ياڭى يىپەك يولى - ۋىرۇس يولى

پروف.در. ئالىمجان ئىنايەت

 

      يىپەك يولى 

             جەھەننەم يولى...

                               ئۇرۇش يولى...

                                       پالاكەت يولى...

                                              تراگېدىيە يولى...

                                                  ئىرقىي قىرغىنچىلىق يولى...

                                                          زور كۈچلەرنىڭ رىقابەت يولى...

                                                                    ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىق يولى...

دەپ يازىدۇ «يىپەك يولى تارىخى» ناملىق مەشھۇر كىتاپنىڭ ئاپتورى پېتېر فرانكوپان.

مەن بۇ يولغا،

          جىن يولى...

                   ئەجدەرھا يولى...

                                   ۋىرۇس يولى...

دەيمەن.

چۈنكى بۇ شى جىنپىڭنىڭ يولى... دېڭ بۇفاڭنىڭ پاش قىلىشىچە، يېڭى ئىپەك يولى پروجېكتى خىتاي خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ تەستقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزباشىمچىلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر پروجېكت بولۇپ ئەخمەقلەرچە ھەر تەرەپكە پۇل چېچىپ بەتخەجلىك قىلماقتا ئىكەن.

چۈنكى بۇ ئوتتۇرا ئاسىيانى، يەنى تۈركىستاننى، ئوتتۇرا شەرقنى ۋە ياۋرۇپانى سۆمۈرىمەن دەۋاتقان سارىق ئەجدەرھانىڭ يولى... 

چۈنكى بۇ كورونا ۋىرۇسىغا ئوخشاش خىتاينىڭ رەزىل ئىدىېولوگىيىسىنى ۋە كۈلتۈرىنى يايىدىغان ۋابا يولى... 

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇ يولنىڭ قۇربانى بولۇپ بۈگۈن باشىغا كەلمىگەن كۈلپەت، مۇسىبەت ۋە پالاكەت قالمادى. 

 ....................................................

تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، خىتاي سىياسەتىدە شەرقىي تۈركىستان زەمىنىنىڭ ئاۋۋال مىتوستراتىگىيەلىك، كېيىن گېئوستراتىگىيەلىك نىشان قىلىپ بەلگىلەنىشىدە يىپەك ۋە يىپەك يولىنىڭ كونترولى مەسەلىسى مۇھىم رول ئوينىغان.

يىپەك قەدىمقى خىتايدا ئىنتايىن قىممەتلىك ئىستىمال بۇيۇمى بولۇپ، ئەينى دەۋىردە پۇل قاتارىدا ئىشلىتىلگەن. بۈگۈن تىلىمىزدىكى "ئاقچا" دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىدە "ئاغىچا" دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكى، "ئاغى" دېگەن سۆزنىڭ "يىپەك" نى ئىپادىلەيدىغانلىقى مەلۇم.  تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، يىپەك ئەينى دەۋىرلەردە غەربىي رايونلاردا خىتايدىكى سودىغا نىسپەتەن 46 ھەسسە كۆپ پايدا ئالىپ كەلگەن، ھاتتا رىم تەۋەسىدە 4- ئەسىردە 1 كىلوگرام  خام يىپەك 4000 دىرھەم ئالتۇنغا ساتىلغان. خىتاي يىپەكنىڭ يۇقىرى سودا قىممەتىنى بايقاغاندىن كېيىن، بۇ مەھسۇلاتنى غەربىي رايونلاردىكى دۆلەتلەرگە ئالىپ بارىپ ساتىش ئۈچۈن يول ئاچىشنى پىلانلىغان. 

يىپەك يولى ئاچىلىپ سودا باشلىغاندىن كېيىن يولنىڭ بىخەتەرلىكى مەسەلىسى ئوتتۇرىغا چىققان. چۈنكى يىپەك يولى غەرپتىكى يات مىللەتلەرنىڭ زەمىنلىرىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئېغىر باج تۆلەشكە توغرا كەلگەن ۋە يىپەك توشىغان كارۋانلارمۇ داۋاملىق بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرغان. بۇ ئەھۋال يىپەكنىڭ مالىيىتىنى ئۆرلىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي يىپەك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ يول بويىچە قاراۋۇللار تەسىس قىلغان. يىپەك يولى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ زەمىننى ئىشغال قىلىش نىيەتىنى بولسا تالاس ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن.

................................................

  خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى پروجېكتى ئىمپېريال ۋە دۇنيا ھاكىمىيەتى مەركەزلىك بىر پروجېكتتۇر. خىتاي بۇ پروجېكت بىلەن ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، بالقان ۋە شەرقىي ياۋرۇپانى سودا تورلىرى بىلەن بىربىرىگە باغلاپ، كېيىن بۇ رايونلاردا بەرپا قىلغان ئىقتىسادىي سېستما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي نوپۇزىنى تىكلەيدۇ دەپ ئېيتىش مۇمكىن. خىتاي ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ پروجېكتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدىغان بولسا، خىتاي بۇ رايونلاردا ئۇرۇش – جىدەل چىقارىشتىن، ھاتتا بەزى رايونلارنى ئىشغال قىلىشتىن يانمايدۇ. بۇ پروجېكتكە توسالغۇ بولىدۇ دەپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە سېلىۋاتقان زۇلمى دۇنيا ئالەمگە مەلۇم.

بەزى دۆلەتلەر يېڭى يىپەك يولى پروجېكتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن  چوڭ گۈللەنىشكە يول ئاچىدۇ دەپ قارىماقتا. لېكىن تارىخىي ۋە كوللېكتىپ خاتىرە بۇنىڭ دېگەندەك بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتىپ تۇرماقتا. قەدىمكى يىپەك يولى ئۇيغۇرلارغا مەلۇم مەزگىل پاراۋانلىق ۋە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەنلىكى بىر ئەمەلىيەت، لېكىن بۇنىڭ بەدىلىگە زېمىنىنى يوقاتىپ قويدى، بۈگۈن جانى ھەلقۇمىدا...

خىتاي يېقىندا كورونا ۋىرۇس سەۋەپلىك ئاغىر ئىقتىسادىي زىيان تارتقان دۆلەتلەرنىڭ يىپەك يولى پروجېكتى ئۈچۈن ئالغان قەرزلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ خىتاينىڭ باشقا مىللەت ۋە دۆلەتلەرگە ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا رەھىم قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

ئەگەر تۈركلەر ۋە تۈرك دۇنياسى بۇ پروجېكتتىن نەپ ئالىمىز دەپ خىيال ۋە تەساۋۋۇر قىلىۋاتقان بولسا، بۇ خام خىيالدىن دەرھال ۋاز كەچىشى كەرەك. بولماسا بولمايدۇ دەيدىغان بولسا، تۈركىيە باشلىق بارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلگە قاغاننىڭ سۆزىنى خاتىرلەشى، خىتاينىڭ يۇمۇشاق يىپەكىگە، تاتلىق سۆزىگە ئالدانماي ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى، يىپەك يولىنىڭ كونترولىنى خىتايغا زىنھار بەرىپ قويماسلىقى، تۈرك تۇپراقلىرىغا خىتاي نوپۇسىنى ۋە خىتاي مەدەنىيەت ئۇنسۇرلارىنى قەتئىي يوللاتماسلىقى كېرەك.

چۈنكى بۇ ئەجدەرھا يولى... 

                       چۈنكى بۇ ۋىرۇس يولى...


2020-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: alim1962@hotmail.com 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ تور بەتىدە  (https://www.akademiye.org/ug/?p=157588) ئىلان قىلىنغان. .ئۇشبۇ يازمانىڭ ئىملاسى يازار تەرەپىدىن تەڭرىتاغ كۆشەسى قوبۇل قىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى»گە ئاساسەن ئۆزگەرتىلدى.

تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر.