
|
ئامېرىكادىكى سايلام ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت
ئۆتكەن ئاينىڭ باشىدا ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلامىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ترامپ، دېموكرات پارتيەدىن بايدىن پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ سايلام بويىچە بىربىرى بىلەن قاتتىق رىقابەتلشكەن، بىربىرىنى خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيە نوقتاسىدىن تەنقىت قىلىپ ئاۋامنىڭ رايىنى ۋە ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان ئىدى. بۇ جەرياندا ترامپنىڭ "بايدىن ئۇتسا، خىتاي غەلبە قازانغان بولىدۇ" دېگەن تەلەپپۇزى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالىپ قويغان ئىدى. سايلام ئاياغلاشىپ ئارادىن بىر ئايدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسامۇ قايسى نامزاتنىڭ ئۇتقانلىقى ئېنىق بولمىغاچ مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل مۇنازىرە ۋە دەتالاشلار بولۇپ ھەر خىل كۆزقاراش، تەخمىن ۋە مۆلچەرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە قويۇلۇۋاتىدۇ. قارىماققا، بايدىن ئۇتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، سايلامنىڭ نەتىجىسى قانۇنىي جەھەتتىن بەكىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەقتە كېسىپ بىر نەرسە دېيىش تەس. بۇ مۇجىمەللىك بەزىلىرىمىزنى ئۈمىتسىزلەندۈرسە، بەزىلىرمىزنى ئۈمىتلەندۈرمەكتە. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراغاندا،بەزى قېرىنداشلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى تارمپقا باغلىق بولۇپ قالغاندەك، بايدىننىڭ پرېزىدېنت بولۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەندىشەنىڭ سەۋەبى ئا) سايلام جەريانىدا ترامپنىڭ " بايدىن ئۇتسا، خىتاي ئۇتىدۇ" دېگەن تەلەپپۇزى، ب) بايدىننىڭ خىتايغا تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسى بولۇشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ ترامپنىڭ كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇىغا چىققاندىن بېرى خىتايغا قارشى تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنى "ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسەتى قانۇنى"نىغا قول قويۇشى، ماگنىتىسكى قانۇنى بويىچە شەرقىي تۈركىستاندا زورلۇق زومبۇلۇق قىلىۋاتقان بەزى خىتاي رەھبىرىي كادىرلارىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ مەخسۇلاتىرىنى چەكلىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى كونسولخانىسىنى تاقىۋېتىشى، ترامپ ھۈكىمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئونىڭ خىتايغا قارشى مۇرەسسەسىز كەسكىن پوزىتسىيەسى ۋە نۇتۇقلارى دئاسپورادىكى ئۇيغۇرلاردا ناھىيىتى چوڭ ئۈمىتلەرنى تۇغدۇرغان ئىدى. شۇڭا ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇيغۇرلار ترامپنىڭ ئۇتۇپ چىقىپ خىتايغا تېخىمۇ قاخشاتقۇچ زەربىلەرنى بېرىشىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ قۇتۇلۇش ئىمكان ۋە پۇرسەتى ياراتىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلدى. ئەپسۇسكى سايلامدا بايدىننىڭ ترامپتىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنت بولۇش ئىھتىمالى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنى تەمتىرتىپ قويدى. راستىنلا بايدىن ئۇتسا، خىتاي غەلبە قىلغان بولامدۇ؟ ياكى بايدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىىقسا، ئۇيغۇرلار تۈگىشىپ كېتەمدۇ؟ ئەگەر بايدىن ۋە شەكىللەنگۈسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى پىكىر ۋە ستراتېگىيەسىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئىشلارنىڭ بەزى قېرىنداشلار ئويلىغاندەك بولمدياىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. بايدىن مۇشۇ يىل 3-ئايدا « FOREGN AFFAIRS» (تاشقى ئىشلار) ناملىق ژورنالدا “Why America Must Lead Again” (ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن قايتىدىن باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك؟) تېمىلىق بىر ماقالا ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالاسىدا تۈۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: ئامېرىكا خىتايغا قارشى قاتتىق قول بولۇشى كېرەك، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلەرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلارى ۋە ئورتاقلارى ئاراسىدا بىرلىكسەپ قۇرۇشى كېرەك. بايدىن ماقالاسىدا خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىنى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئوچۇق ئوتتۇراغا قويغان. ئۇ خىتايغا قارشى كۈرەشتە ترامپنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر يول خەرىتەسى سىزىپ چىققانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئامېرىكا دۇنياغا قايتىدىن باشلامچى بولۇشى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى مۇستەھكەملىشى، ئاۋۇسترالىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلارىنى ۋە ئورتاقلارىنى يېڭىدىن ئەتراپىغا توپلاشى ۋە بۇلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشى، خەلقئارالىق سېستىمانى قوغداشى، سودا-تىجارەتنى باشقۇرىدىغان قائىدىلەرىنى خىتاي ئەمەس، ئامېرىكا بەلگەلىشى كېرەك. بايدىن ترامپنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە ئامېرىكاغا يېقىن دوست دۆلەتلەرنىمۇ رەنجىتكەنلىكىنى تەنقىت قىلغان. بايدىن ھۈكۈمەتىنىڭ بولغۇسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بىلىنكىن (Antony Blinkin)نىڭ مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغان سۆزلەرىگە قاراغاندا، ترامپ بىلەن بايدىننىڭ مەقسەتى ئوخشاش، لېكىن يولى پەرقلىق. ھەر ئىككسى ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى مىللىي بىخەتەرلىك مەسەلەسى دەپ قارايدۇ، ھەر ئىككىسى ئوتتۇرا قاتلامنىڭ مەنەئەتىنى ئاساس ئالىدۇ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە تەتقىقات-كەشپىيات ئۈستۈنلىكىنى قوغداپ قالىشى زۆزۈرلىكىنى ياقلايدۇ. مەقسەت ئوخشاش بولغاچقا، خىتايغا قارشى تۈپ سىياسەت ئۆزگەرمەيدۇ. ئانتوني بلىنكىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيە،ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە ساھاسىدا ئامېرىكا بىلەن خىرسلىشىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇڭا خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتىنى كۈچلەندۈرۈش، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى مەسەلەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق باشلامچىلىق ئورنىنى قايتادىن تىكلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇراغا قويغان. ئۇنىڭ قاراشىچە، بايدىن كۆپ تەرەپلىمىلىك مېخانىزمانى، خەلقئارالىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنى ئىشقا سالماقچى ۋە دېموكراتىيىلىك ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكسەپ قۇرماقچى ئىكەن. دۇنيانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارالىق تۈزۈم ۋە قائىدە يوسۇنلارنى ئىشلىمەس ھالغا چۈشۈرۈشكە، شىركەت قالپىقى ئارقىلىق مۇھىم ئورگان ۋە شەخسلەرنى ساتىپ ئالىشقا تىرىشىۋاتقان، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ۋاستىلارنى ئىشلەتىشتىن يانمايدىغان خىتايغا قارشى مۇشۇنداق بىر يول زۆرۈر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئامېرىكالقلار خىتاينىڭ مەۋجۇت دۇنيا سېستىماسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆز مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىشلەش مېخانىزماسىنى بوزۇۋاتقانلىقىنى، مېديا ئورگانلىرىنى ساتىپ ئالىپ ئۆزلەرىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلەرىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ تېخنولوگىيە سىرلارىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ بولغان. ئامېرىكالىقلار ئەگەر بۇ ئەھۋالغا قارشى تەدبىر ئالماسا، يەنە 20-30 يىل كېيىن قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنىمۇ ھېساپلاپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىر بىراز كېچىكىپ بولسىمۇ ئويغانغان بىر ئامىرىكا بار. ئەگەر ئامېرىكا سۈپەركۈچ ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، مەيلى ترامپ بولسۇن، مەيلى بايدىن بولسۇن، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە خىتاينىڭ يۈكسەلىشىنى توسۇشى كېرەك. مەن بايدىننىڭ ستراتېگىيەسىنى قىسقا مۇددەتتە بولماسىمۇ، ئوتتۇرا ياكى ئۇزۇن مۇددەتتە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن. خىتاي كومۇنست پارتىيەسى رەھبەرلىك قاتلىمىدا دېيىلىۋاتقان "ترامپ پۇل ئالىدۇ، بايدىن جان ئالىدۇ" دېگەن گەپلەر مۇشۇنداق بىر نەتىجىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكا خىتايغا قارشى خەلقئارالىق بىرلىكسەپ قۇرىمىز دەۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارمۇ خىتايغا قارشى ئۆز ئىچىدە بىرلىكسەپ قۇرۇشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈستبىرلىكنى بەرپا قىلىشى شەرت. چىقىش يولىمىز بۇ.
2020-يىل 12-دېكابر ئىزمىر
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: alim1962@hotmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|