ۋەتەن دىگەن نىمە؟

سالاھىددىن كاشىغەرى

ۋەتەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ. لۇغەتتە «ئولتۇراقلىشىش ، ياشاش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەبىي ئاتالمىلاردا «بىر مىللەت ياكى مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان مەلۇم چېگرا ئىچىدىكى يەر» دەپ ئاتىلىدۇ.

ۋەتەن سۆيگۈسى ئۇ ئادەمنى شۇ يەر بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك رىشتە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەدەنىيەت، تىل، دىن، تارىخ، ئەخلاق، مائارىپ، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىدىكى ئورتاق ھېسسىيات ۋە ھەرىكەتلەر مىللەتنى مىللەت قىلىدىغان قىممەت قارىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن مىللەت ۋە ۋەتەن روھ ۋە تەنگە ئوخشايدۇ.
ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى، ئورتاق ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ئەركىن ياشاشنى خالايدۇ. چۈنكى مۇستەقىل ۋەتىنى بولمىغان بىر مىللەت قىممەت قارىشى ۋە ئەركىن ياشىيالىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
مىسىر بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ياشايدىغان ئامالىكا قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەتىنىدىن چىقىرىۋەتكەنلىك ھېكايىسى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 246-ئايىتىدە سۆزلىنىدۇ:
«(ئى مۇھەممەد!) ساڭا مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياشىغان ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە؛ «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا، جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا ئۇرۇش قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى جىھاد قىلىشتىن باش تارتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر. بۇ ئايەت ۋەتىنىدىن قوغلانغان كىشىلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييار بولىشى كىرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويىدۇ.

تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ۋە جىنىنى پىدا قىلالايدىغان خەلىقلەرنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدىغانلىقى،ۋەتىنىنى قولدىن بەرگەن مىللەتلەرنىڭ بولسا تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە بىر مىللەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى، دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىگە چۇشلۇق يىرىنىڭ بولالىشى ۋە دۇنيادىكى سىياسىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ۋەتىنىنىڭ ياكى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق مەلۇم بىر يىرىنىڭ بولىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ۋەتەن سۆيگىسى كىشىنىڭ ئۆز جىنىنى سۆيىشىدىن بۇرۇن كېلىدۇ. چۈنكى كىشىلەر ۋەتىنىگە ھەرقانداق ياتنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە يول قويمايدۇ ۋە جىنىنى تىكىپ تۇرۇپ ۋەتىنىنى قوغدايدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋەتىنىنى سۆيەلىگەن مىللەتلا كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا ھېچكىمنىڭ تاجاۋۇز قىلىشقا پېتىنالمايدىغان ۋەتەن قالدۇرالايدۇ.
تۈركىيەنىڭ مىللىي شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي دۆلەت شېئىرىدا ۋەتەننى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:


باسقان يەرىڭنى تۇپراق دەپ ئۆتۈپ كەتمە تونۇ!
ئويلا! ئاستىدا ياتقان مىڭلارچە كەپەنسىز ياتقانلارنى 
سەن شېھىت ئوغلىسەن، رەنجىتمە ئاتاڭنى
بەرمە دۇنيانى ئالساڭمۇ بۇ جەننەت ۋەتەننى


كىم بۇ جەننەت ۋەتەن ئۈچۈن جانىنى قىلماسكى پىدا
شەھىتلەر بۇلدۇقلار توپراقنى سىقساڭ شەھىتلەر
جانىمنى، جانانىمنى، بارلىقىمنى ئالسۇن خۇدا
قىلماسۇن پەقەتلا مىنى ۋەتەنىمدىن جۇدا "

دېگەن مىسرالىرى بىلەن ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مىھرى مۇھەببىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ كىشى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
شائىر ۋە يازغۇچى مىتخات جەمال كۇنتايمۇ:


بايراقنى بايراق قىلغان ئۈستىگە ئاققان قاندۇر
تۇپراق ئەگەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلەلەيدىغانلار بولسا ۋەتەندۇر

دىسە. يەنە بىر شائىر ئورخان شايىك گۆكئاي: «بۇ ۋەتەن كىمنىڭ؟» دېگەن شېئىرىدا ۋەتەننىڭ قىممىتىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئېنىق ئىپادىلىگەن:

ھەربىر تاشى ياقۇت بولغان بۇ ۋەتەن
جان بەرىش سىرىنى بىلگەنلەرنىڭدۇر


بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن شۇنى چۈشىنىۋالالىشىمىز كىرەككى: ۋەتىنىنى سۆيۈش ، ئۇنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، جىنى بىلەن قوغداش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ھاياتىمىزنى قۇربان قىلىش مۇقەددەس بىر مەجبۇرىيەتتۇر.

 

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : Kasgarlis@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.