
|
غالجىرلاشقان خىتتايدىن قورقماسلىق، نايناقشىغان خىتتايدىن ئىھتىيات قىلىش لازىم
دىلىيار مۇساباي
گەرچە، خىتتاي تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان مەملىكەتلەردە يىللاردىن بەرى موما بىلەن بېقىپ كەلگەن كۆتۈرمىچىلىرىنى بەس-بەس بىلەن ئەكرانلارغا چىقارىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتقان بولسامۇ، ئەمما ئارقىمۇ-ئارقىدىن غەرپ دۆلەتلىرىگە قىلغان ئۇششۇقلۇقى سەۋەپلىك غەرپ دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە قارشى بىرلەشتۈرۈپ قويدى. خىتتاينىڭ يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان ھىندىستان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، يىللاردىن بېرى قىلىشقا پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان قاتناش يول قۇرۇلىشىنى باشلىغان بولدى ۋە خىتتاي بىلەن چىگرىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. يىللاردىن بېرى خەلقئارا سەھنىدە ئۆزىنىڭ شەرمەندە يۈزىنى غەلبىلىك يوشۇرۇپ كەلگەن خىتتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى، مىللەتچى خىتتايلاردىن (گومىنداڭچىلاردىن) ھوقۇقنى تارتىۋالغاندىن بېرى ھېچ قىلىپ باقمىغان خاتالىقلارنى ئارقىمۇ - ئارقا سادىر قىلىپ بارغانسىرى يالغۇز قېلىش بىلەن بىرگە غەرپ دۆلەتلىرىنى بىر بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىۋەتتى. بۇنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى شەكلىدە، بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتتايغا تىز پۈكمەي بېشىنى تىك تۇتۇپ كېلىۋاتقان شىۋىتسىيەگە ئاۋۇستىرالىيەمۇ قوشۇلغان بولدى. گەرچە، بۇ يۈزلىنىشلەر بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما خىتتاينى ياخشى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن خىتتاينىڭ رەزىل ھىيلە مىكىرلىرىنىڭ بۇ يەردە تۈگىمەيدىغانلىقى سىر ئەمەستۇر. خىتتاينى چۈشەنگەن بىرى، خىتتاينىڭ غالجىرلاشقان ۋاقىتىدىن ئەنسىرىمەسلىكنى، بەلكى خىتتاينىڭ باش ئەگكەن ۋاقتىدا بىر خۇمسىلىق پىلانلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مەسىلەن، خىتتاينىڭ ئامىرىكا بىلەن بولغان سودا جىدىلى ۋاقتىدىكى ھەيۋىلىرىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئەمما خىتتاينىڭ ئۈستەلگە كېلىپ كېلىشىمگە ئىمزا قويغان ۋاقتىدا 200 دىن ئارتۇق گۇۋاھچى يىغىپ، خىتتاينى باش ئەگكۈزگەنلىكىگە شاھىت قىلىپ مەغرۇرلۇقتىن كېرىلىپ كېتىشكە ئالدىرىغان ئامىرىكىقلار «خىتتايدا بىرەر تەبئىي ئاپەت، ياكى كېسەللىك يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، خىتتاي دۆلىتى بۇ كېلىشىملەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىسا بولىدۇ» ماددىسىنى قوشۇپ تۇرۇپ ئىمزالاۋاتقان خىتتاينىڭ مەملىكىتى ئىچىدە تارقاۋاتقان بىر ۋىرۇسنى دۇنيادىن يوشۇرۇن تۇتىۋاتقانلىقىغا بىر ئاي بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى. خىتتاينىڭ مىللىي خاراكتىرى مانا مۇشۇنداق باش ئېگىپ شالىقىنى ئېقىتقان ۋاقتىدا بىر شۇملۇق پىلانلايدىغان خۇمسىلىققا تولغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتتاينىڭ ئامىرىكىدا چىققان قانۇنغا قارشى غالجىرلىشىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، خىتتاي ئىككى ئۈچ ھەپتە پوپاڭلىق قىلغاندىن كەيىن بېسىقىپ قالىدۇ. مۇھىم بولغىنى، خىتتاينىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا شالىقىنى ئېقىتقىنىدا نېمە خۇمسىلىق پىلانلايدىغانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتتاينىڭ تىلىنى يۇمشۇتۇپ نايناقشىغان ۋاقتىدا نېمە پىلانلايدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش مۇھىمدۇر. غەرپلىكلەرنىڭ ئىشىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ سوئالى ئۈستىدە ئويلانغىنىمىزدا، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت بېرىشىمىز زۆرۈردۇر. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» بىر جەرياننىڭ غەلبە بىلەن ئاخىرلىشىشى ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىيە كۈرىشىمىزنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى دەپ قارىلىشى ۋە باشقا غەرپ دۆلەتلىرىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز لازىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، تارىخىمىزنى قان بىلەن تولدۇرغان پاجىئەلىك قىسمەتلەرىمىزدىن دەرس چىقىرىپ، بۇ نۆۋەت قەتئىي سۈرئەتتە ئالدانماسلىقىمىز شەرتتۇر. خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەر ئوتتۇرىسىغا جىدەل ۋىرۇسىنى تارقىتىۋاتقان ئۇشبۇ كۈنلەردە غوللۇق زىيالىيلار ۋە بىز ئوتتۇرىغا قويغان «شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال كىملىكى» ئىددىيەسى ھەرگىزمۇ بەزى ئىلمىيلىكى بولماغان بەلكى ھىسسىي تۇيغۇلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان قارشى پىكىرلەرنىڭ ئەكسىچە، ئىلمىيلىكنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سوتسئىلوگىيەلىك رىئاللىقىنى ۋە خەلقئاراداكى تەرەققىياتنى ئاساس قىلغانلىقىنى كۆرىشىمىز لازىم. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، «شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال كىملىكى» ئىددىيەسىنىڭ خىتتاي تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىپ بىزنى ئاسان يۇقۇملاندۇرالايدىغان (نۆۋەتتە قازاقىستاندا چىقىرىۋاتقان سۈركىلىش كەبى) «ئېتنىك ۋىرۇسى»غا قارشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ۋاكسىناسى ئىكەنلىكىنى دىئاسپورادىكى خەلقىمىزنىڭ تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن موھىم بىر پۇرسەت بولغۇسىدۇر. تارىخ بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى: غالجىرلاشقان خىتتايدىن قورقماسلىق، نايناقشىغان خىتتايدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىمدۇر. |
|