
|
مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىزدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەتى قانۇنى «مامۇق ياستۇق» بولۇپ قالماغاي!
ئابدۇلقادىر كاشىغەرى
ياقىندا مۇھاجىرەتتەكى بارلىق ئۇيغۇرلار يىللاردىن بەرى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ھەتتا پۇتۇن دۇنيا دىققەت ئىتىبارىنى قارىتىۋاتقان «2020-ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەتى قانۇنى» ئامىرىكا پىرىزدىنتى دونالد تىرامپ تەرەپىدىن ئىمزالانىپ رەسمىي شەكىلدە قانۇنۇنىيلاشتى. بۇ قانۇننىڭ تەستىقلانىشىنى خىتتاي ئىشغالىيىتىدىن كەيىنكى 70 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا بۈگۈنگە قەدەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ باھا بەرسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا بۇ قانۇن، قاچاندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ؟ ئەزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ دەردىگە قانچەلىك مەلھەم بولالايدۇ؟ خەلقئارادىكى سىياسىي پائالىيەتلەرىمىزگە قانداق قولايلىقلارنى ئالىپ كەلەلەيدۇ؟ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىزگەچۇ؟ بۇ قانۇن بىلەن بۈگۈنگە قەدەر يەتتە مىليۇن ئەتراپىداكى قارىنداشلىرىمىز قامالغان جازا لاگىرلارىنى تاقىغالى بولامدۇ؟ ئايىغى ئۈزۈلمەگەن تۇتۇشلارنى توختاتقالى بولامدۇ؟ ھەرخىل مەقسەتلەر بىلەن خىتتاي ئۆلكەلەرىگە يۆتكەپ كەتىلگەن ئۈچ مىليونغا ياقىن قارىنداشلىرىمىز ۋە 500مىڭغا ياقىن سەبى پەرزەنتلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرغالى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممەمىز بۇ قانۇننىڭ شۇ دەرىجەدە كۈچىنى كۆرسەتىشىنى ۋە پات پۇرسەتتە بىز كۈتكەندەك نەتىجە بەرىشىنى ئۈمۈت قىلىپ كەلمەكتەمىز. بۇ ھەممەمىزنىڭ ئارزۇسى. ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ تەستىقلانىش تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسى 2009- يىلى ئامىرىكا پارلامىنتىغا كىرىش باسقۇچىدا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن باستۇرۇلۇپ قالغان ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىدىن 9 يىل مەخپى قالغان. 2018 يىلى ياش ئاكتىۋىست سالىھ خۇدايارنىڭ ئىنچىكەلىك بىلەن ئانىقلاپ چىقىشى ۋە خەلق ھەرىكەتى قوزغاتىشى بىلەن ئۇيغۇر قانۇنى لايىھەسى قايتادىن ئوتتۇرىغا چىقارىلىپ پارلامىنتقا سۇنۇلغاندىن بۈگۈنگە قەدەر ئىككى يىلغا ياقىن ۋاقىت ئۆتتى. بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىي ئىجرا باسقۇچىغا كىرىش ۋاختى يەنە 180 كۈننى ئالىدىغانلىقى بەزەن خەۋەرلەردىن ھەممەمىزگە مەلۇملۇق... دەمەك، ھەممە ئىش كۈتكەنىمىزدەك بولسا، ترامپ ھۈكۈمەتى يانىۋالماسا، يەنە 6 ئايدىن كەيىن رەسمەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنداق بولغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسى قايتا ئوتتۇرىغا چىققان ئىككى يىلدىن بەرى ئىشغالچى خىتتاي تالايلىغان قىرغىنچىلىقلارنى ئالىپ بارىۋالدى، ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ئىككى يىلغاغۇ بىر نەمە دەمەيلى... چۈنكى ئۆتكەن 70 يىلمۇ ھىچقانداق بىر نەتىجەسىز ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئىجراغا ئۆتىشىگە كەتىدىغان ئالدىمىزدىكى 180كۈن ئىچىدە خىتتاي خەلقارادا يەنە نەمە نەيرەڭۋازلىقلارنى قىلا؟ ۋەتەن ئىچىدە يەنە قانچەلەغان قارىنداشلارىمىزنى قانچەلەغان ھەدە سىڭىللارىمىزنى سەبىيلىرىمىزنى نابۇت قىلا؟..... ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قاتىم ماقۇللانغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ئىچىدىن بىر ماددا «ئىجرا خىزمەتىنى كۈزەتىش كومتىتىنى تەسىس قىلىش ماددەسى» چىقارىپ تاشلانغانلىق خەۋەرىنىڭ نەچچە ئاي ئىلگىرىلا ئىنتىرنەتلەردە تارقالىپ يۈرگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان . ئۇندىن باشقا، بىزنىڭ چۈشەنىشىمىزدە بۇ قانۇننىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈچى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالىپ بارىشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان چېن چۈەنگۇ باشچىلىقىداكى جىنايەتچىلەرنىڭ مال مۈلكىنى توڭلاتىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلارىنىڭ ئامىرىكىغا بارىپ ئۇقۇشىنى چەكلەش چارەلەرى خىتتايغا ئاغىر باسىم پەيدا قىلىدۇ دەپ بىلىپ كەلدۇق. ئەمما، بۇ جىنايەتچىلەرگە بىۋاستە چاتىشلىق بولماغان يىراقتىن چاتىشلىقى بولغان شىركەت كارخانالارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرى بۇ قانۇننىڭ جازا ئوبيىكتىنىڭ سىرتىدا قالغانلىقى ...ئىشلارنىڭ بىز كۈتكەن دەرەجەدە بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرىپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نەچچە يۈزلەگەن جىنايەتچىنىڭ شەخسىي مال مۈلكىنى توڭلاتىش ئىشغالچى ھاكىمىيەتنىڭ ئىقتىسادىغا كۆپ تەسىرلەرنى بەرەلمەسلىكى ۋە بۇنىڭغا خىتتاي ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمەسلىكى مۈمكىن. بىزنىڭچە، خىتتايغا نىسبەتەن بۇ قانۇننىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىمبارگودا ئەمەس، بەلكى خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىن ئىبارەت ئاغىر جىنايى قىلمىشلارىنى ھەقىقەتەن سادىر قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەنلىك ۋە ئۇنى قانۇنىي شەكىلدە دۇنياغا جاكارلىغانلىقىدادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتتاي بىر تەرەپتىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بىزگە كۆرە كەرەكسىز بىر پارچە قەغەزدۇر» دەپ جار سالىۋاتقان بولسامۇ، يەنە بىر تەرەپتىن «ئامىرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى جوڭگۇنىڭ زورىيىشىغا ۋە تەرەققى قىلىشىغا قەستەن توسالغۇلۇق قىلغانلىق، بىز كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجەدە كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتىمىز» دەپ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بەرى ئالىپ بەرىۋاتقان تۇرلۈك جىنايى قىلمىشلارىنى يەنىلا يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. دەمەك، خىتتاينىڭ بۈگۈنكىدەك جىددىي ۋەزىيەتتە ئەڭ قۇرقىدىغىنى ئامىرىكادەك كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگۇسى ئەمەس بەلكى يىللاردىن بەرى سادىر قىلىپ تۇرغان جىنايى قىلمىشىنىڭ قانۇنىي ھالدا ئىتىراپ قىلىنىپ خەلقئاراداكى «كۆزى كور، ۋىجدانى پۇلغا ساتىلغان، خىتتاينىڭ تاپىنىنى يالاپ كۆنۈپ قالغان كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللاشى ۋە سىتراتىگىيەلىك ھەمكارلىقىدىن ئايرىلىپ قالىشتا» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئالدىنقى قاتىم «خىتتاي مالىنى بايقۇت قىلىشنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى» دەگەن يازمامىزدا ئايتقانىمدەك خىتتاينىڭ جىنايى قىلمىشلارىنىڭ پولاتتەك پاكىتلارى ئالدىدا گىرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيىگە ئوخشاش تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئامىركادىن يىراقلاشىپ ھەلى ھەم خىتتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىشى ئامىرىكانىڭ ياۋروپادىكى،ناتۇدىكى كۈچىنى ھەتتا يىللاردىن بۇيان تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرىنىڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈشى قاتارلىقلار ئامىرىكانىڭ خەلقئارادىكى تەسىر دائىرەسىنىڭ ئاجىزلاشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.... يەنە بىر مىسال ئالساق، ئامىرىكا ھوڭكوڭ/شىياڭگاڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ماقۇللاغاندىن كەيىنمۇ تاجاۋۇزچى خىتتاي بۈگۈنگە قەدەر ھوڭكوڭداكى زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىر قەدەممۇ چەكىندۈرمەستىن داۋاملاشتۇرماقتا... ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامىرىكا پارلامىنتىغا ھوڭكوڭ ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق قانۇن لاھىيەسىنىڭ سۇنۇلۇشىمۇ خىتتاينى بۇ رەزىل جىنايەتلەرىدىن ھىچ توختاتقانى يوق. ئەكسىنچە يۇقارقىغا ئوخشاش تۈرلۈك باسىملارنىڭ كەينى كەينىدىن ئۇتتۇرىغا چىقىشىغا قارىماي خىتتاينىڭ تەخىمۇ غالجىرلاشىشى يەنىلا شۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ بىز كۈتكەندەك تەسىرگە ئىگە بولالمايدىغانقىدىن بىشارەت بېرەمدۇ قانداق ؟ بەلكىم ئۈششۈك ھەرىسىنىڭ ئۆلگىسى كەلگەندە نەشتىرىنى بەك سانچىغانغا ئوخشاش غالجىرلاشقان بولىشىمۇ مۈمكىن، ئىنشاللە شۇنداق بولغاي! بىز بۇ يەردە قانداقتۇر ئامىرىكانى پاسسىپ ئۇرۇنغا قويۇپ تاجاۋۇزچى خىتتاينى كۈچلۈك كۆرسەتىش مەقسىدىمىز يوق! خاتا چۈشەنىش بولماسۇن. پۈتۈن دۆلەتلەر خىتتايدىن قۇرقسامۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەددىمىز °15گىرادۇسمۇ ئەگىلىپ قالمايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل! پەقەت، بۇ يازمادا ئىلگەرى سۈرۈلمەكچى بولغان ئىددىيە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: بىز نۆۋەتتەكى ئاساسلىق يۈكنى، ئۈمىدىمىزنى، لاگىرلارنىڭ تاقالىشىنى پەقەتلا ئامىرىكانىڭ «2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»غا باغلاپ قويۇپ بىخۇت ۋە بىخەستە بولماسلىقىمىز؛ بارلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر، قازاق تەشكىلاتلارى بىلەن دىئاسپوراداكى زەر ساھە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەكىللەرى ئۇرتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈپ سىياسىي پائالىيەتنىڭ سەۋىيەسىنى تەخىمۇ يۇقارى كۆتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە يۇمشاق سىياسەتكە يانداش ھالدا باشتا مىللىي ئارمىيە قۇرۇشقا ئوخشاش قاتتىق سىياسەتلەرگىمۇ تۇتۇش قىلىشى، ئامىرىكانى ئاساس قىلغان ھالدا ھىندىستان، ياپۇنىيە ۋە غەربىي تۈركىستانداكى باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ ھەرخىل شەكىلدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى شەرتتۇر. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى، خىتتاي ۋىرۇسى جەرىيانىدا خىتتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇشتەك رەزىل نىيەتى ۋە شەرمەندەچىلىكى خەلقئاراغا تەخىمۇ ئاشكارا بولۈۋاتقان ھازىرقىدەك ئەۋزەل پۈرسەتتىن پايدالىنىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتتاينىڭ دۇنياغا كەڭەيمىچىلىكىنى توسۇشتا سىتراتىگىيەلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ خىتتايغا قارشى يەر شارى خاراكتىرلىق بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالدى بىلەن بىز شەرقىي تۈركىستانلىق كۈرەشچىلەرنىڭ ئىدراك قىلماقى تەخىرسىزدۇر. بىز ئوتتۇراغا قويغان ياكى ۋەتەندەكى شارائىت، مىللەت كۈتۈشى، خەلقئاراداكى شەكىللەنمەكتە بولغان ياڭى ۋەزىيەتكە لايىقىدا جاۋاپ بەرىش ئۈچۈن، تارىخىي خاتالىقلاردىن دەرس چىقارغان ھالدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەۋجۇت تەشكىلاتلارىنى ئىسلاھ قىلماقى،تەخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ھەرەكەت قىلالايدىغان، ئورتاق غايە ۋە ئورتاق نىشان ئەتراپىدا مىللىي مەۋجۇدىيەتنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن ئورتاق ئەقىل بىلەن ئىش قىلادىغان شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىگە (مۈمكىن بولسا تامامىغا) ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر ئۈست بىرلىكنى تەشكىل قىلماقى پەرزدۇر.
2020-يىلى 21-ئىيۇن ئىستانبول
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: hemkar.biz@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|