
|
تەرجىمە قىلامدۇق قۇبۇل قىلامدۇق؟
ئەنۋەر نۇرۇم تىل تەپەككۇرنىڭ قۇرالى، ئالاقىلىشىشى بولسا ئۇنىڭ بىر ڧونكىسىيەسى. كىچىكىمىزدىن ئۆگىتىلگەن تىل ئەنىقىلىمىسدا، خىتتايچە ئۇسلۇپتا تىلنىڭ بىر ئالاقە قۇرالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدۇق-يۇ، ئۇنىڭ تېخمۇ مۇھىم رولىنى كۆپ ئويلۇمۇدۇق. ئەمىليەتتە ئۇ تەخمۇ مۇھىم بولغان، ئالاقە ئۈچۈن ئۇچۇر توپلايدىغان ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان تەپەككۇر قۇرالىدۇر. ئەمدى گەپنى ئۇدۇل ئۇيغۇر تىلىغا قارىتايلى. ئۇيغۇر تىلى قانچىلىك دەرىجىدە تەپەككۇرمىزنى ئاچتى؟ خىتتاي ئىستىلاسىدىن كىيىن گۈزەللىكىنى قانچىلىك يۇقاتتى؟يەڭى تەرىملارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قانچىلىك يەرلەشتى؟ ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تىراگىدىيەسىدە بىزگە يەتەرلىك كۈچ قايناقى بۇلالىدىمۇ؟ نەمە ئۈچۈن ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپمۇ شىنجاڭچە خىيالىزىمدىن تەپەككۇرمىزنى قۇتقۇزالمايمىز؟…. خىتتاي تاجاۋۇزچىللىرى شەرقى تۈركىستانغا كىرگەندىن كىيىن تىل-يازىقىمىزغا ئىزچىل بۇزغۇنچۇلۇق قىلىپ كەلدى. ئارا يۇلتۇزدىن تىراكىيەگە قەدەر ئىشلىتىلدىغان يازىقىمىزنى ھەتتا ئاينى جۇغراپىيەدە ياشايدىغان قازاق، قىرغىزلارمۇ چۈشەنمەيدىغان، ئوقۇيالمايدىغان ھالغا كەلتۈردى. سۆزلەرنى سىقىپ چىقىرىش، قايتىدىن مەنا يۈكلەش. ھەتتا ئىشلىتىشتىن قالغان سۆزلەر نامىدا تىلىمدىزدىن مەلۇم ساھادىكى سۆزلەرنى بىراقلا لوغەتتىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. ختتايچىدىن ياسالما سۆزلەرنى ئورنىغا دەسسەتتى. مەسىلەن، سانغۇن، ۋەزىرئەزەم، مىڭباشى، يۈزباشى،ئونباشى،پاششاپ،بەگ…قاتارلىق ھەربىي ۋە مەمۇرۇى ئاتۇلغۇلارنىڭ ئورنىغا جاڭجۈن، شوۋجاڭ،تۋەنجاڭ،پەيجاڭ دىگەندەك. نەتجە شۇ بولدىكى،ئۇيغۇرچە يازىلۋاتقان خىتتايچە ئاتۇلغۇلار بىزگە ھەربىي ئۇقۇملار كەلگەندە ھەر دائىم خىتتايلارنىڭ ئوبرازىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈردىغان بولدۇق. سانغۇن، پاششاپ، مىڭبەگى، يۈز باشى …دىگەندەك ئۇقۇملار كونا جەمىيەتنىڭ، زۇلۇمنىڭ نامايەدىسى سۈپتىدە خاتىرىلەردىن ئورۇن ئالدى. ئۆزىمىزدىن مىڭبەگى چىقسا ياراتمايدىغان، خىتتايدىن پەيجاڭ بولسا باشىمىزدا كۆتۈرۈدىغان بولدۇق. يەنى لوغەتتىن چىقىرۋىتىلگەن بۇ سۆزلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربى ساھەدە تەپەككۇرنىىڭ چەكىنىشىنشى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سۆزلۈك مەنىللىرىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا كىچىكلەشتۈرۈشمۇ، تەپەككۇر بوشلۇقۇمىزنى تارايتتى. مەسىلەن مىللي ئاتالغۇسىنى دۆلەت دەرجسىدىن توپلۇم نامىغا تارايتىش، ئاغزىمزىدا مىللي ئارمىيە دەپ تۇرساقمۇ، ئۇمىللي ئارمىيەنى دۆلەت ئارمىيەسى دەپ چۈشۈنەلمەيدىغان قىلىپ قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرەن، ئەردەم، ئەركەك …قاتارلىق جاراڭلىق ھەم جەڭگىۋار سۆزلەرنىڭمۇ لوغەتىمىزدىن چىقىرىۋىتىلىشى ئومۇمى روھى ھالىتىمىزگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. خىتتايلار يەڭى ئۇقۇملارنىڭ تىلمىزغا كىرشىنىمۇ قاتتىق چەكلىدى. ئەركىنلىك، دىمۇكىراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، مۇستەقىللىق، ئازاتلىق دىگەن سۆزلەرمۇ بېيجىنڭنىڭ بەرگەن تەلىمىگە ئاساسەن قايتىدىن مەنا يۈكىلىنىپ تىلىمىزغا كىردى. ھەتتاكى خىتتايچىدىن چەكلىمىسىز نەشىر قىلىنىدىغان كىتاپلارمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشقا يول قۇيۇلمىدى. ۋەتەندە بۇ تەرىملارنى ختايچەىنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۇق ئەمما چەتئەلگە چىقىپ تۇرۇپمۇ ئۆز مەناسى بىلەن چۈشۈنۈشنى قۇبۇل قىلالمىدۇق. بۇ سۆزلەرنىڭ، تەرىملارنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان تىللاردىن قۇبۇل قىلىش يەرىگە، ئۇنى ش ج تىل يازىق كومتىتى تەرپىدىن تۈزۈلگەن لوغەتكە ئاساسەن بىر تەرجىمە قىلىۋىتىپ ئاندىن قۇبۇل قىلدۇق. ئاخىردا تىنىمىز راھەتكە چىققاندەك بولسىمۇ، كاللىمىز تەخىچە تۈرمىدىن قۇتۇلالمىدى. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش نامىدىكى كىتاپچىلىقىمىزمۇ ش ج نەشىرياتى تەرپىدىن تۈزۈلگەن كىتاپلاردىن باشقا نەرسە بولمىدى. تەرجىمىدىكى ئەڭ چوڭ سىكاندلنى ياقىندىلا ياشىدۇق. بىر جاناپ، ئىندىجىنىس پىپولنى يەرلىك خەلق دەپ تەرجىمە قىلىپلا، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككىنجى 11 بىتىمگە ئمزا قويغانلىقىنى خالىمىسمۇ تەن ئالدى. ئاجايىپ بىر ئىش شۇكى، ئانا تىلنى قوغداش نامىدا يەڭى تەرىملارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلدۇق. ئەسىلدىنلا تاراشلىنىپ كەتكەن تىلىمىزغا يەڭى تەرىملارنىڭ تەرجىمە بىلەن ئەكىرىش خۇددى ئوكيان سۈيۈنى كۆلچەككە قاچىلىغاندەك بىر ئىش بولدى. شۇنى قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەككى، بىزنىڭ لوغىتىمىز 70 يىلدىن بەرى خىتتايلار تەرپىدىن چەيلىنىپ، مەنا ۋە لوگىكا جەھەتتىن قاتتىق بۇلغان. يەڭى تەرىملارنى تەرجىمە قىلساق، قاملاشقاندەك قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ مەناسى كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. ڧەمىنىزىم، دەسپوتىزىم، توتالتارىيانىزىم، لىبرالىزىم، مىسسىيون، ۋىزىيون، تىنك تەنك، ئەنتەللەكتۈەل… بۇ سۆزلەرنى ياقىن كىلىدىغان سۆزلەر باردەك قىلسىمۇ، ئۇنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان سۆزلۈكلەر بىزدە مەۋجۇت ئەمەس. سەۋەپ بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇپۇقلىرىمىز ئۇ يەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋرى يوق. تەرىملارنى قۇبۇل قىلىش دىگەنلىك، نىرۋىلىرىمىزنى قايتىدىن غىدىقلاش، شۇ ئارقىلىق تەپەككۇرمىزنى ئويغۇتۇش دىگەنلىك بۇلاتتى. ھازرقى ھالىتىمىزنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئىشىلىتىش دىگەنلىك بۇلاتتى. سىياسى دەۋادا خەلىقئارادا بىرلىككە كەلگەن تەرىملارنى توغرىسى بىلەن قۇبۇل قىلساق، ئىندىجىنىس پىپول سىكاندالىدەك چوڭ سەتچىلىكتىن ساقلانغىلى بۇلاتتى. 1000 يىل بۇرۇن ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندا، ئىتقاد، ئىمان، ئىبادەت…نى قانداق قۇبۇل قىلغان بولساق، 100 يىل بۇرۇن كاپىتالىزىم، بۇرۇژازىيە…نى قانداق قۇبۇل قىلغان بولساق، ھازىرمۇ تىزدىن يەڭى تەرىملارنى قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتمىسەك، يا دۇنيانى چۈشەنمەي يا ئۆزۈمۈزنى چۈشەندۈرەلمەي يوق بۇلۇپ كىتىمىز. 2022/08/19
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : enlem1987@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|