
|
شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن بەرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى
پروف. در. ۋارىس چاقان مەھمۇت قەشقەرى تۈرك تىلى دىۋانى ناملىق ئەسەرىدە، "ئۇيغۇر" كەلىمەسىنى بايان قىلغانىدا، ئۇيغۇر ئىسمىنىڭ قايسى دەۋىردىن باشلاپ ئىشلەتىلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنەسىگە تۇنجى ئوتتۇراغا چىققانىدا قايسى جۇغراپىيەلەردە ياشاغانلىقى ھەققىدە يىپ ئۇچى بەرىدۇ. مەھمۇت قەشقەرى بەرگەن تارىخىي مەلۇماتقا قاراغاندا ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ۋە 3- ئەسىرلەردە مەۋجۇت ئىدى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ئەتەكلەرىدە ياشايتتى. مەھمۇد قەشقەرى بەرگەن مەلۇمات بىلەن، چىن تارىخ مەنبەلەرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلارنى سالىشتۇرغانىمىزدا، "ئۇيغۇر" ئىسمى تارىختا تۇنجى قاتىم تىلغا ئالىنغان دەۋىر، بىر بىرىگە ئۇيغۇن كەلىدۇ. پانكۇ تەرەپىدىن قەلەمگە ئالىنغان خەننامە ناملىق تارىخىي مەنبەنىڭ "ھۇنلار تەزكىرەسى" قىسىمىدا تۈۋەندەكى ئىزاھاتلار بەرىلىدۇ: ھۇنلار شىمالدا ۋۇ- چىئەھلەر ئۈستىگە سەپەر قىلىپ ئۇلارنى ھاكىمىيەتى ئاستىغا ئالدى. تارىخشۇناسلار يۇقارىدا تىلغا ئالىنغان ۋۇچىئەھلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىگىنى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ۋۇچىئەھلەردىن كەلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇراغا قويماقتا. چىن تارىخ مەنبەلەرىدەكى ۋۇچىئەھلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلىدىغان بولساق، "ئۇيغۇر" ئىسمىنى يازما مەنبەلەردە تۇنجى قاتىم مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرلەردە تىلغا ئالىنغان دىيىشكە بولىدۇ. چىن تارىخ مەنبەلەرىدىن باشقا يەنە مىلادىدىن بۇرۇنقى 173- يىلدىن 43-يىللارغا ئائىت بولغانلىقى ئىسپاتلانغان، ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئارخىئولوگىيەلىك ماتىرىياللاردىمۇ "ئۇيغۇر" ئىسمى تىلغا ئالىنغان. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمقى گىرىتسىيەدە ياشاپ ئۆتكەن ئالىم پتولەمەئۇسنىڭ «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسەرىدە تەڭرىتاغلارىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىداكى بىر دەريا ئىسمىنىڭ "ئوگورداس" ئىكەنلىكى، بۇ دەريانىڭ بويىدا "ئوگاردايلار"نىڭ ياشايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىنگىلىز جۇغراپىيە ئالىمى خەنرى يۇلە "ئوگاردايلار" نىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئوتتۇراغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە روسىيەلىك تارىخشۇناس ۋ.ۋ.گرىگوريەۋ، ئۆزىنىڭ 1873-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى رايۇنى توغرۇلۇق يازغان بىر ئەسىرىنىڭ 2-تومىدا پتولەمەئۇسنىڭ «جۇغراپىيە» ئىسىملىك ئەسەرىدە بايان قىلىنغان "ئوگورداس"نىڭ ئۇيغۇر ئىلى ئىكەنلىگىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. * ئۇيغۇرلار خۇددى ئوغۇزلارغا ئوخشاش بىر قانچە قەۋىمدىن تەركىپ تاپقان ۋە تارىختا كۈچلۈك دۆلەتلەرنى قۇرغان، تارىختىكى بۈيۈك تۈرك دۆلەتلەرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناغان بىر تۈرك قەبىلەسىدۇر. ئاسىياداكى ھۇن ئىمپىراتۇرلۇقى مىلادىدىن كەيىنكى3- ئەسىرنىڭ باشىدا پارچىلانغاندىن كەيىن تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قەبىلەلەرى (غەرپ ئۇيغۇرلارى) تەڭرى تاغىنىڭ ئەتەكىدە مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇپ تۈركىستانداكى ھۈكۈمرانلىقلارىنى كۆكتۈرك ئىمپىراتۇرلۇقىنىڭ قۇرۇلغان مەزگىللەرىگە قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ 552-يىلى ئۆتۈكەندە كۆكتۈرك ئىمپىراتۇرلۇقى قۇرۇلغاندا كۆكتۈرك ئىمپىراتۇرلۇقىغا قوشۇلغان. كۆكتۈرك ئىمپىراتۇرلۇقى پارچالانىپ شەرقىي كۆكتۈركلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەملىكەسى ئاستىدا قالغاندا كۆكتۈرۈكلەرنىڭ تەۋەلىكىدە تۇغلا دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايدىغان شەرقىي ئۇيغۇرلار، تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەملىكەسىگە باش ئەگمەي تەكرار تارىخ سەھنەسىگە چىقىپ 627-يىلى تۇغلا دەرياسى بويىدا تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خاندانلىقىنى قۇرۇپ 716- يىلىغا قەدەر مۇستەقىل ياشاغان. 716-يىلى شەرقىي كۆكتۈركلەرگە باغلانغان شەرقىي ئۇيغۇرلار بىلگە قاغاننىڭ ئۆلۈمىدىن كەيىن كۆكتۈركلەر كۈچىنى يوقۇتۇپ يىقىلىشقا باشلاغاندا باسمىل ۋە قارلۇقلار بىلەن بىرلىكتە چاچىلىپ كەتكەن تۈرك خەلىقلەرىنى بىرلەشتۈرۈپ 744-يىلى ئورخۇن دەرياسى بۇيىدا ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلەتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز يىلغا ياقىن ھۈكۈم سۈرگەن بۇ ھاكىمىيەتى مەزگىلىدە بوزقىرداكى تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يول باشچىلىقىدا شەھەرلىششكە قاراپ يۈزلەنىپ بىلىمدە، سەنئەتتە ياراتقان كەشپىياتلارى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەتىگە زور تۆھبە قوشقان. ئىچكى بۆلۈنمە، تەبئىي ئاپەت ۋە بۇنىڭ نەتىجەسىدە ئاجىزلاشقان ئورخۇنداكى ئۇيغۇر دۆلەتى 840-يىلى يەنىسەي دەريا ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن قىرغىزلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئورخۇن ۋادىسىداكى پايتەختىنى تاشلاپ ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ خانىدان ئەزاسى پان تەكىن (بىلگە كۆل قادىرخان) باشچىلىقىداكى ئۇيغۇرلار غەرپكە، يەنى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستانداكى قارىنداشلارىنىڭ يانىغا كەلىپ يەرلەشىدۇ ۋە ھاكىمىيەتىنى بۇيەردە داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن چىن تارىخ مەنبەلەرىدە تەڭرى تاغىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەرىدە ھۈكۈم سۈرگەن بۇ دۆلەتكە "غەربىي ئۇيغۇر دۆلەتى" دەيىلگەن. پەقەت چىندەكى ۋە غەرىپ ئەللەرىدەكى بەزى تەتقىقاتچىلار ۋە كومىنىست پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىداكى چىن ھۆكۈمەتىنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك تەسىرى ئاستىدا قالغان تارىخشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن بەرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاماغانلىقىنى، 840-يىلى ئورخۇنداكى ئۇيغۇر ھاكىمىيەتى يىقىلغاندىن كەيىن تۈركىستانغا كەلىپ يەرلەشكەنلىكىنى ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان فارىس، ھىند ۋە باشقا خەلىقلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ بۈگۈنكى تۈركىستاننى تۈركلەشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىشقان. چىن ھۈكۈمەتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئاق تاشلىق كىتاپ نەشىر قىلىپ ئاتالمىش "شىنجاڭ"نىڭ ئەزەلدىن بەرى چىننىڭ ئايرىلماس بىر پارچەسى ئىكەنلىگىنى تەرغىپ قىلىپ تارىخنى بۇرمۇلاپ كەلمەكتە. ھالبۇكى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشەنچلىك تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ھونلار، كۆكتۈركلەر (شەرقىي تۈركلەر) ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلەتى دەۋرىدە غەربىي ئۇيغۇر قەبىلەلەرى ۋە باشقا تۈرك قەبىلەلەرى زىچ ياشاپ كەلگەن بۇلۇپ بۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى ئىدى. مەشھۇر رۇس سىنولوگ (چىنشۇناس) ن.ي.بىچۇرىن، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادا قەدىمقى زاماندا ياشاغان خەلىقلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار توپلامى ناملىق ئەسىرىدە تۈرك قەۋملەرىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەردە ياشاغان يەرلەر ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقلەرى جەنۇبىي تاغ (نەن سەن) كوئىنلۇن تاغلارى ۋە تەڭرى تاغلارى ئارىسىداكى تۈزلەڭلىكتىن قەشقەرگە قەدەر بولغان جايلارغا يەرلەشكەن. ئۇلار يەنە پامىر تاغلارىنىڭ غەربىدەكى ئامۇ ۋە سىر دەريالارى ئارىسىداكى تۈزلەڭلىكلەرگە كەڭ تارقالغان بولۇپ كەيىن بۇلار ئارال كۆلى ۋە ھازار (كاسپى دەڭىزى) دېڭىزى ساھىلىدىن شىمالغا قاراپ ئىلگىرلەپ ئۇرال تاغلارى تەرەپكە كۆچۈپ بارغان. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك قەبىلەلەرىنىڭ بىر قىسمى بولسا شەرققە يۈزلىنىپ ئالتاي تاغلارىنىڭ شىمالى، سايان تاغرىلارى، ئورخۇن سەلەنگا ۋادىلارىغا قەدەر تارقالغان ئىدى." بۇرۇنقى زامانداكى تۈرك قەبىلەلەرى بولسا بۇ جۇغراپىيەگە ماكانلاشقان ئىدى. رۇسىيەنىڭ تۈركىستانغا ئىلمىي تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن قازاق تارىخشۇناس چوقان ۋەلىخانوف، شەرقىي تۈركىستاندا ئالىپ بارغان ئىلمىي ئىكىسپىدىتيەدىن كەيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلىقلەرى ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەگەن: "تارىخ مەنبەلەرىدىن شۇنى كۆرىۋالىشقا بولىدۇكى قەدىمدە كۆپ سانداكى چىنلىق راھىپلار خوتەنگە كەلىپ بۇدىزىمنىڭ ياراتقۇچىسى ساكيامونىنىڭ تەلىماتلارىنى ۋە پىكىرلەرىنى ئۆگەنگەن ئىكەن. چىندەكى ۋە روسىيەدەكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ 'خوتەن شەھرى بۇرۇنقى يەرلىك خەلقىنىڭ، يەنى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىدى' دىگەنلىكىنى نىمىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇراغا قويغانلىقىنى چۈشۈنەلمىدىم. خوتەن ئىسمىنىڭ سانسىكرىتچە 'كۇستانا' ئىسمىنىڭ بۇزۇق تەلەپپۇزى بولغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ 'كىندىكى' دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەيدىغانلار نىمىگە ئاساسلىنىپ شۇنداق دەيدىغانلىقىنىمۇ بەك بىلمىدىم. ئەگەر ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا 9-ئەسىردە كەلگەن سەرىق تەنلىكلەر دەيدىغان بولساق ئۇلار قانداقسىگە سەرىق تەنلىكلەرگە ئوخشىماي ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇرلار يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ ئۆزگۈرۈپ كەتكەن دەيىلسە نىمە ئۈچۈن جۇجى ئۇلۇسىنىڭ مۇڭغۇللارى ئارىدىن يەتتە ئەسىر ئۆتكەندىن كەيىنمۇ ئۇيغۇرلاردەك ئاق تەنلىكلەرگە ئۆزگۈرۈپ كەتمىدى؟". چوقان ۋەلىخانوپ بۇ خۇلاسىنى چىقارغاندىن كەيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن بەرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇراغا قويغان. -مەشھۇر ياپۇنىيەلىك تۈركولوگ خانىدا تورى بولسا مۇنداق دەيدۇ: "ئورخۇندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەڭرى تاغلارىنىڭ جەنۇبىغا كەلىپ يەرلەشىشتىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن بىر ئىرىقتىن بولغان تۇرانلىقلارنىڭ (يەنى تۈرك قەبىلەلەرى) بۇ يەردە ئۇزۇن زاماندىن بېرى ياشاپ كەلىۋاتقانلىقىنى تارىخىي مەنبەلەر ئىسپاتلاماقتا. بۇ پاكىتلار بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاپ كەلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە". كۆزگە كۆرۈنگەن خەنزۇ تارىخشۇناس چىڭ سۇلۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئانا ۋەتەنلەرى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىگەن: "ئۇيغۇرلار، تۈرك تىل سىستىمىسىدەكى خەلىقلەردىن بىرى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەردە دىڭلىڭ (تۆلەس) قەبىلەلەر ئىتىپاقى ئىچىدەكى ئەڭ ئاساسلىق قەبىلە ئىدى. دىڭلىڭلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە بۈگۈنكى ئالتاي تاغلارىنى پاسىل قىلغان ھالدا شەرقىي دىڭلىڭلار ۋە غەربىي دىڭلىڭلار دەپ ئىككى گۇرۇپقا بۆلۈنەتتى. شەرقىي دىڭلىڭلار ئالتاينىڭ شەرقى تەرىپىدىن بۈگۈنكى مۇڭغۇلىستان، سىبىرىيە ۋە بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپلارىغىچە يايىلغان ئىدى. غەربىي دىڭلىڭلار بولسا ئالتاينىڭ غەربىدىن ئىلى ۋە ئىرتىش دەريا بويلارى،بالقاش كۆلى ئەتراپى ۋە بۈگۈنكى جۇڭغار تۈزلەڭلىكىگىچە بولغان رايۇنلاردا ياشايتتى. بۇلارغا مىلادىيە 3-4-ئەسىرلەردە "تېلې" دەيىلگەن ئىدى. چىن تارىخ مەنبەلەرىدەكى تېلېلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلارى بولۇپ، بۇلار شەرق ۋە غەرپ دەپ ئىككى گۇرۇپقا ئايرىلغان ئىدى. غەربىي ئۇيغۇرلار تەڭرى تاغلارىنىڭ ئەتەكلەرىدە ياشاغان. شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا بۈگۈنكى مۇڭغۇلىستاندا ياشاغان ئىدى. تەڭرى تاغلارىنىڭ ئەتەكلەرىدە ياشاغان غەربىي ئۇيغۇرلار باشتا ھۇنلارغا، كەيىن تابگاچلارغا، سىيانپىلارغا، جۇ ئان-جۇئانلارغا (ئاۋارلارغا) قىسمەن تەۋە بولغان. 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرالارىدا كۆك تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيەتى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن ئىدى. 744-يىلىدا شەرقىي ئۇيغۇرلار ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلەتىنى قۇرغاندا غەربىي ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەتى ئاستىغا كىرگەن. تارىختا غەربىي ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى مۇڭغۇل يايلاقلارىدا ياشاپ ئۆتكەن شەرقىي ئۇيغۇرلاردەك كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنى قۇرالمىغاچقا تارىخ مەنبەلەرىدە شەرقىي ئۇيغۇرلاردەك ئانچە كۆپ بايان قىلىنماغان". 840-يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار قۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلەتى يىقىلغاندىن كەيىن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ خانىدان ئەزالارى 15 ئۇيغۇر قەبىلەسىنى باشلاپ ئەزەلدىن ئۆزلەرىنىڭ تۇپراقى بولغان بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان توپراقىغا كەلىپ يەرلەشكەن ۋە ئۆز قارىنداشلارى بولغان غەربىي ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قارشى ئالىنغان. شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ خانىدان ئەزاسى بولغان پان تەكىن 848-يىلى ئۆزىنى "ئارىسلانخان" دەپ ئىلان قىلغاندىن كەيىن تارىختا "غەربىي ئۇيغۇر دۆلەتى" دەيىلگەن. غەربىي ئۇيغۇر دۆلەتىنىڭ 4-ئەۋلات خاقانى ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن غەربىي ئۇيغۇر دۆلەتى تۆتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1386-يىلى چاغاتاي ئەۋلاتلارىدىن خىزىر غوجا خاننىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلەتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تامامى ئىسلام دىنىگە كىرگەن. خۇلاسە قىلىپ ئايتقاندا ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بەرى بۈگۈنكى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندا ياشاپ كەلگەن.11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەخمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ تۈرك تىل دىۋانىدا غەرپتىن شەرققە قاراپ ئۇ دەۋىردە ياشاپ ئۆتكەن تۈرك قەبىلەلەرىنى بايان قىلغان. مەخمۇت قەشقەرىنىڭ ئەسىرىدە ۋە بۇ ئەسەرگە قوشۇمچە قىلىنغان دۇنيا خەرىتىسىدە ئۇ دەۋىردە "تابگاچ" دەيىلگەن بۈگۈنكى خەنزۇلارغا ئائىت مەلۇمات بەرىلمىگەن. ھەتتا مەخمۇت قەشقەرى كۈن پاتىشتىن كۈن چىقىشقىچە بولغان پۈتۈن زىمىنغا تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى "تەڭرى قۇياشنى تۈركلەرنىڭ بۇرچى ئۈچۈن تۇغدۇرغان"دەپ بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئەلبەتتە تارىختا مىللەتلەر قۇرغان دۆلەتلەر ۋە ئىمپىراتۇرلۇقلار مەڭگۈ داۋام قىلمايدۇ. تارىختا شۆھرەت قازانغان دۆلەتلەر ياكى ئىمپىراتۇرلۇقلار يىقىلغاندا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر دۆلەتنى باسىۋالغان باشقا بىر تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ تارىخى پاكىتلارنى بۇرمۇلاپ، زورلۇق زومبۇلۇق بىلەن باسىۋالغان تۇپراقلارنى "ئەزەلدىن بەرى ئۆزىنىڭ دۆلەتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى" دەپ جار سالىشى ئىنسانىيەت تارىخىغا قۇپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق ۋە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنقەرە
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: variscakan@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايى نەزەرلەر ئۇشبۇ يازمانىڭ يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|