
|
شەپەرەڭ
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت
تاجسىمان ۋىروس ...كورونا... ۋابا... دۇنيا دەھشەت ئىچىدە، مىسالى قىيامەت... بىر تەرەپتە ئاتوم، ئالەم كېمەسى...سۇدەك خەجلىنىۋاتقان دوللار... بىر تەرەپتە ماسكا دەردى...بۇلاڭ-تالاڭلار... مودېرن دۇنيانىڭ بۈگۈنكى كۈنتەرتىپى مۇشۇ. مۇشۇلارغا سەۋەپچى كىچىك بىر شەپەرەڭ... مەن ئىشەنمەيمەن... شەپەرەڭ باشى بىلەن گەۋدەسى چاشقانغا ئوخشايدىغان، پۇتلارى بىلەن قاناتلارى ئاراسىدا پەردەسى بار، كەچە ئۇچىدىغان، ھاشارەتلەرنى يەپ ياشايدىغان كىچىك بىر جانىۋار. خىتتاي ئەنئەنەۋى مەدەنىيتىدە خاسىيەتلىك بىر ھايۋان... لۇشۈن ئەپەندىمۇ "شەپەرەڭ ھەققىدە" ناملىق ماقالەسىدە "شەپەرەڭنىڭ خىتتايدا ئوبدان نامى بار" دەپ يازغان. خىتتاي كۈلتۈرىدە شەپەرەڭ شۇنداق خاسىيەتلىك بىر جانىۋاردۇركى، بەزگەك بولۇپ قالغان ئادەم يەسە پايدا كۆرىدۇ، پوقىنى يەپ بەرسە كور كۆزلەرى ئاچىلىپ كەچەلەرىمۇ كۆرەلەيدىغان بولىدۇ. خىتتايلار شەپەرەڭنى "بىئەنفۇ" دەيدۇ. بۇ سۆزدىكى "فۇ" دەگەن خەت "بەخت" مەناسىدىكى "فۇ" دەگەن خەت بىلەن يىلتىزداش بولغانلىقى سەۋەپ شەپەرەڭنى خىتتايلار بەخت-سائادەتنىڭ بىشارەتى ۋە ئىشارەتى دەپ قاراغان. تەخىمۇ مۇھىمى، خىتتايلارنىڭ خلەق ئىتىقاتىدا شەپەرەڭ، بولۇپمۇ ئاق شەپەرەڭ مىڭ يىل ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇنى يەگەن ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولۇپ كۈننىڭ سارىغىنى تازا كۆرىۋالدىكەن. خىتتايلارنىڭ شەپەرەڭنى شاپىلداتىپ ئىشتاھ بىلەن يەپ كەتىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، شەپەرەڭلەر مىڭ يىل ياشامايدۇ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 20 يىل، ئەڭ كۆپ بولسا بەلكى 30 يىل ياشايدۇ. ئۇنداق بولسا قانداق قىلپ بۇ خىل ھايۋانلار ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ، ئەبەدى ھاياتنىڭ سىمىۋولى بولۇپ قالغان؟ ئۆلگەندىن كەيىن تىرىلىپ قايتىدىن دۇنياغا كەلگىلى بولىدۇ دەپ قاراغان ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتىپ كەلمەگەنلىكىنى، كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە ئۇزۇن ياشاشنىڭ، ئەبەدى يشاشانىڭ، ئۆلۈمسۈزلۈكنىڭ دوراسىنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئىسكەندەرنىڭ ، چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمسۈزلۈك دوراسى ئىزدىگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. كىشىلەر ئۇزۇن ياشاش، ئەبەدى ياشاش ئارزۇسىنىڭ چارەسىنى تەبئىي يوللاردىن تاپالماغاندىن كەيىن سىھىر ئارقىلىق دەردىگە دەرمەن ئىزدىگەن. سىھرىگەرلىكتىكى ئوخشاش نەرسەلەر ئوخشاش نەرسەلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ دەگەن ئىتىقات ۋە پرىنسىپ بويىچە كىشىلەر ئۇزۇن ياشاش ئۈچۈن ئۇزۇن ياشايدىغان ھايۋانلارنى ئىستىمال قىلىشقا باشلاغان. تاشپاقا، ئىلان قاتارلىق بەزى ھايۋانلار نىسپەتەن ئۇزۇن ياشايدىغان بولغاچقا، بۇ ھايۋانلار مەڭگۈلۈكنىڭ سىمىۋولى قىلىنغان. مەڭگۈتاش ئابىدەلەرىنىڭ تاشپاقا ئۈستىگە تىكلەنگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. توخۇ گۆشى يەسە قورقاق بولۇپ قالىدۇ، تۆگە گۆشى يەسە تۇغۇت كەچىكىدۇ، توشقان گۆشى يەسە كەچەسى سىيىپ قويمايدىغان بولىدۇ، ئۈچەي يەسە جىنسىي ئەزاسى ئۇزۇن بولىدۇ ۋاھاكازا دەگەندەك چۈشەنچىلەر سىھرىگەرلىك ئىتىقاتىدىن كەلگەن. شۇڭا خىتتايلار شەپەرەڭنى ئۇزۇن ياشاشنىڭ دوراسى سۈپىتىدە ئىككى مىڭ يىلدىن بەرى ئىستىمال قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنى ھىچكىم 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۇنياغا بالايىئاپەت كەلتۈرىدۇ دەپ ئويلاپ باقماغان. بۈگۈن شەپەرەڭ دۇنيانىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق جانىۋارى... ئۇزۇن ياشاشنىڭ سىمىۋولى ئەمەس، ئۆلۈم مالائىكەسى... گۇناھ ئۆچكىسى بولۇپ قالدى. مەنچە مەسەلە شەپەرەڭدە ئەمەس، دۇنيانى سۆمۈرىمەن دەپ چۈش كۆرۈۋاتقان ئەجدەرھادا ! تەجرىبەخانەدە ئىشلەپچىقارغان ۋىروسىنى كونترول قىلالمىغان ياكى قەستەن بازارغا ئالىپ بارىپ شەپەرەڭگە ئارتىپ قويغان گەپ. 2020-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: alim1962@hotmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|