يىپ ۋە ئارغامچا

 

ئەھمەد كاشىغەرىي

 

  ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش  دوكىلاتى بىچارە باچلىتنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئېلان قىلىنىشى بىلەن بارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى بىردىنلا جانلىنىپ، بەئەينى بىر يىپ بازىرىغا ئايلاندى.                                             

قارىساق، ھەركىم تاپقىنىدىن ئۆزىگە يارىشا يىپلەرنى ئېگىرىپ بازارغا ساپتۇ. بەزىلەر ئۆزى تەرگەن تەمەچلىرىنىڭ خۇرۇچلىرى بىلەن ئېگىرىلگەن يىپلارنى ماختاپ، يىپچىگىمۇ ھەم رەھمەت  ئېيتىشقا ئۈلگۈرۈپتۇ.  يەنە بەزىلەر بۇنى ئەيىپلەپتۇ. يەنە بەزىلەر ئالقىشلاپتۇ. يېغىپ ئېيتقاندا، نەگىلا قارىساڭ شۇ يىپنىڭ گېپى. بەزىلەر خىلمۇخىل ۋە رەڭگارەڭ يىپلاردىن ئۆز ئىھتىياجىغا كۆرە مۇۋاپىق دەپ قارىغانلىرىنى تاللىۋالغاندەك، ئەمما يەنە كۆپ ساندىكىلەر كىنمىڭ ئاۋازى چىڭ چىقسا، كىمنىڭ خېرىدارى كۆپرەك بولسا شۇنىڭ نوچى ئوخشايدۇ دەپ قارايدىغان خېرىدار كەبى چۆرگىلەپ، باشلىرى قايدۇرۇلغاندەكمۇ تۇرىدۇ.  بۇ ھەر ھالدا يوقتىن ياخشى. ئەمما ھەممەيلەننىڭ تەخىرسىز ۋە بىباھا ۋاقتى بۇرۇنقىدەكلا ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ . ئەسلى بىزگە كېرىكى يىپ ئەمەس،بەلكى ئارغامچا ئىدى. چۈنكى دەردىمىز ئۇششاق يىپلار بىلەن تارتقىلى  بولىدىغان دەرىجىدە ئەمەستە!                                    

-«ئەپەندىم، ئاشۇ يىپلاردىن بىر ئارغامچا ئەشكىلى بولىدىغۇ! نېمە ئۈچۈن قاقشايسىز؟» دەۋاتقانسىز بەلكىم.                                                  

ئۇنداقتا، ئارغامچا قانداق ياسىلىدۇ؟ بىلىدىغانلار بارمۇ؟؟؟ ئارغامچا ئەنە شۇ يىپلار بىر ئوڭ-بىر تەتۈر ئېشىلىپ، بىر-بىرىگە زىچ كىرىشتۈرۈلۈپ ياسىلىدۇ. ئەمما مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ۋە مۇستەملىكىدىكى خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا لازىم بولۇۋاتقان ئارغامچىنى ئۇنداق ئاسان ئەشكىلى بولمايدىكەن... ناھايىتى ئەپسۇس، گەپ دەل مۇستەھكەم ئارغامچا بولۇپ ئېشىلايلى دېگەن يەرگە كەلگەندە، ئۇ يىپ بازىرىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭلار كۈچىيىپ، ھەركىم يەنە ئۆز يىپلىرىنىڭ تەرەپدارلىقىدا سايراشقا باشلايدۇ،-دە، بىزگە كېرەك ئارغامچا ئېشىلمەي، دەردىمىز دەرت پېتى قېلىۋاتىدۇ.                                     

بۇ يازمىمىزدا يىپ ۋە ئارغامچىنىڭ تېمىمىزغا مۇناسىۋەتسىز تەپسىلاتلىرىدا توختالماي، بەلكى ب د ت نىڭ دوكىلاتىغا ئالاقىدار ئىنكاس ۋە يازمىلارنى بىر يىپ كەبى خۇلاسىلەپ، تەخىرسىز ھالدا بىر ئارغامچا ئىزدەپ، ئويلىغانلىرىمىزنى ئورتاقلىشىپ باقايلى.                                         

بىزچە ، يېپ ئېگىرەلەيدىغان يىگىت زىيالىيدىن بىر قانچىسى ئىزدىنىشلىرىگە ماس بىر ئېكراندا جەم بولۇپ، ئۆز-ئارا مۇنازىرە،مۇلاھىزە ۋە ئانالىزىلىرىنى بىر پروگراممىغا جەملىسە، بىر ئارغامچا تەدرىجىي شەكىللىنەر ئىدى .

بۇ دەل بارچىمىزنىڭ ئەڭ تەقەززا بولىۋاتقان كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە زىيالىلىرىمىزدىن كۈتىۋاتقانلىرىمىزدۇر.

 پىدائىيلار ئېكرانى ھەر زامان ئەنە شۇنداق ھىممىتى، قۇدرىتى، نېيتى ۋە ئىمكانى بارلارنى خالىس ۋە دەخلىسىز ھالدا سۈپەتلىك مۇلازىمەتلىرى بىلەن قارشى ئېلىشقا تەييار ئىدى. ئەپسۇس، يىپ بازارلىرىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ، توپا-توزان قاينىماقتا، قاينىتىلماقتا. ئارغامچا ئەشكىلى ھىچ كىشى يوق. ئەجەبا بۇ ھالغا قاچان خاتىمە بىرىمىز؟؟؟

ئەي ۋەتەنداش! سىزمۇ ھەم ئويلىغانلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىپ بىقىڭ،بەلكىم بۇ بىزنىڭ مۇستەھكەم بىر ئارغامچا بولالىشىمىزغا ئەسقىتىپ قالار.

 

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : pidaiylarbiz@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.