پارلامانتىدا ئالاھىدە بىر شەكىلدە «شەرقىي تۈركىستان» نامى تىلغا ئالىنىپ: «بۇگۇن 12-نويابىر ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇرك تىللىق خەلىقلەرنىڭ مىللىي بايرام كۈنىدۇر» دەپ بىزلەر تەبرىكلەندى. ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىلىق بىر سەناتور، 12-نويابىرنى ئۇيغۇر –ئامېرىكا دوستلىق كۇنى دەپ قوبۇل قىلدى، ئۇنى ۋىرجىنىيە شىتاتلىق ئومۇمىي سەناتونىڭ ماقۇللىشىغا سۇنماقچى. 12- نويابىركۇنى يەنە: ----- ئامېرىكا دەۋلەت ئىشلىرى كاتىبى مايك پومپيو: «تەيۋەن ھىچ بىر زامان خىتتاينىڭ زىمىنى بولغان ئەمەس»، دىدى. خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى بىر تۇركۇم پارلامەنت ئەزالىرىنىڭ قالدۇرۇلىشى بىلەن ئەنگىلىيە ھۆكۇمىتى بايانات ئىلان قىلىپ: «1987- يىلى خوڭكوڭ ئۇچۇن تۇزۇلگەن كەلىشىمگە خىتتاي خىلاپلىق قىلدى» دەپ خىتتاي ھۆكۇمىتىنى ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، توختاملارغا رۇئايە قىلمايدىغان ھۆكۇمەت دەپ تەنقىد قىلدى. خىتتاينىڭ بىر دوۋلەتتە ئىككى خىل تۇزۇم دەپ خەلقئارانى ئالدىغانلىقىنى، ئەمدى خىتتاينىڭ بۇ ھىلىسىنىڭ تەيۋەنگە ۋە باشقا باسىۋېلىنغان يەرلەرگە ئاقمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى. 6- نويابىر كۇنى يەنى 12- نويابىردىن 5 كۇن بۇرۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلان قىلىدى. -بىر قانچە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى 12-نويابىر كۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقىنى چىقىرىپ «12-نويابىر شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى»نى خاتىرىلەدى. يۇقارقى پائالىيەت، باياناتلار بىز ئۇيغۇرلارنى ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالىش ئۇچۇن، تىزراق ئويغانىشقا، تىزراق تىرىلىش-قۇتۇلۇش ھەرەكىتى ئالىپ بارىشقا چاقىرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. غەرب ئەللەرىدىكى بۇ بىر يۈرۈش قوللاشلار، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارىنىڭ بۇندىن كەيىنكى پائالىيەتلەرىنىڭ راۋان ماڭىشى ئۇچۇن ياقىلغان بىر يەشىل چىراقتەك قىلىدۇ. ۋەتىنىمىزدە مىللىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ، قۇربان بولغان خەلقىمىزنىڭ جان بەدىلىگە خەلقارادا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھىسداشلىق مىسلى كۆرۈلمەگەن سەۋىيەدە ئاشىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەخىمۇ كەسكىن، تەخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، ھەر ساھادە ھەرەكەت قىلىشى ئۇچۇن سىياسىي سورۇنلار ھازىرلانىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىخىنڭ ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ نازۇك بىر كۇنى بولغان 12-نويابىردا غەرب ئەللەرىدە ئالىپ بارغان بۇ بايانات، پائالىيەتلەر، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى ئۇچۇن ئالىپ بارىلغان ۋە ئالىپ بارماقچى بولغان بارلىق پائالىيەتلەرىنىڭ ھەقلىق، قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمىيەتلەر ئورتاق تىلدا تەستىقلاۋاتقاندەك قىلىدۇ. چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارىنى تەخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن تەخىمۇ جەڭگاۋەر روھ بىلەن ھەرەكەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەجىبا، تەشكىلاتلار بۇ سىگنالنى توغرا ئالدىمۇ؟ ئالغان بولسا، بۇ چاقىرىققا ماس كەڭ كۆلەملىك ھەرەكەتكە ئۆتكۈدەك مىسيون ۋە ۋىزيون ساھىبى رەھبەرلىك قۇرۇلماسى بارمۇ؟ دىئاسپوراداكى مىللەتداشلارىمىز بۇ تەشكىلاتلارغا قاراتا رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش ۋە قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە تەپتىش ۋە تەنقىت قابىلىيەتلەرىنى تولۇق جارى قىلدۇرالاۋاتامدۇ؟
2020- يىلى 16- نويابىر، ۋىرجىنىيە ، ئامېرىكا
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : nmusabay@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|