
|
ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ترامپنى قوللايدۇ ؟
نۇرمەمەت مۇساباي
ئىقرار: 2020-يىلى 3-نويابىر، ئامېرىكا سايلام كۈنى، ترامپقا بىر بىلەت تاشلىدىم.
2020- يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ تارتىشىلغان، ئەڭ قىزىغان بىر سايلام بولدى. بۇ نۆۋەتلىك سايلام يەنە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ كىشى سايلامغا قاتناشقان بىر سايلام بولدى. جوۋ بايدىنغا 80 مىليون، دونالد ترامپقا 75 مىليون ئەتراپىدا ىېلەت تاشلاندى. 2020- يىلى 3- نويابىر ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. نورمالدا بىر ھەپتە ئىچىدە سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا سايلىمى بۇ نۆۋەت ئۇزۇراپ كەتتى. بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۈچۈن سايلىنالمىدى. ترامپنىڭ رىقابەتچىسى جوۋۋ بايدىننىڭ 52% ئاۋاز بىلەن بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئۇتقانلىقى پۈتۈن ئامېرىكا مېدىيالىرىدا ئىلان قىلىندى. شۇنداقتىمۇ ترامپنىڭ تەلىپى بويىچە بىر قانچە شىتاتلارنىڭ بىلەتلىرى قايتا سانالدى. شىتاتلىق ئالىي سوتلار ۋە شىتاتلاردىكى سايلام مەركەزلىرى بايدىننىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى قايتا ئىلان قىلدى. ئەمما دونالد ترامپنىڭ «بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ىېلەت ئوغۇرلاش بولدى، سايلام ئادىل ئېلىپ بېرىلمىدى» دېگەن ئەيىبلەشلىرى داۋام قىلىپ كەلدى. سايلامنىڭ ئەڭ قىزىغان يېرى 2021- يىلى 6-يانۋار دىكى ئامېرىكا كونگرېس بىناسىغا بېسىپ كىرىش بولدى. دونالد ترامنىڭ نەچچە ئون مىڭلىغان قوللىغۇچىسى بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا «ترامپ ئۇتتى، ترامپقا يەنە 4 يىل، ىېلەت ئوغۇرلىما» دېگەن شوئارلار بىلەن، ترامپنى قوللاپ، ۋاشىنگتون شەھىرىدە نامايىش قىلدى. نامايىشنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا كونگرېس بىناسىغا بېسىپ كىردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ كونگرېس بىناسىغا -1800 يىللىرى ئەنگلىيە بېسىپ كىرگەن بولسا، بۇ نۆۋەت ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇنغا ئۇچرىدى. بۇ ئامېرىكا تارىخىدا كونگرېس بىناسىنىڭ 2-قېتىملىق باسقۇنى دەپ تارىخقا يېزىلدى. 6- يانۋاردىكى كونگرېس بىناسىنىڭ باسقۇنغا ئۇچرىشى بىلەن 2020- يىللىق سايلامنىڭ نەتىجىسى مۇقىملاشتى. شۇ كۈنى كەچتە ئامېرىكا كونگرېس ئەزالىرى بىلەت تاشلاپ، جوۋۋ بايدىننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى. 2021-يىلى 20-يانۋار يېڭىدىن سايلانغان بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. ترامپ دەۋرىگە خاتىمە بېرىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق سايلىمىنى ئېھتىيات ۋە قىزىقىش بىلەن كۆزىتىپ كەلدى. جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمىنى قىزىقىش ۋە ئۈمىد بىلەن يېقىندىن كۆزىتىپ كەلدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 90% دىن كۆپرەكى دونالد ترامنىڭ قايتا سايلىنىشى ئۈچۈن ىېلەت تاشلىدى. مەنمۇ ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن بىرەر خەيىرلىك ئىش بولار دېگەن ئۈمىتتە نۇرغۇن تىلەك- ئارزۇلار بىلەن دۇئا قىلىپ، دونالد ترامپنىڭ يەنە 4 يىللىق سايلىنىشى ئۈچۈن بىر ىېلەت تاشلىغان ئىدىم. ئەمما مېنىڭ شۇنچە سەمىمىي دۇئالىرىم باشقا كۆپسانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرگە خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ 70 يىلدىن بېرى ھىچ قوبۇل قىلىنمىغان دۇئالىرى قاتارىدا يەنە قوبۇل بولمىدى. نەتىجىدە ترامپ ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ نەتىجىدىن ھىچ مەمنۇن بولمىدى. بىز ئۇيغۇرلار نىمىشقا ترامپنى شۇ قەدەر قوللىدۇق؟ نىمىشقا ترامپنى شۇ قەدەر ياخشى كۆردۇق؟ ترامپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلدىمۇ؟ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرەر ئەمەلىي ھەركەت قىلدىمۇ؟ مەنچە ترامپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھېچبىر ئەمەلىي ئىش قىلمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار ترامپنىڭ 4 يىللىق پرېزىدېنتلىق دەۋرىدە تارىختىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا دۇچار بولدى. مىللىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. ترامپ ئامېرىكىدىكى ياۋرۇپا كۆكەنلىكلەرنىڭ ۋەكىلى، ئاق تەنلىكلەر مەنپەئەتىنى كۈچلۈك ھېمايە قىلغۇچى، قوللىغۇچى بىر پرېزىدېنت. ترامپ 2016- يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدىكى سايلام نۇتۇقلىرىدىلا "ئاقلار ھەممىدىن ئۇلۇغ "، " ئامېرىكا مەنپەئەتى بىرىنچى"، "ئامېرىكىنى قايتىدىن ئەڭ كۈچلۈك قىلىمىز" دېگەن شوئارلار بىلەن سايلامغا چۈشكەن ئىدى. كۆچمەنلەرگە، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسيان بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ترامپنىڭ بۇ شوئارلىرى ۋە ئىسيانلىرى ئامېرىكىدىكى ياۋرۇپا كۆكەنلىك ئاقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاقلار نوپۇسىنىڭ يىلدىن -يىلغا تۆۋەنلىشى، ئەكسىنچە كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى 100 مىليوندىن ئارتۇق ئەۋەنجالىكۇن مەزھىپىدىكى خىرىستىئان ئاقلار ترامپنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرى بولدى. مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنسې شۇلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى. -1600 يىللىرى ئىتالىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى كولۇمبونىڭ ھىسدىستان سەپىرىدە، دېڭىز ھاۋاسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر تۈپەيلى ئېزىپ قېلىپ تاسادىپىي ئامېرىكىغا كېلىپ قېلىشى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى ئاقلار تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ شەرق قىسمىدىكى خەلقلەر، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار بۇ قىتئەگە ئاققان ئىدى. ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىشى بىلەن، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەسلى يەرلىك خەلقلىرى بولغان ئىندىئانلار ئاز سانلىققا چوشۇپ قالغان، يەرلىرىدىن، بارلىق ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ياۋرۇپالىق ئاقلار كۆپ سانلىق بولۇپ، ئاقلارنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا دۆلىتى پەيدا بولغان ئىدى. 400 يىلدىن كېيىن، تارىخ تەكرارلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن ئامېرىكىغا كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ يېڭى كۆچمەنلەر ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىپ تۇرغان ئاقلارغا تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىكى ئاقلارنىڭ نوپۇسى 50% دىن كۆپرەك، قالغان قىسمى بولسا ئاق بولمىغان باشقا كۆچمەنلەردىن تەشكىل قىلىدۇ. ئاقلار ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەرلەشكەن. ئامېرىكىنىڭ شەرق ۋە غەرب قىرغاقلىرىدا كۆچمەنلەر نوپۇسى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ بولدى. ئامېرىكىدىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ شەكىللىنىشى، دىموگرافىك قۇرۇلمىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى ئىسيانلىرىنىڭ كۈچلۈك سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكىغا كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر ئاساسەن خىتتاينى ئاساس قىلغان شەرقىي ئاسىيا، ھىندىستاننى ئاساس قىلغان جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا ۋە مېكسىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى لاتىنو قاتارلىق 4 چوڭ ئېتنىك گۇرۇپلاردىندۇر. ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۇ مىليارد نوپۇسقا ئىگە بولغان كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكاغا كۆچۈشى يەنە 50-100 يىل داۋام قىلسا، ئامېرىكىدىكى ئاقلارنى ئاز سانلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەسلى يەرلىك ئاھالىسى – ئىندىئانلارنىڭ ھالىغا چۇشۇرۇپ قويۇشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ تۆرت رايوندىن كىلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇلار ئامېرىكىدا پەرقلىق، كۈچلۈك ئېتنو-كۈلتۈرەل جەمئىيەتلەر ئارالىنى يارىتىۋاتىدۇ. بۇندىن 400 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن ياۋروپالىقلار ئۆز-ئارا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ، ئامېرىكا خەلقىنى تەشكىل قىلغان بولسا، بۇ تۆرت رايوندىن كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن مۇستەقىل ئېتنىك گۇرۇپپا ھالىتىدە قېلىپ، ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلارغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا خەلقىنى ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىدا: ئامېرىكىدىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىيىشى ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى پارچىلايدۇ دەيدىغان قىياسلار سۆزلىتىۋاتىدۇ. بۇ قىياستا «ئاۋۋال، لاتىنولار تىز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان جەنۇبىي چېگرادىكى تېكساس، كالىفورنىيە شتاتلىرى بۆلۈنۇپ مۇستەقىل بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ» دېيىلگەن. ترامپنىڭ مېكسىكا چېگرىسىغا كۆچمەنلەرنى چەكلەش ئۈچۈن تام سوقۇش ئىرادىسىنىڭ مەنبەسى بەلكىم بۇ يەردىدۇر. ترامپنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى ئىسيانىنىڭ مەنبەسىمۇ بۇ يەردىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ترامپنىڭ بۇ شوئارى ئاقلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن يېزىلغان قىياسلاردىكىدەك ئامېرىكا پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنسە ياكى ئامېرىكا كونگرېسى باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تولۇپ كەتسە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى لىدىرلىق رولى تۈگەيدۇ. خىتتاينىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ. دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارسا ئاسسىمىلاتسىيە بولماي، پلاستىك ئەخلەتلەردەك ئايرىم ياشاپ دۇنيانى بۇلغاپ كېلىۋاتقان خىتتاي دۇنياغا ھاكىم بولىدۇ. گەرچە ترامپ مۇسۇلمانلارغىمۇ ۋە باشقا كۆچمەنلەرگىمۇ قارشى تۇرغان بولسىمۇ، مەن ئامېرىكىنىڭ يەنىلا دۇنيادىكى بىردىن بىر سۈپەر كۇچ ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا ترامپنىڭ شوئارلىرىنى قوللىدىم ۋە ئۇنىڭ قايتا سايلىنىشى ئۈچۈن بىلەت تاشلىدىم. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئاز بىر مىللەت بولساقمۇ دۇشمىنىمىز خىتتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنى ھەرگىز خالىمايمىز. ئەگەر ئامېرىكا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا بولۇنۇپ كەتسە، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن ئامېرىكىغا «ئامېرىكا چۈشى» بىلەن كېلىۋاتقان بىزدەك كۆچمەنلەرنىڭ چۈشلىرى بەربات بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى باشقا ئاز سانلىق كۆچمەنلەر ئاقلار بىلەن بىرگە بۇ تۆت چوڭ ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالىدۇ. ترامپ سىياسەتچى بولمىغانلىقتىن، كۆڭلىدىكى گەپنى، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئۆزى بىلگەن ئۇسلۇبتا خۇددى تىجارەتچىدەك، بىر قەھرىماندەك، بىر دىكتاتوردەك ئۆز ئالدىغا قارار بېرىپ ئىش ئېلىپ باردى. ھەر كۈنى دىگۈدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە ئائىت ئىشلار ھەققىدە تىۋىتتېردە خەت يېزىپ تۇردى. بۇ بىر ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا يارىشىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. بۇ بىر سىياسەتچىگە ئۇيغۇن ئىش ئەمەس ئىدى. نەتىجىدە ترامپ ئۆز كابىنىتىدىكى نۇرغۇن مىنىستىرلىرى بىلەن پىكىردە، خىزمەت ئۇسلۇبىدا بىرلىككە كېلەلمىدى، ماسلىشالمىدى. ترامپ ئۆتكەن 4 يىلدا بەك كۆپ مىنىستىرىنى ئالماشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن ترامپ يەنە ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ كۆپ مىنىستىر ئالماشتۇرغان بىر پرېزىدېنت بولدى. ترامپ پىكرىگە قوشۇلمىغان خېلى كۆپ مىنىستىرنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق سايلامدا قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇلار: مېكسىكا چېگرىسىغا كۆچمەنلەرگە قارشى نەچچە يۇز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېگىز تام بەرپا قىلدى. ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەقلىي ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتتاي بىلەن تىركەشتى. نۇرغۇن خىتتاي شىركەتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىش بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتتاي ۋە باشقا يەرلەرگە كەتكەن ئامېرىكا شىركەت-زاۋۇتلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن مۇئەييەن قەدەملەرنى باستى. ئامېرىكا-خىتتاي تىجارەت بالانسىدىكى قىزىل رەقەمنى يوق قىلىش، ئامېرىكا –خىتتاي تىجارىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەش ئۈچۈن، خىتتايغا بېسىم قىلدى. نەتىجىدە ئامېرىكا-خىتتاي تىجارەت ئۇرۇشى بەيدا قىلدى. خىتتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھوقۇقلىرى بىر قەدەر قوغدالدى. ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا خىتتاينىڭ ئالدىدا تىك تۇرغان، خىتتايغا قاتتىق ئىپادە بىلدۈرگەن بىردىنبىر پرېزىدېنت بولدى. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزگەن «ئامېرىكا مەنپەئەتى بىرىنچى» سىياسىتى بويىچە ترامپنىڭ 4 يىللىق دەۋرىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىي مۇقىم ھالدا تۇردى. گەرچە خىتتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى پۈتۈن دۇنيا پالەچ ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ ئاشتى. ترامپ يەنە 50 يىلدىن بېرى ھېچبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى قىلمىغان ياكى قىلىشنى خالىمىغان ئىشلارنىمۇ قىلدى: 1. ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىىلىيەدىكى باش ئەلچىلىكىنى تەلاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەپ، قۇددۇسنىڭ ئىسرايىلىيەنىڭ تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 2. ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە 1970- يىللىرى 3-قېئىتىملىق 6 كۇنلىك ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشتا سۇرىيەدىن بېسىۋالغان گولان ئىگىزلىكىنى ئىسرائىلىيە تۇپراقلىرى دەپ ئېتىراپ قىلدى. ترامپنىڭ بۇ قىلغانلىرى گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ئامېرىكىدىكى 6 مىلليوندىن ئارتۇق كۈچلۈك ھەم باي ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە مۇكاپاتىغا ئەرىشتى. 3. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سالاچىلىق قىلىشى بىلەن 70 يىلدىن بېرى بىر- بىرىگە دۇشمەن مۇئامىلىسى قىلىپ كەلگەن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن ۋە سۇداندىن ئىبارەت ئۇچ ئەرەپ دۆلىتى بىلەن ئىسرائىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. بۇ ئۇچ ئەرەپ دۆلىتى ئىسرائىلىيە دۆلىتنى ئېتىراپ قىلدى. 4. مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پاكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ بۇلارنى ئىككىگە بۆلۇپ قويدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈركىيەنىڭ نورمال دوستلۇقى بۇزۇلدى. ئىسلام بىرلىكى نامىدىكى ئىسلام ئارمىيىسى يوق بولدى ياكى تەرەققى قىلالمىدى. 5. سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا يەرلەشكەن ئامېرىكا قىسىملىرىنى چېكىندۇرۇش ئارقىلىق، 30 يىل بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پىلانلاپ كەلگەن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە پىلانىنى بۇزۇۋەتتى. 6. ناتونىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەزاسى تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقلىرىغا ئېتىبار بەرمەي سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن بوشىغان بازىلارغا رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىپ، دوستلۇققا، ئىتتىپاقداشلىققا خىيانەت قىلدى. ناتونىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى رۇسلار بىلەن تۈركىيەنى قوشنا قىلىپ قويدى. 7. ترامپ ھۆكۈمىتى تېنچ ئوكيان سودا تەشكىلاتى، پارىژ كىلىمات كېلىشىمى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن خەلقارالىق تەشكىلاتلاردىن چىقىپ كەتتى. ئامېرىكىنى بۇ تەشكىلاتلاردىكى رەھبەرلىك ئورنىدىن مەھرۇم قىلىپ قويدى. 8. تىجارەت ئۇرۇشىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتىپ، كونا ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ تۈپەيلىدىن خىتتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىدە يالغۇز قالدى. ئەمدى ترامپنىڭ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىشلىرىغا كەلسەك، ترامپ 4 يىللىق پرېزىدېنتلىق دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى خىتتاي زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىشى ئۈچۈن ھېچبىر ئىجابىي ئىش قىلمىدى. ئەمەلىي ئىش قىلغۇدەك كۈچكە، ئىمكانغا ئىگە ئىدى. لېكىن ھىچبىر ئەمەلىي ئىش قىلمىدى. ئەكسىچە، سابىق باش مەسلىھەتچىسى جوۋن بولتون كىتابىدا يازغىنىدەك خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلامىي ئاشقۇنلار دەپ لاگىرلارغا قامىشىغا ماقۇل دەپ، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى دىپلوماتىك ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاپ بەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشى مىللىي قىرغىن قىلىنىشىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەلۇم دەرىجىدىن شېرىك قىلىپ قويدى. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قىرغىن قىلىنىشىدا مەلۇم دەرىجىدە جاۋابكارلىقى بار. جىنايەتكە مەلۇم دەرىجىدە شېرىك. 4 يىللىق ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە «Mckinsey» قاتارلىق نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاماش ئۈچۈن ياسىغان كامپىلارنى قۇرۇشىغا تېخنىكىلىق جەھەتتە ياردەملەردە ۋە مەسلىھەتلەردە بولدى. ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتلەرنى ۋاقتىدا توسىمىدى ۋە ئۇلارنى جازالىمىدى. جىنايەتكە شېرىك بولدى. ئەگەر ترامپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان، ئېچىنغان بولسا، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ۋاقىتلىرىدا بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۈچلۈك بىر باياناتلارنى بەرگەن بولاتتى. خۇددى تەيۋەن ھەققىدە دېگەندەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نامىدىن : شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زىمىن، شەرقى تۈركىستان ھىچبىر زامان خىتتاينىڭ زېمىنى بولمىغان. ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا (Genocide) ئۇچراۋاتىدۇ … دېگەندەك كۈچلۈك سىياسىيلىققا، دىپلوماتىك مەنىلەرگە ئىگە باياناتلارنى بەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇنداقمۇ قىلمىدى. شۇنداقتىمۇ بىز ئۇيغۇرلار ترامپنى كۈچلۈك قوللىدۇق ۋە قوللاۋاتىمىز. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار چارىسىز قالدۇق. ئاللاھقا دۇئا قىلشتىن باشقا قولىمىزدىن ھچبىر ئىش كەلمەيۋاتىدۇ. ۋەتەندە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. خىتتايدا يۇز بەرگەن ھەر قانداق بىر تەبئىي ئاپەتلەردىن خوش بولۇپ، خىتتاينى قارغاپ ئولتۇرغان بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتنىڭ خىتتاينى جازالىشى، ئۇنى مەيلى نېمە سەۋەبتىن، نېمە مەقسەتتىن بولسۇن تەنقىتلىشى بىز ئۇيغۇرلارنى خوش قىلاتتى، رازى قىلاتتى. بۇنداق بىر ھالەتتە خىتتاينىڭ ئەدىپىنى كىم بەرگەن بولسا، بىز ئۇنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەتتۇق. تاجىمىز قىلاتتۇق. گەرچە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى 2 يىلدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپو يېتەكچىلىكىدە خىتتايغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى، خىتتاينىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمى ئۈچۈن بولمىسمۇ، خىتتاينى جازالىغىنىدىن بىز خوش بولدۇق. شۇڭا بىز ئۇنى قوللىدۇق، ياخشى كۆردۇق. مايك پومپونىنڭ ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى كۆپ تىلغا ئېلىشى، ھەر بارغان يېرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشلىرى بىز ئۇيغۇرلارنى ترامپ ھۆكۇمىتىدىن ئۈمىدلەندۈردى. ئەگەر ترامپ قايتا سايلانسا، بەلكىم خىتتاينىڭ ئەدىبىنى تېخىمۇ قاتتىقراق بېرىشى مۇمكىن، بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ بىر نىجاتلىق بولار دېگەن ئۈمىت بىلەن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى ترامپنىڭ 2-قېتىملىق سايلىنىشى ئۈچۈن ىېلەت تاشلىدى. ھەتتا 6- يانۋاردىكى نامايىشقىمۇ قېتىلدى. ترامپنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئەڭ قاتتىق مەيۈسلەنگەن كۆچمەنلەر بىز ئۇيغۇرلار بولدۇق. لېكىن ترامپنىڭ ۋەزىپىسى تۈگەشكە ساناقلىق كۈنلەر قالغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خۇددى تەيۋەن ھەققىدە، خوڭكوڭ ھەققىدە دېگەندەك ياكى قىلغاندەك ئەمەلىي بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلمىدى. 20-يانۋار ترامپ دەۋرى ئاخىرلىشىدۇ، بايدىن دەۋرى باشلىنىدۇ. ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ.! ئاكىمىز ئامېرىكا سايلىمى، يەڭگىمىز بايدىن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقۇدەك ھالى يوق. ھالىمىزغا قاراپ ئىش تۇتىشىمىز كېرەك. ترامپچى، بايدىنچى بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئۆز-ئارا تارتىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق. ھوقۇق كىمدە بولسا، شۇنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرىشىمىز، ئۇيغۇرغا كىمدىن ياردەم كەلسە شۇنى قوللىشىمىز كېرەك. ئەمدى دۇئالىرىمىزدا «ئاللاھ! بايدىننىڭ كۆڭلىگە بىز ئۇيغۇرنى سالغىن» دەپ دۇئا قىلىدىغان، «بايدىننى ھەق تەرەپتە تۇرۇشقا نېسىپ قىلغىن، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشنى دىلىغا سالغىن» دەپ دۇئا قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. قېنى ئۇيغۇرۇم، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! 2021- يىلى بىزنىڭ ئويغىنىش يىلىمىز، بىزنىڭ قەد كوتۇرۇش يىلىمىز بولغاي! ئاللاھ ئۇيغۇرلارغىمۇ بىر خەيىرلىك كۇن ئاتا قىلغاي!
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : nmusabay@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|