ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرۇسىدىكى سوغۇقلۇق ۋە بۇنىڭ تۈرك دۇنياسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

 پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت

 

ماۋ زېدوڭ 1976-يىلى ئۆلگەندىن كەيىن 1978-يىلىدىن تارتىپ خىتاينى پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرۇشقا باشلاغان دېڭ شياپىڭ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يەنى سنائەت، يېزا ئىگىلىك، تېخنولوگىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانى بويىچە ئىشىكنى ئاچىۋەتىش سىياسەتىنى يولغا قويۇشى بىلەن خىتاي سوتسىيالىزم ئىقتىسادى تۈزۈمىدىن بازار ئىگىلىكى ئاساسىدىكى كاپىتالىزم ئىقتىسادى تۈزۈمىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن 1986-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتى(WTO)غا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى خىتاينى يانىغا تارتىش، شۇنداقلا بازار ئىگىلىكى ئارقىلىق خىتايدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ساھەسىنى كەڭەيتىش، ئاخىرقى ھېساپتا دېموكراتىيە ۋە دېموكراتىك تۈزۈمنى ھاكىم قىلىشنى نىشان قىلغان ئامېرىكا ئۇزۇن مۇزاكىرەلەر ئارقىلىق 2001-يىلى خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قوشۇلغان ئىدى. 1990-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ تارقىلىپ كەتكەندىن كەيىنمۇ ئامېرىكا خىتاينى قوللاشنى داۋاملاشتۇرغان، خىتايغا نۇرغۇن ئىشىكلەرنى ئاچىپ بەرگەن ئىدى. ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەر، ستراتىگىيە مۇتەخەسسىسلەرى ۋە سودىگەرلەر ۋە باشقا كۈچ مەركەزلەرى بۇ جەرياندا خىتاينى ھە دەپ قوللاغان ئىدى. خىتايغا ئىشەنمەگەنلەر،خىتايدىن گۇمانلانغانلار  بولسامۇ، خىتايغا ۋاقىت ۋە پۇرسەت بەرىپ كۆزەتىپ باقىش مەقسەتى بىلەن شۈك تۇرغان ئىدى.

بىراق نەتىجە ئامېرىكا كۈتكەندەك بولمادى. خىتايدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئەمەس، ھەربىي تېخنولوگىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى تەرەققىي قىلغان، خەلق ئەمەس، دۆلەت كۈچلىنىپ كەتكەن بولدى. خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىقى ئۈچۈن بەرگەن سۆزىگىمۇ رىئايە قىلمادى. مەسىلەن  1) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىغا رىئايە قىلمادى. 2) چەتئەل شىركەتلەرىنى تېخنولوگىيەنى ئۆتكۈزۈپ بەرىشكە مەجبۇرلادى. 3) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنى كۈچلەندۈرۈپ ئادىل بولماغان رىقابەتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي كومۇنىست پارتىيەسى لىبىرال كاپىتالىست سىستىمانىڭ ئىمكانلارىدىن پايدالنىپ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتىنى مۇستەھكەملىۋالدى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە، شۇنداقلا دۇنياغا تەھدىت سالىشقا باشلادى. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ 2013-يىلى ئوتتۇراغا قويغان "بىر بەلۋاغ بىر يول" پروجەكتى ۋە "خىتاي چۈشى" تەلەپپۇزى خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش ۋە كەڭەيمىچىلىك نىيەتىنى ئاشىكارلاپ قويدى. خىتاينىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناس ئالىمى گاۋ شەنۋېننىڭ ئىپادەسى بويىچە، 2028-يىلى خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي كۈچى 30 ترلىيارد دوللارغا يەتىدىكەن ۋە تەڭپۇڭلاشىدىكەن. 2040-يىلىغا بارغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىدىن 30-50 پىرسەنت چوڭايىپ كەتىدىكەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ خىتاينى توسۇشقا كۈچى يەتمەيدىكەن. يەنى 20 يىلدىن كەيىن خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئامېرىكانى ئارقىدا قويۇپ ئۆز ئالدىغا سۈپەر كۈچ ۋە دۇنياغا خوجايىن بولىدىكەن. بۈ سەۋەپ بىلەن ئامېركا "بىر بەلۋاغ بىر يول" پروجەكتى ئوتتۇراغا قويۇلغان 2013-يىلىدىن باشلاپ خىتاينى تورمۇزلاشقا باشلاغان.

تەيۋەن، خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسەلەسى ئامېرىكانىڭ خىتاينى تورمۇزلاش ۋە توختاتىشتا ۋاسىتە دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بۇ رايونلاردا ئۆزىچە بەزى تەدبىرلەرنى ئالىشقا تىرىشتى. خىتاينىڭ تېرورىزم، رادىكالىزم ۋە بۆلگۈنچىلىكنى باھانە قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگىرلاارىغا سولاشى، مەسجىتلەرنى چاقىپ مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ۋازكەچىشكە مەجبۇرلاشى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىنكاسىغا پەرۋا قىلماي ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرەجىسىدە ئىنسانلىق جىنايەتى ئۆتكۈزۈشى ئامېرىكانىڭ ئالىپ بارىشى ئىھتىمال بولغان ھەرىكەتلەرگە قارشى تەدبىرلەرنىڭ بەزىلىرىدۇر. لاكىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتا  يۈرگۈزگەن ئىپتىدائىي ۋە ئىنسانلىقتىن ھالقىغان زۇلۇم سىياسەتى بىلەن ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا ئۇرىۋالدى. 

خىتاي ياقىندىن بۇيان تەيۋەننى قۇراللىق بىرلەشتۈرۈشتىن ئاغىز ئاچماقتا، "خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى"نى ماقۇللاپ خوڭكوڭنىڭ بۆلۈنىشىنى توسۇشقا تىرىشماقتا.

مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدە پەيدا بولۇپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كەتكەن كورونا ۋىرۇسى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ۋە دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيادا خىتايغا ۋە خىتاي ماللارىغا بولغان نېگاتىپ كۆزقاراش ۋە پوزىتسىيەلەرنىڭ ئوتتۇراغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. 

دونالد ترۇمپنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى "خىتاي ۋىرۇسى" دەپ ئاتاشى، خىتتاينى دۇنياغا ۋىرۇس تارقاتتى دەپ ئەيىپلەشى، "خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە قانۇنى"، شۇنىڭدەك "ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەتى قانۇنى"نىغا ئمزا قويۇشى، تەيۋەنگە 180 مىليون دوللارلىق قۇرال ساتىشنى ماقۇللاشى قاتارلىقلارنىڭ  ئامېرىكانىڭ خىتاينى توساش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلەر ئكەنلىكى ناھايىتى ئوچۇق. ياقىندا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن جىددىي ۋەزىيەتمۇ ئىشنىڭ باشقا تەرەپىدۇر.

ئامېرىكا بۇ جەرياندا ياۋرۇپا دۆلەتلەرىنىمۇ يانىغا تارتىشقا تىرىشماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو غەرپ دۆلەتلەرىنى خىتايغا باقىندى بولۇپ قالماسلىققا چاقىرىشى، مۇستەبىتلىك بىلەن ئەركىنلىكتىن بىرىنى تاللاش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشى بۇ نوقتىغا ئىشارەت قىلماقتا. 

مەسەلەنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناساۋەتلىك تەرەپى ياڭى يىپەك يولى پروجەكتىدۇر. تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياندا ئامېرىكانىڭ چەمبىرەكىدىن چىقالماغان خىتاي ئېنېرگىيە ئىھتىياجىنى تەمىنلەش ۋە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارىنى بازارغا سالىش ئۈچۈن يىپەك يولىغا تېخىمۇ كۆپ ئىھتىياجلىق بولماقتا. يىپەك يولى خىتاينىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم پروجەكت دەپ ئايتىش مۇمكىن. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋىدولۇق كونفېرانستا شى جىنپىڭ مۇنداى دەگەن:

"بىز ئورتاقلارىمىز بىلەن بىللە بىر بەلۋاغ بىر يولنى خىرسلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش يولى، خەلقلەرنىڭ سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ساغلىق يولى، ئىقتىسادىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەسلىگە كەلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان  يېڭىدىن تىرىلىش يولى، يوشۇرۇن كۈچلەرنىڭ ئالدىنى ئاچىدىغان تەرەققىيات يولى ياراتىشنى خالايمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇپ چىقىپ ئىنسانىيەتنىڭ تەغدىر ئورتاقلىقىنى بەرپا قىلايلى."

بۇ ئىپادەلەردىن شۇنى چۈشىنىش مۇمكىنكى، خىتاي "خىرس"لارغا قارشى بىر بەلۋاغ بىر يول ئۈستىدىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بىرلىشىشكە چاقىرماقتا. بۇ ئەھۋالدا خاتا تاشلانغان بىر قەدەم تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن چوڭ پىشكەللىكلەرگە سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا تۈرك دۇنياسىنى تىجارەت تورلارى بىلەن بىربىرگە باغلايدىغان "تۈرك يولى"نى تەشەببۇس قىلىشىمىز، خىتاينى تۈركىستان توپراقلارىغا ئالىپ كىرىدىغان "يىپەك يولى" (مەن بۇ يولغا "ئەجدەر يولى" دەيمەن)غا قارشى چىقىشىمىز لازىم. خىتايلار بۇ يولدىن پەقەت تۈركلەرنىڭ ئىجازەتى قەدەر پايدالانىشى كېرەك.        

 

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: alim1962@hotmail.com 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.