
|
شەرقىي – جەنۇبي ئاسىيا قايناۋاتىدۇ
دىلىيار مۇساباي
دۇنيا ئىقتىساد تەمىنات زەنجىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە سېستېمىلىرىنىڭ خىتتاي-ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىدە پالەچ ھالغا كېلىشى بىلەن دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ئويۇن قۇرغۇچى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىچكى مەسىلىگە مەركەزلىشىپ قالغان بۇ كۈنلەردە شەرقىي-جەنۇبى ئاسىيادا ئىنتايىن كەسكىن يۈزلىشىشلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر قارشى تەرەپنىڭ ئىرادىسىنى سىنايدىغان خەتەرلىك ھادىسىلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. باشتا تەيۋەننىڭ چىگراسىنى خىتتايغا تاقىۋېلىشى سەۋەپلىك خىتتاي – ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرەلىشى بىلەن شەكىللەنگەن يۇمشاق كۈچكە قارشى خىتتاي تەرەپتىن تەيۋەن بوغىزىدا ئەسكەرىي مىدىرلاشلار كۆرۈلگەن ئىدى. بۇ يىل مارتتا ئامېرىكا بىر دېسترويېر سىنىپى ئۇرۇش پاراخوتىنى تەيۋەن بوغىزىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرغان بولدى. كېيىنچە، مالايسىيانىڭ دېڭىز ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى سەۋەپلىك، جەنۇبىي خىتتاي دېڭىزىغا توققۇز سىزىقلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات دائىرىسى سىزىۋالغان خىتتاي بىلەن ئىككى دۆلەت ھەربىي پاراخوتلىرى قارمۇ-قارشىغا كەلدى ۋە تېزلا ئامېرىكا، ئاۋۇستىرالىيە، ۋېىيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بۇ قارشىلىشىش سېپىغا قوشۇلدى. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا ئامېرىكىنىڭ بۇ قارشىلىشىش يۈز بېرىۋاتقان رايونغا يېقىن ھېچبىر ئاۋياماتكىسىنىڭ بولماسلىقىدۇر. ئەسلى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىشى كېرەك بولغان ئامېرىكا ئاۋياماتكىسى يۇ ئەس ئەس تېدرو روزىۋېلت غەۋغاسلىرىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىدە خىتتاي-ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقى سەۋەپلىك گۇئامدىكى ھەربىي بازىدا توختۇتۇلۇپ قويۇلدى ۋە كېمە كاپىتانى ئۆزىمۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەپلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارشىلىشىش مەيدانىغا ئەڭ يېقىن ئاۋياماتكىسى ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدا بولۇپ، 1500 مىل ئۇزاقلىقتىدۇر. نۆۋەتتە رايوندا ئامېرىكىنىڭ بىر ئامڧوبىس ھۇجۇم پاراخوتى ۋە ئىككى دېسترويېر سىنىپى ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن بىر ئاۋۇستىرالىيە دېسترويېرسى ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان ئاجىزلىق دەل پاراخوتلارنىڭ سانىدۇر. ھازىرقى سان سېڧىرلارغا ئاساسلانغاندا، رايوندىكى ھەر ئامېرىكا پاراخوتى بېشىغا بەش خىتتاي پاراخوتى توغرا كېلىدىكەن. بۇ قارشىلىشىشتا ئامېرىكىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى جۇغراپىيە بولۇپ، ھەربىي تەمىنات لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ۋە ھەربىي كۈچ يۆتكىلىش سۈرىتىنىڭ ئاستا بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ تارىختا كۆرۈلگەن بىر ھادىسىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، ئەڭ يامان سېنارىئودا يۈز بېرىدىغان ۋەقەنى مۆلچەرلەشتە ئەسلەتمە شەكلىدە مۇنۇ ۋەقەنى سۇنماقتا. ئەينى زاماندا ياۋروپادا گىرمانىيە بىلەن بوغۇشىۋاتقان بىرىتانىيە 1941.يىلى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا تەھتىد شەكىللەندۈرىۋاتقان ياپونىيەگە مەيدە كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە ئىككى دېسترويېر سىنىپى پاراخوتىنى رايونغا ئەۋەتكەن. ياپونىيەنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەن مەزكۇر ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى رايونغا يېتىپ كېلىپ بەش كۈندىن كېيىن ياپونىيە پېرل خاربورغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ڧىلوسىنى ئېغىر زەخمەتكە ئۇچراتقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىرىتانىيەنىڭ بۇ كېمىلىرىنى چۆكتۈرىۋەتكەن. گەرچە بۇلار چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقى ئېنىق ۋەقەلەر بولماستىن بەلكى ئەڭ يامان سېنارىيو ھېساپلىشى بولسىمۇ ئەمما ئامېرىكىنىڭ رايوندا خىتتاي تەرەپكە ئىچكىرلەپ كىرگەن پاراخوتلىرىنىڭ يالغۇز قېلىشى ، ھاۋا ياردىمىنىڭ بولماسلىقى، خىتتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتى سانى جەھەتتىن بىرگە بەش ئۈستۈنلىكىگە قوشۇپ قۇرۇقلۇقتىن دېڭىزغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنىڭ تەھدىتى قاتارلىقلارنى ھېسابلىغاندا، بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ رايوندا خىتتايغا قارشى ئەڭ ئاجىز ھالغا چۈشكەن ۋاقتىدۇر. بۇندىن باشقا، شىمالىي كورىيە دىكتاتورى كىم جو ئۇننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا چىقىۋاتقان گەپ - سۆزلەر مەسىلىنى تېخىمۇ خەتەرلىك تەرەپلەرگە تارتىۋاتىدۇ. كىم جو ئۇن ئۆلگەن بولسا، ھاكىمىيەتنىڭ ئاتىدىن بالىغا قالىدىغان خانىدانلىق سېستىمىسىدىكى شىمالىي كورىيەدە كىم جوڭ ئۇننىڭ ئورنىغا كىمنىڭ چىقىشى يەنە بىر مۇھىم مەسىلىدۇر. كۈزەتكۈچىلەر كىم جوڭ ئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يو جوڭنىڭ ھاكىمىيە بېشىغا چىقىشى مۇمكىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما ھاكىمىيەت ئالمىشىش جەريانىنىڭ تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپتىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ كىم يو جوڭنىڭ رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ھالقىدۇر. ئەگەر شىمالىي كورىيە سىياسىتىدىكى باشقا كۈچلەر ئۇنىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىشىغا قارشى چىقىدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى قانچىلىك كونترول قىلالىشى رايوننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەگەر ھوقۇق تالىشىش كۈچىيىپ كېتىپ ۋەزىيەت كونترولدىن چىقىپ كەتسە خىتتاي بىلەن ئامېرىكا مەسىلىگە ئارلىشىشقا مەجبۇر قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خىتتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېلىشپ-كېلىشەلمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئورتاق بىر كاندىدات ئۈستىدە كېلىشەلىسە مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلالايدۇ. ئەگەر كېلىشەلمىسە، شىمالىي كورىيەدە ئىچكى ئۇرۇش چىقىش ئېھتىمالى پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكاجەنۇپتىن، خىتتاي بولسا شىمالدىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغان مۇھىم ئىش شىمالىي كورىيەگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ يادرو قوراللىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش بولۇپ قالىدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئازلاۋاتقان نوپۇسىنىڭ كۆپى غەرپ رايونلىرىدا ياشايدىغان رۇسسىيەنىڭ شەرقىي قىسىملىرىغا خىتتاي تەرىپىدىن شەكىللەنگەن تەھتىد سەۋەپلىك ئالدىمىزدىكى 10-20 يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا تىرامپ بىلەن پۇتىننىڭ 25.ئاپرىل ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا – سوۋىت قىسىملىرىنىڭ ناتسىس گىرمانىيە قارشى بىرلىك سەپ قۇرغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئورتاق بايانات بېرىشى ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ. كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما كەلگۈسىدىكى ھادىسىلەرنى مۆلچەرلىيەلەيمىز. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىنىڭ رىئالىست ئېقىمىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇزۇندىن بېرى تېسىدىدۇس توزىقى نەزەرىيەسى بويىچە خىتتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ قارمۇ-قارشىغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئاڭغىچە خىتتاي-رۇس مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۆلچەرىدىكى زامان ئۈچۈن يەنە 15- 20 يىل بار ئىدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر مەزكۇر مۆلچەرلەرنىڭ توغرا چىقىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ خىتتاي-ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزكۇر مۆلچەردە ئوتتۇرىغاقويۇلغان سېنارىيولارنىڭ ئەمەلىيلىشىش سۈرىتىنى ئالدىغا سۈرىۋەتتىمۇ؟ بۇلارنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز. بىزنىڭ قىلىشمىز كېرەك بولغىنى بېنجامىن ڧرەنكلىننىڭ "تەييارلىق قىلىشتا مەغلۇپ بولساڭ، مەغلۇپ بولۇشقا تەييارلىق قىلىپسەن" سۆزىنى ئىدراك قىلىشتۇر!
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى: d.musabay@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش : تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرئىر ۇئۇ ئۇئۇ ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر .
|
|