تاغامنىڭ ئۆلۈمى تۇغقان ئويلار

 

سالاھىدىن سەيدەخمەت

 

پويىز خۇددى زاماننىڭ سىرتىدا، ماكاننىڭ بارلىق ئېغىرلىقلىرىدىن خالى ھالدا ناتونۇشلۇققا قاراپ يول ئالغان ئاسمان جىسمىدەك  تىمتاس كېتىۋاتاتتى. ئانامنىڭ گۈزەل يۈزى، پويىزنىڭ سۇس يېشىل رەڭ ئەينىكىدە تولۇق ئەسكە ئالالمىغان چۈشۈمدەك يېرىم ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. مەن بۇ يۈزنى بۇ شەكىلدە كۆرىۋاتقىلى ئاز كەم 7 يىل بولدى.  كۈلكىدىن خالى، چوڭقۇر ئويلارنىڭ ئىچىگە ھاياتىدىكى بارلىق ئېغىرلىقلار بىلەن شۇڭغىغان، ئويچان، ئەنسىز ۋە ئۈمىدسىز. بىر ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ سىرتىغا يانسىغان ئەڭ چىن ۋاقتى دەل ئۇ ئىنساننىڭ يۈزىدىكى مۇسكۇللىرىنى ھەركەتلەندۈرۈشى كېرەك بولمىغۇدەك دەرىجىدە يالغۇز ۋە ئويغا پاتقان ۋاقتىدۇر.  ئانامنىڭ مۇشۇ ھالىتى بىز چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن بېرى ئەڭ كۆپ كۆرگەن مەنزىرەم بولدى. بەزىدە ناماز ئوقۇپ بولۇپ تەسبىھ سىرىغاندا كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا قۇچىقىدا يېتىۋالىمەن. قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىلاپ-تارايدۇ يۇ، ئۇ قوللار بىلەن ئويلىرى بىر ئالەمدە ئەمەستەك. 

ئاللاھ بۇ دۇنيانى ھەم گۈزەل ھەم رەھىمسىز ياراتقان ئىكەن.  قىززىق يېرى بۇ دۇنيا ماس كەلگەنلىرى بىلەنلا ئەمەس، زىتلىقلار بىلەنمۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ چۆرگىلەۋېرىدىكەن. تېخى يېقىندىلا 2- قىزىم دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئايالىمنىڭ چەتئەلدە ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىغاچقا، ئۆزىنى سەل رۇسلىۋالغۇچە ئانام قاراپ بەرگىلى بىزنىڭكىگە كەلگەن ئىدى. تاتلىق بۇۋاق بىلەن بىللە كەلگەن راھەت كەيپىيات، بىر لەھزە بولسىمۇ ۋەتەننىڭ، ھېجراننىڭ دەردىنى ئۇنۇتقۇزغان بولدى. ئەمما «يىتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقا تەگكۈچە بۇرنى قاناپتۇ»  دېگەندەك، ئەتتىگەندە دادام ئۆزى كەلمىگۈچە ئاپامغا قەتئى ئېيتماسلىقىمنى تاپىلاپ تاغامنىڭ« ئاپامنىڭ ئىنىسى» ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزدى. سۆڭىكىمنىڭ ئىچىدە مۇز تۇتقاندەك بىر سوغۇق تىتىرەش بىلەن تەڭ قاپقارا غەملەرنىڭ ئىچىگە غەرىق بولۇپ كەتتىم. تاغامنىڭ ئۆلىمى ئېغىر كەلدى. ئۇنىڭدىن بەك ئېغىر كەلگىنى، ئىچمىجەز ئانامنىڭ بۇ ئۇشتۇمتۇت مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىسا قانچىلىك ئازاپلىنىدىغانلىقى ئىدى.  ئۆيدە ئولتۇرسام داداملار كەلگۈچە بۇ خەۋەرنى ئىچىمگە يۇتۇپ تۇرالمايدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان بولغاچ، ئانامنى ۋە قىزىمنى بازارغا ئاپىرىپ داداملار كەلگۈچە چۆرگىلەپ تۇرۇشنى قارار قىلدىم. ۋە پويىزدا شەھەر مەركىزىگە باردۇق، ئايلاندۇق، ئاشخانىدا تاماق يىدۇق، بىر جۈپ ئاياق ئالدۇق ۋە قايتىپ كېلىۋاتاتتۇق....

راست گەپ قىلسام مۇسىبەت خەۋىرىنى ۋۇجۇدۇمنىڭ نەرىدە يوشۇرۇپ تۇرۇشنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدىم. ئۆيدىن يېڭى چىققىنىمىزدا ئېغىزىمنىڭ ئۇچچىغا كەلدى، ھامانە بىلىدىغان ئىش بولغاندىن كېيىن دەپلا ۋېتەي دېدىم-يۇ، ئالدىمدا مېڭىۋاتقان ئەڭ يېقىملىق سىمانىڭ بوش قالغان قوللىرىنى تۇتۇپ دىيىشكە تەمشەلگىنىمدە گەپ بوغىزىمغا كەپلىشىپ قالدى. 

ئانام سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى تۇتقىنىچە قول قوشتۇرۇپ، نىمىدۇر بىر نېمىلەرنى خىيال قىلغاچ پويىز ساقلاۋاتقاندا يىنىغا كەلدىم، دەي دېدىم-يۇ، پۇت-قوللىرىم تىتىرەپ يىنىمدىكى تۆمۈر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا قالدىم. 

بارغۇچە قارمۇ-قارشى تۆت كىشىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ باردۇق. قىزىم تىنىمسىز ھەرىكەت قىلاتتى، بىردەم مېنىڭ، بىردەم ئانامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتاتتى. يىنىمىزدىكى نېمىسلارمۇ قىزىمغا ئامراقلىقى كېلىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ھەركەتلىرىنى كۈزىتىۋاتاتتى. ئىچىم يەنە ئېغىزىمنى تاتلاشقا باشلىدى-يۇ، كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش ئىلىپ توختاپ قالدىم. چۈنكى مۇشۇ خاتىرجەملىكىنىڭ بىر نەچچە سائەت بولسىمۇ ئۇزۇن سۈرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. 

بىر ئاياق ساتىدىغان دۇككانغا كىردۇق. ئۇ «سىر» يەنە مېنى قىينىغىلى تۇردى. دېسەم قەتئى بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى بۇ خەۋەر ئانامغا قاتتىق ئېغىر كېلەتتى، بەلكىم ئايلىنىپ چۈشىشى مۇمكىن، بەلكىم قاتتىق ئېسەدەپ يىغلاپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ھېچ بولمىسا ئۆيگە بېرىپ دېسەم يىغلىسىمۇ ئازادە يىغلايتتى. ئەمما ئۆيگە قايتقاندا يۈز بېرىدىغان ئىشلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋالغاچقا شۇ دەمدە يۈز بېرىۋاتقان ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى. پۈتۈن ھۇجۇدۇم بىلەن ئانامنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىدىكى ئازابىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئىچىم تىتىلداۋاتاتتى،  ئازابىنى قانداق قىلىپ يىنىكلىتەلەيمەن دەپ ئويلاۋاتاتتىم.  ئانام سىپتا تىكىلگەن چوڭلارنىڭ ئايىقىدىن بىرنى كۆرسىتىپ « موماڭ مۇشۇنداق پاسون ئاياققا بەكمۇ ئامراق ئىدى» دېدى. ئۇ قانچە ۋەتەندە قالغانلارنى تىلغا ئالسا مەن شۇنچە ئازاپلىناتتىم.  ئۇ بىلمەيدىغان ئەمما ھېلىلا بىلىپ قاتتىق ئازاپلىنىدىغان بىر ئىشنى مېنىڭ بىلىشىم ۋە ئۇنىڭغا ئېيتماي ئازاپلىنىشىغا قالغان ۋاقىتنى ئۇزارتىشقا تىرىشىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىش ئىكەن. شۇڭلاشقىمۇ ئاللاھ ئىنسانغا غەيىپنى بىلىشنى نېسىپ قىلمىغان بولسا كېرەك، بولمىسا دۇنيادا خۇشال ئادەم قالماس ئىكەن. 

شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە سائەتنى شۇنچىلىك تەستە ئۆتكۈزۈپ ھېلىقى سۇس يېشىل ئەينەكلىك پويىزدا ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتاتتۇق....

ئەينەكتە غۇۋا ۋە يېرىم كۆرۈنگەن ئانامنىڭ سىماسىنىڭ كەينىدىكى مەنزېرە توختىماستىن ئۆزگۈرۈپ تۇراتتى. بىردەم يېشىل ئېتىزلار، دەل-دەرەخلەر. بىردەم رەتلىك ئۆيلەر، بىردەم زاۋۇت-كارخانىلار. بەلكىم ئاناممۇ ئۆتكەن ھاياتىنى مۇشۇنداق تېزلىكتە ھەر كۈنى نەچچە رەت ئويلايدىغاندۇ. گەرچە مەن ئاتا-ئانىسى يىنىدا يوق ئادەملەرگە قارىغاندا مىڭلارچە ھەسسە بەخىتلىك بولساممۇ، ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىقلىرى بولىدىكەن.  پۈتۈن ھاياتىنى بىز ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئانامنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە نە تىلىنى، نە دىنىنى بىلمەيدىغان بىر ياقا يۇرتتا يەنە بىزلەر ئۈچۈن ئۈن چىقارماستىن، چاندۇرماستىن بۇ يالغۇزلۇققا، بۇرۇقتۇملۇققا باش ئېگىپ، تەقدىرگە تەسلىم بولۇپ چارىسىزچە قاراشلىرى مېنى قاتتىق ئازاپلايتتى. 

تاغامنىڭ جىگەر راكى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما ياخشى خارەكتېرلىك بولۇپ، ھازىر كۈتىنىۋاتقانلىقىنى، چوڭ چاتاق يوق ئىكەنلىكىنى بىرەر ئاي بۇرۇن بىر يوللار ئارقىلىق بىلدۇق. شۇ كۈندىن باشلاپ ئانام باشقىچىلا بولۇپ قالدى. خۇددى ئەتىلا ئۆلۈم خەۋىرى كېلىپ قالىدىغاندەك ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئا قىلاتتى. ھەقىقەتەن يالغۇزنىڭ يارى خۇدا ئىكەن. ئانامغا ئاللاھتىن باشقا كىممۇ ياردەم قىلالىسۇن؟  دادام ۋەتەندە مىليونلىغان دادىلار تۆلىمىگەن بەدەلنى تۆلەپ پۈتۈن تەئەللۇقاتىمىزنى تاشلاپلا بىزنى چەتئەلگە ئىلىپ چىقىپ ئائىلىمىزنى قۇتقۇزغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر تەسەللىدىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيتتى. ئوغلى بولغان مەن بولسام قولۇمدىن تېرىقچىلىك ئىش كەلمەيتتى. ھەر قېتىم ئىچىم ئاچچىق بولغاندا خىتاينى قارغاپ قويۇپ ئۆزۈمگە تەسەللى تاپاتتىم ۋە ۋەتەننىڭ زىممەمگە چۈشكەن شۇ كۈنلۈك بۇرچىنى ئادا قىلغاندەك راھەتلەپ قالاتتىم. تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغساقمۇ ئاپام بىلەن تاغامنىڭ بىر مىنۇت كۆرىشىۋېلىشىغا شارائىت يارىتالماسلىقى مۇمكىن. يا تاغامنىڭ تۈگەپ كېتىدىغىنىنى بىلىدىغان بىز، يا ئۆزىنىڭ تۈگەپ كېتىدىغىنىنى بىلىدىغان تاغام جاسارەتلىنىپ بىرەر مىنۇت كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمايمىز. بىلىشىمچە خىتايدىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىر تەلىپى قاندۇرۇلىدىكەن. ئەمما بىز كۆرگىلى ۋە ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان پەقەت ھېس قىلغىلىلا بولىدىغان قورقۇنۇچنىڭ دەستىدىن ھاياتىمىزدىن پەقەت ۋە پەقەت بىر مىنۇتنىمۇ جاسارەتلىك ھالدا ياشىيالماي ئۆلۈپ كېتىمىزكەن.  بىر زامانلاردا ۋەتەندىن ئايرىلغاندا ئايروپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن ئۈرۈمچى ئايرىدىرومىغا قاراپ قەلبىمگە پۈكۈلگەن جىھات ئوتىدا يالقۇنلاپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىمىزگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىپ ماڭغان ئىدىم. مانا ئەمدى ھېچ كىم بىزنى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدىغان بىر مەملىكەتتە كۈندىن-كۈنگە سولىۋاتقان جىھات ئېڭى، ھەقىقەتلەرنى بىلگەنسىرى ئۆچىۋاتقان ئۈمىد، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولىۋاتقان ئۈنۈمسىز پىلانلار ياراتقان تەشۋىش، قاراڭغۇ بىر كەلگۈسى ۋە روھسىز بەدىنىم بىلەن پويىزنىڭ دېرىزىسىدىكى ئانامنىڭ سىماسىغا يارامسىزلارچە قاراپ تۇرۇپتىمەن.  قەلبىمدە پەقەت بىرلا ئۈمىد قالدى، ئۇ بولسىمۇ كۆرمەي تۇرۇپ بارلىقىغا ئېمان ئېيتقان ئۇ ئاللاھنىڭ ئىمكانسىزلارنى مەۋجۇتلۇققا چىقىرىشى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خام خىيال سۈرسەممۇ ئىستىقلالىمىزنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكۈدەك دېرىجىگە كېلىپ قالدىم. چۈنكى ئۆلىمى ئىنىق بولغان بىر تۇققىنىمىزنى بېشىغا بىر ئىش كېلىپ قالمىسۇن دەپ ئىزدىيەلمىگەن بىزلەر قانداقمۇ بىرەر خىتاينىڭ بېشىنى قورقماي يارالايمىز؟ 

مۇشۇ خىياللار بىلەن ئۆيگە كەلدۇق، ئىشىكنى ئېچىشىمغا دادام بىلەن سىڭلىم بىزنى قارشىلىدى. ئاپام شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كەتتى. ئەمما ئۇلارمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىۋاتاتتى. ناماز دېگەرنىڭ ۋاقتىدا ھەممەيلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇدۇق، نامازدىن كېيىن دادام «ئامەنەررەسۇل» نى قىرائەت قىلدى. بىر نەچچە ئايەت ئوقۇلغاندىن كېيىن ئانام گۇمان ۋە تەشۋىش ئىچىدە بىردەم دادامغا ، بىردەم سىڭلىمغا قارىدى. ئارقىدىن قاشلىرى ۋە كالپۇكلىرى تىتىرەشكە باشلىدى. كۆزلىرىدىن ئەڭ خالىمايدىغان بىر ئىشىنىڭ يۈزبەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ئاجايىپ بىر ئېچىنىشلىق تەلمۈرۈش بۇقۇلداپ تۇراتتى. دادامنىڭ قىرائىتىمۇ يىغا ئارلاش بىر تىتىرەك بىلەن بۇزۇلدى، ئاناممۇ قوللىرى بىلەن «ياق، ياق، يا ئاللاھ» دېگىنىچە يۈزىنى تۇتۇپ ئۈنسىز ئەمما قاتتىق چوڭقۇر بىر تىنىق بىلەن يىغلاشقا باشلىدى. 

نە دادامنىڭ، نە مېنىڭ، نە بۇ دۇنيانىڭ ئانامنىڭ ئازابىغا تەسەللى بەرگۈدەك كۈچىمىز يوق ئىدى. پەقەت ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ھېساپنى قىيامەتكە، ئىستىقلالنى كارامەتكە باغلاپ داۋاملىق ياشاشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيتتى. 

 

11/09/2022

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : slyd0131@gmail.com

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.