
|
كىچىكلەشتۈرۈلگەن، سەلبىيلەشتۈرۈلگەن، خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن«مەن» ۋە چىرىكلەشكەن «بىز»
ئەنۋەر نۇرۇم
مەن بىزنىڭ شەخىس شەكلى دەپ چۈشەدۈرۈلىدۇ. لىكىن، ئەمەلىيەت شۇ بولدىكى بىز ھەر قاچان مەننى چەكلەش ھەم يوقۇتۇش ئۈچۈن كۈچەپ كەلدى. مەننىڭ بىزلىكى تۇغۇلغان ئائىلىسىدىن باشلاندى. ئائىلە مەنگە تۇنجى بىزلىك ئاتا قىلغان يەر بولدى ۋە مەننى شەكىللەندۈرۈشنى باشلىدى. ئاسراش، مىھىر كۆرسىتىش، ياردەم قىلىش، تاياق، تىل- ئاھانەت… ۋاستىلىرى ئارقىلىق مەننى ئائىلدىكى بىزگە بويسۇنۇشقا يىتەكلەپ كەلدى. مەن ئاستا- ئاستا نېمە قىلسا ئائىلىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، قوللايدىغانلىقىنى، نېمە قىلسا ئۆزىنىڭ چەتكە قېقىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. مەننىڭ خىيالىدا بارا- بارا ئائىلىدىكى بىزنىڭ ئورتاق كۆز قارىشى شەكىللىنىۋاتاتتى. بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزدىكى "ئاق- قارنى" پەرقلەندۈرۈپ، ئوي -خىيال ھەم ئىش- ھەركىتىنى رەتكە سېلىپ كەلدى. ئەمما ئۇ بەخىتلىك ئىدى. تەپەككۈر بوشلۇقى بىلىش دائىرىسىگە قارىغاندا يېتىپ ئاشاتتى ۋە گۈزەل خىياللارنى سۈرەلەيتتى. مەننىڭ قورقۇنچلۇق شەكىللىنىشى مەكتەپكە كىرگەن كۈندىن كىيىن باشلاندى. مەكتەپتىكى بىز ئائىلىدىكى بىزدىن تامامەن پەرقلىق ئىدى. بۈيۈك بىز تەرپىدىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ قائىدىلەر بۇ يەردە تېخىمۇ سىستېمىلق ھالدا مەنگە سىڭدۈرۈلەيتتى. ئاتالمىش ئېنىقلىما، فورمىلا، چۈشەندۈرۈنلەر توغرا جاۋاب شەكىلدە مەندىن تەلەپ قىلىناتتى. مەن بىزنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىىش ئۈچۈن توغرا جاۋابنى قوبۇل قىلاتتى. چۈنكى توغرا جاۋابنى ئىنكار قىلىشىنىڭ بەدىلى ئائىلىدىكىگە ئوخشىمايتتى. مەكتەپتىكى بىز ئۇنى يالغۇز قالدۇراتتى، جازالايتتى، غۇرۇرىغا تېگەتتى. ئاچچىقلاپ تۇرۇپ قۇچاقلايدىغان،"خاتا" غا كۆز يۇمۇۋىتىدىغان ئائىلىدىكى بىز مەكتەپتە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . مەن قورقۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ قورقۇنچ ئۇنى ئاستا- ئاستا بىزنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئىتتىردى. مەن باشقىچە ئويلاشتىن، ئويلىغانلىرىنى سۆزلەشتىىن خۇدۇكسىرەيدىغان بولدى . مەن بارا- بارا چوڭ بولدى. چوڭ بولۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنۇتۇش ۋە بىزگە ماشلىشىش جەريانى بولدى ۋە جەمئىيەتكە قەدەم قويدى. بۇ يەردە مەكتەپتىكى توغرا جاۋاب بىۋاستە سورالمايتتى. مەننى مەسخىرە قىلىدىغان باشقا مەنلەردىن ھەم ئەنسىرەپ كە تمەيتتى. چاتاق يېرى، مەن ئۈچۈن جاۋاب ياكى سۇئال ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ئىدى. ئۇ ئارتۇق نېمە ئۈچۈن؟ دەپ ئويلانمايتتى. ئويلۇنۇشتىن زىرىكىشلىك ھىس قىلاتتى. ھايات ئۇنىڭ ئۈچۈن تاماششا ۋە مال توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. گۈزەل خىيال ۋە ئاچچىق رىئاللىقتىن دەككىسىنى يېسە، تەپەككۈر ئۇنىڭغا ھۇزۇر بېرەلمەيتتى. يامىنى تەپەككۇر قىلىشتىن قورققان، ئۇنۇتقان ئىدى. مەن ئاستا- ئاستا بۈيۈك بىزنىڭ سىزىقىغا چۈشتى . بۈيۈك بىز يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. چۈنكى، دۇنيادا بۈيۈك بىزدىن باشقا بىزلەر مەۋجۇت ئىدى.ئارىلىرىدا مەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان، مەنلىكنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بىزلەر ھەم مەۋجۇت ئىدى. تور ۋە تېخنىكا دۇنياسى ھەر زامان مەننى غىدىقلاپ تۇراتتى. بۈيۈك بىز تورلارنى تاقىدى، مىديا ۋە تارقىتىشنى تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرجىدە كونترول قىلدى، كىتابلارنى كۆيدۈردى، بۈيۈك بىز ئۈچۈن كىچىككىنە تەپەككۈر بوشلۇقىمۇ خىرىس بولدى. لاگىرلارنى ئاچتى. ئۆزى تەربىيەلىگەن مىليونلىغان مەننى بۈيۈك بىزگە ئوخشاش ئويلايدىغانلار ئەمەس، بەلكى بۈيۈك بىزنىڭ مۇتلەق كونترولۇقىغا ئېلىشقا ئۇرۇندى . بىزمۇ مەننىڭ بىرلەشكەن شەكلى ئەمەس، بەلكى توپلانغان شەكلى ئىدى. بۈيۈك بىز بىر ياكى بىر قانچە مەننىڭ باشقا نۇرغۇنلىغان مەننى يوق قىلىش بەدىلىگە قۇرغان دىكتاتورلۇق ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن ئويلايدىغان، ياق دېيەلەيدىغان ھەر قانداق مەن تەھدىت ئىدى. ھەر مەن ئۇلاردەك ئويلىشى شەرت ئىدى ۋە بۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئەڭ زۆرۈر شەرتى ئىدى . مەندىن چەتئەلگە چىققانلار بولدى، ئەركىنلىككە ئىرشكەنلەر بولدى. لىكىن بۇ ئەركىنلىك كۆپلىگەن مەن ئۈچۈن جىسمانىي ئەركىنلىكتىن باشقا نەرسە بولمىدى. ئويلۇنۇشنى، پىكىر قىلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، ئەركىن دۇنيادا ياشىغان مۇھىتى يەنىلا ۋەتەندىن چىققان مەنلەردىن تەركىپ تاپقان بىز ئىدى. چەتئەلدىكى بىزمۇ مەنگە ئويلاش پۇرسىتى بەرمەيتتى. ۋەتەندىن كەلگەن تاراتقۇ، ۋەتەندىن كەلگەن كىتاب، ۋەتەندىن كەلگەن بىلەرمەن چەتئەلدىكى بىزنى كونترول قىلاتتى. تىل بىلمەسلىك ياكى كىملىكسىز مەنلىك مەننى ئويغىتالمايتتى. چەتئەلدىكى مەن پەقەت جىسمانىيتىگىلا ئىگە چىقالىغان ئىدى. بىرلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئويلاپ بېرەتتى. بىز تەرىپىدىن يوق قىلىنغان مەن ئۈچۈن ۋەتەنمۇ كۆپ مەنا بىلدۈرمەيتتى. ۋەتەن دەپ بىلگەن ئەمما ئىشغالچى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان ئۇ تۇپراقتا مەن ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى بىز مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. چەتئەلدىكى بىزمۇ ھەم مەننىڭ ئاخىرىقى تاللىشى ئىدى. مەن ئۈچۈن ھايات پەقەت جان ساقلاش ئىدى خالاس. ئۆلمىگەن ئىكەن مەندە يەنىلا ئۈمىد بار. مەن ئالدى بىلەن يۇقاتقانلىرىنى بىلىشى لازىم. بۈيۈك بىز تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان گۈزەل خىياللىرىنىڭ، تاتلىق ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقا بىر مەندە تامامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. بىلىش ئۈچۈن كۆزۈتۈش لازىم. نىمىشقا خەقتە بار بولغان ئەڭ ئەقەللىي نەرسە مەندە يوق بىلىشى لازىم. ئۆزىنىڭمۇ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، مەنلىكنى ئىنكار قىلغان بىزنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە بىر قانچە رەزىل كۈچنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى ئىكەنلىكىنى، ھەر گۈزەللىكتە ئۆزىنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى ھىس قىلىشى لازىم. ۋە بۇ خىل ئىمكانىيەتنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەڭ ياخشى تەرققىي قىلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. مەن ئىنسان، پىكىرسىز مەن، تەپەككۈرسىز مەننىڭ نەتىجىسى پەقەت خارلانغان مەن. 2022-06-12-كۈنى
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : canbazbiz218@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|