خىتاي مەتبۇئاتلارىدا «قازاقىستان نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كەلىشكە ئىنتىزار؟» ماۋزۇلۇق ماقالەنىڭ ئىلان قىلىنىشى نەمە مەناغا كەلەدۇ؟

در. فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى

 

 2020- يىلى 15- ئاپرىل كۈنى غەرپ ئەللىرى مەتبۇاتلارىدا مۇنداق بىر خەۋەر چىقتى: خىتاي مەتبۇالارىدا  "قازاقىستان نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا  قايتىپ كەلىشكە ئىنتىزار؟'' ماۋزۇلۇق ماقالەنىڭ ئىلان قىلىنىشىدىن كەيىن قازاقىستان تاشقى ئشلار مىنىستىرلىكى 14- ئاپرىل كۈنى  خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

2020- يىلى 8- ئاپرىل  كۈنى خىتاينىڭ "سۇخۇ.كوم"[1] ناملىق تور بەتىدە" قازاقىستان نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا  قايتىپ كەلىشكە ئىنتىزار؟'' ماۋزۇلۇق ماقالە ئىلان قىلىنىغان ئىدى.

بىر قانچە كۈندىن كەيىن ئۇ ماقالە توردىن ئالىنغان بولسىمۇ باشقا تورلارغا تارقالغان بولۇپ تەكستنى تاپقالى بولغان. مەنمۇ بۇ ماقالەنىىڭ ئەسلى تەكستىنى ساقلاپ قويدۇم.

ماقالەدە 7- ئەسىردە يەتتەسۇ رايونىدىن خىتايغا كۆچۆپ بارغان ۋە تاڭ سۇلالەسىدىكى مەشىھۇر شائىر لىبەينى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق قازقىستاننىڭ قەدىم تارىختىن بەرى خىتاي زەمىنى بولغانلىقى ، ئافيون ئۇرۇشلارى جەريانىدا خىتاي ئاجىزلاپ قالغان پۇرستتىن پايدىلانغان چارلىق روسىيە تەرىپىدىن ئشغال قىلىنغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان خەلقىنىڭ بالدۇراق خىتاي قوينىغا قايتىپ كەلىشكە ئىنتىزار ئىكەنلىكى قاتارلىق سەپسەتەلەر ئورۇن ئالغان.[2]

ماقالەنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتىنى چۈشۈنۈپ يەتىش ئۈچۈن بۇ ماقالەنى بىرىنجى بولۇپ ئىلان قىلغان تور بەتنىڭ پەردە ئارقاسىغا بىر كۆز ئاتايلىك:

  Sohu.com /搜狐网  خىتايدا رەسمىي ئەنگە ئالىنغان، 500 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى، شاڭخەي ، چېڭدۇ قاتارلىق 25 چوڭ شەھەردە تارماقلارى بولغان ۋە 2007- يىلى ئامەرىكا پاي- چەك بازارىغا كىرگەن بىر شىركەت. خۇسۇسىي شىركەت كۆرۈنۈشكە ئورنىۋالغان بولسىمۇ ئەمىليەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەشۈىقات ۋاسىتاسىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ھەر خىل سىياسي تەشۋىقاتلارنى قىلىشتا ۋە جاماەت پىكرى پەيدا قىلىشتا بۇ تورنى ئىشلەتىپ كەلمەكتە.

بەزى تەكشۈرۈشلەرگە قاراغاندا خىتاينىڭ شىەن شەھرىدە تۇرۇشلۇق بىرشىركەتنىڭ  2019- يىلى 7- ياۋار كۈنىدىن بەرى پاالىيەتكە باشلاغان بىر تور بەتىدە " مەلۇم دۆلەت نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كەلىشكە ئنتىزار؟"،  " مەلۇم دۆلەت نىمە ئۈچۈن خىتايدىن ئايرىلغان" دىگەندەك ماۋزۇلاردا 30 دىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلغان ۋە كەينىدىن تاقالىپ كەتكەن.

بۇ شەكىلدە تىلغا ئالىنغان يەرلەر ئاراسىدا ۋېتنام،  موڭغولىيە، قىرغىزىستان، ئوتتۇرا شەرقتەكى دۈرزى، ھىندىستاندىكى مانىپۇرۋە، شىمالي بۇرمادىكى كوكاڭ رايونىمۇ بار ئىكەن.[3]

بۇ خىل ماقالەلەر خىتاي ھۆكۈمەتىنىڭ تەلىماتى بولماستىن ئلان قىلىنىشي مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنداق بولسا خىتاي نىمە ئىش قىلماقچى؟

ئەمدى بىراز ئۆتمۈشكە نەزەر سالايلى.

 خىتاي مىللي مۇداپىيە ئۇنىۋەرستىنىڭ مۇدىرى، گەنىرال لىۇياجو 2010 يىلىدا ئىلان قىلغان " غەربي رايون نەزەرىيەسى " دەگەن ماقالەسىدە مۇنداق دەپ يازغان: "ئومومەن قىلىپ ئەيتقاندا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە شىىنجىاڭ  - ئوتتۇرا ئاسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بولسا تەڭرىنىڭ بىز خىتاي مىللەتىگە ئاتا قىلغان چوڭ بىر تورتىدۇر." [4]

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى مىللي مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ  8- ۋە 9-نۆۋەتلىك مىنىستىرى، مەركەزي ھەربى كومىتىتىنىڭ مۇاۋىن باشلىقى چىخاۋتيەن 2010- يىلى 15-ئۆكتەبىر كۈنى  بىر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دەگەن: "ياخشىلىق ئىزلەپ يامانلىق تاپماق، ھازىرقى سىياسەتىمىزنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر،  بىز قاچانكى ياپونىيەنى پۈتۈنلەي يوق قىلالايدىغان، ئامەرىكانى مەيىپ قىلىپ تاشلايالايدىغان كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىتىمىزدا ئاندىن تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەيۋەن مەسەلەسى 10 يىلمۇ ساقلاپ تۇرالمايدۇ. چوقۇم ئۇرۇش چىقىدۇ"[5]

بۇ يەردە ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، خىتاينىڭ غايەسى تۈركىستاننى يۇتۇپ ئالىش ۋە دۇنياغا ھاكىم بولۇش، باشقاچە ئەيتقاندا "خىتتاي چۈشى"نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

خىتاي بۇ نىشانىغا قاراپ ئاڭلىق ۋە پىلانلىق بىر شەكىلدە يولىغا داۋام قىلىۋاتقاندا  ئالدىغا بەزى توسلغۇلار چىققان ئىدى.  ئامەرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلەرى بۇ جەھەتتە تىپىك ئۆرنەكلەردۇر.

بولۇپمۇ 2018- يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقي تۈركىستاندا ياڭى پەللىگە چىقارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلەرى ئامەرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلەرى تەرىپىدىن دۇنياغا پاش قىلىندى ۋە لەنەتلەندى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسەلەسى تارىختە تۇنجى قاتىم دۇنيانىڭ كۈنتەرتىبىگە ئورۇنلاشتى. خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئورتاق نەپرەتىنىڭ مەركەزىگە ئايلىنىپ قالدى.

بىرمۇنچە دۆلەتلەر خىتايغا قارشى سەپ ئايرىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي تۇيۇقسىز "خىتتاي ۋىرۇسى" بالاسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا چۈشۈپ قالدى. تەخىمۇ قىزىق بولغانى شۇكى، ھازىر بۇ بالا ئەڭ ئاغىر يۈز بەرگەن دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلەرى بولۇپ قالدى. خىتايغا قوشنا ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردەمۇ بۇ ۋىرۇس بالاسى تارقالدى، ئامما نوپۇس نىسپەتلەرىگە قارىغاندا تولىمۇ ئاز بولۇپ ئەجەپلەنىشكە تەگىشلىكتۇر.

تەيۋەندىكى بىر خەۋەر ئاگىنلىقىنىڭ 2020- يىلى1- فېبرال كۈنىدىكى بىر پىروگرامماسىدا مۇنداق بىر ۋەقە ئەيتىلغان:

20 يىل بۇرۇن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى مىللي مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ  مىنىستىرى، مەركەزى ھەربى كومىتىتىنىڭ مۇاۋىن باشلىقى چى خاۋتىەن يۇقۇرى دەرەجەلىك ئەمەلدارلارغا مەخپىي بىر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دەگەن ئىكەن-  "خىتتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاياتتا قالىشى ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىلدە ھەل قىلىشى كەرەك بولغان 3 مەسەلە بار، بىرىنجىسى ياشاش ئۈچۈن ياڭى توپراقلار. خىتاي نوپوسى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە، موھىت كىرلىشىشمۇ ئاغىرلاشماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پەيدا بولغان ئىككىنجى مەسەلە بولسا كومپارتىيە خىتاي خەلقىنى تاشقىرىغا چىقىشقا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تەلىم تەربىيە يۈرگۈزۈشى كەرەك. بۇ بولسا مۇستەملىكە يولى بىلەن ئىككىنجى بىر خىتاي بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياڭى توپراقلارنى پەتىخ قىلىش دەگەن مەناغا كەلمەكتە. بۇلارنىڭ نەتىجەسىدە  مەيدانغا چىققان ئۈچۈنجى ممەسەلە بولسا ئامەرىكا مەسەلەسىدۇر. ئامەرىكا ياڭى بىر ھاياتلىق زەمىنى قولغا كەلتۈرىشىمىزگە يول قويامدۇ؟

 ئامەرىكا بىزنى مەھكەم تۇتۇۋالغانسىرى تەيۋەن، ۋىتنام، ھىندىستان ھەتتا ياپۇنىيە توغرىسىدا قولغا چىققىدەك بىر ئىش قىلىشىمىزمۇ قىيىن . بىز ئامەرىكا بىلەن يادرو قۇرال ئىشلىتىپ ئۆزىمىزنىمۇ بىرلىكتە ئۆلتۈرگىدەك ئەخمەق ئەمەسمىز.

پەقەتلا نۇرغۇن ئىنساننى ئۆلتۈرۈدىغان، ئامما  ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان قۇراللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئامەرىكانى ئۆزىمىزگە ئايرىپ قالالايمىز. ئەلۋەتتە بىزمۇ جىم تۇرمادۇق. بىر قانچە يىلدىن بەرى بۇ خىل قۇرالغا ئىگە بولۇش پۇرسەتىنى قولغا كەلتۈردۇق". [6]

بۇ سۆزلەر قىلىنغان ۋاقىتتا ۋۇخەندىكى ھەربىي قىشلاقتا بىولوگىيەلىك تەتقىقات مەركەزى قۇرۇلۇپ بولغان ئىكەن.

خۇلاسە قىلىپ ئەيتقاندا خىتاينىڭ ئاخىرقى غايەسى تۈركىستاننى يۇتۇۋەتىش ۋە جاھانغا خوجايىن بولۇشتىن ئىبارەت.

 خىتاي شاراىتلار قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر غايەسىدىن ئاداشماي يولىغا داۋام قىلماقتا، ھەتتا لازىم كەلگەندە شاراىتنى ئۆزى پەيدا قىلىپ، ئۆزىگە پايدىلىق ۋەزىيەت ياراتماقتا.

نەتىجەدە خىتاي ھەم دۇنيانىڭ دىققەتىنى باشقا تەرەپكە بۇراش، ھەم ئنتىقام ئالىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ۋىرۇسنى ئىشلەپ چىقىرىپ،  ۋىرۇس بالاسىنى ئنسانىيەتنىڭ باشىغا تەرىدى، پۈتۈن دۇنيا ئۆزىنىڭ جانىنىڭ كويىغا چۈشكەندىن كەيىن  ھەقىقىي قارا پىلانلارىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بىلەكلەرىنى تۈرۈپ  ئىشقا باشلادى. 

پايدالانغان مەنبەلەر:

[1] Sohu.com /搜狐网
[2]https://user.guancha.cn/main/content?id=287574?” 哈萨克斯坦为何渴望回归中国?”
[3]中国外交战狼层出不穷要取悦习近平?https://www.aboluowang.com/2020/0417/1438008.html
[4]Liu yazhou (刘亚洲) “Batı Bölge Teorisi西部论 “Yönetici Dergisi, resmi web sayfası,  05 Ağustos 2010, 领导者杂志官方网站 2010年八月五日原文首刊于凤凰周刊). http://www.sinoturknews.org/bati-bolge-teorisi-cinin-buyuk-turkistan-politikasi/.

[5]迟浩田将军发表惊人讲话https://www.wenkuxiazai.com/doc/c1dc134efe4733687e21aac0.html
[6]https://www.epochtimes.com/gb/20/2/1/n11836773.htm【名家专栏】中共计划摧毁美国反伤了自己?
 

2020-يىلى 22-ئاپرىل ئىستانبۇل

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى:ferhatkt34@gmail.com  

   ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.